ئالەم دەۋرىنى ئاچقۇچى
بەش مىڭ يىل
1926 - يىل 26 - مارت كۈنى ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ ماسسا چۇسېتس شتاتىدىكى قېلىن قار بىلەن قاپلانغان ئېدىرلىقتا بىر راكېتا كۆكنى يېرىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. راكېتادىكى بېنزىن بىلەن سۇيۇلدۇرۇلغان ئوكسىگېندىن ياسالغان يېقىلغۇ بىردەمدىلا تۈگىگەن بولسىمۇ، راكېتا داۋاملىق ئۆرلەپ تاكى ئەڭ ئېگىزلىك دەرىجىسىگە يەتكەندىن كېيىنلا يەرگە قايتىپ چۈشتى.
دۇنيادا سۇيۇلدشۇرۇلغان يېقىلغۇ ئىشلىتىلگەن تۇنجى راكېتانىڭ ئاسمان بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىشىدىكى ئەھۋال ئەنە شۇ. بۇ راكىتانىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن بىر مېتىر 20 سانتىمېتر، دىئامېترى تەخمىنەن 15 مىللىمېتر كېلەتتى. راكېتانىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈش دەرىجىسىمۇ ئاران 60 مېتر بولۇپ، سۈرئىتىمۇ 100 كىلومېتردىن ئاشمايتتى. ئەمما بۇ سىناق دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
بۇ تۇنجى راكېتانى كىم كەشپ قىلغان؟ بۇ كىشى دەل ئامېرىكىلىق فىزىكا ئالىمى، راكېتا تېىنىكىسىنىڭ پېشىۋاسى روبېرت گودارد ئىدى.
راكېتا تېخنىكىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى يىراق قەدىمكى زاماندىن سۈرۈشتە قىلىشقا بولىدۇ. مىلتىق دورىسىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئىشلەتكەن جۇڭەولۇقلار 13 - ئەسىردىلا، بىر خىل «ئۇچار راكېتا» نى كەشپ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا ئىشلەتكەنىدى؛ شۇنىڭدىن كېيىن، ئەرەبلەر، پولەكلەر، ھىندىلار ۋە باشقىلارمۇ راكېتا تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلدى ۋە راۋاجلاندۇردى. ئەمما راكېتانى ئىشلىتىش ياكى راكېتاغا ئادەم سېلىپ ئاسمان بوشلۇقىنىڭ سىرتىغا چىقىرىش جەھەتتىكى دادىل پەرەز پەقەت گوداردنىڭ تۇنجى راكېتا سىىنىقىدىن باشلاندى.
روبېرت گودارد 1882 - يىلى ماسساچۇسېتس شتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىلا تېنى ئاجىز ئىدى، ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئاغرىپ، ئۇزاققىچە يېتىپ دەم ئېلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئەمما ئۇ، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ماتېماتىكا ئۆگەندى ۋە ئىلمىي تەجرىبە ئېلىپ باردى. بىر كۈنى ئۇ، گىلاسنىڭ قۇرۇپ قالغان شاخلىرىنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن گىلاسقا يامىشىپ چىقتى. ئۇ كۆز يەتمەيدىغان ئېتىزلىقلارغاكۆزتاشلىغاندا، ئۇنىڭدا بىردىنلا:@@@@@ ئەگەر مارسقا چىقىدىغان ئۈسكۈنە ياساشقا مۇمكىن بولغان بولسا، قانچىلىك ياخشى بولاتتى - ھە! دېگەن ئوي تۇغۇلدى - دە، گويا بىر ماشىنا ئايلىنىپ، دەرەخ ئاستىدىكى چىملىقتىن كۆتۈرۈلۈپ كۆكتە پەرۋاز قىلغاندەك بولدى. ئۇ دەرەختىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۆزىنى ئىلگىرىكىدىن ئاسمان - زېمىن پەرقلىنىدىغان ئىككى كىشىدەك ھېس قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇ ئويلىرى تۇرمۇشتىكى ھەرىكەتلۈدۈرگۈچ كۈچ بۈلۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۇ فىزىكا ئالىمى نيۇتوننىڭ ئەسەرلىرىنى باش كۆتۈرمەي ئوقۇدى؛ كېيىن ئۇستېر سانائەت ئىنستىتۇتىغا كىرىدى. ئۇ 1911 - يىلى كراككى ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەبىئىي پەنلەر دوكتورى دېگەن ئىلمىي ئۇنۋان ئالدى ھەمدە بۇ يەردە راكېتانى تەتقىق قىلىش ئىشىنى باشلىۋەتتى.
ەودارد 1919 - يىلى «ئۇلترا يۇقىرى ئاسمان بوشلۇقىغايېتىشنىڭ ئۇسۇلى» دېگەن كىتابچىنى ئېلان قىلىپ، راكېتا ئارقىلىق يۇقىرى ئاسمان بوشلۇقىدىكى ئاتموسفېرانى تەتقىق قىلىشنىڭ قىممىتى ۋە ئايغا چىقىش ئىمكانىيەتلىرىنى بايان قىلدى. راكېتا نەزەرىيىسى تەتقىق قىلىنغان بۇ ئەسەر ئاران 69 بەتلىك بولۇپ، ئۇ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىمىدى. ئەمەلىيەتتە، شۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى گروكوۋسكى دېگەن روسىيىلىك فىزىكا ئالىمى مۇشۇ خىلدىكى ماقالىنى يازغان بولسىمۇ، شۇ كەملەردە كشىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىيالمىغانىدى.
گودارد بىر تەرەپتىن، نەزەرىي تەتقىقات ئېلىپ بارسا، يەنە بىر تەرەپتىن، پائال تۈردە سىناق ئېلىپ باردى. 1922 - يىلى، ئۇ بېنزىن بىلەن سۇيۇلدۇرۇلغان ئوكسىگېن يېقىلغۇ قىلىنغان راكېتا ماتورىنى سىناق قىلدى؛ ئارقىدىنلا، 1926 - يىلى ئۆزى ياسىغان تۇنجى راكېتانى قويۇپ بەردى.
بىراق، راكېتا ياساش ئۈچۈن نۇرغۇن خىراجەت كېتەتتى، بۇ پۇلنى نەدىن تېپىش كېرەك؟ گودارد ناھايىتى نۇرغۇن يوللارنى ماڭغاندىن كېيىنلا، سىمسۇن مۇزېيىدىن بىر نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئىشىنى قامدىدى.
1929 - يىل 7 - ئايدا، يەنە بىر رراكېتا گوداردنىڭ يۇرتىدا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بۇ راكېتا ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا قويۇپ بېرىلگەن راكېتادىنمۇ ئېگىز ئۇچتى، بەلكى ئۇنىڭغا پارومېتر ۋە تېرمومېتر ھەمدە پارومېتر بىلەن تېرمومېترنى سۈرەتكە ئئالىدىغان كىچىك تىپتىكى سۈرەت ئاپپاراتى ئورنىتىلدى. بۇ دۇنيا بويىچە ئۆلچەش ئەسۋابى ئورنىتىلغان تۇنجى راكېتا ئىدى.
راكېتا قويۇپ بېرىلگەن كۈنى، نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ تاماشا قىلدى. ئۇلار غۇلغۇلا قىلىشىپ، بەزىلىرى ماختىسا، يەنە بەزىلىرى زاڭلىق قىلىپ:« ودارد ساراڭكەن، ئايغا چىقىشنىڭ مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىپ يۈرگىنىنى قارىمامدىغان!» _ دېيىشەتتى. بۇ زاڭلىق قىلىشلار - كۈلۈشلەر ئۇنى ئازابلىغان بولسىمۇ،ئەمما سىناق تۈگەش بىلەنلا، ساقچىلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ، ماسسا چۇسېتس شتاتىدا راكتىا سىنىقىنى ئېلىپ بېرىشنى مەنئىي قىلغانلىقى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئەلەم بولدى.
گودارد نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئاخىر بىر مەرىپەتچى تەقدىم قىلغان بىر قىسىم پۇلنى ئېلىپ، يېڭى مېكسىكا شتاتىدىكى بىر پارچە زېمىندا يېڭى تەجرىبە مەيدانى ئاچتى. بۇ يەردە ئۇ تېخىمۇ چوڭ تىپتىكى راكېتانى ياسىدى. راكىتانىڭ يېقىلغۇ ھۇجرىسىدا بېنزىن بىلەن ئۇلتىرا تۆۋەن بېسېملىق سۇيۇلدۇرۇلغان ئوكسىگېن يېقىلغۇ قىلىنغانلىقتىن، يېقىلغۇ ھۇجۇرىسىنىڭ تېمى سوۋۇتۇلۇشى كېرەك ئىدى. ئۇ يەنە راكېتانىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشىنى تىزگىنلەيدىغان ئايلاندۇرۇش ئۈسكۈنىسى ھەمدە راكېتانى توغرا يۆنىلىش بويىچە ئۇچۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان ئايلانما كۆرسەتكۈچ قاتارلىقلارنى كەشپ قىلدى. 1930 - يىلدىن 1935 - يىلىغىچە، گودارد نۇرغۇن راكېتا قويۇپ بەردى، راكېتانىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى ئاۋازدىن تېز دەرىجىگە، ئۇچۇش ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم كىلومېترغا يەتتى.
بىراق گوداردنىڭ تەتقىقاتىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى زادىلا كۆڭۈل بۆلمىدى ۋە ئۇنى قوللىمىدى، پەقەت 2 -دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا، ئۇنىڭ ئايروپىلان ئاۋىئاماتكىدىن ئۇچقاندا ئىشلىتىلىدىغان كىچىك تىپتىكى راكېتانى لايىھىلەپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئازغىنە پۇل ئاجرىتىپ بەردى. گېرمانىيىدە بولسا، بىر تۈركۈم ئالىملار گوداردنىڭ قائىدىسى بويىچە چوڭ تىپتىكى راكېتانى تەتقىق قىلدى ھەمدە: V تىپتىكى راكېتانى ياسىدى. ئۇرۇش تۈگىگەندىن كېيىن، گېرمانىيىلىك راكېتا ئالىملرى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلدى. نۇرغۇن ئامېرىكا ئالىملىرى ئۇلاردىن راكېتا ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگەنمەكچى بولدى. گېرمانىيە ئالىملىرى چۆچۈگەن ھالدا: «سىلەر نېمە ئۈچۈن گوداردتىن سورىمايسىلەر؟ ئۇ بىزدىن بۇرۇنلا ۋە بىزدىن كۆپرەك بىلەتتىغۇ!» - دېيىشتى.
ۋاھالەنكى، ئۇلار كېچىككەنىدى. پۈتۈ نلەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئامېرىكىدا تۇنجى راكېتانى ياسىغان ۋە ئالەم دەۋرىنى ئاچقان گودارد 2 -دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىش ھارپىسىدا _ 1945 - يىل 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى دېرەكسىزلا ئالەمدىن ئۆتتى.