UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭلەقۋا «ياغاچ ئات»

لەقۋا «ياغاچ ئات»

بەش مىڭ يىل 1944 - يىلىنىڭ باشلىرىدىكى بىر كۈنى، ناتسىتلارنىڭ كاتتىبېشى گىتلېر يېنىدا تۇرغان مارشال كايسىلغا ئەلپازى بۇزۇلغان ھالدا: _ ھېلىقى تېتونىڭ يوقىتىلغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە بىرەر خەۋەر يوقمۇ؟ - دەپ سورىدى. گىتلېر كايسىلدىن بۇنى بىر قانچە قېتىم سورىغانىدى. كايسىل ھەر قېتىم: _ ئالىي دۆلەت باشلىقىم، مەن قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىپ باقتىم. مەن ھەركۈنى خۇش خەۋەر كۈتۈپ تۇرۇۋاتىمەن، - دەيتتى. _ ئۇنداق بولسا بوپتۇ، تېتو يوقىتىلغان ھامان ماڭا مەلۇم قىلىڭلار! كايسىلنىڭ يېنىدا تۇرغان گېنېرال ئېئورد گەپ قىستۇرۇپ: _ مىنىڭچە ، بۇ ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس، چۈنكى ئىتالىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، تېتوننىڭ پارتىزان كۈچلىرى زور دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتتى . . . دېدى. ئېئورد سۆزلەۋېتىپ، تېتونى يوقىتىش پىلانىنىڭ خىلمۇ خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىشقا باشلىدى. گىتلېر ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاچ، خۇددى نېرۋا كېسىلى بار ئادەمدەك ، بارمىقى بىلەن ئۈستەلنى چىكىپ تۇرۇپ: _ مېنىڭچە يۇگۇسلاۋىيە پارتىزانلىرىنى يۇقىتىشتىكى مۇھىم تۈگۈن تېتو دېگەن بىر نېمىنى يوقىتىشتا، ئۇ ئۈستۈن ماھارەتلىك، ئادەمنى تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم. ئۇنى يوقاتساق، ئۇنىڭ ھەركىتىنى يوقاتقان بولىمىز . . . ، - دېدى. گىتلېر بۇ گەپنى توغرا قىلدى. تېتو راستىلا ئۈستۈن ماھارەتلىك، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى يۆسىپ بىرۇز بولۇپ، كەمبەغەل بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۆيىدە جان سانى كۆپ بولغانلىقتىن تۇرمۇش يولى ئىزلەپ 15 ياشتىلا ياقا يۇرتلارغا كەتكەنىدى. ئۇ ئەمەلىي كۈرەش داۋامىدا، بىر قۇلۇپچىسى، تۆمۈرچىسى، شاگىرت ئىشچىلىقتىن قەيسەر ئىنقىلابچى بولۇپ يېتىشتى. ئۇ 1937 - يىلى دېكابردا، يۇگۇسلاۋىيە كوممۇنىستلار پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بولدى. 1941 - يىلى 6 - ئاپرېل سەھەردە، گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرى 56 دىۋىزىيە ئەسكىرىي كۈچى بىلەن، ئۇرۇش ئېلان قىلمايلا، يۇگۇسلاۋىيە تەرەپ - تەرەپتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. يۇگۇسلاۋىيىنىڭ پادىشاھ ھۆكۈمىتى گېرمانىيىگە شەرتسىز تەسلىم بولدى. مىللەت خەۋپ ئاستىدا قالغان بو جىددىي پەيتتە، يۇگۇسلاۋىيە كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى يۇگۇسلاۋىيە خەلق ئازادلىق پارتىزانلىرى ئالىي قوماندانلىق شتابىنى قۇرۇپ، مەملىكەت مىقياسىدا پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ باردى. شۇ يىلى سېنتەبردە ئالىي قوماندانلىق شتابى بېلگرادتىن سېبىرىينىڭ غەربىدىكى ئازاد رايون ئورمانلىقىغا كۆچتى. تېتو سودىگەرچە ياسىنىپ، دۈشمەنلەر قۇرغان ئۆتكەللەردىن ئۇستىلىق بىلەن ئۆتۈپ، پويىز بىلەن ئازاد رايون چېگرىسىغا يېتىپ كېلىپ، قېلىن ئورمانلىققا قوراللىق كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلدى. گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ 80 مىڭ ئەسكەر چىقىرىپ « پولات ئىستىھكام مۇھاسىرىسى» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، تېتو قوشۇنلىرىنى بىراقلا يوقىتىش كويىدا بولغان بولسىمۇ، مەقستىگە زادىلا يېتەلمىدى. ئۇلار يەنە تېتونىڭ كاللىسىنى 100 مىڭ مارك بىلەن تىگىشىش توغرىسىدا مۇكاپات پەرمانى چىقاردى، نەتىجىدە تېتونى تۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسچە تېتونىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ ئۆسۈپ كەتتى. گىتلېرنىڭ بۇ ئۈستۈن ماھارەتلىك تېتونى يوقىتىشقا بەلباغلىدى. 1944 - يىل باھاردا، ئۇ يەنە بۇيرۇق بېرىپ، «شاھمان تاختىسىدىكى ياغاچ ئات» ناملىق ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، تېتونى ۋە ئۇنىڭ دېرۋالدىكى ئالىي قوماندانلىق شتابىنى پاراشوتچى قىسىملار ئارقىلىق يوقاتماقچى بولدى. 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېتونىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە تېتو ھەممىدىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇردى. شۇ كۈنى يولداشلار ئۇنىڭغا كىچىك دائىرىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغانلىقتىن، ئۇ سەيپۇڭدىن كېيىمىنى ئەكەلمەكچى بولغانىدى. ئۇ ئۆڭكۈردىن چىقىپلا، گېرمانىيىنىڭ ئىككى بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى كۆرۈپ قالدى. ئايروپىلان توختىماي داۋاملىق بومباردىمان قىلدى. ئۇ بىردەمدىن كېيىن، بىر نەچچە ترانسپورت ئايروپىلانىدىن نۇرغۇن پاراشوتچى قىسىملار چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ئالىي قوماندانلىق شتابىنى قوغداش جېڭى باشلىنىپ كەتتى. تېتو ئۆتڭۈرنىڭ ئېغىزىدا تۇرۇپ، دۇربۇن بىلەن يەر تۈزۈلۈشىنى كۆزەتتى. ئوقلار ئۇنىڭ يېنىدىن ئۇشقىرىتىپ ئۆتۈپ، ئەتراپتىكى قورام تاشلارغا تېگەتتى. _ يولداش تېتو، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ بۇ يەر بەك خەتەرلىك، كىرىپ كېتىڭ! - دېدى جەڭگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان كاردېل ئۇنى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا ئۈندەپ، ئەمما، تېتو بۇ گەپلەرنى ئاڭلىمىغاندەك ، يەر تۈزۈلۈشىنى كۈزىتىۋەردى. _ يولداش تېتو، تېز قايتىڭ! تېتو ئاڭلىمىغانغا سېلىپ تۇرۇۋەردى. _ يولداش تېتو، قايتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن، - دېدى كاردېل توۋلاپ كەسكىن ھالدا. تېتو شۇ چاغدىلا بويسۇنغان ھالدا ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتتى. گېرمانىيە پاراشوتچىلىرى ئۆڭكۈرنى ئوققا تۇتۇشقا باشلىدى. ئۇلار :«تېتونى تىرىك تۇتايلى»، «تىرىكى بولمىسىمۇ ئۆلۈكى بولسىمۇ مەيلى» - دەپ ۋارقىرىشىپ، غالجىر ئىتلاردەك ئۆڭكۈرگە باستۇرۇپ كېلىشتى. ئالىي باش قوماندانلىق شتابى ئۆڭكۈردىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلدى. جەڭچىلەر تاسمىلىرىنى بىر - بىرىگەئۇلاپ ئارقان ياسىدى. ئۇلار مۇشۇ ئارقان بىلەن قۇرۇپ قالغان كىچىك بىر دەريا جىلغىسىغا سىرغىپ چۈشتى. ئۇلار سېرىلىپ چۈشۈپلا ئوچۇقچىلىق بىر يەردىن ئۆتۈشكە باشلىدى ھەمدە سەكرىشىپ كىچىك چاتقاللىق ۋە تاشلارنىڭ ئارقىسىغا مۆكتى. دەل شۇ چاغدا، گېرمانىيىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈم ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپ كېلىپ، ئوچۇقچىلىقنى ئوققا تۇتۇشقا باشلىدى. _ يېتىڭ! - دېدى ئىككى جەڭچى بىر چۇراپلا تېتونىڭ يېنىغا سەكرەپ كېلىپ. ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرسىنىڭ يېنىغا كېلىپ. ئادەم ھاسىل بولغان ئىستىھكام ياساپ، تېتونى مۇھاپىزەت قىلدى. تاراس - تۇرۇس، پاڭ - پۇڭ ئېتىلىۋاتقان ئوقلار ئوچۇقچىلىقتا توپا - چاڭلارنى تۇزۇتۇپ تۇراتتى. جەڭچىلەر تاكى ئوچۇقچىلىقتىن ئۆتكىچە تېتونى بىرقانچە قېتىم مۇھاپىزەت قىلدى. چۈش بولاي دەپ قالدى. قۇياش ئاتەشتەك قىزىپ كەتتى. تېتونىڭ كۆڭلىكى چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى. ئۇ يىقىلىپ چۈشكەن بولسىمۇ، بىر قولى بىلەن تىرەپ تۇرۇۋېلىپ داۋاملىق ئالغا باستى. جەڭچىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ يولداش مارشال، ئاپتوماتىڭىزنى مەن كۆتۈرۈۋالايمۇ؟ - دېيىشتى. _ مەن كىشىلەرنىڭ مىنى قورالسىزلاندۇرۇشىغا يول قويمايمەن، - دېدى تېتو كۈلۈپ ۋە ئاپتوماتنى يۈدۈپ ئالغا باستى. بىردەمدىن كېيىن، ئالىي باش قوماندانلىق شتابىنى قوغداۋاتقان جەڭچىلەر دۈشمەن پاراشۇتچىرىنىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلدى. قالغان دۈشمەنلەرنىمۇ زاۋۇت خارابىسىغا ۋە زاراتگاھلىقىغا قوغلىۋەتتى، دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى. _ ھەي، «تىرىك بولسىمۇ، ئۆلۈكى بولسىمۇ مەيلى» دېيىشكىنىنى قاراڭ، - دېدى تېتو كۈلۈپ، - شۇنداقمۇ ئاسان ئىش بولامدۇ؟ دۈشمەننىڭ « شاھمات تاختىسىدىكى ياغاچ ئات» پىلانىمۇ ئۈزۈل - كېسىل بەربات بولدى. ئۇلار ماڭغان «ئاتلارنىڭ ھەممىسى لەقۋا ئاتلار بولغانلىقتىن، دېرۋالدا ئاغزى - بۇرنى قان بولۇپ، قۇيرۇقىنى تىكىۋەتتى. بۇ قېتىمقى جەڭگە قوماندانلىق قىلغان گېرمانىيە گېنېرالى روندىلچ تېتونى تۇتالماي، ئۇنىڭ ئۆڭكۈردە قېپقالغان مارشاللىق كىيىمىنى گېرمانىيىگە ئەۋەتىپ بەردى. گىتلېر بۇنى كۆرۈپلاە ئاچچىلىنىپ چىچاڭلاپ كەتتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ