18 - مارت قوزغىلىڭى
بەش مىڭ يىل
پرۇسسىيە ئارمىيىسى سېدان قورۇلىنى ئېلىش بىلەن توختاپ قالماستىن، فرانسىيىگە ئۇدۇللاپ بېسىپ كىردى ۋە 20 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا فرانسىيىنىڭ مەركىزى پارىژنى قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئالدى.
يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەت ئىچىدىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى پۇرژۇئا سىياسەتۋازلىرى بولغاچقا، نامدا >دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى< دەپ ئاتالسىمۇ، ئىچ - ئىچىدىن >ۋەتەن ساتقۇچ ھۆكۈمەت< ئىدى. ئۇلار تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرى ئۈستىدە بىسمارك بىلەن يوشۇرۇن كېڭىشىشكە ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا پارىژنىڭ تەسلىم بولۇشى ھەققىدە شەرتنامە ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى ئاياغلاشتى.
شەرتنامىدە: پارىژ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى كۆپلىگەن پوتەيلەرنى پرۇسسىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش، پرۇسسىيە ئارمىيىسىگە 2000 غا يېقىن زەمبىرەك ۋە 100 مىڭ تال زەمبىرەك ئوقۇ، 170 مىڭ تال مىلتىق ھەم ئۈچ مىليون 500 مىڭ تال ئوق تاپشۇرۇش قاتارلىق رەھىمسىز تەلەپلەر قويۇلدى.
بۇنىڭ بىلەن پارىژدا پەقەت خەلق ئاممىسى ئۆزى ئىئانە توپلاپ ياساتقان 400 مىڭ زەمبىرەكلا قېپقالدى.
يېڭىدىن تەختكە چىققان ھۆكۈمەت باشلىقى تېيىر مەككار. رەزىل، ئەكسىيەتچى سىياسىيون ئىدى. ئۇ پارىژ خەلقىنىڭ قولىدا بۇ زەمبىرەكلەر تۇرسا، ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىشقا پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنىدى. شۇڭا بۇ زەمبىرەكلەرنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، شەخسەن ئۆزى بىر سۇيىقەست پىلانلىدى...
1871 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سەھەردە، ھۆكۈمەتنىڭ بىر قوشۇنى مۇنمارتىرغا قاراپ يوشۇرۇنچە يولغا چىقتى. مۇنمارتىر پارىژنىڭ شىمالىدىكى ئىشچىلار رايونىدىكى ئېگىزلىك بولۇپ، پۈتكۈل پارىژنىڭ ئېگىز جايى ئىدى. ئۇ يەر پارىژ قوراللىق ئىشچىلىرىنىڭ - مىللىي مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ زەمبىرەك پوزىتسىيىسى بولۇپ، 170 تىن كۆپرەك زەمبىرەك بار ئىدى.
مۇنمارتىر ئېگىزلىككە يوشۇرۇنچە ھۇجۇم قىلغان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ باشلىقى - پارىژ باش ۋالىيسىنىڭ يېقىنى گېنېرال لېكونت ئىدى. ئۇ ئىككى يەڭ ئەسكەر باشلاپ كېچىلەپ ئېگىزلىك ئېغىزىغا يېتىپ كەلدى ۋە جەڭ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ:
- تېز! ئاتاكىغا تېز ئۆتۈڭلار، تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئېگىزلىكتىكى زەمبىرەكلەرنى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىشىمىز كېرەك! دېدى.
ئۇنىڭ قوشۇنى قارا چۈمۈلىدەك تاش پەشتاقلىق بىر چىغىر يول بىلەن ئۆرىتۆپە بولغان ھالدا ئېگىزلىككە قاراپ چاپتى.
- توختاڭلار، سىلەر نېمە قىلىدىغان ئادەملەر؟ - دەپ ۋارقىرىدى مىللىي مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ قاراۋۇلى ئۇلارنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاش بىلەنلا.
- ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بويىچە زەمبىرەكلەرنى تاپشۇرۋالغىلى كەلدۇق! - دېدى زەھەرخەندىلىك بىلەن بىر ئوفتسېر، - بىزنى تېز ئۆتكىلى قويۇڭلار!
- بۇ ئۆزىمىزنىڭ زەمبىرەكلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ تاپشۇرۇۋېلىشقا ھەققى يوق! - دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى قاراۋۇل مىلتىقنى بەتلەپ.
- ئۇلار بىلەن تاكاللىشىپ ئولتۇرماي، دەرھال بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىڭلار! - دېدى لېكونت ھاسىراپ - ھۆمۈدىگەن ھالدا يۈگۈرۈپ كېلىپ.
ئوفتسېر دەرھال ئەسكەرلەرگە قوماندانلىق قىلىپ قاراۋولنىڭ مىلتىقىنى تارتىۋالدى. قوشۇن داۋاملىق يۇقىرىغا قاراپ ئېتىلدى. مىللىي مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ زەمبىرەكلىرىنى ساقلاۋاتقان بىر نەچچە جەڭچى كۆپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالمىدى، بەزىلىرى ئېتىپ تاشلاندى، بەزىلىرى ئەسىرگە چۈشتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، نەچچە ئون دانە زەمبىرەك يوشۇرۇلغان جايدىن ئېگىزلىك يېنىدىكى باراقسان دەرەخلەر ئارىسىدىكى يولغا سۆرەپ چىقىلدى.
بۇ چاغدا، تاڭ يورۇشقا باشلىغانىدى، ئەتراپتىكى مىللىي مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ جەڭچىلىرى، ئىشچىلار، ئاياللار، بالىلار ئېگىزلىكتە ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن خەۋەرلىنىپ، خۇددى سۇ دولقۇنىدەك گۈرەلدەپ كېلىشكە باشلىدى. ئارقىدىنلا سىگنال قوڭغۇرىقىنىڭ داڭىلدىغان ئاۋازى بىلەن جەڭ ناغرىسىنىڭ گۈمبۈرلىگەن ئاۋازى تەڭلا ئاڭلاندى.
ئەتراپتىكى ئاياللار بىلەن بالىلار ئېگىزلىككە ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنىدى. جامائەت زەمبىرەكلەرنى سۆرەپ كېتىۋاتقان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنى كۆرۈپ، ئەيىبلەش سوئاللىرىنى ياغدۇرۇۋەتتى:
- بىزنىڭ زەمبىرەكلىرىمىزنى نەگە ئاپىرىسىلەر؟
- پرۇسسىيىلىكلەرگە 2000 زەمبىرەكنى سوۋغا قىلىپ قانائەت قىلماي، يەنە بىزنىڭ زەمبىرەكلىرىمىزنىمۇ ئۇلارغا بەرمەكچىمۇ؟
- نېمىدېگەن شەرمەندىلىك بۇ! زەمبىرەكلىرىمىزنى تېزلىكتە ئېگىزلىككە ئاچىقىپ بېرىڭلار!
زەمبىرەكلەرنى سۆرەپ كېتىشكە قوماندانلىق قىلىۋاتقان ئوفتسېر تىل - دەشنام دەستىدىن پوكاندەك قىزىرىپ، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. لېكونت تاتارغان ھالدا ئالدىغا چىقىپ:
- سىلەر خوتۇن خەقلەر نېمىنى بىلىسىلەر؟ بۇ دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى. كىمكى زەمبىرەكلەرنى ئەكىتىشكە توسقۇنلۇق قىلسا، ھەربىي قانۇن بويىچە جازاسىنى يەيدۇ! - دېدى ۋە پەيلىنى بۇزغان ھالدا ئەسكەرلەرگە، قورال ئال، يول بەرمىگەننى ئات! - دەپ بۇيرۇق بەردى. بىر نەچچە ئەسكەر قولىغا مىلتىق ئالدى، ئەمما غەزەپ بىلەن تىكىلگەن ئاياللاردىن بىرىمۇ ئارقىغا يانمىدى.
بىر نەچچە دەقىقە جىمجىتلىقتىن كېيىن بىر ئايال ئۇشتۇمتۇم بىر قەدەم ئالدىغا چىقىپ ئۈنلۈك توۋلىدى:
- ئەسكەرلەر، پرۇسسىيىلىكلەرنىڭ زەمبىرەكلىرى ھېلىمۇ پارىژغا بەتلىنىپ تۇرماقتا. سىلەر مىلتىقنى پارىژ پۇقرالىرىغا بەتلەۋاتىسىلەر! قولۇڭلاردىكى مىلتىقنى كىم ياسىغان؟ ئىشچىلار ياسىغان! سىلەر دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان مىلتىقنى ئىشچىلارنىڭ قېرىنداشلىرىغا، ئاچا - سىڭىللىرىغا بەتلىگىلى نومۇس قىلمامسىلەر؟ - ئۇ يەنە بىر نەچچە قەدەم ئالدىغا چىقىپ كۆكرەك كېرىپ:
- ئېتىڭلار، - دەپ ۋارقىرىدى.
ئەسكەرلەر ئىختىيارسىز ھالدا مىلتىقلىرىنى يەرگە قارىتىۋالدى.
لېكونت جەڭ قىلىچىنى سۇغۇرغان ھالدا:
- بۇيرۇق، مۇنۇ خوتۇننى ئېتىپ تاشلاڭلار! - دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى.
ئەمما بىرمۇ ئەسكەر مىلتىقنى بەتلىمىدى. لېكونت:
- ئېتىڭلار! ئېتىڭلار! - دەپ ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرىدى، ئەمما ئەسكەرلەر يەنىلا ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلمىدى.
بىر ئەسكەر توساتتىن:
- قېرىنداشلار، بىز ئالدىنىپتۇق، - دەپ ۋارقىرىدى.
بۇ سادا نۇرغۇن ئەسكەرلەرنى جىددىي ئويغاتتى، ئۇلار ئارقا - ئارقىدىن تىغنى كەينىگە قاراتتى. لېكونت قورققىنىدىن ئالاقزادە بولۇپ، قاچماقچى بولدى. شۇئان بىر نەچچە ئەسكەر مىلتىقنى ئۇنىڭغا ۋە باشقا ئوفتىسېرلارغا تەڭلىدى...
مۇنمارتىر سىگنالى پۈتكۈل پارىژنى ئويغاتتى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مىللىي مۇداپىئە ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېتى خەلق قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىشنى قارار قىلىپ، دەرھال قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتابى، شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئىدارىلىرىنى ئىشغال قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.
تېيىر تاڭ سەھەردىن باشلاپ تاشقى ئىشلار، مىنىستىرلىقىدا ياخشى خەۋەر كۈتۈپ تۇرغانىدى، ئەمما: >مۇنمارتىر ئېگىزلىكىنى زوراۋانلار تارتىۋالدى، ئېگىزلىكتىن سۆرەپ چۈشۈرۈلگەن زەمبىرەكلەرنى ئاياللار توسۇۋېلىپ ئۆتكۈزمىدى!<،>ئەسكەرلەر مىلتىقلىرىنى تاشلىۋېتىپ، ئۆكتىچىلەر قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتابى بىلەن شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى!< دېگەنلەرگە ئوخشاش يامان خەۋەرلەر ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ بولغاندا، ئىككى مۇھاپىزەتچى قاتتىق ھودۇققان ھالدا يۈگۈرۈپ كىرىپ:
- تېز، تېز بولسىلا تېيىر ئەپەندىم! بىر مۇنچە ئۆكتىچىلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىناسىغا قاراپ كېلىۋاتىدۇ، قوغداش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان يېرىم يىڭ يېنىك قوراللىق ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ كۆپچىلىكى قېچىپ كەتتى، بۇ يەردىن تېز قېچىپ كەتسىلە! - دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.
بۇ خەۋەردىن قورققان تېيىر لاغىلداپ تىترىگەن ھالدا: >دەرھال ماڭاي، دەرھال!< دېگىنىچە سېمىز گەۋدىسىنى سۆرەپ كىچىك بىر ئىشىكتىن ئارانلا قىسىلىپ چىقىپ، بىر ئات ھارۋىسىغا چىقىپ، ھارۋىكەشكە: >تېز! پارىژنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ۋېرسالغا قاراپ تېز ھەيدە!< دەپ جېكىلىدى.
- تېيىر ئەپەندىم، خانىمىڭىز بىلەن بالىلىرىڭىز ئۆيدە سىزنى كەچلىك تاماققا ساقلاپ قالغان ئىدىغۇ، - دەپ ئەسكەرتتى تاپانداقلار.
- ئۇلارنى ئەكىلىشكە ئۈلگۈرەلمىدىم! - دېدى تېيىر تولىمۇ جىددىيلىك بىلەن، - تېز، تېز ماڭايلى!
ھارۋا قوزغالدى، تېيىر يەنە تاپانداقلىرىغا جىددىي تاپىلىدى.
- تېز بۇلۇڭلار! قىسىم بىلەن ھۆكۈمەت ئەزالىرىغا دەرھال ۋېرسالغا بېرىشنى ئۇقتۇرۇڭلار!
شۇ كۈنى كەچ سائەت توققۇز يېرىمدا مىللىي مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىنى ئىشغال قىلىپ بولغاندىن كېيىن، پارىژ شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىنىڭ مەيدانى ئالدىغا باستۇرۇپ كەلدى.
شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچىلار ئاللىبۇرۇنلا قېچىپ كەتكەچكە، جەڭچىلەر بۇ بىنانى ناھايىتى تېزلىكتە ئىشغال قىلدى.
ئىككى جەڭچى شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىنىڭ بىناسى ئۈستىگە جەسۇرلۇق بىلەن چىقىپ، قىزىل بايراقنى بىنانىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە قادىدى.
18 - مارت قوزغىلىڭى غەلىبە قىلدى! مانا بۇ پارىژ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى خەلقنىڭ بۇرژۇئا ھاكىمىيىتىنى قوراللىق تارتىۋېلىش يولىدىكى ئۇلۇغ ھەرىكىتى! باتۇرانە 18 - مارت ھەرىكىتى - ئىنسانىيەتنى سىنىپىي جەمئىيەتتىن مەڭگۈ ئازاد قىلىدىغان سوتسىيال ئىنقىلابنىڭ نۇرىدۇر!
مەيدانغا توپلاشقان مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىلەر تۈن قاراڭغۇسىدا بىنا ئۈستىدە لەپىلدەۋاتقان بايراققا تەلپۈنۈپ، گۈلدۈراس تەنتەنە - ئالقىش ياڭراتتى.
28 - مارتتا، 200 مىڭ كىشى پارىژ شەھىرى مەمۇرىيەت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدىكى ئوچۇق مەيدانغا يىغىلىپ، پارىژ كوممۇنىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنە قىلدى.
كوممۇنا قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى پەرمان ئەسلىدىكى دائىمىي ئارمىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مىللىي مۇداپىئە ئارمىيىسىنى دەسسىتىش بولدى. ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشكە مۇۋاپىق بولغان گراژدانلارنىڭ ھەممىسى بۇ قوراللىق قىسىملارنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمىتىگە تايىنىپ كەلگەن ئارمىيە بىكار قىلىندى.
بۇنىڭ ئارقىسىدىنلا كوممۇنىدا ئون خىزمەت كومىتېتى قۇرۇلدى. بۇ كومىتېتلار ئەسلىدىكى پارىژنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش، ئەدلىيە ۋە مەمۇرىي ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزۈپ، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت تۇرغۇزغان ئورگانلارنىڭ ئورنىنى دەسسىدى.
شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئىشچىلار سىنىپى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى