UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭپارتىزانلار ناخشىسى

پارتىزانلار ناخشىسى

بەش مىڭ يىل بىز ھەممىمىز مەرگەنمىز، ئوقنى بىكار ئاتمايمىز. بىز بۇ ئۇچار قوشۇننى، قورقۇتالماس تاغ - دېڭىز، بىزگە پاناھ ھەممە جاي، قويۇق - قويۇق ئورمانلار. ئېگىز - ئېگىز تاغلاردا، كۆپتۈر بىزنىڭ ئوغلانلار. بۇ _ جۇڭگودىكى ئاتاقلىق مۇزىكانتە خې لۇتىڭ 1937 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىجاد قىلغان «پارتىزانلار ناخشىسى» دىكى مىسرالارنىڭ بىر قىسمى. بۇ ناخشا شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ 8 - ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلار يىغىنىنىڭ كەچلىك ئولتۇرۇشىدا تۇنجى قېتىم ئېيتىلغاندىن كېيىن، قىزغىن ئالقىشلانغان ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىمالىي جۇڭگودىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلاردا ئېيتىلغان ھەمدە تېزلا پۈتۈن جۇڭگوغا تارقىلىپ، دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى جاپالىق شارائىتتا تۇرۇۋاتقان پارتىزان جەڭچىلەرنىڭ ئۈمىدۋارلىقى، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى ۋە ئىنقىلابىي ئىپتىخارىغا ئىلھام بېرىدىغان كۈچلۈك قورال بولۇپ قالغانىدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش باشلىنىش بىلەنلا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش لۇشەنىنى _ خەلق ئۇرۇشى لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. 1937 - يىل 8 - ئايدا، جۇڭگو كومپارتىيىسى شىمالىي شەنشىدىكى لوچۇەندە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، پارتىيىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى: بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قوزغىتىلغان ئۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك پۈتۈن مىللەتنىڭ ئۇرۇشىغا ئايلاندۇرۇشىتىن ئىبارەت.، دەپ بەلگىلىدى. يىغىن دۈشمەن ئارقا سېپىدىن مۇستەقىل - ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولغان پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى دادىل قوزغاش، دۈشمەن ئارقا سېپىدە فرونت ئېچىش، دۈشمەن ئارقا سېپىدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلارنى قۇرۇش، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنى دادىل قوزغاشنى قارار قىلدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇش لۇشيەنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 8 - ئارمىيە، يېڭى 4 - ئارمىيە دۈشمەن ئارقا سېپىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلارنى قۇردى. «پارتىزانلار ناخشىسى» جۇڭگو كومپارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنىڭ بۇ توغرا لۇشيەنىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكتىن، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئارمىيە بىلەن خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ناخشىغا ئايلاندى. 1937 - يىلى 10 - ئايدا 8 - ئارمىيە 115 - دىۋىزىيىسىنىڭ بىر قىسمى مۇئاۋىن شىجاڭ نيې ۇڭجېننىڭ باشچىلىقىدا، ۋۇتەيشەن تېغىنى مەركەز قىلغان ھالدا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك پارتىزان ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇنجى تايانچ بازا - سەنشى - چاخار - خېبېي تايانچ بازىسىنى قۇردى. ئارقىدىنلا، 129 - دىۋىزىيە شىجاڭ ليۇ بوچېڭ، سىياسىي كومىسسار دېڭ شياۋپىڭنىڭ باشچىلىقىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سەنشى - خېبېي - خېنەن تايانچ بازىسى بىلەن خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن تايانچ بازىسىنى قۇردى؛ 120 - دىۋىزىيە شىجاڭ خې لۇڭ، سىياسىي كومىسسار گۇەن شياڭيىڭنىڭ باشچىلىقىدا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سەنشى - سۈييۈەن تايانچ بازىسىنى قۇردى. 1939 - يىلى باھاردا، 115 - دىۋىزىيىنىڭ بىر قىسمى سىياسىي كومىسسار لورۇڭىۇەننىڭ رەھبەرلىكىدە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى يىمېڭ تاغلىق رايونىنى مەركەز قىلغان شەندۇڭ تايانچ بازىسىنى قۇردى. بۇلاردىن باشقا، يېڭى 4 - ئارمىيىنىڭ چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكىلىرى چېن يىنىڭ رەھبەرلىكىدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى جەنۇبىي جياڭسۇ تايانچ بازىسىنى قۇردى؛ چاڭجياڭنىڭ شىمالىدىكىلىرى جاڭ يۈنيىنىڭ رەھبەرلىكىدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى شەرقىي ئەنخۇي تايانچ بازىسىنى قۇردى. گۇاڭدۇڭدىمۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى دۇڭجياڭ ۋە چيۇڭيا تايانچ بازىلىرى قۇرۇلدى. ھەر قايسى تايانچ بازىلاردا، جۇڭگو كومپارتىيىسى خەلقىنىڭ دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تايانچ بازىلارنى كۈندىن - كۈنگە راۋاجلاندۇردى. 1938 - يىلى، 8 - ئارمىيە، يېڭى 4 - ئارمىيە ۋە ئۇلار رەھبەرلىكىدىكى خەلق قوراللىق كۈچلىرى ياپونىيىنىڭ 400 مىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە _ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە تاقابىل تۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئاساسىي كۈچ بولۇپ قالدى. جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ھەرقايسى تايانچ بازىلار ياپون قاراقچىلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى تۇتۇپ تۇردى. شۇڭا، ياپون قاراقچىلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا نۇرغۇن ئەسكەر يۆتكەپ، ئۇلارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش، «تازىلاش» بۆلۈپ تاشلاش، قامال قىلىش ۋە «پىلە قۇرۇتىدەك يېيىش» ئۇسۇلىنى قوللاندى. شىمالىي جۇڭگودىكى ئۇرۇش مەيدانىدىلا، ياپونىيە ئارمىيىسى 1937 - يىلى 7 - ئىيۇلدىن 1940 - يىل 7 - ئىيۇلغىچە بولغان ئۈچ يىل ئىچىدە، 1000 كىشىلىكتىن ئارتۇق قوشۇن بىلەن 109 قېتىم «تازىلاش» ئېلىپ باردى، بۇنىڭغا ئىشلەتكەن ئەسكىرىي كۈچى 500 مىڭغا يەتتى. ياپون قارااقچىلىرى شىمالىي جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى گاڭسۇن نىڭسىنىڭ پىلانلىشى بىلەن، 1942 - يىل 1 - مايدىن باشلاپ 50 مىڭدىن كۆپرەك ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئوتتۇرا خېبېي تايانچ بازىسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەھشەتلىك «چوڭ تازىلاش» ئېلىپ باردى. دۈشمەن ئارمىيىسى ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئوتتۇرا خېبېي رايونىدىكى 8 - ئارمىيە تەشەببۇسكالرىق بىلەن تاشقى لىنىيىگە قايتىپ چىقتى، ئاز ساندىكى قىسىملارنى قالدۇرۇپ، يەرلىك پارتىزان ئەترەتلىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، خەلق ئۇرۇشىنىڭ ستراتېگىيە ۋە تاكتىكىسىنى داۋاملشتۇرۇپ، قەھرىمانلارچە پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ باردى. ياپون باسقۇنچىلىرى ئىنتايىن دەرغەزەپ بىلەن بېسىپ كەلدى. ئۇلار ئوتتۇرا خېبېيدىكى 8000 دىن ئارتۇق كەنتتە، 60 مىڭ كۋادرات كىلومېتر يەردە 1700 دىن كۆپرەك تايانچ پونكىت قۇردى، 7500 كىلومېتىردىن ئارتۇق تاشيول ياسىدى، 4000 كىلومېتردىن ئۇزۇن قامال خەندىكى قازدى، تايانچ پونكىت ئەتراپىدا نۇرغۇن پوتەيلەرنى ياسىدى، تۆمۈريول، تاشيوللارغا نۇرغۇن قاراۋۇللارنى قويدشى، پونكىت، پوتەي، يول ۋە خەندەكلەرنى خۇددى ئۆمۈچۈكتورىدەك تۇتاشتۇرۇۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆيدۈرۈپ يوقىتىش، قىرىپ يوقىتىش، بۇلاپ - تالاپ يوقىتىشتىن ئىبارەت «ئۈچ يوقىتىش سىياسىتى» نى يۈرگۈزدى. گۈزەل، باي ئوتتۇرا خېبېي تۈزلەڭلىكى بىر مەھەل «باش كۆتۈرسە پوتەيلەر كۆرۈنىدىغان، بوسۇغىدىن چىقسىلا تاشيولغا قەدەم باسىدىغان، ھەممىلا يەردە قارىلىق تۇتقان، پۈتۈن يەرنى ئىس - تۈتەك قاپلىغان» ۋەھىمىلىك دۇنياغا ئايلىنىپ قالدى. خەتەرلىك، پۇت تىققىلى بولمايدىغان تۈزلەڭلىكتە پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇشتىكى بىردىنبىر تايانچ ئامما ئىدى. دۈشمەنلەرمۇ بۇنى چۈشىنەتتى. ئۇلار «سۇنى لېيتىپ بېلىق تۇتۇش» سىياسىتىنى قوللىنىپ، نۇرغۇن «قورشاپ تازىلاش ئەترىتى»، «تاللاپ قىرىش ئەترىتى» ئەۋەتىپ، 8 - ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋە پارتىزان جەڭچىلەرنى كەنتمۇ كەنت، قورۇمۇ قورۇ، ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ ئاختۇردى. قىلچە گۇمان تۇغۇلسىلا، ئاختۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن كەنتنى قانغا بويىدى. ئەمما، پەرزەنت ئەسكەرلەر كىمنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بولسا، پۈتۈن ئۆيدىكىلەر ھوشيار بولۇپ، دۈشمەن ئەھۋالىنى رازۋېتكا قىلدى، ئاخبارات يەتكۈزۈپ بەردى. دۈشمەنلەر ئالىمادىس بايقاپ قالغاندا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، پەرزەنت ئەسكەرنى ئۆز بالىسى، ئۆز ئېرى قىلىۋېلىپ، ھەرقانچە خورلانسىمۇ ئېغىز ئاچمىدى. بىر كەنتكە 8 - ئارمىيە خادىملىرى يوشۇرۇنغانىدى، ياپون باسقۇنچىلىرى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، 72 كىشىنى تۇتۇۋېلىپ، 8 - ئارمىيە خادىملىرىنىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى ئېيتىپ بېرىش توغرىسىدا ئۆلۈم تەھدىتى سالدى. ئۇلاردىن بىرنى ئۆلتۈرۈۋېدى، ھېچكىم ئۈندىمىدى، ئىككىنى ئۆلتۈرۈۋېدى، ھېچكىم ئېغىر ئاچمىدى، بىراقلا تۆت كىشىنى ئۆلتۈرگندىمۇ، ھېچكىم ئېيتمىدى. خەلق ئاممىسى تېنى ۋە قېنى بىلەن قۇرغان قۇدرەتلىك مۇداپىئە سېپىدە، پەرزەنت ئەسكەرلەر پۇت تېرەپ تۇرۇپ، يىلتىز تارتتى. جۇڭگونىڭ ئازاد رايونلىرىدىكى ئارمىيە بىلەن خەلق ياپون قاراقچىلىرىنىڭ «تازىلاش» ئېلىپ بېرىشقا قارشى كۈرەش جەريانىدا، ئەڭ ئېغىر سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى ھەمدە ئاممىنىڭ خەلق ئۇرۇشىدىكى ئەقىل - پاراسىتىنى يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇردى. كەڭ ىەلق ئەسكەرلىرى بىلەن ئامما ماتېرىيالنى ئۆزى ھەل قىلىپ، ئەسكى تۆمۈر، بوتۇلكا ۋە تاشلاردا مىنا ياساپ، ياپون قاراقچىلىرى تايانچ بازىغا كېلىپ «تازىلاش» ئېلىپ بارغاندا ھەممىلا يەرگە مىنالارنى كۆمۈرپ، ئۇلارنى ئوڭتەي - توڭتەي قىلىپ، قىلچە ئارامچىلىق بەرمىدى، تەرەپ - تەرەپكە سوزۇلغان لەخمە ئۇرۇشلىرى تېخىمۇ ھەيۋىتىنى كۆرسىتىپ، ياپون قاراقچىلىرىنى ئامالسىز قىلىپ قويدى. «1 - مايدىكى چوڭ تازىلاش» تىن ئىلگىرى، ئوتتۇرا خېبېيدىكى خەلق نۇرغۇن ئۆڭكۈر ۋە گەمىلەرنى قېزىپ، مۇشۇ ئۆڭكۈر - گەمىلەردىن پايدىلىنىپ جەڭ قىلدى. «1 - مايدىكى چوڭ تازىلاش» تىن كېيىن، كۈرەش كۈندىن - كۈنگە دەھشەتلىك بولدى. كومپارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، بۇ ئاددىي ئۆڭكۈر ۋە گمىلەرنى ئۆيمۇ ئۆي تۇتاشقان، پۈتۈن كەنتكە يېيىلغان لەخمىگە ئايلاندۇردى. بىر كەنتتىكى لەخمىلەرنى يەنە تەرەپ - تەرەپكە سوزۇپ، قوشنا كەنتلەردىكى لەخمىلەرگە تۇتاشتۇردى ۋە كەنتلەر بىلەن كەنتلەر تۇتاشقان لەخمە تورلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. لەخمىلەردە ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈش، ئۇنى يورۇتۇش، سۇدىن، ئوتتىن، زەھەردىن، كولاپ كىرىشتىن مۇداپىئە كۆرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئامما يەرلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بىر - بىرلەپ ھەل قىلدى؛ لەخمىلەردە يەنە ئەتراپنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان، تەرەپ - تەرەپكە ئوق چىقارغىلى بولىدىغان نۇرغۇن مەخپىي كۆزىتىش، مەخپىي ئوققا تۇتۇش تۆشۈكلىرى ياسىلىپ، خەلق ئەسكەرلىرى ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، دۈەشمەنگە زەربە بېرىدىغان ئالاھىدە مۇداپىئە ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇلدى. ياپون قاراقچىلىرى كەنتلەردىكى لەخمىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن، سۇ قويۇپ بېرىش، ئوت قويۇش، ئىسلاش، زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللانغان بولسىمۇ، لەخمىدىكىلەرنىڭ بىر تال مويىنىمۇ تەۋرىتەلمىدى. ئاخىرىدا، پارتىزانلار بىلەن خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قىسىپ زەربە بېرىشى ئارقىسىدا، ياپون قاراقچىلىرى لەكمىڭ - لەكمىڭ ئۆلۈكىرىنى تاشلاپ، رەسۋا بولۇپ قاچتى. ئوتتۇرا خېبېيدىكى ئارمىيە ۋە خەلق ئىككى ئايدىن كۆپرەك قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىش ئارقىسىدا، ياپون قاراقچىلىرىنىڭ «1 - مايدىكى چوڭ تازىلاش« لىرى تارمار كەلتۈرۈپ، دۈشمەنگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. جۇڭگو كومپارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان خەلق ئۇرۇشى لۇشيەنى بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇش لۇشيەنىنى، ىەلق ئاممىسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. بىز مۇشۇ لۇشيەنگە ايىنىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسىنى قولغاكەلتۈردۇق. بۇ لۇشيەننى توغرا گەۋدىلەندۈرگەن «پارتىزانلار ناخشىسى» مۇ ئۆزىنىڭ ئۆچمەس جەزىبە قىلىشكۈچىنى بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ