UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭسان - ۋارتولوۋ كېچىسى

سان - ۋارتولوۋ كېچىسى

بەش مىڭ يىل پارىژ گۈزەل ئىدى. يول ياقىسىدىكى ياپ - يېشىل دەرەخلەر ئۇنىڭ كەڭ كوچىلىرىغا تولۇق سايە چۈشۈرۈپ تۇراتتى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، كېلىپ - كېتىپ تۇرىدىغان ھارۋا - مەپىلەر باشقىچە كۆپىيىپ كەتمەكتە ئىدى. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھارۋىلىرى كۆزنى چاقنىتىدىغان مىس بۇيۇملار بىلەن پەدەزلەنگەن ئىدى. ھارۋىلاردىكى بەگزادىلەر شۇنداق چىرايلىق ياسىنىۋالغان ئىدىكى، ھارۋىلاردا بىللە ئولتۇرغان خېنىملار ۋە ئاغىچا خېنىملارنىڭ ئۇچىسىدىكى ئۈنچە - مارجان، گۈل - چىمەنلەر بىلەن قوشۇلۇپ پارىژغا تېخىمۇ ھەشەمەتلىك ھۆسۈن بېغىشلايتتى. فرانسىيىنىڭ جۇزئى ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بۇ ئاقسۆڭەكلەر گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا خۇشاللىق دەرياسىدا ئاققاندەك قىلىشاتتى. بۇلار پادىشاھنىڭ سىڭلىسىنىڭ توي مەرىكىسىگە كەلگەن ئىكەن. پادىشاھنىڭ سىڭلىسى ماگارىت خېنىم ئىدى. ئۇنىڭ يىگىتى بوربون جەمەتىدىن بولغان بەگزادە ھېنرى ئىدى. بوربون جەمەتى فرانسىيىدە پادىشاھتىن قالسىلا ئەڭ چوڭ ئاقسۆڭەك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى فرانسىيىدىكى پىروتېستانت دىنىنىڭ داھىيىسى ئىدى. شۇڭا، فرانسىيىدىكى شۇنچە كۆپ ئاقسۆڭەكلەر، بولۇپمۇ پىروتېستانت دىنىدىكى كاتتا مۆتىۋەرلەر بۇ توينى مۇبارەكلەش ئۈچۈن پارىژغا كەلگەن ئىدى. توي مەرىكىسى 1572 - يىلى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگە قارارلاندى. چۈنكى، بۇ كۈنى «سان - ۋارتولوۋ» بايرىمى بولاتتى. بۇ كۈنى خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنىڭ ھەممىسى يىغىلىدىغان بولغاچقا، ئىنتايىن قىزىق ئۆتكۈزۈلەتتى. سان - ۋارتولوۋ بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى، يەنى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، پۈتۈن پارىژدا بايرام خۇشاللىقى تېشىۋاتقاندا، كوچىغا بىرنەچچە يوچۇن ئادەم پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇلار قوللىرىغا بىردىن كىچىك دەپتەر ئالغان ھالدا ئۇياق - بۇياققا قاراپ، ئىشىك نومۇرىنى تېپىۋالغان ئائىلىلەرنىڭ ئىشىكىنىڭ يېنىغا گەج بىلەن بىر كىچىك دۈگلەك سىزىۋاتاتتى. كىشىلەر شەھەر مەمۇرىيىتى ئۆيلەرنى رېمونت قىلىدىغان ياكى ئىمارەت سالىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، ئۇلارغا ئۇنچىۋالا دىققەت قىلمىدى. بىر كۈنى تۈن نىسپىدە، يەنى سان - ۋارتولوۋ بايرىمى كۈنى تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن چېركاۋلارنىڭ قوڭغۇراقلىرى داراڭلاپ كەتتى. بىرمۇنچە چېركاۋلارنىڭ قوڭغۇراقلىرى بىرلا ۋاقىتتا چېلىنىۋاتاتتى. تازا سەپسالىدىغان بولسا، قوڭغۇراق چېلىنىۋاتقان چېركاۋلارنىڭ ھەممىسى كاتولىك دىنى (رىمغا قاراشلىق كونا دىن) چېركاۋلىرى ئىكەنلىكى بىلىنەتتى. ئەمما قوڭغۇراقلار ناھايىتى كېچىدە چېلىنىۋتقاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغىمۇ سەپسالمىدى. «ئۆلتۈرەيلى!» دېگەن چۇقان بىلەن تەڭ نەچچە مىڭلىغان قوراللىق زوراۋانلار كوچىلارغا پەيدا بولدى - دە، ئائىلىمۇ ئائىلە ئاختۇرۇپ، ئىشىكى ئالدىغا گەج بىلەن دۈگلەك سىزىلغانلىكى ئائىلىلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. تۈن نىسپىدىن تاڭ سۈزۈلگىچە بولغان بىرنەچچە سائەت ئىچىدىلا بىر نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈپ تاشلاندى. بۇ زوراۋانلار پادىشاھ سىڭلىسىنىڭ يىگىتىنىڭ تۇرالغۇسىغىمۇ باستۇرۇپ كىردى. بوربون جەمەتىنىڭ ھېنرى دېگەن بۇ بەگزادىسى كارۋاتتىن قوپۇشقا مەجبۇرلاندى. - ھەي! پىروتېستانت دىنىغا بولغان ئېتىقادىڭدىن قايت! - دېدى زوراۋانلار قولىدىكى پارقىراپ تۇرغان خەنجەرلەرنى پىلدىرلاتقان ھالدا. - مەن .... مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ - ھېنرى ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. - بىزنىڭ كاتولىك دىنىمىزغا ئېتىقاد قىل! - دەپ ھۆكىرىدى زوراۋانلار. - ماقۇل! ماقۇل! - مەجبۇرلانغان ھېنرى زورىغا ئاشۇنداق جاۋاب بېرىپ، ھەر ھالدا ئۆلۈمدىن قۇتۇلدى. زوراۋانلار فرانسيىدىكى پىروتېستانت دىنىنىڭ يەنە بىر داھىيىسى - دېڭىز ئارمىيىسى گېنېرالىنىڭ ئائىلىسىگىمۇ باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنىمۇ جايىدا تۇرغۇزۇپلا ئۆلتۈردى. بۇ كۈنى كېچىلىكى، فرانسىيىنىڭ بىرمۇنچە شەھەرلىرىدىمۇ بىرلا چاغدا چوڭ قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. قىرغىنچىلىقتا ئۆلتۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى كاتولىك دىنىنىڭ مۇخلىسلىرى، ئۆلتۈرۈلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى پىروتېستانت دىنىنىڭ مۇخلىسلىرى ئىدى. فرانسىيىدىكى دىنىي مەزھەپلەرنىڭ بۇ چوڭ قىرغىنچلىقى تارىختا «سان - ۋارتولوۋ كېچىسى» دەپ ئاتالدى. كاتولىك دىنىنىڭ خۇداسى - رىمدىكى پاپا بۇ قېتىمقى چوڭ قىرغىنچىلىقتىن ئىنتايىن مەمنۇن بولۇپ، شۇ ھامان پۈتۈن رىم شەھىرىگە رەڭلىك چىراقلار ئېسىپ تەبرىكلەشكە بۇيرۇق قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئالاھىدە خاتىرە ئوردىنى ياسىتىپ، «خىزمەت كۆرسەتكەن» لەرگە تەقدىم قىلدى. نېمە ئۈچۈن فىرانسىيىدە بۇ قېتىمقى چوڭ قىرغىچنىلىق يۈز بەردى. ئەسلىدە بۇ _ فرانسىيىدىكى فېئوداللارنىڭ ھاكىمىيەت تالىشىش يولىدىكى بىر قېتىملىق زور كۈرىشى ئىدى. كاتولىك مەزھىپىدىكىلەر ئاساسلىقى فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى فېئوداللار بولۇپ، ئۇلار كىنەز گىز باشچىلىقىدا ئىدى. پىروتېستانت مەزھىپىدىكىلەر ئاساسلىقى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى فېئوداللار بولۇپ، بوربون جەمەتى باشچىلىقىدا ئىدى. ئۇلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىشىپ، 1562 - يىلىدىن باشلاپ شۇ كەمگىچە ئون يىل ئىچكى ئۇرۇش قىلغان ئىدى. ئۇرۇش ئون يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، پادىشاھ ئۆز سىڭلىسىنى بوربون جەمەتىدىكى ھېنرىگە ياتلىق قىلىش يولى بىلەن ئىككى مەزھەپنىڭ يارىشىشىنى يۈكسەلدۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما، ئاقىۋەتتە مەملىكەت بويىچە پىلانلىق چوڭ قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. ھالبۇكى، بۇ قىرغىنچىلىققا كىنەز گىزنىڭ ئوغلى قوماندانلىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ئىچكى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. فرانسىيىدىكى پىروتېستانت دىنىدىكىلەر خۇگۇئېنوچىلار دەپمۇ ئاتالغاچقا، بۇ قېتىمقى ئىچكى ئۇرۇش «خۇگۇئېنوچىلار ئۇرۇشى» دەپمۇ ئاتالدى. فرانسىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش تاكى 1594 - يىلىغىچە داۋام قىلىپ ئاندىن توختىدى. بۇ چاغدا، فرانسىيە پادىشاھى ئۆلۈپ كەتتى، كاتولىك دىنىنىڭ داھىيىسى كىنەز گىزمۇ ئۆلۈپ كەتتى. فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختى پىروتېستانت دىنىنىڭ داھىيىسى بوربون جەمەتىدىن بولغان ھېنرى IV نىڭ قولىغا چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن، فرانسىيىدىكى 30 نەچچە يىل توختىماي داۋام قىلغان ئىچكى ئۇرۇش توختىدى. رىم پاپىسى، پىروتېستانت دىنىنىڭ ئەركىنلىكىگە زادىلا چىداپ تۇرالمىدى. شۇنىڭ بىلەن، پاپانىڭ قوللىشىغا ئىگە «ئىيېزوئىتچىلار جەمئىيىتى» دىكى ئۇنسۇرلار فرانسىيە پادىشاھىغا تىغ تارتتى. ھېنرى IV ئاخىرى ئۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ھېنرىنىڭ ۋارىسى بىر كىچىك بالا بولغاچقا، چوڭ ھوقۇقنى باش ۋەزىر رىشېلې ئىگەللىدى. ئۇ ھوقۇق ئىگەللىگەن ئون نەچچە يىلدا فرانسىيە بىرلىككە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئۇ گېرمانسىيىدىكى «30 يىللىق ئۇرۇش» قا قول تىقىپ، گېرمانىيە پادىشاھىنى جەڭدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، شۇ ئارقىلىق فرانسىيىنىڭ زىمىنىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
سان - ۋارتولوۋ كېچىسى | UyghurWiki | UyghurWiki