UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭپەلەككە يەتكەن ئىرادە

پەلەككە يەتكەن ئىرادە

بەش مىڭ يىل 1835 - يىلى يازدا، گېرمانىيىنىڭ غەربىدىكى رېين ئۆلكىسىنىڭ ترىئېر مەكتەپتە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى ئېلىنىۋاتاتتى. ئىنشاغا «ياشلارنىڭ كەسپنى تاللاشتا نەزەرگە ئالىدىغانلىرى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان قەغىزىنى پۈكلەپ جوزىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا قويدى - دە، ئۇلارنى تەكشۈرۈشكە جىددى كىرىشىپ كەتتى. - بۇنداق ياخشى ماقالىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن! نېمە دېگەن پەلەككە يەتكەن ئىرادە - ھە! - دېدى بىر ئوقۇتقۇچى روھلانغان ھالدا توساتتىنلا ۋارقىراپ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قىزىقىپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ ياخشى ماقالىنى كۆرۈشكە باشلىدى. ئىمتىھان قەغىزىگە تۆۋەندىكى سۆزلەر قوپال، ئەمما كۈچلۈك قىلىپ يېزىلغان ئىدى: «ئەگەر كىشى ئۆزى ئۈچۈن ئەمگەك قىلسا، مەشھۇر ئالىم، كامالەتكە يەتكەن دانا ۋە قالتىس شائىر بولالىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما ئۇ، ھەرگىز ھەقىقى يېتىشكەن ۋە ئۇلۇغ ئادەم بولالمايدۇ. ئەگەر بىز ئىنسانلارغا پاراۋانلىق يارىتىپ بېرىش يولىدا ئەمگەك قىلدىغان كەسپنى تاللىۋالساق، بىز ئۇنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى ئالدىدا تىك تۇرالايمىز، چۈنكى بۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بېرىلگەن قۇربان بولىدۇ؛ ئۇ چاغدا بىز كىچىككىنە ئەرزىمەس شەخسى خوشاللىقنى ھېس قىلىمىز، بىزنىڭ بەختىمىز مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن كىشىلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ، بىزنىڭ ئىشىمىز بىردەم دەۋران سۈرۈپ قالماي، مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.» نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار بۇ ماقالا ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، دېيىشتى. ئەمما ئىمتىھان ئالغان ئاساسىي ئوقۇتقۇچى تىنماي چېكىسىنى تۇتاتتى، ئۇ: - تالانتلىقلىقىدا گەپ يوق، ئەمما ئۇ تېخى 17 ياشلىق بالا، ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى تولىمۇ...، - دېدى بېشىنى چايقاپ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ شۇ كەملەردە گېرمانىيە بىر مۇنچە بەگلىكلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، تىرىئېر شەھىرى پرۇسسىيە پادىشاھلىقىغا قارايتتى. پرۇسسىيە مۇستەبىت دۆلەت بولۇپ، ئەركىنلىك ئىدىيىسىنىڭ تارقىلىشىغا يول قويمايتتى. بۇنداق ماقالىغا قانداق نومۇر قويۇش كېرەك؟ ئوقۇتقۇچىلار تەڭلىكتە قالدى. ئىمتىھانغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى نۇرغۇن ئويلاپ، ئاخىرى غەيرەتكە كەلدى - دە، قولىغا پەي قەلەمنى ئېلىپ: ئىدىيىۋىلىكى مول، چۈشەنچىسى چوڭقۇر، دېگەن گەپنى يېزىپ قويدى. بۇ نېمە دېگەن يۇقىرى باھا - ھە! ئۇنداق بولسا، ئىرادىسى پەلەككە يەتكەن بۇ 17 ياشلىق بال زادى كىم؟ ئۇنىڭ ئىسىمى كارل ماركىس ئىدى. كارل ماركىس 1818 - يىل 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ترىئېر شەھىرىدە تۇغۇلدى. ئۇنىڭ دادىسى ئادۋوكات، يەھۇدى ئىدى. ئاپىسى گوللاندىيىلىك بولۇپ، ئەتىدىن كەچىكىچە ئائىلە ئىشلىرى بىلەن بولاتتى. ئۇنىڭ ئائىلىسى خېلى دۆلەتمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەدىنىي ئائىلە ئىدى. ماركىس ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دادىسى ئوغلىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئادۋوكات بولۇشىنى ئويلاپ، ئۇنى بونن داشۆسىگە قانۇن ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ بەردى. بىراق، ماركىس بونندا ئاران بىر يىل تۇردى. بۇ يەردىكى ئۆگىنىش ئەھۋالى ناھايىتى ناچار بولغانلىقتىن، ئوقۇغۇچىلار يەپ - ئىچىپ تاماشا قىلىشنىلا بىلەتتى. ھەتتا ئورۇنسىز دۇئېلغا چىقاتتى. 1836 - يىلى ماركىس بېرلىن داشۆسىگە كىرىپ ئوقۇدى. ئۇ ئۆگىنىشتە قىزىقىدىغان ساھەلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات، چەتئەل تىلى قاتارلىقلارنى ھارماي - تالماي، ئىخلاس بىلەن تەتقىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ياش گېگلچىلار» دېگەن نېمە؟ ئەينى ۋاقىتتا، گېرمانىيىدىكى چوڭ پەيلاسوپ گېگېل ئۆلگەندىن كېيىن، پەلسەپە ساھەسىدىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى. «قېرى گېگېلچىلار» پرۇسىيىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلدى، «ياش گېگېلچىلار» مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا قارشى تۇردى. ماركىس پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ يۈرگەنلىكتىن، ئۇنىڭ كېيىنكى گۇرۇھقا قاتنىشىشى تۇرغان گەپ ئىدى. ماركىس 1841 - يىلى داشۆنى پۈتتۈردى. ئۇ، دۇنيانى پەلسەپە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىر پارچە مەكتەپ پۈتتۈرۈش ماقالىسى يازدى. ئۇ ماقالىسىدا ئۆزىنى يونان ئەپسانىلىرىدىكى ئىنسانىيەتكە چوڭ ئوغرىلاپ بەرگەن باتۇر پرومىتېغا ئوخشاتقان ئىدى. ئۇ مۇنداق دەپ يازدى: ئازابىم ئورنىغا قۇللار ئەمگىكىنى تېگىشمەيدىغانلىقىم ئاياندۇر ساڭا. دارغا ئېسىلىشقا سۆزسىز رازىمەنكى، ئىتائەتمەن مالاي بولمايمەن ئەسلا زېۋسقا. (ئالەم خۇداسى) پرومىنتېنىڭ بۇ تەنتەنىلىك سۆزلىرىنى ماركس پۈتۈنلەي ئۆزلەشتۈرگەن. ئۇ، بۇ ماقالىنى يېنا داشۆسىنىڭ پەلسەپە فاكولتېتىغا ئەۋەتىپ بەردى. يېنا داشكسى ماقالىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ماركىسقا پەلسەپە دوكتورى دېگەن ئىلمىي ئۇنۋان بەردى. شۇ چاغدا ئۇ ئاران 23 ياشقا كىرگەن ئىدى. ياندۇرقى يىلى، گېرمانىيىنىڭ غەربىدىكى كيولىندا «رېيىن گېزىتى» نەشىر قىلىندى. 10 - ئايدا، ماركس بۇ گېزىتنىڭ مۇھەررىرى بولدى. شۇ چاغدا، پرۇسسىيىنىڭ رېيىن ئۆلكىلىك پارلامېنتى «ياغاچ ئوغرىلاش» مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتاتتى. ئەسلىدە گېرمانىيىنىڭ غەربىدە چوڭ ئورمانزارلىق بىلەن ئوتلاق بولۇپ، ئاھالە ئورتاق پايدىلىناتتى. كېيىن بۇ يەرنى ئاقسۆڭەك پومىششىڭلار ئىگەللىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ خۇسۇسى مۈلكى قىلىۋالدى. دېھقانلار ئورمانلىققا بېرىپ قۇرۇپ قالغان شاخ - شۇمبىلارنى تەرسە، بالىلار ئوتلاققا بېرىپ قوي بۆلجۈرگىنى تېرىپ يېسە، پارلامېنت ئۇنى «ئوغرىلىق» دەپ قاراپ، قانۇن بويىچە جازالايدىغان بولدى. ماركىس بۇنى چوڭ ئادالەتسىزلىك دەپ قاراپ، «رېيىن گېزىتى» گە نۇرغۇن ماقالا يېزىپ، مۇستەبىت پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنى سۆكتى. كىشىلەر بۇ ماقالىلارنى تازا ياقتۇرغانلىقتىن، «رېيىن» گىزىتىنىڭ سانى كۆپىيىۋەردى. 10 - ئايدا، مۇشتىرىلار 800 دىن كۆپرەك بولغان بولسا، 12 - ئايغا كەلگەندە 3400 دىن ئېشىپ كەتتى. ئىنقىلاب ساداسىنىڭ تارقىتىلىشى مۇستەبىت پرۇسسىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىپ قويدى. ئۇلار بۇيرۇق بېرىپ «رېيىن گېزىتى» نى پېچەتلىۋەتتى. ماركىس مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، 1843 - يىل كەچكۈزدە پارىژغا باردى. پارىژ ئىنقىلابى شەھەر ئىدى، ماركىس خۇشال ھالدا تەرەپ - تەرەپنى زىيارەت قىلدى. ئۇ ھەمىشە ئىشچىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولاتتى، ئۇ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ كاپىتالىستىك ئېكىسپىلاتاتسىيە شارائىتىدا تارتىۋاتقان جەبرى - جاپالىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئۇ ھەمىشە ئىشچىلارنىڭ مەخپى يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئىشچىلارنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى - خۇسۇسى مۈلۈكچىلىكنى يوقىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تازا چۈشەندى، ماركىس شۇنىڭدىن كېيىن كوممۇنىزىم ھەرگىز ئابىستىراكىت نەزەرىيە ئەمەس، بەلكى كونكىرىت، رىيال ھەركەت ئىكەنلىكىنى ھەقىقى چۈشەندى. 1844 - يىلى، ماركىس باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ بىر ژورنال - «نېمىس - فرانسۇز يىللىق مەجمۇئەسى» نى چىقاردى. پرۇسسىيىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىتى ماركىسنىڭ ئىسىمىنى ئاڭلاش بىلەنلا، «نېمىس - فرانسۇز يىللىق مەجمۇئەسى، «ئاسىيلىق ۋە پادىشاھنى ھاقارەتلەش» جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ، ئۇنى ئىمپورت قىلىشقا يول قويمىدى. ئۇلار زور بىر تۈركۈم ھەربىي ۋە ساقچىلارنى رېيىن دەرياسىدىكى كېمىلەرگە، گېرمانىيە - فرانسىيە چېگرىسىغا ئەۋەتىپ تىنىتىش قىلىپ، نەچچە يۈز نۇسخە «نېمىس - فرانسۇز يىللىق مەجمۇئەسى» نى پۈتۈنلەي مۇسادىرە قىلدى. بۇ ژورنال تۆپە - تۆپىلەپ زەربىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئاران بىرلا سان چىقىپ توختاپ قالدى. ئەمما «نېمىس - فرانسۇز يىللىق مەجمۇئەسى» ئىنقىلاپ ئۇچقۇنلىرىنى چاچتى. ماركىس مۇشۇ ژورنال ئېلان قىلغان«<گېگېلنىڭ قانۇن پەلسەپىسىگە تەنقىد>» كە مۇقەددىمە» دېگەن ماقالىسىدا كەسكىن ھالدا مۇنداق دەپ يازدى: تەنقىد قورالى، ئەلۋەتتە، قورالىي تەنقىدنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، ماددى كۈچنى پەقەت ماددى كۈچ بىلەنلا يىمىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ؛ لېكىن نەزەرىيە ئامما تەرىپىدىن ئىگەللەنگەن ھامان ماددى كۈچكە ئايلىنىدۇ. ماركىسنىڭ بۇ سۆزى ئىنقىلابىي نەزەرىيە پۇرۇلېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندىلا، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپىنىڭ كونا تۈزۈمىنى يوقىتىش كۈرىشىدە غەلىبە قازانغىلى بولىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ يەنە، پەقەت پۇرۇلېتارىياتلا ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپنىڭ كونا تۈزۈمىنى يوقىتالايدىغان بىردىن - بىر سىنىپ، دەپ كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ ماقالا كونا دۇنياغا قارىتىلغان بىر جەڭنامە، كونا دۇنيانى يىمىرىپ تاشلايدىغان جەڭگىۋار ھۆججەتتۇر. پەلەككە يەتكەن ئىرادىلىك بىر ياش ئاخىرى پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ جەڭچىسى ۋە ئۇستازى بولۇپ يېتىشتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
پەلەككە يەتكەن ئىرادە | UyghurWiki | UyghurWiki