UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئىقتىسادىي كىرىزىس

ئىقتىسادىي كىرىزىس

بەش مىڭ يىل 1933- يىلنىڭ بىر كۈنى، ئامېرىكىدىكى مىسسىپى دەرياسى بويىدا «غارت » قىلىپ تۇرمۇزلىغان بىر ئاپتوموبىل توختىدى. كۇزۇپكىدىن «خورت ! خورت!» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىناتتى. بۇ ئاپتوموبىل پۈتۈنلەي سېمىز چوشقىلار بېسىلغان بولۇپ، چوشقىلار تىنماي خورتىلداپ ئۇياقتىن - بۇياققا چاپاتتى. شوپۇر ئاپتۇموبىلدىن چۈشۈپ كوزۇپكىنى ئاچتى. ئاندىن ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرۇپ، كوزۇپكىنى ئۆڭتۈردى. نەچچە ئونمىڭلىغان سېمىز چوشقا ھايت - ھۇيت دېگۈچە دەرياغا ئۆڭتۈرۈلدى، قاتتىق دولقۇن بۇ چوشقىلارنى ئۆركەشلەۋاتقان بۇزغۇن ئىچىگە ئەكىرىپ پۈتۈنلەي غەرق قىلىۋەتتى. ئارقىدىن كەلگەن بىرنەچچە ئاپتوموبىلدىكى چوشقىلارمۇ دەرياغا ئاغدۇرۇۋېتىلدى. بىر ئوبدان سېمىز چوشقىلار نېمە ئۈچۈن دەرياغا غەرق قىلىنىدۇ؟ بۇ چوشقىلار چوشقا ۋاباسى بىلەن ئاغرىغانمۇ؟ ياق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەتلىك سېمىز چوشقىلار ئىدى. بىرەر دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى ئالجىپ قالغانمۇ؟ ياق، مىسسىسىپى دەرياسى بويىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى چوڭ - چوڭ سېمىز چوشقىلارنى دەرياغا تاشلىۋەتتى. شۇ يىلى ئالتە مىليون 400 مىڭ سېمىز چوشقا دەرياغا تاشلاندى. ئۇنداق بولسا يالغۇز چوشقىلار تاشلىۋېتىلدىمۇ؟ ياق، مىسسىسىپى دەرياسى بويىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى سۈتلەرنىمۇ تۇڭى - تۇڭى بىلەن دەرياغا تۆكۈۋەتتى. ئۇلار قانچىلىك سۈتنى تۆكۈۋەتكەندۇ - ھە! ئەمدى دەريا بويىغا جايلاشقان دېھقانچلىق مەيدانلىرىدىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ باقايلى: ئوچاقلارغا كۆمۈر ئەمەس، بەلكى تاغار - تاغار بۇغداي قوناقلار قالاندى. يوللارغا كۆمۈر ئۇۋاقلىرى ئەمەس، بەلكى قەۋەت - قەۋەت كوفى پۇرچاقلىرى ياتقۇزۇلدى. چايزايلىقلاردا چاي گۈلى سارغىيىپ قالغان بولسىمۇ، ئۈزۈۋالغىلى ئادەم چىقمىدى. باغلاردىكى مېۋىلەر مەي بولۇپ، شېخىدىن تۆكۈلۈپ سېسىپ كېتىۋاتسىمۇ ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى. ئېتىزلاردا ئون مىليون ئىنگىلىز موسىدىن كۆپرەك پاختا تراكتور بىلەن ئاغدۇرۇلۇپ پۈتۈنلەي كۈمۈپ تاشلىۋەتسىمۇ، ھېچكىم گەپ قىلمىدى. بۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپقىرىشقا قىلىنغان چوڭ بۇزغۇنچىلىق ئىدى! شۇ كەملەردە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى يالغۇز ئامېرىكىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل كاپىتالىزم دۇنياسى ۋەيران قىلدى. برازىلىيىدە 22 مىليون تاغار كوفى پۇرچىقى دېڭىزغا تۆكۈۋېتىلدى، دانىيىدە 117 مىڭ تۇياق چارۋا ئۆلتۈرۈلدى ياكى تاشلىۋېتىلدى . . . يېزا ئىگىلىكىلا ۋەيران قىلىنىپ قالماي، سانائەت كارخانىلىرىمۇ ۋەيران قىلىندى. پولات تاۋلايدىغان دومنا مەشلەرنى ئالساق، ئامېرىكىدا 92 سى، ئەنگىلىيىدە 72 سى، گېرمانىيىدە 28 ى ۋەيران قىلىندى. كاپىتالىزم دۇنياسىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا چوڭ چېكىنىش يۈز بەردى. ئامېرىكىدا پولات - تۆمۈر سانائىتى 15% كە، ئاپتوموبىل سانائىتى تېخىمۇ ۋەيران بولۇپ، بەش پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى. پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش سېستىمىسى پالەچ بولۇپ قالدى. ئىقتىسادىي ئاتالغۇ بىلەن ئېيتقاندا، بۇ «ئىشلەپچىقىرىش ئۇشۇقچىلىقى » دېيىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىدىغان نەرسىلەر ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ سېتىلماي قالغان، كاپىتالىستلار ئۇنى تاشلىۋەتكەن. مەھسۇلاتلار راستىنلا ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كەتكەنمۇ؟ ئامېرىكىدىكى بىر كۆمۈركان ئىشچىسىنىڭ ئۆيىدە بولغان سۆھبەتنى ئاڭلاپ باقايلى: _ ھاۋا شۇنچە سوغۇق تۇرسا، نېمىشقا ئوت قالىمايسەن؟ - دېدى بالا ئاپىسىغا. _ ئۆيىمىزدە كۆمۈر يوق، داداڭ ئىشسىز بولۇپ قالدى. كۆمۈر سېتىۋالىدىغان پۇل يوق! - دېدى ئانىسى جاۋاب بېرىپ. _ ئانا، دادام نېمە ئۈچۈن ئىشسىز بولۇپ قالدى؟ _ كۆمۈر ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن. بۇ نېمىدىگەن ئاجايىپ - غارايىپ جىنايى مەنزىرە - ھە؟ كاپىتالىسىتلار پايدىنى دەپ نۇرغۇن كۆمۈر قازدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ئېكىسپلاتاتسىيىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆمۈركان ئىشچىلىرىنى قاتتىق ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى. بىر تەرەپتىن، كۆمۈركان ئىشچىلىرىنىڭ كۆمۈر سېتىۋالغۇدەك پۇلى بولمىغانلىقتىن توڭلاپ قېلىۋاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن، كۆمۈر «ھەددىدىن زىيادە» كۆپ قېزىلىپ سېتىلماي قالغانمىش. روشەنكى، ئىشلەپچىقىرىلغان كۆمۈر ئېشىپ - تېشىپ كەتكىنى يوق. پەقەت كۆمۈر كان ئىشچىلىرى ئېكىسپىلاتسىيە قىلىنىپ، يېنىدا بىر تىيىن قالماي، ئاچ - يالىڭاچ قېلىپ، كۆمۈر سېتىۋالالمىغان. شۇنىڭ بىلەن كەڭ ئەمگەكچىلەر ئاچ قېلىۋاتسا، كاپىتالىستلار نۇرغۇن ئاشلىق ۋە چوشقىلارنى ۋەيران قىلدىغان، كەڭ ئەمگەكچىلەر يالىڭاچ قېلىۋاتسا، كاپىتالىستلار نۇرغۇن پاختا ۋە قوي يۇڭلىرىنى ۋەيران قىلىدىغان ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقە يۈز بەردى. ئۇنداق بولسا، كاپىتالىستلار بۇ مەھسۇلاتلارنى نېمە ئۈچۈن ئەرزان باھادا ئەمگەكچى خەلقلەرگە سېتىپ بەرمەي، ۋەيران قىلىۋېتىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇڭى، كاپىتالىستلار پايدىنى دەپ شۇنداق قىلغان. مەھسۇلاتلار ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، «نەرسە كېرەكلەر قىس بولۇپ ، قىممەتلىشىدۇ» ئەمەسمۇ؟ كاپىتالىستلار مۇشۇنداق قىلغاندىلا مەھسۇلاتلارنى قىممەت باھادا سېتىپ، يۇقىرى پايدا ئالالايدۇ. كاپىتالىزم تۈزۈمىنىڭ چىرىكلىكى ۋە جىنايىتى، بۇرژۇئازىيىنىڭ ساختىلىقى ۋە رەھىمسىزلىكى بۇ يەردە قىپ - يالىڭاچ ئاشكارىلاندى! «ئىقتىسادىي كىرزىس دېگەن ئەنەشۇ» 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بۇ ئىقتىسادىي كىرىزىس 1919 - يىلى باشلىنىپ، 1933 - يىلىغىچە داۋاملاشتى. ئىقتىسادىي كىرىزىس كاپىتالىزم دۇنياسىدا سىياسىي كىرىزىس پەيدا قىلدى. ئىشسىز قالغان ئىشچىلار ئارقا - ئارقىدىن ئېتىراز بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى. ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ئىش تاشلاش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەتكە قارشى تۇردى. ھەرقايسى ئەللەردىكى چوڭ بۇرژۇئازىيە چوڭقۇر قاينامغا يېقىنلاپ، خاتىرجەم بولالماي، چىقىش يولى تېپىشقا كىرىشتى. بۇرژۇئازىيە قايسى چارىنى قوللاندى؟ ئۇلار ياكونا بازاردىن پايدىلىنىپ، ئىچكى جەھەتتە يېڭى كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، خەلقنى تېخىمۇ ئېكىسپىلاتسىيە قىلدى. يا بولمىسا، يېڭى بازارلارنى ئېچىپ، ئۇرۇش قىلىش يولى بىلەن مۇستەمىلىكىگە ئىگە بولۇپ، مۇستەملىكلەردىكى خەلقنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىنى تالان - تاراج قىلدى. ئامېرىكا ئالدىنقى چارىنى قوللاندى. ئۇ «يېڭى سىياسەت» نى يولغا قويۇپ،دۆلەت ئىگىلىكىگە ئارىلىشىش چارىسىنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي كىرىزىسنى پەسەيتتى. گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە كېينكى چارىنى چارىنى قوللاندى. ئۇلار كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن فاشىسىت ھاكىمىيەت قۇرۇپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى غالجىرلارچە كېڭەيتىپ، دۇنيانى يېڭىباشتىن بۆلۈشۈش يولىدا قانلىق قىلىچىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا بىلەن ئاسىيادا ئىككى ئۇرۇش مەنبەسى شەكىللەندى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ