>ئاۋرورا< نىڭ توپ ئاۋازى
بەش مىڭ يىل
پېتروگرادتىكى ئۆكتەبر قوراللىق قوزغىلىڭىدا >ئاۋرورا< ناملىق ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت خېلى زور رول ئوينىدى، ئۇنىڭ توپ ئاۋازى، قوزغىلاڭچىلارنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغانى - قىشلىق سارايغا يۈرۈش قىلىشىغا سىگنال بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى جاكارلىدى.
>ئاۋرورا< ناملىق ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت شۇ چاغدىكى روسىيە بويىچە ئەڭ چوڭ ھەربىي پاراخوتلارنىڭ بىرى ئىدى، ئۇنىڭدا 500 دىن ئارتۇق پاراخوتچى، ئېتىش ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى ئالتە ديۇيم كېلىدىغان بىر مۇنچە ئېغىر توپلار بولۇپ، ئوت كۈچى ناھايىتى قۇدرەتلىك ئىدى. بۇ ھەربىي پاراخوت قانداق بولۇپ بولشېۋىكلار تەرەپكە ئۆتۈپ قالغان؟
فېۋرال ئىنقىلابى مەزگىلىدە، بۇ ھەربىي پاراخوت پېتروگرادتىكى بىر زاۋۇتنىڭ يېنىدا رېمونت ئۈچۈن توختىغانىدى. ئۇ چاغدا، بۇ زاۋۇتتىكى ئىشچىلار ئىش تاشلاش ئارقىلىق چارپادىشاھقا قارشى تۇرۇۋاتاتتى. بىر كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان ئۈچ ئادەم پاراخوتقا يالاپ چىقىلدى، ماتروسلار بۇ ھەرىكەتكە ناھايىتى غەزەپلەندى.
پاراخوتنىڭ شوپۇرى بېلىشېۋ بۇنىڭدىن بۇرۇنلا بولشېۋىكلار پارتىيىسى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇراتتى. بۇ بىر نەچچە شوپۇرلار بىلەن مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن، تۇتقۇن قىلىنغان ئۈچ ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش قارارىغا كەلدى. ئۇلار كەچ سائەت توققۇزدا ھەممە پاراخوتچىلار پاراخوت سەھنىسىدە كەچلىك تىلاۋەتكە يىغىلغاندا، ئېلېكتر ئىشچىلىرىغا سىتوپنى ئەتكۈزۈۋېتىپ، ئۆزلىرى قاراڭغۇدىن پايدىلىنىپ تۇتقۇنلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى پىلانلىدى.
ئەپسۇسكى، كەچلىك تىلاۋەتتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى ئوفىتسېرلار ئادەم تۇرۇشلۇق جايلارنىڭ ھەممىنى قورشىۋالدى، ئارقىدىنلا مۇھاپىزەتچىلەر تۇتقۇن قىلىنغان ئۈچ ئادەمنى قىرغاققا چىقىدىغان پاراخوت شوتىسىغا ھەيدەپ ماڭدى. ئۇلار ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى كۆرۈپ تۇتقۇنلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن شوتىغا جىددىي ئېتىلدى. كاپىتاننىڭ يېنىدا تۇرغان ئوفىتسېر شۇ يەردىلا ئوق چىقىرىپ بىر نەچچەيلەننى يارىدار قىلدى.
كاپىتان شەھەردىكى قوزغىلاڭ ھەيۋىتىنىڭ زورلۇقىنى كۆرگەن بولغاي ئېھتىمالىم، ئۇلارنى شۇ ھامانلا جازالاشقا پېتىنالمىدى، ئەتىسى پەقەت بارلىق دېڭىزچىلارغا پاراخوت يۇيۇشقىلا بۇيرۇق بەردى.
دەل مۇشۇ كۈنى، پېتروگرادقا ئالتە تۈمەندىن ئارتۇق ئەسكەر قوزغىلاڭچىلار تەربىيىگە ئۆتۈپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن پايتەخت ۋەزىيىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولدى. زور بىر تۈركۈم ئەسكەرلەر ۋە ئىشچىلار بۇ زاۋۇتقا بېسىپ كىردى. بېلشېۋ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ماتروسلارنى ئارقىسىغا سالدى - دە، پاراخوت كۆۋرۈكىگە بېرىپ پىلىموتلارنى تارتىۋالدى ۋە كاپىتاننى قولغا ئالدى.
ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىر ستارشى لېيتېنانت ئوفىتسېرنى بۇ پاراخوتنىڭ كاپىتانلىقىغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭغا پاراخوت رېمونتتىن چىققان ھامانلا سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن دېڭىزغا كىرىش ئارقىلىق ماتروسلار قوزغىلىڭىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەخپىي بۇيرۇق بەردى. بۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا بېلىشېۋمۇ بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە قاتناشتى ۋە كېيىنچە يەنە >ئاۋرورا< ناملىق ھەربىي پاراخوت كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ھەربىي پاراخوتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى ئەمەلىيەتتە بولشېۋىكلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.
11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى )روس كالىندارى بويىچە 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى(، يەنى پايتەختتە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، بېلشېۋ قوزغىلاڭچىلارنىڭ قوماندانلىق شتابى تۇرۇشلۇق سىمولنىي سارىيىغا چاقىرتىۋېلىندى. سۋېردىلوۋ ئۇنىڭدىن ئوكيان چارلاش پاراخوتىدىكى ئەھۋاللارنى، خۇسۇسەن ماتروسلارنىڭ كەيپىياتىنى تەپسىلىي سۈرۈشتە قىلغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا: >ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېت مېنى >ئاۋرورا< ناملىق پاراخوتقا سىياسىي كومىسسار بەلگىلەشكە ئەۋەتتى. مېنىڭچە، سىز يولداش بېلشېۋ ئەڭ مۇۋاپىق نامراتسىز< دېدى.
- پارتىيىنىڭ قارارى، مەن ئۈچۈن بۇيرۇق! تولۇق بويسۇنىمەن! - دەپ ئىخچام جاۋاب بەردى بېلشېۋ.
سىۋېردىلوۋ شۇ يەردىلا سىياسىي ھەيئەت نامزاتىنى تولدۇرۇپ بېلىشېۋگە بەردى.
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن، دۈشمەنلەر ئالدىن قول سېلىپ، يۇنكىرلارنى ئەۋەتىپ بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتىنى پېچەتلەپتۇ؛ سىمولىنىي سارىيى برونېۋىكلارنى كوچىغا چىقارتىپتۇ، قوزغىلاڭ ئەمەلىيەتتە باشلىنىپتۇ، دېگەن خەۋەرلەر شەھەردىن يېتىپ كەلدى. ماتروسلار شەھەرگە كىرىپ قوزغىلاڭغا قاتنىشىمىز دەپ چۇقان كۆتۈردى.
بېلىشېۋ شۇ ھامان بارلىق پاراخوتچىلارنى يىغىپ ئۇلارنىڭ شەھەرگە كىرىشىنى توستى، كۆپچىلىكنى ئىنقىلابىي ئىنتىزامغا بويسۇنۇشقا چاقىردى، بۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىنى جاكارلاپ، كۆپچىلىكنى جەڭدىن بۇرۇنقى تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ چاغدا، كاپىتان تۇيۇقسىز پاراخوت سەھنىسىگە چىقىپ كەلدى - دە، بېلشېۋگە:
- پاراخوتىمىز ھەربىي رايون قوماندانىنىڭلا بۇيرۇقىنى ئاڭلايدۇ، باشقا تەشكىلاتلارنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا مۇتلەق يول قويمايدۇ! - دېدى.
بېلىشېۋ سوغۇق بىر كۈلۈپ قويدى - دە، ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ نامداتىنى كاپىتانغا بەردى.
- سىياسىي كومىسار دېگەن نېمە ئۇ؟ - دەپ ۋارقىرىدى كاپىتان نامداتنى كۆرۈپ، - ھەربىي پاراخوتقا مۇناسىۋەتسىز ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
- سىياسىي كومىسسار دېگەن مەندەك ئادەم، - دېدى ئەستايىدىللىق بىلەن بېلىشېۋ تەرىنى تۈرۈپ، - مانا بۇ مېنىڭ نامداتىم. مەن سىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرايكى، كاپىتان ئەپەندىم، سىزنىڭ ھەر قانداق بۇيرۇقلىرىڭىز مېنىڭ ماقۇللۇقۇمدىن ئۆتمىسە ئاقمايدۇ! ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت جەڭدىن بۇرۇنقى تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىشى شەرت!
كاپىتان بىر بېلىشېۋنىڭ تەرىگە، بىر ماتروسلارنىڭ ئۇنى مەنسىتمەي تۇرغان چىرايىغا قاراپ، مازاق قىلغان ھالدا نىر بەچچە ئوفىتسېر بىلەن بىرلىكتە پاراخوت بۆلۈمچىسىگە كىرىپ كەتتى.
تۈن نىسبىدە، ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت جەڭدىن بۇرۇنقى تەييارلىقلارنى پۈتتۈردى، دەل شۇ چاغدا، سىمولنىي سارىيىدىن: دەرھال نىكولاي كۆۋرۈكىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈڭلار، دېگەن بۇيرۇق يېتىپ كەلدى. ئەسلىدە، دۈشمەنلەر بۇ كۆۋرۈكنى ئاجرىتىۋېتىپ، نەچچە مىڭ قىزىل گۋاردىيىچىلەر ۋە ئەسكەرلەرنى كۆۋرۈكنىڭ شىمالىي تەرىپىدە توسۇۋېلىپ، قىشلىق ساراينى قورشاشقا بارغۇزمىغانىكەن.
بېلىشېۋ دەرھال ئوت ئالدۇرۇپ، ماشىنىلارنى قىزىتىشقا بۇيرۇق بەرگەندىن كېيىن، كاپىتاننىڭ بۆلۈمچىسىگە كىردى - دە، ئۇنىڭغا: >ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېت >ئاۋرورا< نى دەرھال نىكولاي كۆۋرۈكىگە ھەيدەپ بېرىشقا بۇيرۇق بەردى< - دېدى.
كاپىتاننىڭ چىرايىدا بىر خىل ھەيرانلىق پەيدا بولدى. ئۇ بىردەم توختىۋالغاندىن كېيىن، قاپىقىنى تۈرۈپ:
- ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ، نىۋا دەرياسى ئەتراپىدىكى سۇ يولىنىڭ لېيىنى ئالمىغان، پاراخوت تېيىز سۇدا توختاپ قېلىپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرسە، مەن جاۋابكار بولمايمەن، - دېدى.
كاپىتان سەن سەۋەب كۆرسەتكەندىن كېيىن، بېلىشېۋ ئوفىتسېرلار مەجلىسخانىسىغا كىردى ۋە ئۇلارغا پاراخوتنى دەرھال ھەيدەشنى ئېيتتى. ئەمما ئوفىتسېرلارنىڭ ھېچقايسىسى پەرۋا قىلمىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىتتىك كەينىگە يېنىپ ئىشىك ئالدىغا كەلدى - دە، يەنە بىر قېتىم ئارقىسىغا قاراپ ئوفىتسېرلارغا: >ئەپەندىلەر، پاراخوت سەھنىسىگە چىقماڭلار جۇمۇ!< دەپ دىكىندى ۋە ئۇلارنىڭ پاراخوت ئۈستىگە چىقىپ پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ماتروسلارنى مەجلىسخانىنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم ساقلاشقا ۋە بۆلۈمچىلەرنىڭ دېرىزىسىنى برونېۋى بىلەن ئېتىشكە بۇيرۇدى.
يول باشلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قىيىن بولمىسىمۇ، ئەمما سۇ يولىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە توغرا كېلەتتى. ئەمما زۇلمەت قاراڭغۇسى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بۇ كېچىدە قانداق تەكشۈرۈش كېرەك؟
رولچى پىداكارلىق بىلەن تۇتقۇلۇق تەكشۈرگۈچنى ئالدى - دە، سۇ يولىنى تەكشۈرمەكچى بولدى. ئۇ سوكنا پەلتۇسىنىڭ سىرتىغا بەلباغ باغلاپ، بەلباغقا تاپانچىسىنىڭ قېپىنى ئېسىۋالدى. ئاندىن مەيدىسىگە قۇرۇق باتارىيىلىك چىراقنى تاقاپ قېيىققا چۈشۈپ، قاراڭغۇدا يۈرۈپ كەتتى.
بىر يېرىم سائەت ئۆتكەندە رولچى قايتىپ كەلدى، ئۇ بېلىشېۋگە بىر پارچە ئاددىي چېرتيوژنى بەردى - دە، ھاياجانلانغان ھالدا: >ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت تامامەن ئۆتۈپ كېتەلەيدىكەن!< - دېدى.
بېلىشېۋ ئاددىي چىرتيۇژنى كۆتۈرۈپ يەنە كاپىتاننىڭ ئالدىغا كىردى، ئەمما كاپىتان پاراخوتنى ھەيدەشنى ئاۋۋالقىدەكلا رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بېلشېۋ رولچىلار باشلىقى بىلەن بىرلىكتە پاراخوتنى ھەيدەشكە قوماندانلىق قىلىشنى جەسۇرلۇق بىلەن قارار قىلدى.
ئەتىگەن سائەت ئۈچ يېرىمدا، ھەربىي پاراخوت نىكولاي كۆۋرۈكىگە يېتىپ باردى. كۆزىتىش چىرىغىنى يورۇتۇپ قارىۋىدى، كۆۋرۈكنىڭ ئاجرىتىۋېتىلگەنلىكى ئېنىق كۆرۈندى كۆۋرۈكنى ساقلاپ تۇرغان يۇنكىرلار ھەربىي پاراخوت ۋارقىرىغاننى ئاڭلاپلا ئالاقزادە بولۇپ تىكىۋەتتى. پاراخوتتىكى ئېلېكتر ئىشچىلىرى كۆۋرۈكنىڭ ئاجرىتىۋېتىلگەن قىسمىنىڭ مېخانىك ئۈسكۈنىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. كۆۋرۈكنىڭ ئۈزۈك يېرى تۇتاشتى، نەچچە مىڭلىغان قىزىل گۋاردىيىچىلەر ۋە ئەسكەرلەر تەنتەنە قىلغان ھالدا كۆۋرۈكتىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ، قىشلىق سارايغا قاراپ ئېتىلدى...
11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى )رۇس كالېندارى بويىچە 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى( چۈشتىن بۇرۇن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پايتەختتىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە رايون ۋە ئورۇنلارنى ئىشغال قىلىپ، بارلىق ئاخبارات - خەۋەرلىشىش ئورۇنلىرىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلدى. سائەت 11 بولاي دېگەندە، بىر خەۋەرچى موتسىكىلىت بىلەن >ئاۋرورا< ماركىلىق ئوكيان چارلىغۇچىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى.
- تېز بولۇڭ، سىياسىي كومىسسار يولداش! - خەۋەرچى ھاسىرىغان ھالدا پاراخوتنىڭ كۆۋرۈكىگە يۈگۈرۈپ چىقىپ بېلىشېۋگە خەۋەر يەتكۈزدى، - يولداش لېنىن سىزنىڭ پاراخوتىڭىزنىڭ سىمسىز رادىئو ئىستانسىسى دەرھال رادىئودا ئاڭلاتسۇن دېدى...
بېلىشېۋ ئۇنىڭ قولىدىكى ۋەرەقىنى ئېلىپلا، ئۇنىڭغا: >روسىيە گراژدانلىرىغا مۇراجىئەت< دېگەن ماۋزۇدا: ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلدى، ھۆلەت ھاكىمىيىتى پېتروگراد سوۋېتىنىڭ ئورگىنى - ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ قولىغا ئۆتتى، دېگەندەك مەزمۇنلار يېزىلغانلىقىنى كۆردى.
تارىخىي خاراكتېرلىك بۇ ھۆججەت شۇ ھامانلا >ئاۋرورا< ناملىق ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتىنىڭ سىمسىز رادىئو ئىستانسىسى تەرىپىدىن دۇنياغا ئاڭلىتىلدى.
كەچقۇرۇنلۇقى قىشلىق ساراي تەرەپتىن پىلىموت ۋە مىلتىقلارنىڭ ئېتىش ئاۋازى دەرمەھەل كۆتۈرۈلۈپلا توختاپ قالدى.
توساتتىن، بىر قېيىق >ئاۋرورا< نىڭ يېنىغا كەلدى - ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ خەۋەرچىسى يەنە بۇيرۇق يەتكۈزدى: قىشلىق ساراينى ئىگىلەپ تۇرغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزالىرىغا ئولتىماتۇم تاپشۇرۇلدى. ئەگەر ئۇلار تەسلىم بولۇشنى رەت قىلسا، پېتروكرېپوست قىزىل نۇر بىلەن بەلگە بېرىدۇ. بۇ - >ئاۋرورا< نى قىسىملارغا قىشلىق سارايغا ھۇجۇم قىلىشنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئاۋرورا بېرىلگەن سىگنال.
بېلىشېۋ شۇ ھامان توپچىلارغا ھەممە تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ، پېتروكرېپوست قورغىنىدىن كۆتۈرۈلىدىغان قىزىل نۇرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى گويا باشقىچە ئاستىلاپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. بېلىشېۋ بىردەم سائىتىگە قارىسا، بىردەم قورغاننىڭ ئۈستىگە قارايتتى. سائەت سەككىز، توققۇز، توققۇز يېرىممۇ بولدى، قورغان ئۈستىدىن قىزىل ئوت نۇرى يەنىلا كۆتۈرۈلمىدى.
- نۇر، ئوت نۇرى كۆرۈندى! - پاراخوتتىكى بىرمۇنچە كىشىلەر تەنتەنە بىلەن ۋارقىراشتى.
بېلىشېۋ سائىتىگە قارىدى. سترېلكا توققۇزدىن 40 مىنۇت ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن بۇيرۇق بەردى:
- ئالدىنقى توپ، دىققەت -
توپچىلار توپ ئوقىنى >شارت< قىلىپ ستۋولغا سالدى.
بېلىشېۋ قىلچە ئارىسالدى بولماستىن ئېگىز كۆتۈرگەن قولىنى >ئات< دەپ بۇيرۇق بەردى.
توپنىڭ >گۈمبۈر< لەپ نەرە تارتىشى ۋە ھارارەتلىك ئوت نۇرىنىڭ ئاسماننىڭ قەھرىگە ئېتىلىپ چىقىشى بىلەن تەڭ كاتتا پاراخوتنىڭ ۋۇجۇدى تىترەپ كەتتى.
>ئاۋرورا< ناملىق پاراخوتىنىڭ توپ ئاۋازى پېتروگرادنى زىلزىلىگە كەلتۈردى، روسىيىنى زىلزىلىگە كەلتۈرى، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈردى.
>ئاۋرورا< ناملىق پاراخوتتىكى توپنىڭ نەرە تارتىشى بىلەن تەڭ قىشلىق ساراينى ئىگىلەش يولىدىكى شىددەتلىك كۈرەش باشلىنىپ كەتتى!