UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«يېڭى رېين گېزىتى»

«يېڭى رېين گېزىتى»

بەش مىڭ يىل 1848 - يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، كيۇلىندا يېڭى بىر گېزىت نەشىردىن چىقتى. ئۇنىڭ 1 - سانىنىڭ گېزىت ئىسىمى ئاستىغا «دېموكىراتلارنىڭ ئورگان گېزىتى» دېگەن چوڭ خەت بېسىلدى. ئاستىغا يەنە مۇھەررىرلەرنىڭ ئىسىملىكى - باش مۇھەررىر: كارل ماركس؛ مۇھەررىر: فرىدرىخ ئېنگېلس ۋە ۋولف ... لارنىڭ ئىسىمى يېزىلدى. ماركس پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى «رېين گېزىتى» نى تەقىپ قىلغاندىن كېيىن، دۆلىتىدىن كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئەمەسمىدى؟ ئۇ قانداق قىلىپ يەنە گېزىت چىقىرىدۇ؟ ئەسلىدە، 1848 - يىلى پۈتۈن ياۋروپانى قاپلىغان زور ئىنقىلاب پارتىلىدى. شۇ يىلى 2 - ئايدا، پارىژ خەلقى «ئىيۇل خاندانلىقى» نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. پۈتۈن گېرمانىيە بىر مەھەل جانلىنىپ كەتتى. 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاۋستىرىيىنىڭ پايتەختى ۋېنا قوزغىلاڭ كۆتەردى، باش ۋەزىر مېتېرنىخ قورققىنىدىن غال - غال تىترەپ، ئوپۇل - توپۇل ئايالچە ياسىنىپ قېچىپ كەتتى. 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، پرۇسسىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن خەلقى قوزغىلاڭ كۆتەردى. قوزغىلاڭچىلار پادىشاھ ئوردىسىنى قورشىۋېلىپ، 14 مىڭ ئەسكەرنىڭ ھۇجۇمىنى ئىسسىق قېنى بىلەن چېكىندۈردى. فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلدى! پادىشاھ بۇرژۇئا ھۆرىيەتچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھۆكۈمەت تەيىنلىدى. ۋەزىيەت ئىنقىلاب ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئىدى. پارىژدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ماركس بىلەن ئېنگېلس فرانسىيىدە ساياھەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيىلىك ئىشچىلارنى ئىتتىپاقنىڭ ئەزالىرى ئىدى. ئاممىنى تارقاق ھالدا قوزغاش ئۈچۈن، ماركس ئۇلارنى مەخپى ھالدا، تۈركۈمگە بۆلۈپ گېرمانىيىگە ئەۋەتتى. 4 - ئاينىڭ بېشىدا ماركس بىلەن ئېنگېلىسمۇ گېرمانىيىگە قايتىپ كەلدى. شۇ كەملەردە، گېرمانىيىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىدى، مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكى ئارقىسىدا، كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ كونا ئەزالىرىنىڭ بەزىلىرى قولغا ئېلىنغان، بەزىلىرى سۈرگۈن قىلىنغان ۋە بەزىلىرى يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇلارنى يىغىش ناھايىتى تەس بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا، ماركس خەلقنى سەپەرۋەر قىلىشنىڭ جەڭگىۋار سىگنالى سۈپىتىدە بىر گېزىت چىقىرىشنى قارار قىلدى. 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «يېڭى رېيىن گېزىتى» گېرمانىيىنىڭ ئىشچىلار سىنىپى مەركەزلەشكەن شەھىرى كيۇلىندا (پرۇسسىيىگە قاراشلىق) دۇنياغا كەلدى! گېزىت بايرىقى روشەن ھالدا، مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى تۇرۇپ، خەلقنى بېرلىندىكى مارت قوزغىلىڭىدىن كېيىن پادىشاھنىڭ كۆرۈشۈشتىكى يول قويۇشلىرىغا نىسبەتەن خام خىيالدا بولماي، دېموكىراتىيە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. «يېڭى رېيىن گېزىتى» نەشىر قىلىنىپ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن، پارىژدا ئىيۇن قوزغىلىڭى پارتىلىدى. فرانسىيە ئىشچىلىرى ئۆزىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كوچا ئىستىھكاملىرىدا قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلدى. ماركس بىلەن ئېنگېلس فرانسىيە ئىشچىلىرىنىڭ كۈرىشىنى گېزىتتە كونكىرىت خەۋەر قىلدى. قوزغىلاڭ ئەكسىيەتچىل قوشۇن تەرىپىدىن باستۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، گېزىت ئەكسىيەتچىلەرنىڭ قانلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى ھەمدە كۈرەشنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، بۇ قوزغىلاڭنىڭ ئەھمىيىتىنى تەپسىلىي بايان قىلدى. پۈتۈن ياۋروپا بۇرژۇئازىيىسى پارىژ قوزغىلىڭىغا قارشى تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، «يېڭى رېين گېزىتى» لا بۇ قوزغىلاڭ توغرىسىدا خەۋەر تارقىتىپ، ياۋروپا ئىنقىلابىنىڭ ماياكى بولۇپ قالدى. ئاممىنى تېخىمۇ قوزغاش ئۈچۈن، «يېڭى رېين گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرى بولغان ئېنگېلس بىلەن ۋولف كيۇلىندا ئاممىۋى يىغىن ئاچتى. يىغىنغا 6000 دىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى، ۋولف رەئىس بولدى. ئۇ، كيۇلىندىكى ئاممىنىڭ ۋاكالەتلىك تەشكىلاتى سۈپىتىدە «بىخەتەرلىك كومىتېتى» قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. يىغىن ئېنگېلس قاتارلىق 30 كىشىدىن تەركىپ تاپقاندىن بۇ كومىتېتنى بىر ئېغىزدىن سايلاپ چىقتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كيۇلىن خەلقى ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىغا ئىگە بولۇپ، دېموكىراتىك ھەركەت جۇش ئۇرۇپ قانات يايدى. ئارقىدىنلا، رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ۋورلىنگاندا كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ بولغان ئاممىۋى يىغىن چاقىرىلدى. ئېنگېلس يىغىننڭ كاتىپلىقىغا سايلاندى. يىغىندا ئاۋاز بېرىش يولى بىلەن «ئىجتىمائى دېموكىراتىك قىزىل جۇمھۇرىيەت» قۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدا قارار ماقۇللىنىپ، پرۇسسىيىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىش ئىرادىسى تىكلەندى. ئېنگېلس ۋورلىنگاندا يىغىن ئېچىۋاتقاندا، كيۇلىن ئاسمىنىنى قارا بۇلۇت قاپلىدى. پرۇسسىيىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىتى قىلىچىنى قېنىدىن سۇغۇردى. ئۇلار كيۇلىن شەھىرىگە 8000 ئەسكەر كىرگۈزۈپ، پۈتۈن شەھەردە ھەربى ھالەت ئېلان قىلدى، «يېڭى رېين گېزىتى» نى توختىتىشقا بۇيرۇدى ھەمدە ئېنگېلس قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ چاغدا، ئېنگېلس ئاممىنىڭ قوغدىشى بىلەن ئۆز يۇرتى بېرمېنغا يوشۇرۇنغان ئىدى. پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى تاپالمىغاندىن كېيىن، ئېنگېلسنى تۇتۇش ھەققىدە «قاچقۇننى تۇتۇش بۇيرۇقى» تارقىتىپ، ئېنگېلسنىڭ قىياپىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى كونكىرىت تەسۋىرلەپ، ھەر دەرىجىلىك ئىدارىلەر ۋە ئەمەلدارلاردىن ئۇنى ئىزلەپ تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما، ئېنگېلس بېلگىيىگە بېرىپ بولغان ئىدى. بېلگىيە ھۆكۈمىتى قولىدا پاسپورتى بولمىغان ئېنگېلسنى مېھمانجانىدىن ئىزلەپ تېپىۋېلىپ، «سەرگەردان» بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى - دە، مەھبۇسلار ھارۋىسىغا سېلىپ چېگرىغا ئېلىپ بېرىپ، «چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى». شۇنداق قىلىپ، ئېنگېلس نائىلاج پارىژغا باردى. شۇ كەملەردە، ئۇنىڭ يېنىدا بىر تىيىن پۇلمۇ بولمىغانلىقتىن، ھارۋا كىرا قىلالماي، قەيسەرلىك بىلەن توپ - توغرا ئىككى ھەپتە پىيادە مېڭىپ، كيۇلىنغا ئانچە يىراق بولمىغان شۋېتسارىيىگە يېتىپ كېلىپ، دۆلىتىگە قايتىپ كۈرەش قىلىشقا تەييارلاندى. ماركىسنىڭ قەتئى كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا، پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى پېچەتلىۋەتكەن «يېڭى رېين گېزىتى» داۋاملىق نەشر قىلىندى. ماركسنى ئامما كيۇلىن ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قىلىپ سايلىدى، خىزمەتلەردە زور يۈكسىلىش بولدى. ئۇ شۋېتسارىيىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇۋالغان ئېنگېلسقا دەرھال خەت يازدى. ئېنگېلس ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، 1849 - يىل 1 - ئايدا كيۇلىنغا قايتىپ كەلدى. بۇ چاغدا، گېرمانىيىدىكى ئىنقىلاپ ۋەزىيىتى يامانلىشىشقا باشلىغان ئىدى. 1848 - يىل 10 - ئايدا، ئاۋستىرىيىنىڭ ئەكسىيەتچىل ئارمىيىسى ۋېنا قوزغىلىڭىنى باستۇردى. 11 - ئايدا، پرۇسسىيە پادىشاھى بېرلىندا قوراللىق سىياسى ئۆزگىرىش قىلىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ھۆرىيەتچى مىنىستىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، يېڭىۋاشتىن مۇستەبىت ھۆكۈمەت تەشكىل قىلدى ھەمدە دېموكىراتىك گېزىت - ژۇرناللارنى پېچەتلىدى. 1849 - يىل 2 - ئايدا، پرۇسسىيىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىتى «يېڭى رېين گېزىتى» «تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى ھاقارەتلىدى ۋە ژاندارمىغا تۆھمەت قىلدى» دېگەن بىر «جىنايەت» نى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ماركس بىلەن ئېنگېلسنى سوتقا كېلىپ سوراققا ھازىر بولۇش توغرىسىدا بۇيرۇق يەتكۈزدى. سوت قىلىنغان كۈنى نۇرغۇن ئامما چەتتىن ئاڭلاشقا كېلىپ، سوتنىڭ ئىچى مىغىلداپ كەتتى. ماركس سوتتا، گېزىت ئەدلىيە ئەمەلدارىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى، بۇ تامامەن توغرا، دەپ كۆرسەتتى. ئېنگېلس بۇنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، گېزىت ئىشەنچىلىك پاكىتلارنى پاش قىلدى، خالاس. ئۇ پۈتۈنلەي گۇناھسىز، دېدى. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سورۇندىكى ئامما قىزغىن تەنتەنە قىلدى. سوت سوراقنى داۋاملاشتۇرالماي، ماركس بىلەن ئېنگېلسنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. 1849 - يىل 3 - ئايدا، فرانكفورت پارلامېنتى «گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» نى ماقۇللىدى. بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ كەمچىلىكلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا گېرمانىيىنىڭ بىرلىكى ۋە دېموكىراتىيىنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىنغان ئىدى، شۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇن بەگلىكلەردىكى پادىشاھلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. گېرمانىيىدىكى ئىككى چوڭ بەگلىك - ئاۋستىرىيە پادىشاھى بىلەن پرۇسسىيە پادىشاھى بۇ ئاساسىي قانۇنغا قارشى چىقتى. خەلق بۇ ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلدى، گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى جايلاردا، مۇستەبىتلىككە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ پارتىلىدى. ئېنگېلس ئېلبېرفلتقا كېلىپ، قوراللىق كۈرەشكە قاتناشتى، ئۇ يەردە مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى قۇردى، شەھەر ئىچىدىكى كوچا ئىستىھكاملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەكشۈردى، زەمبىرەكلەرنى قۇراشتۇردى، ۋاھاكازا ھەمدە ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ساپيورلار روتىسى تەشكىل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ئېنگېلس كيۇلىنغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، «يېڭى رېين گېزىتى» ماقالا ئېلان قىلىپ، قوزغىلاڭنى قوللىدى. پرۇسسىيە ھۆكۈمىتى ئېنگېلسنىڭ قوزغىلاڭغا قاتناشقانلىقىنى ئاڭلاپ، قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىنلا، ئۇنى تۇتۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ماركسنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. «يېڭى رېين گېزىتى» مەجبۇرىي توختاپ قالدى. 1849 - يىل 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، «يېڭى رېين گېزىتى» نىڭ 305 - سانى، يەنى ئەڭ ئاخىرقى بىر سانى ئالاھىدە قىزىل بوياق بىلەن بېسىلدى. تەھرىر بۆلۈمى گېزىتكە «خوشلىشى خېتى» نى باستى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان قەتئىي ئىشەنچىسىنى بىلدۈردى. ماركس بۇ گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى بولغانلىتقىن، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن پۇلغا يارايدىغان ھەممە نېمىسىنى سېتىپ، نابورچىكلار، مەتبە ئىشچىلىرى ۋە تەھرىرلەر، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋە باشقا خىراجەتلەرنى پۈتۈنلەي تۆلىگەندىن كېيىن، ئېنگېلس بىلەن بىللە كيۇلىندىن گېرمانىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى باشقا بەگلىككە كەتتى. ئېنگېلس غەربىي جەنۇبتىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا قاتىنىشىپ، ياردەمچى كوماندىر بولدى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم ئۇرۇشقا قاتناشتى، ھەر قېتىم ئۇرۇشتا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، دۈشمەننى باتۇرلۇق بىلەن قىرغانلىقتىن، كىشلەر ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدى. ئەكسىيەتچىل كۈچلەر ئۈستۈن كەلگەنلىكتىن، 1848 - يىلى ئىنقىلاب مەغلۇپ بولدى. ماركس بىلەن ئېگنېلس پارىژغا كەلدى. ئۇلار بۇ قېتىمقى ئىنقىلابنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، كونا دۆلەت ماشىنىسىنى زورلۇق كۈچ بىلەن پاچاقلاپ تاشلاش، پۇرۇلېتارىيات رەھبەرلىكىدىكى ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى قۇرۇش كېرەك، دەپ ھېسابلىدى ۋە پۇرۇلېتارىيات دىكتاتورىسى تەلىماتىنى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇردى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ