UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭبالا پايلاقچىلار

بالا پايلاقچىلار

بەش مىڭ يىل ياپونىيە پايتەختى نەنبونىڭ چوڭ كوچىسىدا بويى پاكار بىر بالا ئۇياق ـ بۇياققا قاتىراپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ ئىسمى تيەنسىلاڭ بولۇپ، چوڭ باينىڭ بالىسى ئىدى. ئەمما ئۇ قۇلىقىنى دىڭ قىلغان ھالدا كىشىلەرنىڭ گەپ ـ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىپ توختىماستىن كوچا بويلاپ ماڭاتتى. گاھى - گاھىدا تىقما - تىقماق بولۇپ كەتكەن ئادەملەر توپىغا كىرىۋېلىپ، جامائەتچىلىكتىكى خىلمۇ خىل پىكىرلەرگە قۇلاق سالاتتى. ئارقا كوچىدىكى بىر گۈرۈچ دۇكىنى ئالدىغا بىر مۇنچە دېھقانلار توپلىشىپ تۇراتتى. تيەنسىلاڭ بۇ يەرگە كېلىپلا توختىدى. - بۇ يىللاردا بىز دېھقانلارغا ياشايدىغان يول قالمىدى …، - دېدى بىرپىشقەدەم دېھقان ۋە بىر قاپ شالغا خوجايىندى بىر قاپ قارا ئاشلىق تېگىشتى. - سېنىڭ قارا ئاشلىغىڭ بولسىمۇ بار ئىكەن، مېنىڭ قارا ئشلىغىمنىمۇ ئىجارە يىغغۇچىلار بۇلاپ كەتتى. ھەي، ھازىرقى بۇ پىڭشى دېگەن قېرىمۇ ناھايىتى بىر رەھىمسىز بىرنىمە ئىكەن جۇمۇ … - بىر يىگىت ئاشۇنداق ۋايساپ تۇرۇپ بىر قاپ چا - چاتماق سېتىۋالدى. يىگىت دەۋاتان >پىڭشى قېرى< ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ كاتتا ھوقۇقنى ئىگەللىۋالغان پىڭ چىڭشېڭ ئىدى. بۇ ھەددى - ھېساپسىز دەپە - دۇنيالىرى ۋە توپ - توپ قۇل ـ دىدەكلىرى بار ئادەم بولۇپ، ئائىلىسىدە يەنەزور بىر تۈركۈم جاسۇسلارنى تەربىيىلىگەن ئىدى. شۇڭا، يىگىت بۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغان ھامانلا كىشىلەر جىددىلىشىپ كېتىشتى. - ھوي، كاللاڭغا دىققەت قىل، ماۋۇ قەيەر بىلەمسەن؟ - ئوتتۇرا ياشلىق بىر دېھقان ئاگاھلاندۇردى ھەمدە ۋەھىمە بىلەن تۆت ئەتراپىغا كۆز يۈگۈرتتى. - نېمىگە قورقاتتىم! قېنى ئۇ قېرى بىر كەلمىسۇنمۇ! - دېدى يىگىت چىمچىلىقىنى كۆرسىتىپ، - مۇشۇ چىمچىلىقىم بىلەنلا ئۇ قېرىنىڭ خېيىنى ئاسمانغا قىلىۋېتىمەن! - ئۇ شۇنداق دەپ ھەييارلىق بىلەن ئىڭەك تاشلىدى - دە جامائەتنى قاھ - قاھلىتىپ كۈلدۈرۈۋەتتى. ئارقىدىنل كۆپچىلىك ئۇ بۇنى، بۇ ئۇنى دەپ غۇلغۇلا قوزغىۋەتتى. بەزىلەر، ياق، پىڭ چىڭشېڭ ئاچكۆز ئالۋاستىدىن تۇغۇلۇپتىكەن، ھامان ياخشى كۈن بىلەن ئۆلمەيدۇ، دېيىشەتتى. كۆپچىلىك سۆزلىگەنسېرى غەزەپلىنەتتى، دەرھال ئۇنىڭ سارىيىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ قېرىنى تازا بىر دۇمبالىۋالغۇسى كېلەتتى. كىشىلەر پىڭ چىڭشېڭغا نېمىشكە بۇنچىۋالا نەپرەتلىنىدۇ؟ ئەسلىدە بۇنىڭ سەۋەبى بار ئىدى. يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، داخۇ ئىسلاھاتىدىن كېيىن دېھقانلار يەرگە ئىگە بولغان. ئىشلەپچىقىرىشتا تەرەقىيات بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەيلا مەملىكەت بويىچە بىر مۇنچە اېئودال قورۇق ئىگىلىرى پەيدا بولغان، دېھقانلار يەنە فېئودال قورۇق ئىگىلىرىنىڭ دەھشەتلىك ئېكسپىلاتاتسىيىسىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئەسلىدىكى كونا ئاقسۆڭەكلەر ئاۋالقىدەكلا مەرتىۋىسىنىڭ يۇقۇرى - تۆۋەنلىگى ۋە تۆھپىسىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكىگە قاراپ خان ئوردىسىدىن مۆھۈرلەپ بېرىلگەن مەرتىۋە يېرى، مەنسپە يېرى ۋە تۆھپە يەرلىرىگە ئىگە بولۇۋالغان ئىدى. ئاقسۆڭەكلەر ئىگەللىۋالغان يەرلەر كېيىنكى كۈنلەردە تەرەققىي قىلىپ دۆلەتكە باج تاپشۇرمايدىغان قورۇقلارغا ئايلانغان. پىڭ چىڭشېڭ بولسا دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ قورۇق ئىگىسىگە ئايلانغان ئىدى. فېئودال قورۇق ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قورۇقلىرىنى ساقلاپ تۇرۇش ئۈچۈن، قورۇق پۇقرالىرىنى ھەمىشە چامباشچىلىقنى ئۆگىنىشكە، ئوق ـ يا ئېتىشنى، ئات مىنىشنى مەشق قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنى قورۇقلىرىنى قوغدايدىغان >سامورايلار< غا ئايلاندۇرغان ئىدى. ئۇلار قانداشلىق ياكى خوجايىنلىق ياكى بوي سۇنۇش مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىپ، بىر مۇنچە قورۇقلاردىكى سامورايلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەربىي گۇرۇھ تەشكىل قىلغان ئىدى. سامماۋى خان دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرامچى بولسا، جايلاردىكى تەسىر كۈچى بار سامورايلار داھىسىنى ئۆز ئىلكىدىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ بېرىپ باستۇرۇشقا ئەۋەتەتتى، شۇنىڭ بىلەن سامورايلارنىڭ كۈچ قۇدىرىتى بارغانسېرى ئۇلغىيىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ چاغدا، مەملىكەت بويىچە ئەڭ زور بولغان سامورايلار گۇرۇھى پىڭشى ۋە يۈەنشى گۇرۇھى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ياپونىيە خانلىرىنىڭ ئەۋلادى ئىدى. پىڭشى گۇرۇھى گۇەنشىدا )ياپونيىنىڭ خۇنسىيۇنىڭ غەربىدە(، يۈەنشى گۇرۇى گۇەندۇڭدا )ياپونىيىنىڭ خۇنسىيۇنىڭ شەرقىدە( تۇراتتى. پىڭشى، يۈەنشىلارنىڭ تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى ئۇلغىيىپ بارغاچقا، ھەمىشە بىر بىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ تۇراتتى. كېيىنكى كۈنلەردە، پىڭ چىڭشېڭنىڭ باشچىلىقىدىكى پىڭ غوجام گۇرۇھى، خان جەمەتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، سامماۋى ىاننى قوغداش نامى بىلەن سامورايلار قوشۇنىنى باشلاپ بېسىپ كىرىپ پايتەختنى تىزگىنلىۋالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ خاندانلىقنىڭ ھاكىمىيىتى پۈتۈنلەي پىڭ چىڭشېڭنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. پىڭ چىڭشېڭ پايتەختكە كىرىۋالغاندىن كېيىن، خىيانەتچىلىك قىلىپ چىرىپ كەكتەن، ئەيشى ـ ئىشرەت، كەيپ - ساپاغا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلگەن. دېھقانلار ئۇنىڭ ئېغىر باج - سېلىقلىرىنڭ ئېكىسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلمى ئاستىدا خانىۋەيران بولۇپ، سەرسان - سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن شۇڭا ئۇنىڭ نامى تىلغا ئېلىنسا كىشىلەرنىڭ چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، چەكسىز نەپرەتلىنىشى تۇرغان گەپ. ئەمما پىڭ چىڭشېڭ تولىمۇ قاتتىق قول ئادەم بولغاچقا، پايتەختنى ئىنتايىن قاتتىق تىزگىنلىۋالغان ئىدى. كىشىلەر گۈرۈچ دۇكىنىنىڭ ئالدىدا بىردەم غۇلغۇلا قىلپ، تارقىلىشقا تەمشىلىۋاتاتتى. توساتتىن سامورايلار ئەترىدىن كېلىپ گۈرۈچ دۇكىنىنى قورشىۋالدى. - پىڭ بېگىمنىڭ خېيىنى ئاسمانغا قىلماقچى بولغان كىم؟ ھە؟ - سامورايلارنىڭ ساۋۇت كىيگەن بىر كاتتىۋېشى قاتتىق ۋاقىرىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئاشۇنداق سوراق قىلسا، بىر تەرەپتىن زەھەرخەندىلىك بىلەن كىشىلەر توپىغا كۆز يۈگۈرتەتتى. بىردەمدىن كېيىن ھېلىقى يىگىتنىڭ ئالدىغا كېلىپلا توختىدى. - سەن، شۇنداقمۇ؟ - ئۇ ھېلىقى يىگىتنىڭ قولىنى ئارقىسىغا قارىدى - دە يىگىتنىڭ ئوڭ كاچىتىغا ئارقا تەرەپتىن >تاس< قىلىپ بىر مۇشت ئۇردى. يىگىتنىڭ مەڭزى بىردەمدە كۆكىرىپ چىقتى، ئەمما ئۇ ۋايجان دېمىدى، جان - جاھلى بىلەن بىرلا سىلكىپ قولىنى تارتىۋالدى - دە سامورايلار كاتتىۋېشىنىڭ بېشىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سېلىپ، خۇددى باغلاقتىن قاچقان ياۋايى ئاتتەك تېزلىك بىلەن كوچىغا قېچىپ كەتتى. - تۇتۇڭلار، توپىلاڭچىنى تۇتۇڭلار! - سامورايلار كاتتىۋېشى ھۆكىرىگىنىچە يىگىتنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يۈگۈردى. ھەش ـ پەش دېگىچە جامائەت ئۆرە - تۆپە بولۇپ كېتىشتى. كىشىلەر سامورايلار كاتتىۋېشىنى ئەتەي ئورىۋېلىشتى. سامورايلار قىلىچلىرىنى تەڭلىگەن ھالدا كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئالغا قاراپ چېپىشتى، ئەمما ھېلىقى يىگىتنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرەلمىدى. كىشىلەر ھەيران بولۇشتى، باياتىن قىلغان سۆزلەرنى سامورايلار قانداق بىلىۋالغاندۇ؟ شالغا ئاش تېگىشكەن ھېلىقى بوۋاي يەنە سەزگۈرلۈك بىلەن ئويلىدى ـ دە، باياتىن جامائەت غۇلغۇلا قىلىۋاتقاندا بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى، ئەمما بىردەمدىن كېيىنلا يوقىلىپ كەتكەنلىگىنى؛ سامورايلار يېتىپ كەلگگندە ئۇنىڭ يەنە پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى. - جەزمەن شۇ، كىچىك پايلاقچى! - كىشىلەر غەزەپ بىلەن شۇنداق دېيىشىپ، ئاشۇ ئوغۇل بالىنى ئىزلەشتى - يۇ، تاپالمىدى. بالىلارنى پايلاقچىلىققا سېلىشنى پىڭ چىڭشېڭ ئىجاد قىلغان ئىدى. ئۇ شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نارازى بولۇۋاتقانلىقىنى، دوقمۇش - دوقمۇشتا سۆز - چۆچەك قايناپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. سامورايلار كوچىغا چىققان ھامان كىشىلەر دەرھال تارقىلپ كەتكەچكە، غۇلغۇلا ئەھۋالىدىن پىڭ چىڭشېڭ ھېچنىمىنى بىلەلمەيتتى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك سامورايلىرىغا 300 نەچچە بالىنى توپلاپ مەشق قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئايغاقچىلىققا سالغان ئىدى. پىڭ ىڭشېڭ، يوقسۇل بالىلارغا: گەپنى ئوبدان ئاڭلاپ، ماڭا ئىش قىلىپ بېرىدىغانلا بولساڭلار، يىمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلماڭلار، نېمە دېسەڭلار شۇ ھازىر بولىدۇ، دېگەن ۋە شۇ گەپ بىلەن بالىلارنى ھەر كۈنى كوچىدا يۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئوردا ھاكىمىيىتى توغرىسىدا قىلغان گەپ ـ سۆزلىرىنى تېزلىكتە خەۋەر قىلىشقا بۇيرۇغان ئىدى. بالىلار خەۋەرلەرنى تېز، توغرا يەتكۈزەلىسە تاماق بېرىلەتتى؛ خەۋەر قىلمىسا ياكى پايلاقچىلىق قىلغىلى ئۇنىمىسا قاتتىق دۇمبالىناتتى. بىر يېتىم بالا بۇنداق ئىشنىڭ كەمبەغەللەرگە پايدىسىزلىقىنى بىلىپ قېلىپ، پايلاقچىلىق قىلغىلى ئۇنىمىغانلىقتىن، سامورايلار 300 بالىنىڭ ئالدىدا ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى. پىڭ چىڭشېڭنىڭ رەھىمسىز ۋە زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرقى ھېساپتا ئۇنى يەنىلا ھالاكەت تەدىرىدىن قۇتۇلدۇرپ قالالمىدى. مىلادى 3118 - يىلى، گۇەندۇڭدىكى يۈەنشى گۇرۇھى پۇقرالارنىڭ پىڭشى گۇرۇھىغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، سامورايلىرىنى باشلاپ پايتەختكە بېسىپ كىردى. پىڭ مەزھىپىدىكىلەر مەغلۇپ بولۇپ، ھەممىسى بىرلىكتە شىخەيگە قېچىپ كەتتى. 1185 - يىلىغا كەلگەندە، يۈەنشى ئاخىرقى ھېساپتا پىڭشى مەزھىپىنى يوقاتتى. شۇ چاغدا، پىڭ چىڭشېڭنىڭ ھىمايىسى بىلەن تۇرۇۋاتقان سامماۋى خان ئەندى )پىڭ چىڭشېڭنىڭ قىز جيەنى( مۇ ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلاپ ئۆلۈۋالدى. يۈەنشى، پىڭشىنى يوقاتقاندىن كېيىن، ليەنساڭ )ھازىرقى توكويونىڭ جەنۇبى( دا سامورايلار ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ، مەركىزىي ھاكىمىيەت خاراكتېرىنى ئالغان >ليەنساڭ بارگاھى< نى تەشكىل قىلدى. >ليەنساڭ بارگاھى< ياپونىيە تارىخىدا بىرىنچى بولۇپ مەيدانغا كەلگگن بارگاھ ئىدى. بارگاھنىڭ ئەڭ ئالىي باشلىقى سەركەردە ئىدى. بارگاھتا مەمۇرىيەت باقانلىقى )مەمۇرىي ئىشلار ئىدارىسى(، مۇاپىئە باقانلىقى 0ەرببي ئىشلار ئىدارىسى(، سوراقچىلىق باقانلىقى )ئەدلىيە ئىدارىسى( قاتارلىق مەركىزىي ئاپاراتلار بولۇپ، ھەر قايسى ئۆز تەۋەلىگىدىكى ئىشلاردا سەركەدگە نايىپلىق )ياردەمچىلىك( قىلاتتى. بۇ دەۋردە سامماۋى خان باشچىلىقىدىكى خان ئوردىسى يەنىلا مەۋجۇت ئىدى. سامماۋى خان نامدا يەنىلا دۆلەتكە باش خان بولۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ھوقۇقى يوق ئىدى. سەركەردە باشچىلىقىدىكى سامورايلار ھاكىمىيىتى - بارگاھ، ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئىگەللىۋالغان ئەڭ ئالىي ھۆكۈمران ئىدى. بارگاھ ھۆكۈمرانلىقى ياپونىيىدە 700 يىلغىچە داۋام قىلىپ، 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆتكەن سامماۋى خان مىڭجژ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىلا، ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ