UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭدۆلەت ھامىسى

دۆلەت ھامىسى

بەش مىڭ يىل بەش كۈندىن كېيىن، ئەنگىلىيە پادىشاھى چارلىزⅠ گە ئۆلۈم جازاسى بېرىگەن خەۋەر شوتلاندىيىنىڭ پايتەختى ئېدىنبورگقا يېتىپ كەلدى. ئەتىسى شوتلاندىيە پارلامېنتى چارلىزⅠ نىڭ ئوغلى چارلىزⅡ نى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئەنگلىيە پادىشاھىنى نېمە ئۈچۈن شوتلاندىيە پارلامېنتى تىكلەيدۇ؟ بۇ يەردە مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار: ئەنگلىيە بىلەن شوتلاندىيە بۈيۈك برىتانىيە ئارىلىغا جايلاشقان بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئىدى. بىز 3 - كىتاپچىدا شوتلاندىيىنىڭ ئايال پادىشاھى مارىيەنى ئەنگىلىيىنىڭ ئايال پادىشاھى ئېلزابى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئېلزابىمۇ ئۆلدى، ئۇنىڭ يا ئوغلى، يا قىزى بولمىسا، پادىشاھلىققا كىم ۋارىسلىق قىلىدۇ؟ ئېلزابىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، شوتلاندىيە پادىشاھى _ مارىيەنىڭ ئوغلى لوندونغا ئېلىپ كېلىنىپ، ئەنگلىيە پادىشاھنىڭ ۋارىسى قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتتە بىر پادىشاھ بولۇشتەك غەلىتە ئىش يۈز بەردى. چارلىزⅠ مارىيەنىڭ نەۋرىسى ئىدى، ئۇنىڭ شوتلاندىيىنىڭمۇ پادىشاھى بولۇشى مەقەررەر ئىدى. ئۇنىڭغا ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئۆلۈم جازاسى بەرسە، شوتلاندىيە پارلامېنتى ئۇنىمايتتى، ئەلۋەتتە. شۇڭا، ئۇنىڭ ئوغلى چارلىزⅡ نى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى ھەمدە ھەربى ھازىرلىقنى جىددىلەشتۈرۈپ، ئەنگلىيىگە جازا يۈرۈشى قىلىشقا تەييارلاندى. لوندوندىكى كەيپىيات ئىنتايىن جىددىلىشىپ كەتتى. ئەنگلىيە پارلامېنتى كرومۋېلغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن دەرھال ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ چاغدا لوندوندا يوق ئىدى. ئۇ نەگە كەتكەن بولغىيتتى؟ ئۇ ئېرلاندىيىگە يۈرۈش قىلىپ، ئۇ يەردىكى خەلقلەرنى قىزغىن قىلىۋاتاتتى. ئېرلاندىيە _ بۈيۈك برىتانىيىنىڭ غەربىدىكى بىر ئارال. ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىرى ئېرلاندىيىنى ئۆز تەۋەسىگە قوشۇۋېلىشنى ئاللىقاچان كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرەتتى. چارلىزⅠ نىڭ ئەركە ۋەزىرى سىترافورد ئېرلاندىيىگە تاجاۋۇز قىلىشتا باش سەركەردە بولغان. 1649 - يىلى ئەنگلىيە پارلامېنتى كرومۋېلنى ئۇزۇن سەپەر ئارمىيىسىگە باش قوماندان بولۇشىنى قارار قىلدى. كرومۋېل دەرھال 130 ھەربى كېمىدىن تەركىپ تاپقان زور پاراخوت ئەترىدى تەشكىل قىلىپ، تولۇق قوراللانغان 12 مىڭ ئەسكەر بىلەن ئېرلاندىيىگە بېسىپ كىردى. كرومۋېل قوراللىق ئېرلاندىيىلىكنى كۆرگەن ھامان، قويماي قىرىپ تاشلاش، تۇتقۇن قىلىنغان ئېرلاندىيە ئاھالىسىنى غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىغا ئاپىرىپ سېتىپ قۇل قىلىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. شوتلاندىيىلىكلەرنىڭ چارلىزⅡ نى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئېرلاندىيىگە تارقىلىش بىلەنلا، كرومۋېل ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپەر ئارمىيىسىدىكى باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى كۈيئوغلى ئېلتونغا تاپشۇرۇپ، كېچىلەپ لوندونغا قايتىپ كېلىپ، ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلاندى. 1651 _ يىلى يېڭى يىل كۈنى، چارلىزⅡ شوتلاندىيىنىڭ شىمالىدىكى بىر يېزىدا رەسىمىي تاج كىيىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مۇشۇنداق چوڭ ئىش نېمە ئۈچۈن شوتلاندىيىنىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلمەيدۇ؟ بۇنىڭغا كرومۋېلىنىڭ تېزلىكتە ئەسكەر باشلاپ كېلىپ، ئېدىنبورگنى بېسىۋالغانلىقى سەۋەپ بولغان. _ ھا، ھا، ھا، بۇ ئويۇن ئەمدى ئاخىرلىشىدىغاندەك قىلىدۇ! _ دېدى كرومۋېل دىلغۇل بولمايلا تولۇق ئىشەنچ بىلەن. _ شۇنداق، گېنېرال، سىلى ئۇچقاندەك يۈرۈش قىلىۋاتىلا، چارلىزⅡ تاجنى ئۇزاق كىيەلمەيدۇ، _ دېدى بىر گېنېرال قوشۇلۇپ. _ گېنېرال. سىلى قالتىس قوماندانلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، يېقىنقى جەڭدە شوتلاندىيىنىڭ 3000 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى. ئون مىڭ ئەسكىرى ئەسىر ئېلىندى، ئەمما بىز 20 كىشىنى چىقىم تارتتۇق! سىلىدەك تالانتلىق كىشى تۇرغان يەردە، شوتلاندىيىلىكلەرنى يوقىتىشتا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز، _ دېدى يەنە بىر گېنېرال قوشۇلۇپ. _ مېنىڭ بىر قارام پىلانىم بار، _ دېدى كرومۋېل روھلىنىپ، _ بارلىق ھەربىي پاراخوتلارنى يىغىپ، چاقماق تېزلىگىدە شوتلاندىيىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، جەنۇپ ۋە شىمال تەرەپتىن قىسىپ زەربە بېرىپ، چارلىزⅡ نىڭ قوشۇنلىرىنى پاك _ كىز يوقىتايلى! _ بارىكاللا! قوشۇلىمىز! _ بۇ قالتىس دانىشمەنلىك! _ دېيىشتى گېنىراللار دۈررىدە. بىراق كرومۋېل ئەسكىرىي كۈچىنى شىمالغا يۆتكەپ، چارلىزⅡ نىڭ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىشىغا يول ئېچىپ بەردى. 1651 - يىل 8 - ئايدا، شوتلاندىيە قوشۇنلىرى ئەنگىلىيە تەۋەسىگە بېسىپ كىردى. _ ئەسكەرلەر قايتۇرۇلۇپ، جەنۇپقا يۈرۈش قىلىنىسۇن! _ دەپ بۇيرۇق قىلدى كرومۋېل. ئۇ بۇ نۆۋەت ئەسكەر يۆتكەشتە ئالاھىدە ئېھتىيات قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئىككى قىسمنىڭ يۆتكەپ، ئۈچ باراۋەر ئەسكىرىي كۈچ بىلەن چارلىزⅡ نىڭ مۇھاسىرىگە ئالدى. 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شوتلاندىيە قوشۇنلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى، چارلىزⅡ پادىشاھ پەرەسلەرنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئوغرىلىقچە فرانسىيىگە قېچىپ بېرىپ، جېنىنى ساقلاپ قالدى. كروۋېل غەلىبىسېرى ئېلىگىرىلەپ، پۈتۈن شوتلاندىيىنى بېسىۋالدى. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن «غالىپ گېنېرال» دېگەن نامغا ئىگە بولدى. _ ئەمدى پارلامېنت ئەزالىرى غوجاملارنى جايلايدىغان ۋاقىت كەلدى! _ دەيتتى شوتلاندىيىدىن غەلىبە قازىنىپ قايتىپ كەلگەن كرومۋېل ھەربى ھوقۇققا قانائەت قىلماي، _ بۇ پارلامېنت ئەزالىرى خىيانەت قىلدى، كۆز بويىدى، ئۇلارغا ئۆزەمنى بىر كۆرسىتىپ قوياي! 1653 - يىل 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، كرومۋېل لوندوندىكى ئاق سارايدا كوماندىرلار يېغىنىنى چاقىرىپ، پارلامېنتنىڭ ئۆزلۈگىدىن تارقىلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. ئەتىسى پارلامېنت يېغىن ئېچىپ، يېڭى سايلام قانۇنىنى تەييارلاپ، كرومۋېلغا ئاشكارا قارشى چىقتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كرومۋېل: _ مەن دەرھال پارلامېنتقا باراي ! _ دېدى ئاچچىغىنى باسالماي ۋە مۇراسىم كىيمىنى كىيشكە ئۈلگۈرمەيلا، بىر قىسىم ئەسكەرلەرنى ئەگەشتۈرۈپ پارلامېنتقا بېسىپ كىردى. _ پارلامېنت ئەزالىرى ئەپەندىلەر! سىلەرنىڭ جىنايى قىلمىشىڭلار ناھايىتى كۆپ، ئاللا سىلەردىن يۈز كىشىلەرنى تاللاش كېرەك! _ دېدى كرومۋېل كۆتىرەڭگۈ ئاۋاز بىلەن توۋلاپ. _ پارلامېنتنى ھاقارەتلەشكە قانداق پېتىنىۋاتىسىز! _ دېيىشتى پارلامېنت ئەزالىرى كرومۋېلنى غەزەپ بىلەن ئەيىپلەپ. _ بولدى! بولدى! ئاغزىڭلارنى يۇمۇڭلار! _ دەيتتى كرومۋېل يەرنى تەپكەن پېتى ۋارقىراپ، _ سىلەرنىڭ پارلامېنتىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، سىلەرنى تەقىپ قىلىمەن! كرومۋېل ئارقىدىنلا پارلامېنت ئەزالىرىنى بىر _ بىرلەپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ: _ سەن ھاراقكەش! سەن پاھىشىۋاز! سەن پارىخور خىيانەتچى! سەن ئەخلاقسىز بۇزۇق! ھەممىڭ كۆزۈمدىن يوقال! _ دېدى. كرومۋېل قولىنى سىلكىش بىلەنلا، ماۋزورلىرىنى بەتلىگەن ئىككى رەت ئەسكەر پارمېنتقا بېسىپ كىرىپ، پارمېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنى قوغلاپ چىقاندى. پارلامېنت باشلىقىلا قىمىر قىلماي ئولتۇراتتى، كرومۋېل دەرھال ئادەم چاقىرىپ، ئۇنى زالدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى بۇيرۇدى. _ سايلام قانۇنى لايىھىسىنى بەر! _ دېدى كرومۋېل پارلامېنت كاتىۋىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئاندىن بۇ ھۆجەتنى تارتىۋالدى ۋە شەپكىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئىچىگە سالغاندىن كېيىن يەنە بېشىغا كىيىۋالدى. _ بۇ ئويۇنچۇقنى قانداق قىلساق بولىدىكىن؟ _ دېدى كرومۋېل پارلامېنت باشلىغىنىڭ ھاكىم تايىغىنى قولىغا ئېلىپ، _ بۇنى تاشلىۋېتىڭلار! ھاكىم تايىغى ئەسلىدە ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۋولى ئىدى، ئەمما كرومۋېلنىڭ قولىدا «ئويۇنچۇق» بولۇپ قالدى. _ ئىشىك قۇلۇپلانسۇن! _ دەپ بويرۇق بەردى كرومۋېل پارلامېنت زالىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ. 1653 - يىل 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى لوندوندا تەنتەنىلىك خىزمەت تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. گېنېراللار، سوتچى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، لوندون شەھىرىنىڭ باشلىقى قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى كرومۋېلنى «ئەنگلىيە _ شوتلاندىيە _ ئېرلاندىيىنىڭ دۆلەت ھامىسى» بولۇشقا تەكلىپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدە ھەربىيلەر يىغىنى تەييارلىغان «ھۆمرانلىق ھۆججىتى» ئوقۇلدى. بۇ ھۆججەت ئەنگلىيىنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنى ئىدى. «ھۆكۈمرانلىق ھۆججىتى» دە، دۆلەت ھامىسى ئۆمۈرۋايەتلىك ۋەزىپە بولىدۇ، دۆلەتنىڭ بارلىقى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش فاڭجېنى دۆلەت ھامىسى ماقۇللىغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. _ مەن يېڭى ئاساسىي قانۇن بولغان «ھۆكۈمرانلىق ھۆججىتى» گە سادىق بولۇشقا قەسەم بېرىمەن، _ دېدى كرومۋېل ۋە قەسەميات قىلىپ بولغاندىن كېيىن. پادىشاھنىڭ تەختىراۋانىغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاپ ئوتتۇرىدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇ بېشىغا ئالتۇن جىيەكلىك شەپكە، ئۇچىسىغا مۇراسىم كىيىمى كىيىپ تۇرۇپ، بۇ ئالى ۋەزىپىنى قوبۇل قىلدى. مۇراسىم ئەمەلىدارى دۆلەت تامغىسى - دۆلەت مۆھۈرىنى سۇندى. لوندون شەھىرىنىڭ باشلىغى دۆلەتنىڭ ئالى قوماندانىنىڭ سىموۋولى بولغان شەمشەرنى سۇندى. بۇلارنى كرومۋېل بىر _ بىرلەپ قوبۇل قىلدى. ئەسكەرلەرنىڭ تەنتەنە سادالىرى ئىچىدە، دۆلەت ھامىسىنىڭ خىزمەت تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئاياقلاشتى، كرومۋېل ئاق سارايغا كىرىدى. كرومۋېل ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى 1658 _ يىلى كېسەل بولۇپ ئۆلگەنگە قەدەر ئەنگىلىيىنىڭ ئالى ھۆكۈمرانى بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
دۆلەت ھامىسى | UyghurWiki | UyghurWiki