سېداندىكى مەغلۇبىيەت
بەش مىڭ يىل
پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسى قانداق بولۇپ پرۇسسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىنتايىن تېزلىكتە بىتچىت قىلىۋېتىلدى؟
ئەسلىدە، پرۇسسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىش پۈتۈنلەي فرانسىيە پادىشاھى ناپالېئون Ⅲ نىڭ ھەربىي تەۋەككۈلچىلىكى بىلەن بولغانىدى. ئۇ ساددىلىق بىلەن: پرۇسسىيە سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىشتىن ئاۋۋال تېز سۈرئەتتە گېرمانىيىگە بېسىپ كىرگەندە، گېرمانىيىنىڭ شىمالىي بىلەن جەنۇبىنى بۆلۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى ئەجەللىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە فرانسىيە ئارمىيىسىدە تولۇق تەييارلىق يوق ئىدى. 400 مىڭ ئارمىيىدىن ئالدىنقى سەپكە يۆتكەشكە بولىدىغىنى پەقەت 200 مىڭ ئىدى. ئارمىيە قۇرۇلمىسى قالايمىقان بولغاچقا، ئوفتىسېرلار قوشۇنلىرىنى، قوشۇنلار ئوفىتسېرلىرىنى تاپالمىدى، بەزى گېنېراللار ئافرىقىدا بولۇپ، ئۇرۇش باشلانغۇچە تېخى قوزغالمىغانىدى. چاكىنا ۋە ئىقتىدارسىز گېنېراللار رەقىبى تەرەپكە تاجاۋۇز قىلىش كويىدىلا بولۇپ كېتىپ، گېرمانىيىنىڭ خەرىتىسىنى ئېلىپ، ئۆز ئېلىنىڭ چېگرا خەرىتىسىنى ئالمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىشنىڭ بېشىدىلا پاتىپاراقچىلىق باشلاندى.
ئۇرۇش ئېلان قىلىنىپ 8 - كۈنىگە بارغاندىلا، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى 250 مىڭ كىشىلىك سەككىز جۈن قوشۇننى ئۆز ئېلىنىڭ چېگرىسىغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ سۆرەلمىلىك، پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى توپلىۋېلىشىغا تولۇق ۋاقىت تۇغدۇرۇپ بەردى.
يەنە ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ناپالېئون Ⅲ شەخسەن ئۆزى فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مېتس قورۇلىغا كېلىپ، ئۆزى باش قوماندان بولۇۋالدى. ئۇرۇش پىلانى بويىچە، فرانسىيە ئارمىيىسى 2 - كۈنىلا دۆلەت چېگرىسىدىن ئۆتۈپ بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن، قىسىملارنىڭ قورال - ياراق، ئوق - دورا، ئوزۇق - تۈلۈكلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، ناپالېئون Ⅲ دىلىغۇل بولۇپ قېلىپ، يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشكە پېتىنالمىدى، قىسىملارنى دۆلەت چېگرىسىدا توختىتىپ قويۇپ، جەڭ پۇرسىتىنى يەنە بىر قېتىم كەتكۈزۈپ قويدى.
8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، فرانسىيە ئارمىيىسى ئاخىرقى ھېسابتا گېرمانىيە چېگرىسىدىن باستۇرۇپ كىردى. بۇ چاغدا، پرۇسسىيە ئارمىيىسى يۆتكەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئورۇنداپ بولۇپ، 400 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن سەپ تارتىپ تەييار تۇرغانىدى. فرانسىيە ئارمىيىسى چېگرىدىن كىرىپلا پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ قاقشاتقۇچ زەربىسىگە ئۇچرىدى.
ئىككى كۈندىن كېيىن، پرۇسسىيە ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، فرانسىيە ئارمىيىسى پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار بولدى، ئۇرۇش بىردىنلا فرانسىيە تەۋەلىكىگە بۇرۇلدى.
ناپالېئون Ⅲ ۋەزىيەتنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ھارۋىغا ئولتۇرۇپ، شەرمەندىلەرچە پارىژنىڭ شەرقىدىكى شارلونغا قېچىپ كەتتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، يەنە مارشال مىكماخوننىڭ 120 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن شەرقىي شىمال تەرەپكە قاچتى. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئامالسىز، بېلگىيە بىلەن چېگرىداش سېدان قورۇلىغا قېچىپ بارىدۇ.
ناپالېئون Ⅲ قورۇلغا كىرگەندىن كېيىن ماكماخونغا:
- سېداندا قەلئەلەر كۆپ، ئىستىھكاملار مۇستەھكەم، ساقلاشقا ئاسان، ھۇجۇم قىلىش قىيىن بىر قورۇل. ئارمىيىمىز بۇ قورۇلنى مەھكەم ساقلاپ ياردەم كۈتۈشى كېرەك، ھەرگىز يەڭگىللىك قىلماسلىقى كېرەك، - دېدى.
- دېگەنلىرى ھەق، راست پادىشاھى ئالەم، - دېدى مىكماخون، - دۈشمەن ئارمىيىسى تاپ باستۇرماي قوغلاپ كەلمەكتە. قوشۇنىمىزدىكى ئەسكەرلەرنىڭ كەيپىياتى سۇسلاشماقتا؛ قورۇلنىڭ سىرتىدىكى بىزگە پايدىلىق جايلارمۇ پۈتۈنلەي دۈشمەن ئارمىيىسى تەرىپىدىن تىزگىنلىنىپ كەتتى، يەڭگىللىك بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، جەزمەن تېخىمۇ ئېغىر جاراھەتلىنىمىز. قورۇلنى مەھكەم ساقلاپ ياردەم كۈتۈش ھەقىقەتەن ئەلا تەدبىر.
شۇنداق قىلىپ فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ كاتتا قىسمى تار قورۇلغا قاپسىلىپ قالدى ۋە پرۇسسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قورشىۋېلىندى.
9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تاڭ يورۇش بىلەن تەڭ سېداندا جەڭ باشلاندى.
پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ 700 زەمبىرىكىدىن غايەت ھەيۋەتلىك گۈمبۈرلەش ساداسى كۆتۈرۈلدى. زەمبىرەك ئوقلىرى سېدان قورۇلىغا خۇددى مۆلدۈردەك چۈشتى. شۇئان يەر - زېمىن زىلزىلىگە كېلىپ، تام - تورۇسلار گۈلدۈرلەپ يېقىلىپ، پۈتكۈل قورۇل قويۇق ئىس - تۈتەكلەر بىلەن ئوت دېڭىزىغا غەرق بولدى.
ئارقىدىنلا 200 مىڭ كىشىلىك پرۇسسىيە ئارمىيىسى قورۇلغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ بولغاندا، فرانسىيە ئارمىيىسىدىن 17 مىڭ كىشى ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان بولسىمۇ، يەنىلا جەسۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇردى.
لېكىن، ناپالېئون Ⅲ قورقۇپ كەتتى. ئۇ مىكماخوننىڭ قوماندانلىق ئورنىغا كېلىپ:
- مارشال، سىزنىڭچە داۋاملىق ساقلاپ تۇرغىلى بولامدۇ؟ - دەپ تەكرار سوردى.
مىكماخون، ناپالېئون Ⅲ نىڭ ئەسكەرچە كىيىنىۋالغىنىنى ھەمدە شۇنچە ئالاقزادىلىك بىلەن گەپ سوراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىشنى بىلدى - دە، يىغلامسىراپ تۇرۇپ:
- پادىشاھى ئالەم، دۈشمەن ئارمىيىسى ناھايىتى شىددەت بىلەن تەگمەكتە، بىز بولساق، يەككە - يېگانە ھالدا جەڭ قىلىۋاتىمىز. مەنمۇ ئېغىر يارىلاندىم، ئۇرۇشقا داۋاملىق قوماندانلىق قىلالمايمەن. پادىشاھ ئالىيلىرى بىر دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولغاندىن كېيىن زادى قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا دانا قارار چىقارغايلا!
ناپولېئون Ⅲ بىردەم چوڭقۇر خىيال سۈرگەندىن كېيىن، بىر خورسىندى - دە:
- ئەمدى ساقلاپ تۇرۇشقا بولمىدى. ياردەم كۈتۈپ تۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيمىز، مەغلۇبىيەت بېشىمىزغا كەلدى، ئەمما 100 مىڭ ئوفتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ھاياتىنى نەزەرگە ئالمىساق بولمايدۇ. بولدىلا، ئۇلار بىلەن تېىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدىم! - دېدى.
ئۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ، پرۇسسىيە پادىشاھىغا تەسلىم بولۇش ھەققىدە تېزلىكتە بىر پارچە خەت يازدى:
>سۆيۈملۈك قېرىندىشىم، مەن ئۆز ئارمىيەمدە ئۆلۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭ خەنجىرىنى جانابىڭىزغا ھەدىيە قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. مەن داۋاملىق جانابىڭىزنىڭ ياخشى قېرىندىشى بولىمەن<.
ئۇ خەتنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، خەتكە ئىمزا قويدى ۋە خەنجىرى بىلەن بىرلىكتە پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانىغا ئەۋەتتى. ئارقىدىنلا مادارسىز ھالدا مىكماخونغا:
- مارشال، تېزلىكتە مەركىزىي مۇنارغا ئاق بايراق ئېسىشقا، ھەر قايسى قىسىملارنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇق بېرىڭ، - دېدى.
2 - كۈنى، سېداندا فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ پرۇسسىيە ئارمىيىسىگە تەسلىم بولغانلىقى ئىمزالاندى، ناپالېئون Ⅲ ۋە مارشال مىكماخونلارنىڭ قول ئاستىدىكى 39 گېنېرال، 10C مىڭ ئەسكەر ئەسىرگە چۈشتى.
سېداندىكى مەغلۇبىيەت، ناپالېئون Ⅲ قاتارلىقلارنىڭ تەسلىم بولغانلىق خەۋىرى پارىژغا يېتىپ كېلىپ، ئىشچىلار، ئەسكەرلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەزىپىنى قاتتىق قوزغىدى.
9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەھەردە، كىشىلەر گويا ئۆركەشلەۋاتقان غەزەپ دولقۇنىدەك بوربون سارىيى تەرەپكە قاراپ ئاقتى ۋە قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنىڭ زالىغا باستۇرۇپ كىرىپ، جۇمھۇرىيەتچى پارلامېنت ئەزالىرىنى شەھەر مەمۇرىيىتىدە فرانسىيە پادىشاھى ناپالېئون Ⅲ نىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى، جۇمھۇرىيەت سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلاشقا مەجبۇرلىدى. شۇنىڭ بىلەن فرانسىيىنىڭ ئىككىنچى ئىمپېرىيىسى ھالاك بولدى. ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.