UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئۆز يولىنى ئۆزگەرتكەن مۇقەددەس جەڭ

ئۆز يولىنى ئۆزگەرتكەن مۇقەددەس جەڭ

بەش مىڭ يىل مىلادى 1201 - يىلى ئەھلى سەلىپنىڭ 1 - قېتىملىق شەرققە قىلغان تاجاۋۇزى ئاخرلىشىپ، ئارىدىن دەل بىر ئەسىر ئۆتتى. بۇ بىر ئەسىر داۋامىدا ئۇلار شەرققە يەنە ئىككى قېتىم تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، بىر قېتىمدا تامامەن مەغلۇپ بولدى، يەنە بىر قېتىمدا ئانچە زور نەتىجە ھاسىل قىلالمىدى. ھالبۇكى >مۇقەددەس جاي< ئىروسالىم 1187 - يىلى مىسىرنى مەركەز قىلغان سالاھىدىن پادىشاھلىقى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىندى. ئەھلى سەلىپ شەرقتە پەقەت پەلەستىندىن ئىبارەت دېڭىز ياقىسىدىكى بىر پارچە ئۇزۇنچاق زېمىنغىلا خوجا بولۇپ قالدى. بۇ ھېكايىمىزدە شۇ يىلى فېۋرالدا ئادرىياتىك دېڭىز ياقىسىدىكى ۋېنېتسىيىدە بولغان بىر ۋەقە بايان قىلىنىدۇ... - كېنەز جاناپلىرى، تاپشۇرۇقلىرى بويىچە فرانسىيە ئەلچىسى يېتىپ كەلدى، ھازىر ئۆزلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشلىرىنى كۈتۈپ قالدى، - بىر ياساۋۇل ئىززەت - ئىكرام بىلەن ۋېنېتسىيە باش ۋالىسى دىڭدۇرۇغا دوكلات قىلىپ شۇنداق دېدى: - سارايغا كىرسۇن، - كىنەز، ئايلانما ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ چوڭ ئەينەك ئالدىغا كەلدى ۋە ساقال - بۇرۇتىنى ئوبدان تۈزەشتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، سارايغا قاراپ ماڭدى. ۋېنتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ باش ۋەزىرى 90 ياشلارغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، روھلۇق، تېتىك ئىدى. كەلگەن تۇنجى ئەلچى جەمئىي ئالتە كىشى ئىدى. ئۇلار سارايغا كىردى ۋە كىنەزنى كۆرۈپ دەررۇ تازىم بەجا كەلتۈردى. باشتا تۇرغان بىرسى ئالدىغا بېرىپ يەر سۆيۈپ قۇللۇق بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۈنلۈك سۆز باشلىدى: - ھۆرمەتلىك ئالىلىرى، بىزنى فرانسىيىنىڭ ئالىجاناپ تۆرىلىرى ئۆزلىرىنى بەيئەت قىلىشقا ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇلار مىسىرلىقلارنىڭ خىرىستىئان ئەيساسىنى خورلىغانلىقىنىڭ قىساسىنى ئالماق ئۈچۈن، پاپا مونوسون Ⅲ ئالىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، كىرسىت بەلگىسىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى مۇقەددەس جەڭ قىلىپ، ئىرۇسالىمنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا ھازىرلانماقتا. ئەمما ئۇلار جاناپلىرى ۋە جاناپلىرىنىڭ قول ئاستىدىكىدەك مۇشۇنداق قۇدرەتلىك كۈچنىڭ ياردىمىسىز مۇقەددەس شەھەرنى قايتىدىن قۇتقۇزالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ئۇلار خۇدالىق ئۈچۈن، قىممەتلىك ياردەملىرىنى ئايىماسلىقلىرىنى ئۆتۈنۈپ بىزنى ئۆزلىرىگە ئەۋەتتى. كىنەز ئاستا بېشىنى لىڭشىتتى ۋە: - قانداق ياردەمكەن ئۇ؟ - دەپ سورىدى. - مىسىرغا ھۇجۇم قىلىشقا كېتەرلىك قاتناش ۋە جەڭ كىيىملىرى لازىم ئىدى. جاناپلىرى، - دەپ جاۋاپ بېرىشتى ئەلچىلەر، - بۇنىڭ ھەققىغە كەلسەك، ھەممىدە پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلىپ، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تۆلەيمىز. - دەرۋەقە، - دېدى كېنەز ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ جىددى ئاھاڭدا، - سىلەرنىڭ تەلىپىڭلار ئالى مەقسەتنى ئورۇنلاش يولىدىكى مۇقەددەس ئىش، مەن سىلەرگە سەككىز كۈندىن كېيىن جاۋاپ بېرەي. 8 ـ كۈنى، كىنەز بەلگىلىگەن كۈنى ئەلچىلەر يەنە سارايغاكىرىپ كېلىشتى. - جاناپلار، - دېدى كېنەز ئۇلارغا قاراپ، - ئەمدى مەن بىزنىڭ قارارىمىزنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا ئاساسەن، بىز يېڭىدىن 4500 دانە ئات ۋە 9000 چەۋەنداز، چاكار پاتقۇدەك كېمە ياسىتىپ بېرىشنى، 4500 چەۋەنداز ۋە 20 مىڭ لەشكىرىڭلارنى چوڭ كېمە بىلەن ئاپرىپ بېرىشنى قارار قىلدۇق ھەمدە ئادەم ۋە ئات - ئۇلاققا كېتەرلىك توققۇز ئايلىق ئوزۇق - تۈلۈك، ئوت - ساماننى بىزدىن تەمىن ئېتىشكە قوشۇلدۇق. بۇنىڭ ئومۇمى راسخورت چىقىمى 85 مىڭ مارك بولىدۇ، بۇ پۇلنى تۆت باسقۇچقا بۆلۈپ بېرىسىلەر، كېلەر يىلى يازغىچە ھەممىنى تۆلەپ بولىسىلەر. بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە 50 مىڭ لەشكەر كېمىسى بىلەن ۋېنتسىيە لەشكەرلىرىنى توشۇيمىز، ئۇلار سىلەر بىلەن بىللە ئۇرۇشقا كىرىدۇ. بۇنىڭدا شەرت شۇكى، سىلەر مەيلى قۇرۇقلۇقتا، مەيلى دېڭىز يۈزىدە بولسۇن، ئىگەللىگەن يەر - زېمىن، پۇل - پۇچەكنىڭ يېرىمى بىزنىڭ، يېرىمى سىلەرنىڭ بولىدۇ. ئەمدى گەپ سىلەردە قالدى. قايتىپ چىقىپ ئەلچىلەر كېچىچە كېڭەشكەندىن كېيىن، شەرتنى قوبۇل قىلىش قارارىغا كەلدى. ئىككى تەرەپ كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئەلچىلەر شۇ شەھەرنىڭ ئۆزىدىلا 5000 مارك پۇل قەرز ئېلىپ، يېڭى كېمە ياسىتىش ئۈچۈن كېنەزگە تاپشۇردى. ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندە پاپا كېلىشىمنى تەستىقلىدى. ئەمدى گەپ ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىنى يولغا قويۇشىدىلا قالغان ئىدى. فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە پادىشاھلىرى دەرھال ئەھلى سەلىپنى توپلاپ، ۋېنېتسىيىگە كېلىپ ئۇچراشقاندىن كېيىن، دېڭىز بىلەن بېرىپ مىسىرنى ئىستىلا قىلماقچى بولدى. ئەمما دىڭدۇرۇ كىنەزنىڭ ئەھلى سەلىپنىڭ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىشىغا چىن دىلدىن مۇتلەق ياردەم بەرگۈسى يوق ئىدى. چۈنكى ۋېنېتسىيە دېڭىزدا يۈرۈپ سودىگەرچىلىك قىلىدىغان ئەل بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي ياقىسىدىكى مىسىر بىلەن بولغان سودىسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئىدى، مىسىر ئىستىلا قىلىنسىلا، ئۇنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يېتەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ۋېنتېسىيە بىلەن ياخشى ئەمەس ئىدى. ۋېنېتسىيە سودىگەرلىرىنىڭ شەرقىي رىمدىكى نوپۇزى پۈتۈنلەي يوقالغان، ھەتتا شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغان، مال - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، سودىنى 15 يىل توختىتىپ قويغان ئىدى... شۇڭا، ئەھلى سەلىپتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنى ئىستىلا قىلىش، مانا بۇ ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىدى. دىڭدۇرۇ يەنە شۇنىمۇ بىلەتتىكى، پاپا چاقىرىق قىلغان بۇ قېتىمقى 4 - نۆۋەتلىك شەرققە يۈرۈش قىلىش، مۇقەددەس ئۇرۇشقا شەرقىي رىم ئىمپىرىىيىسىمۇ ئەسكەر توپلاپ قاتنىشىش تەلەپ قىلىنغان ھەمدە ئۇلارنىڭ چوقۇنىدىغان ئورتودوخىيە دىنى )خىرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپى بولۇپ، 1054 - يىلىدىن باشلاپ رىم پاپىسى باشچىلىقىدىكى كاتولىك دىنىدىن بۆلۈنۈپ چىققان ۋە ئۇلارغا قارىمۇ - قارشى بولۇپ قالغان، شەرقىي رىمنىڭ دىنىي جەمئىيىتى ئۆزىگە >ئورتودوخىيە ئاتىسى< دەپ تەمەننا قويغانلىقى ئۈچۈن، >ئورتودوخىيە دىنى< دەپ ئاتىغان( گە رىم پاپىسىنى قوشۇۋالماقچى بولغاندا، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ رەت قىلغانلىقى پاپىنىڭ تېخى ئىچىدىن چىقمىغان ئىدى. شۇنىسى كىنەزگە ئايان ئىدىكى، شەرقىي رىم بەرىبىر خىرىستىئانلار ئېلى بولغاچقا، ئەھلى سەلىپنى ئۆز يولىنى ئۆزگەرتكۈزۈپ، شەرقىي رىم بىلەن جەڭ قىلدۇرغاندا، پاپىنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپ بولاتتى. شۇڭا كىنەز ئەھۋالغا قاراپ بېقىشى ۋە پۇرسەت كۈتۈشى لازىم ئىدى. 1202 - يىلى فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيىلىكلەردىكى ئەھلى سەلىپنىڭ قوشۇنلىرى ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ ۋېنتسىيىگە كېلىپ توپلاندى. بۇلارنى دىڭدۇرۇ كىنەز مەقسەتلىك ھالدا ۋېنېتسىيىگە يېقىنراق بىر ئارالغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاشلىق - تۈلۈكنى ۋاقتى - قارايىدا يەتكۈزۈپ بەرمىدى. بۇ چاغدا ۋابا كېسىلى تارقىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئەھلى سەلىپ لەشكەرلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئۆلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپلا، كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ۋېنېتسىيىگە پۇل تاپشۇرۇپ بولۇش ۋاقتى قىستاپ كېلىپ قالدى. ئەھلى سەلىپنىڭ پۇلنى تۆلىۋېتىشكە قۇربى يەتمەيتتى. شۇڭا، كىنەز، پۇلنى تۆلەپ بولالمىدىڭلار دېگەننى باھانە قىلىپ، ئارالغا ئاشلىق ئاپىرىپ بېرىشنى توختتىشقا پەرمان چۈشۈردى. بۇ ھالنى كۆرگەن ئەھلى سەلىپ قوماندانلىرى كىنەزدىن كەينى - كەينىدىن سوراشتى: - ئالىلىرى، بۇيرۇقلىرى تۈپەيلىدىن مۇقەددەس لەشكەرلىرىنىڭ تۈركۈم - تۈركۈملەپ قازا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرمەي تۇرمىغانلا؟! - ئارالدا قازا قىلىۋاتقان مۇقەددەس قوشۇن لەشكەرلىرىنىڭ تولىلىغىدىن ئۆلۈكنى كۆمۈشكە ئادەم يېتىشمەيۋاتىدۇ، قېنى، بۇمۇ شەپقەتلىك ئاللانىڭ تەقدىرى بىلەن بولۇۋاتامدۇ؟ - بۇ ئەھۋال داۋام قىلىۋەرسە، مۇقەددەس جەڭنى ئېلىپ بېرىشقا ئامال بولمايدۇ. ئالىلىرى ئۇ چاغدا بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزلىرى ئۈستىلىرىگە ئالماق كېلىدۇ! - جاناپلار، بۇنچە ئەزۋەيلەشكە ھەققىڭلار يوق، - دېدى كىنەز ئالدىرىماي تەمكىنلىك بىلەن، - ئۆزەڭلارغا مەلۇم، تۆلەشكە تېگىشلىك 85 مىڭ مارك پۇلدىن تېخى 51 مىڭ ماركنى تاپشۇردۇڭلار. كېلىشىمنى ئۆزەڭلار ئىجرا قىلمىغان تۇرۇقلۇق پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى مەن ئۈستۈمگە ئالىمەنمۇ تېخى؟ قوماندانلار ئەيىپ ئۆزلىرىدە بولغانلىقتىن، كىنەزگە گەپ ياندۇرالمىدى ۋە >مۇقەددەس جەڭ< گە دەخلى يېتىشتىن قورقۇپ، يۇمشاپ كىنەزگە بىر قانچە كۈن ئىلتىپات كۆرسەتكەيلا، دەپ يېلىنىپ يالۋۇردى؛ كىنەز قەرز پۇلىنى تولۇق تۆلىسە، ئارالدىكىلەرنىڭ ئاشلىق تەمىناتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ئەھلى سەلىپنى قويماي ئۆلتۈرۈۋېتىش نىيىتىدە ئەمەس ئىدى، سەۋەب مۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىگە ھۇجۇم قىلغىلى بولمايتتى. شۇڭا ئۇ سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتۇپ، قوماندانلارغا ئاۋۋال سالانى ئىستىلا قىلىشقا ياردەم بېرىڭلار دېگەن تەكلىپنى قويدى. - سالانى ئىستىلا قىلىمىز! - بىر قوماندان كىرىست بەلگىسىنى سىزىپ تۇرۇپ توۋلىدى، - ئاھ، پەرۋەردىگارىم، ئۇ خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان شەھەر ئەمەسمۇ! خىرىستىئانلار خىرىستىئانلارنىڭ شەھىرىنى ئىستىلا قىلىش، ئاللانىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ ئەمەسمۇ؟ - ياق، ياق، ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ، سالا، ۋېنگېرىيە پادىشاھلىقىغا قارايدۇ، باش ۋەزىر جاناپلىرى، بەلكىم ئۆزلىرىمۇ بىلىشلىرى مۇمكىن، ۋېنگرلارمۇ كىرىست بەلگىسى ئالدى. بۇنداق قىلىشقا پاپا ھەرگىز رۇخسەت قىلمايدۇ! - شۇنداق، خەۋرىرىم بار، گەپ ئۇلار دېڭىز قاراقچىلىرى، ئۇلار بىزنىڭ دېڭىز سودىمىزغا قاتتىق بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئىكەن. ئاللانىڭ جازاسىنى تارتىشى شەرت! دىڭدۇرۇنىڭ پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى ئارقىسىدا، ئەھلى سەلىپ قوماندانلىرى ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، سالا شەھىرىنى تارتىۋالدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پاپا غەزەپتىن تىترەپ تۇرۇپ ۋېنېتسىيىنى دىنىي جەمئىيەتتىن قوغلاپ چىقىرىشقا پەرمان چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئەھلى سەلىپنىڭ ۋېنېتسىيە كېمىلىرى ئارقىلىق مىسىرغا ھۇجۇم قىلىشقا رۇخسەت قىلدى. سالانى تارتىۋېلىش - دىڭدۇرۇنىڭ ئەھلى سەلىپنى يىراققا يۈرۈش قىلىش سەپىرىنىڭ يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتىشكە قىستىغان تۇنجى ھەركىتى ئىدى، ئۇنىڭ ھەقىقى مەقسىدى بولسا، ئەھلى سەلىپنىڭ يولىنى ئۆزگەرتىپ، رىم ئىمپىرىيىسىگە ھۇجۇم قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ بۇ پۇرسەتكە ئېرىشتى. بىر كۈنى، نېمىس بېگى ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان شەرقىي رىم پادىشاھىنىڭ ئوغلى ئەۋەتكەن ئەلچىلەر ۋېنېتسىرىيىگە يېتىپ كەلدى، ئۇلار دىڭدۇرۇ كىنەز ۋە ئەھلى سەلىپنىڭ قوماندانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىلتىماس قىلىشتى ۋە كىنەز بىلەن قوماندانلارغا دېدى: - جاناپلار، سىلەر ئاللا يولىدا ھەقىقەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن يىراققا يۈرۈش قىلماقچى، شۇڭا قانۇنسىز غەليان قىلىنغانلارنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشىڭلار كېرەك. ناۋادا سىلەر مۇشۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تەخ ۋارىسى ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرەلىسەڭلار، ھەممىدىن ياخشى شەرتكە نائىل بولىسىلەر. ئەسلىدە ھازىر شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پادىشاھلىقىنى قىلىۋاتقان يىچ Ⅲ ئوردىدا سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئاكىسى يىچ Ⅱ نى ئاغدۇرۇپ ئۆزى تەختكە چىقىرىۋالغان ھەمدە يىچⅡ ۋە دادىسىنى تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى. يىچⅡ نىڭ ئوغلى ئالېكسى بۇنىڭدىن سەللا ئىلگىرى تۈرمىدىن قېچىپ ئاچىسىنىڭ ئېرى نېمىس بېگننىڭكىگە بېرىۋالغان. ئۇلار مەسلىھەت قىلىشىپ، ۋېنېتسىيىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئارقىلىقلا يىچⅢ نى ئاغدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان ھەمدە ۋېنېتسىيىگە ئەلچى ئەۋەتىشكەن ئىدى. بۇ دەل دىڭدۇرۇنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن ئىش ئىدى. - نېمە شەرت؟ - دەپ سورىدى كىنەز. - تەخت ۋارىسى 200 مىڭ مارك پۇل ۋە بارلىق لەشكەر - شارۋازلارنىڭ ئاشلىق - تۈلۈكنى بېرىشكە رازى. ئەگەر سىلەر ماقۇل بولىدىغانلا بولساڭلار، بىز تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچىلەرمىز. كىنەز خوشال ھالدا قوماندانلارغا قارىدى. ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدە بۇ شەرت ئىنتايىن ئەۋزەل ئىدى. بىراق شەرقىي رىمغا ھۇجۇم قىلىش دېگەندە، بىر ئاز ئىككىلىنىپ قېلىشتى. - گەپ پاپا ئالىلىرى... بىر قوماندان سوئال نەزىرىدە قارىغان ئىدى، ئەلچىلەر ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى: - تەخت ۋارىسى رىمغا بېرىپ پاپا ئالىلىرى بىلەن كۆرۈشتى، پاپا ئالىلىرىغا ئۆز ئاغزى بىلەن ھۆددە قىلدى، ئەگەر تەىت ۋارىسى ھەم ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ قانۇنىي ئورنى ئەسلىگە كېلىدىغانلا بولسا، ئورتودۇخىيە دىنى رىمنىڭ كاتولىك دىنىغا كىرىدۇ ھەم دەررۇ بىر تۈمەن لەشكەر توپلاپ، ئەھلى سەلىپ بىلەن قوشۇلۇپ، شەققە يۈرۈش قىلىدۇ، چىقىمنىڭ ھەممىنى ئىمپىرىيىمىز ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. پاپا ئالىلىرى بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى. بىر مەھەل تالاش - تارتىشلار ۋە دىڭدۇرۇ كىنەزنىڭ ھەدەپ كۈشكۈرتۈپ بېرىشى ئارقىسىدا، ئاخىرى ئەھلى سەلىپ قوماندانلىرى شەرقىي رىمغا جازا يۈرۈش قىلىشقا كۆندى. شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى چېچىلاڭغۇ ئىدى، شۇڭا ئەھلى سەلىپنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمىدى. يىچ Ⅲ خان جەمەتىنىڭ ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئېلىپ، كونىستانتىنپولدىن قېچىپ كەتتى. يىچⅡ قايتىدىن تەختكە ئولتۇرىدى. تەخت ۋارىسى ھاكىمىيەتنى بىللە يۈرگۈزىدىغان بولدى. نامى يىچ Ⅳ دەپ ئاتالدى. ئەمما ئۇ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىپ 200 مىڭ مارك پۇلنى تۆلىتىۋېتىشكە ناقادىر ئىدى، ئۇنىڭدىن پايدا - مەنپەئەت ئالالمىغان ئەھلى سەلىپ، چەۋەنداز ھەم لەشكەرلىرىنى ئۆزى خالىغانچە باي چېركاۋلارنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشقا، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىشكە قويۇۋەتتى. پۈتۈن شەھەرنى ئىس - تۈتەكلەر قاپلىدى، ئوت ھەدەپ ئۇلغىيىپ شەھەرنىڭ يېرىمى كۆيۈپ كۈل بولدى، ئۇزۇن ئۆتمەي شەھەردە قوزغىلاڭ پارتىلىدى، يىچ، قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا شەھەرنىڭ سىرتىدا تۇرۇۋاتقان ئەھلى سەلىپنى تەكلىپ قىلدى، بۇ ھال قوزغىلاڭچىلارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈردى. ئاقسۆڭەكلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يىچ Ⅳ نىڭ ئەمىلىنى ئېلىپ تاشلاپ، تۈرمىدە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى. ئەھلى سەلىپ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ پادىشاھنى قەستەن قەتلى قىلغان كەچۈرگىسىز گۇناھىنى باھانە قىلىپ، 1204 - يىلى ئاپېرلنىڭ 9 - كۈنى كونسىتانتىنپولغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچىنچى كۈنى شەھەرگە بېسىپ كىرىپ، كىرستى بەلگىسى تاقىغان خىرىسىتىئانلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشى ئەسەبىلىك دەرىجىسىگە يەتتى. چېركاۋلارغا ئات - قېچىرلارنى يېتىلەپ كىرىپ نەرسە - كېرەكلىرىنى توشۇدى؛ پوپلار پەرەنجىلىرىنى سېلىۋېتىپ >مۇقەددەس< مىراسلارنى ئىزلەشتى؛ مەرمەر، ياغاچ ۋە ئۇستىخانلاردىن ئىشلەنگەن نەقىشلىق بۇيۇملارنىڭ كۆپچىلىكى بۇزۇپ تاشلاندى؛ ئالتۇن - كۈمۈشتىن ئىشلەنگەن سەنئەت بۇيۇملىرى، ئولجا بۆلۈشكەندە قىممىتىنى ھېسابلاشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن، ئېرىتىلىپ ۋېنتسىيىلىك سودىگەرلەر ياۋرۇپاغا ئېلىپ كېتىپ، ئوردا - ساراي، چېركارۋلارنى بېزەشتى. بەيگە مەيدانىدىكى مىستىن ياسالغان، ئالتۇن ھەل بېرىلگەن تۆت ئاتلىق ھارۋىمۇ ۋېنېتسىيىگە يۆتكەپ كېلىندى. بۇ مىستىن ياسالغان تۆت تۇلپار ھازىرمۇ سىن. ماك چېركاۋىنىڭ ئالدى ئىشىكىنىڭ ئالدىنى بىزەپ تۇرماقتا. دىڭدۇرۇ كىنەز مانا ئەمدى چىن كۆڭلىدىن رازى بولدى. بۇ ئەھلى سەلىپىنى يولىنى ئۆزگەرتكۈزۈپ، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنى ئېلىش ئارقىلىق ۋېنېتسىيىنى ئەڭ زور مەنپەئەتكە ئىگە قىلغانلىقتىن، >ئۈچ رىمنىڭ 8 - ئىمپىرىيە پادىشاھى< دەپ ئاتالدى. ئولجا بۆلۈشۈشتە رېنېتسىيە بايلىقىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسىمىغا، زېمىنىنىڭ سەككىزدىن ئۈچ قىسىمىغا ئىگە بولدى ھەمدە يېڭىدىن قۇرۇلغان لاتىن ئىمپىرىيىسىدە رىم كاتولىك دىنىنىڭ باش ئىپىسكوپى دېگەن جەمئىيەتتىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسىنىمۇ بېرەلمىدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي باش ئېپىسكوپ دېگەن يارلىقنى تەستىقلىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ