UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«پارلامېنتقا ئوت قويۇش ۋەقەسى »

«پارلامېنتقا ئوت قويۇش ۋەقەسى »

بەش مىڭ يىل 1933 - يىل فېۋرالنىڭ بىر ئاخشىمىدا، گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھرىدىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىنىڭ يېنىغا جايلاشقان رېيخىستاك (پارلامېنت بىناسى) نى ئىس - تۈتەك بېسىپ، يالقۇن قاپلاپ كەتتى. يالقۇن بىردەمدىلا رىيخىستاكنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى گۈمبەزگە تۇتىشىپ، ئون يىلدا پۈتكەن بۇ ھەيۋەتلىك چوڭ ئىمارەتنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلدى. بۇ دۇنياغا مەشھۇر بولغان «پارلامېنتقا ئوت قويۇش ۋەقەسى » ئىدى. ئوت كەتكەن ئاخشىمى فاشىستلارنىڭ كاتتىبېشى گورېڭ دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ، قارا تەرگە چۆمگەن، خۇدىنى يوقاتقان، ئەلپازى بۇزۇلغان ھالدا :«مانا بۇ كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ! » دەپ ۋايسىدى. ئارقىدىنلا گىتلېرمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ: _ بۇ خۇدانىڭ بىشارىتى، ئەمدى بىز كومپارتىيىگە زەربە بېرىشىمىز كېرەك! - دېدى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا. گىتلېر بۇيرۇق بېرىش بىلەن تەڭلا «يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغان » ئاتاكىچىلار ئەترىتى دەرھال ھەركەتكە كەلدى. ئۇلار شۇ يەردىلا 24 ياشلىق « ئوت قويغان جىنايەتچى » گوللاندىيىلىك ياش ۋان - دې لۇبېرنى قولغا ئالدى ھەمدە ئۇنى «كومپارتىيە ئەزاسى » دەپ ئېلان قىلدى. ئەتىسى گىتلېرنىڭ مۇرېتلىرى مۇرتلىرى ئوت كېتىشتىن ئىلگىرى تۈزۈپ قويغان تىزىم بويىچە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلدى. 3 - مارتتا گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن رەھبىرى ئېرنست تېلمانمۇ ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. 9 - مارتتا، كوممۇنسىتىك ئىنتېرناتسىئونال غەربىي ياۋروپا بيۇرۇسنىڭ رەھبىرى، بۇلغارىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەئىسى گ. دىمتروۋ بىلەن بۇلغارىيە كومپارتىيىسىنىڭ ئىككى نەپەر ئەربابىمۇ قولغا ئېلىندى. ئارقىدىنلا گىتلېر يەنە جىددىي پەرمان چىقىرىپ، بارلىق يىغىشلار ۋە جەمئىيەتكە ئۇيۇشۇشنى بىكار قىلدى. 28 - مارتتقىچە 4000 دىن ئارتۇق كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە تەرەققىيپەرۋەر زاتلار قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى. دىمىتروۋ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن مۇئابىت تۈرمىسىگە سولانغانىدى. ئۇ تۈرمىدە خىلمۇ خىل ھاقارەتكە ئۇچرىغان بولىسمۇ، باشتىن - ئاخىر ئۈمىدۋار بولۇپ غەلىبىگە تولۇق ئىشەنچ باغلىدى. ئۇ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆپكە كېلىسىگە گىرىپتار بولغانىدى. شۇنداقتىمۇ زەي كامېردا ۋە غۇۋا چىراغ ئاستىدا، كىتاب ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىق بىلەن قەتئىي شۇغۇللاندى. نېمىسچە بىلىمنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىنى ئاقلاش ۋە دۈشمەننىڭ سۈيقەستلىرىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن تەييارلاندى. ناتستلار يېرىم يىل تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، 21 - سېنتەبردە لېيسپسىگتا سوراق باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سوراق باشلىنىشتىن ئىلگىرى ، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئاخباراتچىلار ۋە تەرەققىيپەرۋەر ئادۋوكاتلار «خەلقئارا تەكشۈرۈش ھەيئىتى » تەشكىل قىلدى ھەمدە ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر ئادۋوكات پۇلتېر «لوندۇندا چاقىرىلغان سوت قىلىشقا قارشى تۇرۇش » قا رىياسەتچىلىك قىلدى. لېيپسىگتا سوت باشلىنىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى خەلقئارا تەكشۈرۈش ھەيئىتى نۇرغۇن دەلىل - ئىسپاتلارنى ئېلان قىلىپ، ئەيىبلەنگەن كوممۇنىستلارنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلىدى ھەمدە : رىيخىستاكقا ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئوت قويغان، يا بولمىسا ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئوت قويۇلغان دېگەن ئاساسلىق گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېيپىسىگتا سوراق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، بۇلغارىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 25 ئادۋوكات دىمىتروۋنى ئاقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىمپېرىيە سوتى ئەيىبكارنىڭ ئاقلىغۇچىلارنى ئەركىن تاللىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. دېمەك، دىمىتروۋ ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلماي، سىياسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى ئاقلاش قارارىغا كەلدى. سوتقا چىققاندا، ئۇ ھەم ئەيىبكار، ھەم ئاقلىغۇچى بولدى. سوراق بولغان كۈنى، ناتسىتلار يىراقتىن كۆزىتىش چىرىغى، ئاۋاز كۈچەيتىش ئاپپاراتى، ئۈنئالغۇ، كىنوغا ئېلىش ئاپپاراتى دېگەنلەرنى ئەكەلدى. كومپارتىيە مۇخبىرلىرىدىن باشقا، بېرلىندىكى چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىمۇ سوراقنى ئاڭلاشقا چاقىردى. ئالدىنقى ئىككى كۈندە لۇبېر سوراق قىلىندى. دىمىتروپ 3 - كۈنى سوراققا چىقتى. دىمىتروۋ دۈشمەنلەرنىڭ گۇناھىنى كومپارتىيىگە دۆڭگەشتەك پەسكەشلىكلىرىگە تولۇق ئاساسلار بىلەن رەددىيە بەردى. ئۇ سوتنى خەلقئارا مۇنبەرگە ئايلاندۇرۇپ، كوممۇنىستلار، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ پروگراممىسى ۋە تاكتىكىسىنى شەرھىيلەپ ئۆتتى. سوراق بولغان كۈنى، بۇلغارىيىدە 1923 - يىلى كۆتۈرۈلگەن سېنتەبر قوزغىلىڭىنىڭ دەل ئون يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرا كەلدى. دېمىتروۋ ئاڭلىغۇچىلارغا ئۆزى رەھبەرلىك قىلغان ئىنىقىلابىي كۈرەشلەرنى تەسۋىرلەپ بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى ئىكەنلىكىنى كوممۇنىزمنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق شەخس تىرورلۇقلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى قىلچە تاتارماي ئېيتىپ ئۆتتى ھەمدە ئوت قويۇشتەك قىلىقلار كومپارتىيىنىڭ ئاممىۋى كۈرەش پىرىنسىپىغا پۈتۈنلەي مۇناسىپ ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. سوتنىڭ باش سودىيىسى بۇ ئېنگېر بۇ سىياسىي تەشۋىقاتچىنىڭ ئۇزۇن نۇتقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سوت قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنىڭ قولدىن كېتىپ قالغانلىقىنى، سوراق قىلىش رولىنى گويا ئۆزى ئەمەس، بەلكى بۇ تەشۋىقاتچى تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇڭا ئۇ دېمىتروۋنىڭ نۇتقىنى بۆلۈپ تاشلاپ: _ قېنى سەن جاۋاب بەر، سەن ئوت قويغان جىنايەتچى لۇبېر بىلەن قاچان تونۇشقان؟ سىلەر قانداق پۈتۈشكەن؟ - دەپ سوئال قويدى. _ مەن لۇبېردىن سورىماقچىمەن، - دېدى دىمىتروۋ لۇبېرغا قادىلىپ تۇرۇپ، - سەن مېنى قاچان كۆرگەن؟ مېنى قاچاندىن بېرى تونۇيسەن؟ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېيتقىنچۇ! _ مەن سىزنى تونۇمايمەن، زادىلا كۆرۈپ باقمىغان، - دېدى لۇبېر كۆپچىلىك ئالدىدا جاۋاب بېرىپ. _ ھازىر مەسىلە ناھايىتى ئېنىق، - دېدى دىمىتروۋ - بۇ سوراقتا. لۇبېر پارلامېنتقا ئوت قويۇش ۋەقەسىدىكى فائۇست خالاس. شۈبھىسىزكى ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا مېفىستومۇ تۇرۇپتۇ. بىچارە فائۇست ئىمپېرىيە سودىغا تارتىلدى. مېفىستو بولسا قۇيرۇقىنى تىكىۋەتتى. بەخىتسىز ئەيىبكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن بولۇپمۇ بىر كومپارتىيە ئەزاسى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارلامېنتقا ئوت قويۇش ۋەقەسىنى دەرھال ئۈزۈل - كېسىل ئېنىقلاشقا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،دېمى ئىچىگە چۈشۈپ ئۈن - تىنسىز غايىب بولۇپ كەتكەن مېفستونى تۇتۇپ كېلىپ ئەنزىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ناھايىتى بەك قىزىقماقتىمەن. دىمىتروۋ دەل جايىدا تەھلىل قىلغانىدى.ئەسلىدە پارلامېنتتىن گورېڭنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان بىر مەخپىي يەر ئاستى يول بار ئىدى. ئاتاكىچىلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئېنىست باشچىلىقىدىكى ھەقىقىي ئوت قويغۇچىلار گورېڭنىڭ ئۆيىدىن بېنزىن قاتارلىق تېز يانىدىغان نەرسىلەرنى رېيخىستاكقا توشۇدى. ئوتنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن يەنە شۇ يول بىلەن قايتىپ كەتتى. ئاخىردا جىنايەتنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە لۇبېرنى تۇتۇۋالدى. مەلۇم بىر كىشى ئەينەن ئەھۋالنى شۇ چاغدىلا پاش قىلغانىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پاش قىلغان بۇ كىشى بىكاردىن - بىكار ئۆلۈپ قالدى. سوت باشلىقى دىمىتروۋنىڭ ئارقا - ئارقىدىن سوئال قويۇپ، سوراقنى ئارقىدا تۇرۇپ پىلانلىغۇچىنى سۈرۈشتە قىلىشقا يۆتكەۋاتقانلىقىنى پەملەپ، ئۇنىڭ سۆزىنى دەرھال بۆلۈپ تاشلاپ، ئۇنىڭغا تەھدىت سالدى. تەھدىت ئاقمىغاندىن كېيىن سوراقنى توختاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، سوت بىرنەچچە قېتىم سوراق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سوراق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشتى. ھەرقايسى ئەللەردىكى كومپارتىيە گېزىتلىرى بىلەن تەرەققىياتپەرۋەر گېزىتلەر سوراق ئەھۋالىنى تەرەپ - تەرەپتىن خەۋەر قىلىشتى. دىمىتروۋنىڭ نامى پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتتى. ئۇنىڭ ئىنقىلابچىغا خاس قەھرىمانلىقى ھەرقايسى ئەللەر ، ھەرقايسى تەبىقىلەرنىڭ خەيرىخاھلىقى ۋە ئاپرىن ئوقۇشقا سازاۋەر بولدى. ناتىستلارنىڭ كاتتىباشلىرى ئۆزى پىلانلىغان سوراقنى تىزگىنلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۆلۈنىشنىڭ باشقا تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ئۇنى پىلانلىغۇچىلارغا قارىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ «ئېفىرتىپتىكى زەمبىرەك ئوقى » - ناتسىتلار كاتتىباشلىرىدىن گورېڭ بىلەن گوبېلنى سوراقتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشكە چىقاردى. 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى يەنە بىر قېتىم سوراق قىلىندى. گورېڭ سوتقا چىققاندا، ئاتاكىچىلارنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، ئارقىسىغا بىر توپ غالچىلارنى ئەگەشتۈرۈپ كەلدى. ئۇ گويا كوممۇنىزمنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلايدىغان ئەلپاز بىلەن بىر يېرىم سائەت كاسىلدىدى. دىمىتروۋ سۆز بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ گورېڭغا سوئال بەردى. _ ھېلى سىز مۇھىم بىر خەۋەر بار. لۇبېرنىڭ يېنىدىن كومپارتىيە ئەزالىق كېنىشكىسى تېپىلدى، دېدىڭىز ، ئەمما ئۇلارنى قولغا ئالغان ئۈچ نەپەر ساقچى لۇبېرنىڭ يېنىدىن پارتىيە ئەزالىق كېنىشكىسى چىقمىدى، دېدى. بۇ قانداق بولغىنى؟ بۇ ئىنتايىن ئۆتكۈر سوئال گورېڭنى شۇئان بىئارام قىلىپ قويدى. ئۇ ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ، تاققا - تۇققا جاۋاب بېرىشكە باشلىدى. _ نېمە دېسەڭلەر دەڭلار، پارلامېنتقا ئوت قويۇش ۋەقەسىنى كومپارتىيە پىلانلىغان! -دېدى گورېڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي غالجىرلىشىپ، - كومپارتىيە جىنايەتچىلەرنىڭ پارتىيىسى ، ئۇلارنى يوقىتىش كېرەك! _ گورېڭ جانابلىرى، ئۆزىڭىزگە مەلۇمغۇ، - دېدى دىمىتروۋ دەرھال كەسكىن رەددىيە بېرىپ، - «يوقىتىش لازىم» بولغان پارتىيە يەرشارىنىڭ ئالدىن بىر قىسىمى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مەملىكەت. ئۇنىڭ گېرمانىيە بىلەن نورمال دېپلوماتىك ۋە سودا مۇناسىۋىتى بار. ئۇ مال زاكاز بەرگەنلىكتىن، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن گېرمانىيىلىكلەر ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولماقتا . . . _ بۇ يەردە كوممۇنىزم تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ! - دېدى باش سوتچى گۇۋاھچىنىڭ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ياردەم بېرىپ. _ باش سوتچى جانابلىرى، - دېدى دىمىتروۋ دەل مۇقابىل تۇرۇپ، - گورېڭ جانابلىرى ناتسىتلار تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدىغۇ! گورېڭ گويا غەزەبكە كەلگەن يىرتقۇچتەك، سوت ئالدىدا ئۈمىدسىزلىك بىلەن ھۆركىرەشكە باشلىدى. ئەمما دىمىتروۋمۇ قىلچە بوش كەلمىدى: _ گورېڭنىڭ جاۋابىدىن تازا مەمنۇنمەن، - دېدى ئۇ چىشىغا تېگىپ. _ يوقال! كوممۇنست! - دېدى گورېڭ گەپ تۈگىمەيلا دەرغەزەبكە كېلىپ، گۇۋاھچى تونىغا ئورىلىۋالغان بۇ ئىستېبدات ئاچچىقىغا پايلىماي، سوت قىلىش «مۇراسىمى» نىڭ چۈمپەردىسىنى ئېچىۋەتتى. باش سوتچى بۇ دوئىلنى دەرھال يىغىشتۇرماقچى بولۇپ، ساقچىلارغا دىمىتروۋنى ئەكىتىشكە بۇيرۇق بەردى. _ گورېڭ جانابلىرى، - دېدى دىمىتروۋ قاقاقلاپ كۈلۈپ، - سىز مېنىڭ سوئالىمدىن قورقۇۋاتقان بولسىڭىز كېرەك! سوتنى ۋە سوراقنى پىلانلىغۇچىلار تەشەببۇسكارلىقتىن پاك - پاكىز ئايرىلىپ قېلىپ، بارغانسېرى بەرداشلىق بېرەلمىدى. بۇ پاجىئەنى فاشىستلارنىڭ تەشۋىقات كاتتىبېشى گوبېل ئوتتۇرىغا چىقىپ يىغىشتۇرماقچى بولدى. ئۇ «ئەركىن مۇنازىرە قىلغان» قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ۋايىزلىق قىلىپ مەسىلىگە ئېنىق جاۋابمۇ بەرمىدى. توپتوغرا ئېلىشىشقىمۇ پېتىنالمىدى. ئەمما دىمىتروۋ پەيتنى قولدىن بەرمەي، ھەرخىل سوئاللارنى بېرىۋەردى. تەشۋىقات نەيرىڭىگە ئۇستا بولۇپ كەتكەن گوبېلمۇ، بۇ پاجىئەنى ئاخىر يىغىشتۇرالمىدى. ئارىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتتى. بۇ تارىخىي دوئىل پۈتۈن يەر شارىدا ئەكس سادا پەيدا قىلدى. ھەرقايسى ئەللەر كومپارتىيىلىرى، فاشىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش خەلقئارا كومىتېتى ۋە فاشىزمغا قارشى باشقا تەشكىلاتلار بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ كەڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. نامايىش قىلدى. يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزدى. ئىش تاشلىدى. پويىزلارنى توسۇپ قويدى. گېرمانىيە بىلەن بولغان سودىغا بايقۇت قىلدى؛ يەر ئاستى ھالىتىدە تۇرغان گېرمانىيە كومپارتىيىسىمۇ سوراق ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇلغان خەۋەرلەرنى باستۇردى ھەمدە كەڭ كۆلەمدە تارقاتتى. پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مەدەت بېرىش يىغىنىدا، دىمىتروۋنىڭ ئانىسى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، كىشىلەرنى فاشىستلارنىڭ تېرورلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. 6 - دېكابىردا لېيپىسگ سوتى ئاخىرقى قېتىم سوراق قىلدى. بۇ قېتىمقى سوراقتا «سىياسىي مەسىلىلەر» قارىلىدىغان بولدى. گېرمانىيە كومپارتىيىسى بىلەن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئوت قويغۇچى بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئوت قويۇش ۋەقەسىدە «ئەخلاقىي جەھەتتىن » قۇتراتقۇلۇق مەسئۇلىيىتى بار. دېگەننى ئىسپاتلاش مەقسەت قىلىنغانىدى. ئۇلار ئەيىبلەشنىڭ ئۈزۈل - كېسىل بەربات بولغانلىقىنى مۇشۇ يول بىلەن ياپماقچى بولدى. بۇ قېتىمقى سوراق جەريانىدا دىمىتروۋ «سوراق ئۈستىدىكى شىكايىتىم» دېگەن مەشھۇر نۇتقىنى سۆزلىدى. ئۇ كەسكىن ھالدا مۇنداق دېدى: _ مەن ئۆزۈمنى ، ئەيىبلىگەن بىر كومپارتىيە ئەزاسىنى ئاقلايمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ كوممۇنىستىك ئىنقىلابىمنىڭ شان -شەرىپىنى ئاقلايمەن. ئۆزۈمنىڭ ئىستىقبالىنى، ئۆزۈمنىڭ كوممۇنىستىك ئېتقادىنى ئاقلايمەن. شۇڭا مېنىڭ سوتقا قىلغان ھەربىر ئېغىز سۆزۈم چىن قەلبىمدىن ئېيتىلغان. ھەر بىر ئېغىز سۆزۈم مۇشۇنداق ناھەق ئەيىبلەشكە، كوممۇنستلارنى ھاقارەتلەيدىغان كوممۇنىزمغا قارشى مۇشۇنداق جىنايى قىلمىشلارغا بولغان غەزەب - نەپرىتىمنى بىلدۈرىدۇ! بۇ سۆزلەر شۇنداق قەتئىي ۋە كۈچلۈك ئېتىلدىكى، پۈتۈن سورۇن جىمجىلىققا چۆمدى. دىمىتروۋ ئارقىدىنلا گىتلېرنى تەختكە چىققاندىن كېيىنكى سىياسىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، كوممۇنىزم ھەركىتىنىڭ سىتراتېگىيىسى بىلەن تاكتىكىسىنى شەرھلەپ ئۆتتى ھەمدە بۇ قېتىمقى سوراقتىكى سۈيقەستلەر ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق ئېچىپ تاشلىدى. باش سوتچى ئۇنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىنى ئاخىرقى قېتىم ئېلىپ تاشلاشتىن ئىلگىرى، ئۇ مەردانلىق بىلەن مۇنداق دېدى: _ گالىلو جازاغا تارتىلغاندا: «يەر شارى ئوخشاشلا ئايلىنىۋېرىدۇ!» تارىخنىڭ چاقى كوممۇنىزمدىن ئىبارەت مۇقەررەر، بېسىپ چۈشكىلى بولمايدىغان ئاخىرقى نىشانغا قاراپ ئايلىنىۋېرىدۇ . . . . دەپ جاكارلايمىز. دىمىتروۋنىڭ ئاخىرقى سۆزى ئۇنىڭ ئۈچ ئايغىچە ھارماي - تالماي ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ شانلىق يۇقىرى پەللىسى بولدى. ئۇنىڭ باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشى ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارا سىياسىي جامائەتچىلىكنىڭ مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا، لېيپىسىگ سوتى ئاخىر دىمىتروۋ قاتارلىق تۆت كىشىنى گۇناھسىز دەپ جاكارلاپ، قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. لۇبېرغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى. دىمىتروۋ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، 1934 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىپ، كوممۇنىستىك ئىنتىرناتسىئونالنىڭ باش شۇجىسى بولدى ھەمدە فاشىزىمغا قارشى ئۇلۇغ كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ