UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«18 - سېنتەبر» دىن « 7 - ئىيۇل » ۋەقەسىگە

«18 - سېنتەبر» دىن « 7 - ئىيۇل » ۋەقەسىگە

بەش مىڭ يىل 1931 - يىلى 18 - سېنتەبر كېچىسى، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا تۇرۇۋاتقان ياپونىيە كانتون ئارمىيىسنىڭ سايپولار كىچىك ئەترىتى پورۇچىك خې بېننىڭ باشچىلىقىدا، جەنۇبىي مانجۇرىيە تۆمۈر يولىنى بويلاپ شېنياڭنىڭ شىمالىي شەھەر شەھەر ئەتراپىدىكى ليۇتياۋخۇ كەنتىگە يېقىن تۆمۈر يولغا قاراپ ماڭدى. ئۇلار جۇڭگو ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان گازارمىغا تەخمىنەن 800 مېتىر كېلىدىغان يەرگە كېلىپ توختىدى. پورۇچېك خې بېن ئەتراپىغا قارىۋالدى. ئېتىزلاردىكى ئاق قوناقلار ئورۇۋېلىنغان بولۇپ، يىراقلاردىمۇ ئادەمزات كۆرۈنمەيتتى. ئۇ قولىدىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر ئىشلىتىدىغان كىچىككىنە بىر بولاق پارتلىتىش دورىسىنى رېلىس ئاستىغا كۆمدى. _ تارقال، يېتىۋال! - دېدى ئۇ. پورۇچېك خې بېن توۋلاۋېتىپ پىلتىنى تۇتاشتۇردى. «گۈلدۈر» قىغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا، بىر پارچە رېلىس ئۈزۈلدى. تەكى ياغاچلار تەرەپ - تەرەپكە ئۇچۇپ چۈشتى. خې بېن ئۈزۈلگەن بىر مېتىرچە رېلىسقا قاراپ چىققاندىن كېيىن قولىنى پولاڭلاتتى - دە، كىچىك ئەترەتنى باشلاپ كېتىپ قالدى. ياپونىيە جەنۇبىي مانجۇرىيە تۆمۈر يولىنى جۇڭگونىڭ بايلىقىنى بۇلاش، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئىقتىسادىي تومۇرنى تىزگىنلەش مەقسىتىدە ياسىغانىدى. ئۇلار رېلىسنى نېمە ئۈچۈن پارتلىتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىر پارچە رېلىسنى پارتلىتىپلا كېتىپ قالىدۇ؟ بۇ ئەسلىدە،ياپون جاھانگىرلىكى ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاپ كەلگەن چوڭ بىر سۈيقەست ئىدى! 1905 - يىلى ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ياپونىيە چارروسىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا بىر مۇنچە مۇستەملىكە ئىمتىيازىغا ئىگە بولۇۋالدى. ئۇلار شەرقىي شىمالدا كانتون ئارمىيىسىنى تۇرغۇزۇش، تۆمۈر يولنى ياساش بىلەنلا قالماي، پۈتۈن شەرقىي شىمالنىمۇ بېسىۋېلىش كويىدا بولۇپ كەلگەنىدى. 1929 - يىل جاھانگىرلىك دۇنياسىدا ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بەردى. ياپونىيە جاھانگىرلىكى ئىقتىسادىي كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، جۇڭگودا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى كەڭ كۆلەمدە ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋېلىپ، قەدەممۇ قەدەم پۈتۈن جۇڭگونى يۇتۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇش قارارىغا كەلدى. پۇختا پىلانلانغاندىن كېيىن، ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بۇ تۆمۈر يولنى پارتلىتىش ئارقىلىق ۋەقە تۇغدۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. بۇ 1931 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كېچىدە يۈز بەرگەن «ليۇتياۋخۇ ۋەقەسى » يەنى «18 - سېنتەبر » ۋەقەسى ئىدى. تۆمۈر يولنى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئوغرىنىڭ ئوغرىنى تۇت دەپ توۋلىغىنىدەك ھىيلىنى ئىشلىتىپ: تېلېگرامما بۇيرۇقىنى تارقىتىپ «زوراۋان جۇڭگو ئارمىيسى بىزنىڭ جەنۇبىي مانجۇرىيە تۆمۈر يولىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بىزنىڭ مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان قوشۇنىمىزغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن مۇداپىئە ئەترىتىمىز بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلدى . . . » دەپ تۆھمەت قىلدى. ياپونىيە ئارمىيىسى مۇشۇ ئىشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، لۇشۈنكۇدىن ئالدىنئالا ئەكېلىنگەن چوڭ مىنايوت بىلەن تۆمۈر يول پارتلىغان جايغا يېقىن يەردە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو ئەسكەرلىرىنىڭ گازارمىسىنى توپقا تۇتتى. گازارمىدا تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلەر دەرھال يۇقىرىدىن يوليورۇق سورىغان بولسىمۇ، ئەمما ئالىي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، توقۇنۇش پەيدا قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، دېگەن جاۋاب كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە ئەسكەرلىرى 19 - سېنتەبر ئەتىگەنگىچە، جۇڭگو ئەسكەرلىرى بىر پاي ئوق چىقارمىغان ئەھۋال ئاستىدا سېنياڭنى بېسىۋالدى. ئارقىدىنلا جياڭ جيېشى نەچچە يۈز مىڭ شەرقىي شىمال ئارمىيىسىنىڭ شەنخەيگۈەننىڭ ئىچىگە چېكىنىشى ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. ياپونىيە ئارمىيىسى سېنياڭنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، بۆلۈنۈپ داۋاملىق ئىلگىرلەپ، يېرىم يىل ئىچىدىلا لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىرىنى بېسىۋالدى. «18 - سېنتەبر» ۋەقەسىدىن كېيىن مىللىي زىددىيەت كۈندىن - كۈنگە كەسكىنلىشىپ قالدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى دەل ۋاقتىدا، ياپون جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ۋە ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىش خىتابنامىسى ئېلان قىلىپ ۋە تېلېگرامما يوللاپ، «ياپون جاھانگىرلىكنى مىللىي ئىنقىلابىي كۈرەش ئارقىلىق جۇڭگودىن قوغلاپ چىقىرىش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ چاقىرىق قىلىشى ۋە رەھبەرلىكى ئاستىدا، مەملىكەت مىقياسىدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەركىتىنىڭ غەزەب دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. جياڭ جيېشىنىڭ قارشى تۇرماسلىق سىياستى تۈپەيلىدىن ، ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق نوخلىسى بارغانسىېرى ئۆسۈپ قالدى. 1932 - يىلى 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى شاڭخەيدە جۇڭگو پىدائىيلىرى «ياپونچە شەيخ» نى ئۇرۇپ يارىدار قىلدى دېگەن بىر ۋەقەنى تۇغدۇرۇپ ، شاڭخەيگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى قوزغىدى. شۇ كەملەردە، سەي تىڭكەي باشچىلىقىدىكى 19 - ئارمىيە شاڭخەيدە تۇراتتى. ئۇلار پۈتۈن مەملىكەت خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۆتۈرەڭگۈ روھىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، شاڭخەيدە ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەشكە ئاتلاندى. 28 - يانۋار كېچىسى، ياپونىيە ئەسكەرلىرى پولات قاپلىما ئاپتوموبىللارنىڭ مۇھاپىزىتى ئارقىسىدا ، جۇڭگو ئەسكەرلىرىگە يابېي تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى. 19 - ئارمىيىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر جەڭگە ئاتلاندى. بىر پولات قاپلىما ئاپتوموبىل يولنى بويلاپ بېسىپ كەلدى. جۇڭگولۇق بىر ئەسكەر بىر باغلام قول بومبىسىنى ئاپتۇموبىلنىڭ قارنىغا تاشلۋىدى، ئاپتوموبىل «گۈلدۈر » قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كۇكۇم - تالقان بولۇپ كەتتى. يەنە بىر پولات قاپلىما ئاپتوموبىلمۇ بېسىپ كىردى. جۇڭگو ئەسكەرلىرى پولات قاپلىما ئاپتوموبىلنى قەستەن ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئاپتوموبىلنىڭ كەينىدىن نۇرغۇن ياپونىيە ئەسكەرلىرىدىن كېلىۋاتاتتى. جۇڭگو ئەسكەرلىرى يوغان قېلىچلىرىنى كۆتۈرۈپ، ياپون ئەسكەرلىرىنى چېپىشقا باشلىدى. ئون مىنۇت ئۆتە - ئۆتمەيلا، پولات قاپلىما ئاپتوموبىلنىڭ كەينىدىن كەلگەن ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى يوقىتىلدى. ئۇلار ئارقىدىنلا پولات قاپلىما ئاپتوموبىلنىڭ يېنىغا بېرىپ پارتلىتىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ، جۇڭگو ئەسكەرلىرى جەڭنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇردى، ياپونىيە ئەسكەرلىرى قىلچە ئالغا باسالمىدى. فېۋرالنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ياردەمگە ئەۋەتىلگەن قوشۇنلىرى شاڭخەيگە يېتىپ كەلدى. ئۇرۇش ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. 13 - فېۋرال كۈنى ياپونىيە ئالۋاستىلىرىنىڭ 5000 ئەسكىرى شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىمالىي چېتىدىكى جۇڭگو ئەسكەرلىرىنىڭ ۋېنساۋبىڭ ئۇرۇش سېپىگە غالجىرلىق بىلەن ھۇجۇم قىلدى. 19 - ئارمىيە 100 جەڭچىدىن تەركىب تاپقان پىداكارلار ئەترىتى تەشكىل قىلدى. ئۇلار كۆكرەك ۋە دۈمبىسىگە بومبىلارنى باغلاپ ھەمدە پۈتۈن بەدىنىگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ، بىر نەچچە يولغا بۆلۈنۈپ دۈشمەن سېپىگە كىرىپ، دۈشمەن ئەسكەرلىرى توپلانغان جايغا بېسىپ كىردى ۋە يەردىلا دومىلاش بىلەنلا، بومبىلارنىڭ تەڭ پارتلاپ، جەڭچىلەرنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىتىلىپ كەتتى. دۈشمەنلەرمۇ كۇكۇم - تالقان بولدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا دۈشمەن سېپىدە پارتلاش سادالىرى كۆتۈرۈلدى. دۈشمەنلەر جۇڭگونىڭ چوڭ قوشۇنى يېتىپ كەلگەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، تىرىپىرەن بولۇپ كەتتى. جۇڭگو قوشۇنلىرى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، دۈشمەننى ئون نەچچە چاقىرىم يەرگىچە قوغلاپ باردى. دۈشمەننىڭ قېنى دەريا بولۇپ ئاقتى. ئۆلۈكلەر تاغدەك دۆۋلىنىپ كەتتى. جۇڭگونىڭ كومپارتىيىسى شاڭخەي خەلقنى 19 - ئارمىيىنىڭ قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە قوزغىدى. شاڭخەيدىكى نەچچە يۈز مىڭ ئىشچى دەبدەبىلىك ھالدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلىشىپ ئومۇمىي ئىش تاشلىدى. ھەرساھە خەلق ئاممىسى ئارقا - ئارقىدىن پىدائىيلار قوشۇنى، قۇتقۇزۇش ئەترىتى، ترانسىپورت ئەترىتى تەشكىل قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇۋاتقان كوماندىر - جەڭچىلەرگە ياردەم بەردى. بىر كۈنى، ياپونىيە ئەسكەرلىرى جۇڭگولۇق خۇ ئاماۋ ئىسىملىك بىر شوپۇرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن پۇل بېرىپ، قورال - ياراغ توشۇتماقچى بولدى. ئۇ : بۇ قاراقچىلارنىڭ مۇشۇ قورال - ياراغلار بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرىمنى قىرىشىغا ھەرقانداق قىلىپ بولسىمۇ يول قويماسلىقىم كېرەك، دەپ ئويلىدى. ئۇ كۆرۈنۈشتە ماقۇل دېگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، بۇ قورال - ياراغلارنى قانداق قىلىپ 19 - ئارمىيە ئۇرۇش سېپىگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈستىدە باش قاتۇردى. ئەمما ماشىنىدا تۆت نەپەر ياپونىيە ئەسكىرى قاتتىق نازارەت قىلىپ تۇراتتى. خۇئاماۋ قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلالمىدى. ئاپتوموبىل خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئۇ رولنى بىر بۇراپلا، ئاپتوموبىلنى دەرياغا قاراپ ھەيدىدى. بىردەمدىلا تۈتەكلەر بېسىپ، بۇزغۇنلار كۆتۈرۈلدى. خۇ ئاماۋ ۋەتەن يولىدا قۇربان بولدى. بىر ئاپتوموبىلدىكى قۇرال - ياراق دەرياغا غەرق بولدى، ياپونىيە ئەسكەرلىرى تۇنجۇقۇپ ئۆلدى. شاڭخەيدىكى ھەربىيلەر بىلەن خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچلىرىغا قەھرىمانلارچە قارشى تۇرۇشى ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قاتتىق زەربە بولدى. ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنى كەينى - كەينىدىن تارمار قىلىۋەتتى. بىراق جۇڭگودىكى چوڭ پومىشچېك ، چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى ئارقىسىدا، بۇ جەڭ ھوقۇقتىن ۋاز كېچىپ، ۋەتەنگە ئاھانەت كەلتۈرىدىغان شاڭخەي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى«ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى» تۈپەيلىدىن توختاپ قالمىدى. ياپونىيە ئارمىيىسى شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، خىللانغان ئارمىيىسى بولغان كانتون ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسمىنى بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ ) بىلەن تيەنجىننى مۇھاسىرە قىلىشقا يۆتكىدى. بىر قاتار تەييارلىقلاردىن كېيىن، 1937 - يىلى يازدا جۇڭگوغا ئۇرۇش ئېلان قىلمايلا تاجاۋۇز قىلدى. 1937 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ياپون ئالۋاستىلىرى ئىغۋاگەرچىلىككە باھانە - سەۋەب تېپىش ئۈچۈن، بېيپىڭنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى لۇگوچياۋ كۆرۈكىگە يېقىن جايدا « ھەربىي مانېۋىر » ئۆتكۈزدى. بۇ «مانېۋىر » جۇڭگونىڭ 29 - كورپۇسنىڭ گازارمىسىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزۈلدى. ياپون ئالۋاستىلىرى «مانۋېر »جەريانىدا ياپونىيىنىڭ بىر ئەسكىرى«يوقىلىپ كەتتى» دېگەن باھانە تېپىپ، كۆۋرۈك بېشىدىكى يۈۋەنپىڭ ناھىيە بازىرىغا كېلىپ ئاختۇرۇش تەكلىپىنى قويدى. ياپونىيە ئارمىيىسى يولسىز تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچتە لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى بىلەن يۈەنپىڭ ناھىيىسىنى توپقا تۇتتى. «قاتتىق مۇداپىئە قىلىپ، قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارىمىز!» لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكنى ساقلاۋاتقان 29 - كورپۇسنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى تەڭلا غەزەبكە كېلىپ، دۈشمەن بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلدى. كەسكىن جەڭ داۋامىدا، بىر نەپەر ياش ئەسكەر بىر قېتىمدىلا 13 ياپون ئەسكىرىنى چېپىپ ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى. ئاخىرىدا ئۆزىمۇ مەرتلەرچە قۇربان بولدى. كۆۋرۈكنىڭ شىمالىنى ساقلاۋاتقان بىر ليەن جەڭچى خەۋپ - خەتەرگە قارىماي ، دۈشمەننى باتۇرلۇق بىلەن قىردى. ئاخىرىدا تۆت ئەسكىرى قېلىپ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ۋەتەن يولىدا قۇربان بولدى. «7 - ئىيۇل» ۋەقەسى دېگىنىمىز ئەنە شۇ. جۇڭگو كومپارتىيىسى «7 - ئىيۇل » ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئەتىسى پۈتۈن مەملىكەتتە: «بېيجىڭ - تيەنجىن خەۋپ ئاستىدا قالدى! بېيجىڭ خەۋپ ئاستىدا قالدى! جۇڭخۇا مىللىتى خەۋپ ئاستىدا قالدى! پۈتۈن مىللەت ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرغاندىلا، چىقىش يولىنى تاپالايمىز!»دەپ تېلېگرامما تارقىتىپ، پۈتۈن مەمىلىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىپ، مىللىي بىرلىك سەپنىڭ مۇستەھكەم سەددىچىن سېپىلىنى قۇرۇپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى جۇڭگودىن قوغلاپ چىقىرىشقا چاقىردى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسىنى قىزغىن ھىمايە قىلىپ، ياپون باسقۇنچلىرىغا قارىش ئۇرۇش قىلىشنى بىردەك تەلەپ قىلدى ھەمدە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يولىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دولقۇن قوزغىدى. چاڭشيەندىكى تۆمۈر يول ئىشچىلىرى « ئۆلسەكمۇ ۋەتەننى مۇنقەرز قىلىدىغان قۇللاردىن بولمايمىز» دېگەن يالقۇنلۇق شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇرغۇن رېلىس تەكىي، رېلىس ۋە تۆمۈر تۈۋرۈكلەرنى ئىستىھكام ياساش ئۈچۈن بېيپىڭغا ئەۋەتىپ بەردى. بېيپىڭغا ئەۋەتىپ بەردى. بېيپىڭ ئەتراپىدىكى دېھقانلار ئاڭلىق ھالدا ئاشلىق، ئوتۇن ئەكىلىپ يارىدارلارنى توشۇپ، ئاخبارات يەتكۈزۈپ، ئالدىنقى سەپتىكى جەڭچىلەرگە ئەشيا ئاپىرىپ بەردى. بېيپىڭدىكى جامائەت تەشكىلاتلىرى ۋەكىل ئەۋەتىپ، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلارغا پەرۋا قىلماي ، ئاپتوموبىللارغا يېمەكلىك قاچىلاپ، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ھال سورىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چىقىدىغان گېزىتلەر ئارقا - ئارقىدىن ئوبزور ئېلان قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرغا قارشى تۇرۇۋاتقان كوماندىر - جەڭچىلەرگە مەدەت بەردى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى دەرھال ئۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقنىڭ قاتتىق بېسىمى ئارقىسىدا، جياڭ جيېشى جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ قانۇنىي ئورنىغا ئېتىراپ قىلىش ۋە گومىنداڭ بىلەن پارتىيىنىڭ ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سېپىنىڭ رەسىمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. جۇڭگونىڭ ھەربىي ۋە خەلقى شىمالىي جۇڭگو، ئوتتۇرا جۇڭگودىكى كەڭ ئۇرۇش سېپىدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلدى. دېمەك، جۇڭگو «7 - ئىيۇل » ۋەقەسىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان، سەككىز يىل سوزۇلغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئولۇغ دەۋرىگە قەدەم قويدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگودا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى فاشسىزمغا قارشى ئۇرۇش سېپى ھەممىدىن بۇرۇن مەيدانغا كەلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ