UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنى توغرىسىدىكى ئۈچ قېتىملىق غەلىبە

ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنى توغرىسىدىكى ئۈچ قېتىملىق غەلىبە

بەش مىڭ يىل ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە، بىر نەپەر تېز خاتىرىلىگۈچى پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرستېتىدا سول تەرىپىدىكى سەككىز قەۋەتلىك بىناغا كېلىپ، پروفېسسور مېندېلېيېۋنىڭ بايانى بويىچە ئۇنىڭ >خېمىيە ئاساسلىرى< دېگەن ئەسىرىنى خاتىرىلەيتتى. پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرستېتى روسىيىنىڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىدى. بىر پروفېسسور بولۇش سۈپتىى بىلەن مېندېلېيېۋ خېلى ئوبدان خىزمەت شارائىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىغا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ بىناسىدا ئىشخانا، تەجرىبخانا ۋە ئۇندىن باشقا يەنە بىر مۇنچە تۇرمۇش خانىلىرى بار ئىدى. ئۇ ئەسەرلىرىنى ئىشخانىسىدا تېز خاتىرلىگۈچىگە ئاغزاكى سۆزلەپ بېرىپ، تېز خاتىرىلىگۈچى رەتلەپ چىققاندىن كېيىن ئۆزى كۆرۈپ بېكىتىشكە ئادەتلەنگەنىدى. >خېمىيە ئاساسلىرى< نىڭ 1 - تومى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا ئىدى، ھازىر ئۇ 2 - تومنى ئاغزاكى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى. مېندېلېيېۋ ناھايىتى ئەقىللىق ئىدى ھەمدە كەسىپكە بەك بېرىلەتتى. 1857 - يىلى بۇ مەشھۇر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دوتسېنتى بولغاندا، ئۇ تېخى 23 ياشتا ئىدى. بۇندىن تۆت يىل ئىلگىرى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەندىمۇ ئۇ ئاران 31 - ياشقا كىرگەنىدى، ئەمما بۇ ئەسەرنىڭ 2 - تومىنى بايان قىلىشتا، ئۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. بۇ تومغا خىمىيىلىك ئېلېمېنتلار ھەققىدىكى بايان كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. ئەمما ئۇلارنىڭ تەرتىپىنى قانداق تىزىش كېرەك؟ مېندېلېيېۋ ئۇزاق ئويلاپمۇ بۇ مۇرەككەپ مەسىلىنى زادىلا ھەل قىلالمىدى. ئۇ ئاغزاكى سۆزلەپ بېرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلىپ، خاتىرە دەپتىرىنى ئېچىپ، ۋاراقلاپ قېرىنداشتا بىر نېمىلەرنى يازدى، ئۆچۈردى، يەنە يازدى، ئېلېمېنتلارنى تىزىشنىڭ مەلۇم قانۇنىيەتلىرىنى ئىزدەشكە كىرىشتى. - ئانتون! - دەپ ۋارقىرىۋەتتى ئۇ توساتتىن ئورنىدىن تۇرۇپ. ئانتون ئۇنىڭ ئائىلە خىزمەتچىسى ئىدى، توۋلىغاننى ئاڭلاپ، ئۇ دەرھال مېندېلېيېۋنىڭ ئالدىغا ھازىر بولدى. - چاپسان بول، تەجرىبىخانىغا بېرىپ، بىر نەچچە ۋاراق قېلىن قەغەز تېپىپ كەل، - تېز ئەكەل! ئانتون ئىنتايىن تېزلىكتە بىر ئورام قېلىن قەغەزنى كۆتۈرۈپ كىردى. ئۇ خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي، ھەيران بولۇپ قاراپ تۇراتتى. - بۇ ياققا كەل، دەرھال ئۇنى ماڭا كېسىپ بەر! - مېندېلېيېۋ سۆزلەۋېتىپ خاتىرىسىنى قېلىن قەغەز ئۈستىگە قويۇپ، ئۈلگە ئۈچۈن كاتەكچە سىزدى ۋە ئالدى بىلەن بىرنى كېسىپ، - ھەممىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولسۇن، مۇشۇ ئۈلگە بويىچە كەسكىن! - دېدى. كارتوچكىلار كېسىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ كارتوچكىلارغا ئېلېمېنتلارنىڭ نامى، ئاتوم ئېغىرلىقى، بىرىكىشىنىڭ تەڭلىمىسى ۋە ئاساسلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى يازدى. ئادەتتە، مېندېلېيېۋ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، تاكى كەچ سائەت بەش يېرىمغىچە خىزمەت قىلىپ، سائەت ئالتە يېرىمدا >چۈشلۈك تاماق< يەيتتى، ئاندىن يەنە يېرىم كېچىلەرگىچە ئىشلەيتتى. ئەمما، بۇ قېتىم ئۇ ئادىتىنى بۇزۇپ ئۈچ كېچە - كۈندۈز ئۈزمەي ئىشلىدى. ئۇ يېزىپ بولغان كارتوچكىلارنى گۇرۇپپىلار بويىچە قاتار قىلدى. ھەر خىل ئېلېمېنتلار ئوتتۇرىسىدىكى ئچىكى باغلىنىشنىڭ تەرتىپىنى ئىپادىلەپ، بىر جەدۋەل تۇرغۇزۇش ئۈمىدىدە، كارتىلارنى بىردەم مۇنداق قاتار قىلسا، بىردەم ئۇنداق قاتار قىلىپ جاپا چەكتى، ئەمما ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى! ئۇ، مۇنچىۋالا ئۇزاق چارچاشقا داۋاملىق بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاخىر ئۇخلاپ كەتتى. ئەمما، ئۇيقۇمۇ ئۇنىڭ داۋاملىشىۋاتقان پىكىر - خىياللىرىنى توسۇپ قالالمىدى، ئۇنىڭ كاللىسىدا ئۇ كېچە - كۈندۈز ئويلاپ يۈرگەن ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش جەدۋىلى توساتتىن نامايان بولدى، ھەر خىل ئېلېمېنتلار ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئورۇنلىرىغا قاتار بولۇپ تىزىلدى. مېندېلېيېۋ شارت قىلىپ ئويغاندى - دە، قولىغا دەرھال قەلەم ئېلىپ، باياتىن كاللىسىدا نامايان بولغان ھېلىقى جەدۋەلنى قەغەزگە خاتىرىلىۋالدى. تەكرار ھېسابلاشلار ئارقىسىدا پەقەت بىرلا جاينى تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكى بايقالدى. مېندېلېيېۋنىڭ قوللىرى ھاياجاندىن تىترەپ كەتتى. ئۇ شاد - خۇراملىق بىلەن ئىشخانىسىدا ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ، ئۆز - ئۆزىگە: >ھە، ئەسلىدە، ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ئۇلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقى بىلەن دەۋرلىك مۇناسىۋەتتە بولىدىكەن - دە!< دېدى - دە، قېرىنداشنى ئېلىپ، بىر ۋاراق قەغەزنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغا: >ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خىمىيىلىك ئوخشاشلىقى بويىچە سىناق تەرىقىسىدە تىزىلغان ئېلېمېنتلار جەدۋىلى< دەپ يازدى. شۇنداق قىلىپ، 35 ياشلىق مېندېلېيۋ خىيمىيىلىك شەرتلىك بەلگىلىرىنىڭ ئاددىي تىزىلمىسىدىن، خېمىيىلىك ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنىنى كەشىپ قىلدى. ئۇ چاغدا، دۇنيادا بەزى ئېلېمېنتلار تېخى تېپىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دەۋرىي جەدۋەلدە ئۇلارغا ئالدىن ئورۇن قالدۇردى، 1869 - يىل 3 - ئايدا، سىناق تەرىقىسىدە تىزىلغان ئېلېمېنتلارنىڭ بۇ دەۋرىي جەدۋىلى ئېلان قىلىندى. مېندېلېيېۋ >خېمىيە ئاساسلىرى< نى يېزىشنى توختىتىپ قويۇپ، بۇ دەۋرىي جەدۋەلدىكى ئېلېمېنتلار تىزىلمىسىنى داۋاملىق تەتقىق قىلدى. ئىككىنچى يىلى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىسىدە ئۇ، ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنىغا ئاساسەن، ئۇ چاغدا تېخى دۇنيانىڭ ئىلىم - پەن ساھەسىگە مەلۇن بولمىغان بور تىپىدىكىلەر، ئاليۇمىن تىپىدىكىلەر ۋە كرېمنىي تىپىدىكىلەردىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئېلېمېنتلار تىپىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى ۋە ئۇلارنى مۇپەسسەل بايان قىلدى. >تازا بىر چاتاق ئىشقۇ بۇ! ئېلېمېنت تېپىلمىغان يەردە، ئۇنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقى ۋە سېلىشتۇرما ئېغىرلىقىنى قانداق بىلگىلى بولسۇن!< - دەپ بەزى ئالىملار ئۇنى مەسخىرە قىلدى. يەنە بەزى ئالىملار >راستتىنلا قۇرۇق خىياللارغا غەرق بولۇش - دە بۇ!< - دەپ ھەجىۋى قىلدى. ھەتتا ئۇنىڭ ئۇستازىمۇ ئۇنىڭغا: >خېمىيە جەھەتتە ئەستايىدىل ئىش قىلىش كېرەك، ناتوغرا كەسىپتىن ئەمدى قولىڭىزنى تارتىڭ!< - دەپ تەربىيە بەردى. ئەمما، مېندېلېيېۋ بۇلارنى ھەرگىزمۇ >چاتاق ئىش< ۋە >قۇرۇق خىياللارغا غەرق بولۇش< دەپ ھېسابلىمىدى، >ناتوغرا كەسىپكە بېرىلىش< دەپمۇ قارىمىدى. ئۇ ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنىنىڭ ئىلمىيلىقىغا، ئۇنىڭ ئەمەلىيەت سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى. ئەمما ئۇ، يېڭى ئېلېمېنتلار ھە دېسىلا تېپىلمايدىغانلىقى، ئېھتىمال بىر نەچچە يىل ئۆتكەندە ۋە ياكى ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭ غەلىبىسىنى كۆرەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇش شەرتلىكىنى بىلەتتى. ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى. دۇنيادا بىرەر ئادەم يېڭى ئېلېمېنتنى تاپالمىدى، شۇڭا، مېندېلېيېۋ تۈزگەن خېمىيىلىك ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋرىي جەدۋىلىنىڭ ئىلمىيلىقى يەنىلا ئىسپاتلانمىدى. ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنىڭ ئىلمىيلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كۈنمۇ ئاخىر يىتىپ كەلدى! 1875 - يىلى كۈزدە، مېندېلېيېۋ فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ گېزىتىدىن، يېڭى ئېلېمېنت گاللىينىڭ تېپىلغانلىقى توغرىسىدكى خەۋەرنى كۆردى، بۇ ئېلېمېنت ئۇ ئالدىن ھۆكۈم قىلغان ئاليۇمىن تىپىدىكىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ناھايىتى يېقىن كەلدى. ئەمما ئۇ خەۋەردە: گاللىينى تاپقان فرانسىيىلىك ئالىمنىڭ ھېسابلىشىچە، بۇ ئېلېمېنتنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 4.7 چىققانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مېندېلېيېۋنىڭ ھېسابلىشىچە، 5.9 ئىدى! زادى كىمنىڭ توغرا! مېندېلېيېۋ شۇ ھامان فرانسىيىلىك ئالىمغا خەت يېزىپ، ئۇ تاپقان گاللىينىڭ خۇسۇسىيىتىدىن قارىغاندا، ئۇ ئېلېمېنتنىڭ دەل ئۆزى 1869 - يىلى ئالدىن ھۆكۈم قىلغان ئاليۇمىن تىپىغا تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ بۇ ئېلېمېنتىنىڭ سېلىشتۇرما خاتا ھېسابلاپ قويغانلىقىنى كۆرسەتتى. فرانسىيىلىك ئۇ ئالىم مېندېلېيېۋنىڭ خېتىنى، ئوقۇپلا: >مېندېلېيېۋنىڭ قولىدا گاللىينى دېگەن ئېلېمېنت بولمىسا، ئۇ پەقەت بۇ ئېلېمېنتنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقىغا ھۆكۈم قىلغان تۇرسا، نېمىشقا ئۇ يەنە ئۆزىگە شۇنچە ئىشەنچ قىلغان ھالدا، مەن تەجرىبە قىلىپ ھېسابلىغان سېلىشتۇرما ئېغىرلىقنى خاتا دەيدۇ؟<، - دەپ داڭقېتىپ قالدى، ئەمما ئۇ يەنە يېڭىباشتىن ھېسابلاشنى ئېلىپ باردى. نەتىجىدە 5.94 چىقىپ، مېندېلېيېۋنىڭ توغرلىقى ئىسپاتلاندى. بۇنىڭ بىلەن فرانسىيىلىك بۇ ئادەم تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مېندېلېيېۋنىڭ ھۆكۈمالىقىنى ئىسپاتلاپ، شۇ ئاساستا ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنىنىڭ ئىلمىيلىقىنى دەلىللىدى. بۇ - ئېلېمېنتلار دەۋر قىلىش قانۇنى توغرىسىدىكى بىرىنچى قېتىملىق غەلىبە بولدى. بۇ ۋەقە ئىلىم - پەن ساھەسىدە غايەت زور تەسىر قوزغىدى. مېندېلېيېۋ شۇ ھامانلا دۇنياغا داڭ كەتتى. نۇرغۇنلىغان ئالىملار مېندېلېيېۋ ئىجاد قىلغان ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش جەدۋىلىگە ئاساسەن تېخى تېپىلمىغان ئېلېمېنتلارنى ئىزدەشكە كىرىشتى. ياۋروپادىكى نەچچە ئونلىغان داڭلىق تەجرىبىخانىلارنىڭ ھەممىسى جىددىي خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى، مىڭلىغان ئالىملار يېڭى كەشپىيات يارىتىش تەشنالىقىدا بولدى. تۆت يىلدىن كېيىن راست دېگەندەك يەنە بىر يېڭى ئېلېمېنت تېپىلدى. 1879 - يىلى، شۋېتسىيىلىك بىر خېمىيە پروفېسسورى >سىكاندىي< ناملىق بىر يېڭى ئېلېمېنتىنى تاپتى. بۇ ئېلېمېنت مېندېلېيېۋ بايان قىلغان بور تىپىدىكىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كەلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنى ئىككىنچى قېتىملىق غەلىبىگە ئېرىشتى. ھەتتا مېندېلېيېۋغا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ خۇشاللانغان ھالدا: بۇ ئۇنىڭ كەسپىدىكى ھەقىقىي غەلىبە، دەپ ھېسابلىدى. بىر كۈنى، مېندېلېيېۋ ئۇستازىغا: - قاراڭ، مېنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتتىمۇ بىر >ئىش< بولۇپ قالدى، - دېدى. - مەندىن رەنجىمەڭ جۇمۇ! - دېدى ئۇستازى مەردانىلىك بىلەن، - بىز ياشانغان بىر ئەۋلاد كىشىلەر. كىشىلەر نۇرغۇنلىغان نەزەرىيىلەرنى ئىجاد قىلدى. ئەمما قانچىلىرى ئاغدۇرۇلۇپ كەتتى! شۇڭا بىز بارلىق يېڭى نەزەرىيىلەردىن گۇمانلىنىشقا ئادەتلەنگەن. ئەمما، ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنى پۈتۈنلەي باشقا بىر ئىش. ئۇ سىزنىڭ نامىڭىزنى دۇنياغا تونۇتتى، روسىيىنىڭ ئىلىم - پېنىنىمۇ سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن بىرلىكتە دۇنياغا تونۇتتى. مەن بۇنىڭ ئۆز قېرىندىشىمنىڭ تۆھپىسى ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمدا ئاجايىپ خۇشالمەن! - مەن ئۇ چاغدا، ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنىنىڭ توغرىلىقى دەللىلىنىدىغان مۇشۇنداق بىر كۈنگىچە ھايات تۇرۇشۇمنىمۇ ئويلىمىغان ئىكەنمەن، - دېدى مېندېلېيېۋ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا، - ھازىر ئالدىن قىلىنغان بۇ ھۆكۈمنىڭ يەنە بىر قېتىم دەلىللىنىشى مېنى دادىللىق بىلەن: >ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنى ھەممىگە باب كېلىدۇ< دەپ پەخىرلىنىدىغان قىلدى. - شۇنداق، سىز ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىسىز، - دېدى ئۇستازى كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا. 1886 - يىلى، گېرمانىيىلىك بىر خېمىيە ئالىمى >گېرمانىيە< ناملىق بىر يېڭى ئېلېمېنتنى تاپتى. ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى مېندېلېيېۋ ئالدىن ھۆكۈم قىلغان كرېمنىي تىپىدىكىلەرگە ئوخشاش چىقتى. بۇنىڭ بىلەن ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنى ئۈچىنچى قېتىملىق غەلىبىگە ئېرىشتى. كېيىنكى كۈنلەردە مېندېلېيېۋ ئالدىن ھۆكۈم قىلغان باشقا ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىمۇ ئوخشاشلا ئەمەلىيەت تەرىپىدىن دەلىللەندى. شۇنىڭ بىلەن، ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنى بىر ئاساسىي قانۇن سۈپىتىدە ھازىرقى زامان خېمىيە ۋە فىزىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش قانۇنى توغرىسىدىكى ئۈچ قېتىملىق غەلىبىدىن مېندېلېيېۋ ئىنتايىن زور شۆھرەت قازاندى. دۇنيادىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئاكادېمىيىلەر ئۇنىڭغا ھەر خىل شەرەپلىك ناملارنى بېرىپ، پەخرىي گۇۋاھنامىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇنى ئىلمىي لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى، بىراق ئۇرۇس ئىمپېرىيىسى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا قالدى. 1890 - يىلى 66 ياشلىق مېندېلېيېۋ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى قوللاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇراجىئەتنامىسىنى ئۆزى مائارىپ مىنىستىرىغا تاپشۇردى، مىنىستىر بۇنى رەت قىلدى. مېندېلېيېۋ بۇنىڭغا غەزەپلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، 30 نەچچە يىل خىزمەت قىلغان پېتربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن چىقىپ كەتتى. 1907 - يىل 1 - ئايدا، مېندېلېيېۋ ئالەمدىن ئۆتتى. مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشتى. ماتەم سېپىدىكىلەر، بۇ ئۇلۇغ خېمىيە ئالىمى ئىجاد قىلغان ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قىلىش جەدۋىلى سىزىلغان زور پلاكاننى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىشقانىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ