UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭسىتىسلىيىگە يۈرۈش قىلىش

سىتىسلىيىگە يۈرۈش قىلىش

بەش مىڭ يىل مىلادىدىن ئىلگىرى 415 _ يىلى 6 - ئاينىڭ بىر كۈنى، تاڭ سەھەردە، ئافىنا سىرتىدىكى پورتتا تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن ئۇرۇش كېمىلىرىدىن تەركىپ تاپقان قوشۇن يەلكەن چىقىرىپ، سەپەرگە چىقىشقا تەييارلىنىپتۇ. _ دۇت.... _ تۇيۇقسىز سېگنال ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ھەممە يەرنى جىمجىتلىق بېسىپتۇ. 30 نەچچە ياشلىق بىر ھەربى قۇماندانلىق كېمىسىگە چىقىپ، جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ۋاقىراپتۇ: _ ئافىنا پۇقرالىرى، ئەزىمەتلەر! بۈگۈن، بىز شەرەپلىك ۋەزىپە ئۆتەشكە بارىمىز، يەنى گۈزەل ھەم مۇنبەت سىتىسلىيىنى بوي سۇندۇرۇشقا بارىمىز. ئۇ يەردە ئەڭ ئەرزان قۇللار، سانسىزلىغان ئالتۇن، كۈمۈش بار! ئەگەر بىز بارمىساق، بۇ جاي سىپارتالىقلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ! پۇقرالار، ئەزىمەتلەر! ھازىر سەپرىمىزگە ئاق يول تىلەش ۋە يورۇشىمىزنىڭ غەلبە قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلۇغ خۇداغا دۇئا _ تىلاۋەت قىلايلى! بۇ سۆزنى قىلغان كىشى يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنغا لەشكەر بېشى بولغان باش سەركەردىلەرنىڭ بىرى _ ئالكىبىيەدېس ئىكەن. ئۇ ياش، كېلىشكەن كىشى بولۇپ، قابىلىيەتلىك - بىلىملىك ئىكەن ۋە ئەينى زاماندىكى مەشھۇر پەيلاسوپ سوقراتنىڭ شاگىرتى بولغان ئىكەن، ئۇ سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ئىسرىق سۈپىدىن ئىس كۆتىرىلىپتۇ، لەشكەرلەر ۋە سەركەردىلەر قەدىمى ئۆرپ - ئادەت بويىچە ھاراق سېپىپ تاۋاپ قىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، كېمىلەردىن ۋە قىرغاقتىن مەدھىيە ناخشىلىرى كۆتىرىلىپتۇ، كېمە ئەترىتى ئۇزۇن سەپ بولۇپ، ئاستا _ ئاستا پورتتىن چىقىپ دېڭىزغا قاراپ يول ئېلىپتۇ. ئۇنىڭدىن 16 يىل ئىلگىرى ئافىنا بىلەن سىپارتا يونانغا خوجايىنلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىپ ئۇرۇش قىلىغان. بۇ ئۇرۇش 10 يىل داۋام قىلغان. ھىچقايسى تەرەپ غەلىبە قىلالمىغاچقا، مىلادىدىن ئىلگىرى 421 - يىلى «50 يىللىق ئىتىپاق كېلىشىمىسى» تۈزۈلگەن. 2 - يىلى ياش ئالكىبىيەدېس ئاخنا سەركەردىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، سىتىسلىيىگە ھەربى يۈرۈش قىلىپ، سىپار تاغا زەربە بېرىشكە كۈچىنىڭ بېرىشىچە قۇتۇراتقۇلۇق قىلىغان. ئالكىبىيەەدېسىنىڭ نۇتقى نۇغۇن ئادەملەرنى تەسىرلەندۈرگەن. ئاخىرىدا، پۇقرالار قۇرۇلتىسى ئۇنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش پىلانىنى تەستىقلىغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يىراققا يۈرۈش قىلىشتا لەشكەر بېشى قىلىپ تەيىنلەنگەن. نىكىئاس يىراققا يۈرۈش قىلشقا قارشى تۇرغان ھەتتا ئاكىبىيەدېسنى نام - ئاتاق ۋە بايلىقنى دەپ قاراملىق بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. دەپ ئەيىپلىگەن بولسىمۇ، لېكىن پۇقرالار قۇرۇلتىيى ئۇنىڭ ئالكىبىيەدېس بىلەن بىرلىكتە يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قۇشۇنغا لەشكەر بېشى بولۇشنى بەلگىلىگەن. كېمە ئەترىدى سەپەرگە چىقىش ئالدىدا، ئافىنادا كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان بىر ۋەقە يۈز بەرگەن: بىر كۈنى كېچىدە، تۆت كوچىغا تۇرغۇزۇلغان نۇرغۇن ھېرمېس خۇدانىڭ خۇدا ھەيكەللىرىنىڭ يۈزى چوقۇم تاشلانغان. ھېرمېس يۇنان قول سانائىتى ۋە سودا خۇداسى، شۇنىداقلا دېڭىزچىلار ۋە سەيلى _ ساياھەتچىلەرنىڭ پېرى ئىكەن. خۇراپاتلىققا ئىشىنىدىغانلار بۇ يىراققا يۈرۈش قىلىشتىن ياخىشلىق كەلمەيدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى دەپ قارىغان. خۇداغا تىل تەككەزۈدىغان بۇنداق چوڭ ۋەقەنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلگەن. ئەمەلىيەتتە، بۇنى ئالىكىبىيەدېسىنىڭ سىياسى رەقىپىلىرى قىلغان ئىكەن. ئالكىبىيەدېس غەزەپكە كېلىپ بۇ ۋەقەنى دەرھال تەكشۈرۈشنى ئالىكبىيەدېس غەزەپكە كېلىپ بۇ ۋەقەنى دەرھال تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن سەپەرگە چىقىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمىغاچقا، يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن يەنىلا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يولغا چىققان. كېمە ئەترىدى ئافىنادىن چىقىپ، پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ دېڭىز ياقىسىنى بويلاپ يۈرگەن. بۇ كېمە ئەترىدىدىن 100 دانە ئۇرۇش كېمىسى بولۇپ، ھەر بىر كېمىنىڭ كەڭلىكى ئالتە مېتىر، نەچچە مېتىر. ئىگىزلىكى ئۈچ قەۋەت بولۇپ، 150 نەچچە دانە پالاق ئورنىتىلغان. ئۇلار جەنۇبىي ئىتالىيە بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان كېركىراغا بارغاندىن كېيىن ئىتتىپاقداش قەلئەنىڭ كېمىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، 134 دانە كېمىسى ۋە 50 پالاقلىق ئىككى چوڭ كېمىسى بولغان چوڭ كېمە ئەترىتى بولۇپ شەكىللەنگەن. كېمىلەردە ئېغىر _ يېنىك قوراللار بىلەن قوراللانغان پىيادە لەشكەرلەر، ئاتلىق لەشكەر، شۇنىڭدەك تاشچى، ياغچچى بولۇپ 30 نەچچە مىڭ ئادەم بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 30 دانە سودا كېمىسىدە، ھەربى لاۋازىمەتلىكلەر جۈملىدىن كۆپلىگەن ئاشلىق ۋە قورغان سالىدىغان پۈتۈن يۈرۈشلۈك سايمان بار ئىكەن. كېمە ئەترىتىنىڭ كەينىدە نۇرغۇنلىغان تىجارەتكە چىققان سودا كېملىرى بار ئىكەن. يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى كېمە ئەترىدى ئادرىياتىك دېڭىزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىتالىيىنىڭ دېڭىز ياقىسىنى بويلاپ غەربىي جەنۇپ تەرەپكە قاراپ يۈرگەن، ئانچە ئۇزاققا قالماي، سىتىسىلىيە ئارىلىغا كەلگەن ھەمدە ئارالنىڭ شەرقىي تەرىپىدىن قورۇقلۇققا چىقىپ سىراكىئوس ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن تۇتۇشقان. شۇ چاغدا تاسادىپى بىر ۋەقە يۈز بەرگەن: ئافىنا بىر دۆلەت كېمىسى ئەۋەتكەن، كېمىدىكىلەر پۇقرالار قۇرۇلتىيىنىڭ ئالكىبىيەدېس دەرھال ئافىناغا قايتىپ سوتقا تارتىلسۇن دېگەن بۇيرۇقىنى ئېلىپ كەلگەن. ئەسلىدە ئالكىبىيەدېسنىڭ سىياسى رەقىبى ئۇنىڭ ئافىنادا يوقلۇققىدىن پايدىلىنىپ، ئامال قىلىپ ئالكىبىيەدېسىنىڭ خۇداغا تىل تەككۈزگەنلىكى ۋە خەلققە قارشى تۇرۇش نىيىتىدە بولۇش جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلىش توغرىسدا پۇقرالار قۇرۇلتىيىغا قارار ماقۇللاتقۇزغان. ئالكىبىيەدېس نائىلاج قوماندانلىق ھوقۇقىنى نىكاسقا ئۆكۈزۈپ بېرىپ، ئۆز كېمىسىگە چۈشۈپ ھېلىقى دۆلەت كېمىسى بىلەن ئافىتاغا قايتىقان. لېكىن ئلۇ يېرىم يولدا پۇرسەت تېپىپ قېچىپ كەتكەن. بۇ خەۋەر ئافىناغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، پۇقرالار قۇرۇلتىيى ئۇنىڭغا قارىسىدىن ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ ھەممە مال _ مۈلكىنى مۇسادىر قىلغان. _ مەن ئۆزەمنىڭ ھايات ئىكەنلىكىمنى ئۇلارغا بىلدۈرىمەن! _ دېگەن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ ئالكىبىيەدېس بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز قەلئەسىنىڭ دۈشمىنى بولغان سىپارتالىقلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ھەمدە زەھەرخەندىلىك بىلەن سىپارتالىقلارغا ئافىنانى يېڭىش توغرىسىدا سىپارتا دەرھال سىراكىئوسقا يادەمگسەد كېمە ئەترىتى ئەۋەتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇرۇقلۇق قىسملىرى ئەۋەتىپ ئافىنانىڭ يېنىدىكى تىكىيە دېگەن يەرنى ئىشغال قىلىش تەكلىۋىنى بەرگەن. سىپارتالىقلار ئافىناغا ئەجەللىك زەربە بېرىدىغان بۇ ئىككى تەكلىپنى تامامەن ئىشقا ئاشۇرغان. ئالكىبىيەدېس كەتكەندىن كېيىن، سىتىسلىيىنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتى ئافىناغا پايدىسىز تەرەپكە قاراپ يۈزلەنگە. سىپارتا دەرھال كېمە ئەترىدى ئەۋەتىپ سىراكئوسقا ياردەم بەرگەن. نىكساس ئۇنىڭ ھەركىتى ئاستابولغان، ئارىسالدا بولۇپ قالغان، شۇڭا لەشكەرلەرگە سىراكىئۇس شەھىرىنىڭ سىرتىدا بىر سېپىل سېلىشقىلا بۇيرۇق بەرگەن. سىپارتانىڭ ياردەمگە كەلگەن قوشۇنلىرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ، سىراكئۇس لەشكەرلىرى روھلىنىپ، ناھايىتى تېزلا بىر سېپىل سېلىپ ئۇلارنى قورشىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن نىكىساسنىڭ قۇرۇقلۇق بىلەن سىراكئۇسقا كېىدىغان ياردەمنى ئۈزۈۋېتىش پىلانى مەغلۇپ بولغان. ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئافىنا كېمىلىرىدىكى پالاقچى قۇللار ۋە ياللانما دېڭىزچىلار قېچىشقا باشلىغان، كېمىلەردىكى ئوتۇن _ ياغاچ ۋە سۇ ئازىيىپ كەتكەن. قورقۇنچاق نىكىساس ئالدىراپ _ تېنەپ ئافىنادىن ياردەم بېرىشنى ياكى ئۆزىنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان. سىپارتا قوشۇن ئەۋەتىپ ئافىناغا 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان تىكىيە دېگەن يەرنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئافىنانىڭ بىخەتەرلىكى قاتتىق تەھدىتكە ئۇچرىغان. ئافىنا ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچكەلگەن. بىراق سىتىسلىيىدە غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن، ئافىنا يەنىلا ئىككىنچى تۈركۈم يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇننى ئەۋەتكەن. بۇ رەت ئافىنا 72 دانە ئۇرۇش كېمىسىدە 8000 پىيادە لەشكەر كەلگەن. لېكىن بىر نەچچە رەت ئۇرۇش قىلىپ يەنىلار مەغلۇپ بولۇپ، ئاخىر نائىلاج قوشۇنلىرىنى چىكىندۇرگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 413 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كېچىدە، ئافىنا ئۆز قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرگىلى تۇرغاندا ئاي تۇتۇلغان. نىكساس پالچىلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۈچ توققۇز كۈندىن ئۈچى ئۆتكەندىن كېيىن چېكىنىشكە بويرۇق بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن سىراكىئۇس ئۆزىنىڭ دېڭىز لەشكەرلىرىنى تەربىيىلەش ۋە ياخشىلاشقا ئۈلگۈرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، سىراكئۇس كېمە ئەترىدى ئافىنا كېمە ئەترىدىنى تېرە - پېرەڭ قىلىۋەتكەن. ئافىنا قوشۇنلىرى ئۈمىتنى قۇرۇقلۇق بىلەن چېكىنىشكە باغلىغان. 40 مىڭ لەشكەر يول ئۈستىدە ئۈزلۈكىسز تۈردە سىراكئۇسنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرى ۋە يېنىك قوراللار بىلەن قۇراللانغان پىيادە لەشكەرلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، 1 - كۈنى يەتتە كىلومېتىر يول يۈرگەن، 2 - كۈنى ئاران ئۈچ كىلومېتىر يول يۈرگەن. 5 - كۈنىگە كەلگەندە ئافىنا قوشۇنلىرىنىڭ ئاشلىقى تۈگەپ بىر كىلومېتىرمۇ يول يۈرەلمىگەن. بىر نەچچە كۈن قانلىق ئېلىشىشتىن كېيىن ئافىنا قوشۇنىدىن ئاران 7000 ئادەم قالغان. نىكساس سىراكىئۇس بىلەن سۆھبەت قىلىشقان ئادەم ئەۋەتسە، سىراكئۇس رەت قىلغان. ئاخىر، نىكساس نائىلاج تەسلىم بولغان. ئۇنى شەھەرگە يالاپ كىرىپلا ئۆلتۈرگەن. ئافىنالىق 7000 ئەسكەرنىڭ كۆپچىلىكى قۇل قىلىپ سېتىلغان؛ قالغانلىرى تاش قېزىش مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلىپ ئىشقا سېلىنغان، بىر يىلغا قالماي ھەممىسى چارچاپ ئۆلگەن. سېتىسلىيىگە يۈرۈش قىلىش نەتىجىسىدە، ئافىنا ئەڭ خىل قۇرۇقلۇق لەشكەرلىرىدىن ۋە ھەممە كېمە ئەترىتىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئافىنا بىلەن سىپارتا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش يەنە ئون يىلغا يېقىن داۋاملاشقان بولسىمۇ، لېكىن سىتىسلىيىدىكى مەغلۇبىيەت ئافىنانىڭ چوقۇم ئاخىرقى ھېساپتا مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. دېگەندەك، مىلادىدىن ئىلگىرى 404 - يىلىغا كەلگەندە، سىپارتا كېمە ئەترىدى ئافىنانى قامال قىلغان، تۆت ئاي قامال قىلىنغاندىن كېيىن، ئافىنا شەھىرىدىكى ئاشلىق تۈگەپ، ئاخىر سىپاتاغا تەسلىم بولغان. تەسلىم بولۇش شەرتلىرى: ئافىنا ئىگىرى ئىشغال قىلغان بارلىق زىمىنلىرىدىن ۋاز كېچىش، مۇھاپىزەت ئ ۈچۈن 12 دانە كېمە ئېلىپ قالغاندىن سىرت، باشقا ھەممە كېمىسىنى سىپارتاغا تاپشۇرۇپ بېرىش ھەمدە سىپارتانى ئىتتىپاق خوجايىنى دەپ ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. 27 يىل داۋام قىلغان ئۇرۇش ئاشۇنداق ئاياقلاشقان. غەلىبە قىلغۇچى تەرەپ سىپارتا پېلو پوننېس يېرىم ئارىلىدا بولغاچقا ھەمدە بۇ يەرنى ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقىنىڭ نامى قىلغاچقا، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش تارىختا پېلوپونېس ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. بىراق، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش سىپارتانىمۇ ئاجىزلاشتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل يۇنان يېرىم ئارىلىدىكى قەلئەلەر ئۇزاققىچە زەئىپلىشىش خەۋپى ئىچىدە تۇرغان. قەدىمقى يۇنان تارىخدىكى گۈللىنىش دەۋرى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كەلمەسكە كەتكەن. ئۇزاققا قالماي، يۇنان ئاخىرى شىمال تەرەپتىكى كۈچلۈك خوشنىسى ماكىدۇنىيە تەرىپىدىن بوي سۇندۇررۇلغان.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ