UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭخەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

بەش مىڭ يىل ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەلگەندە، دۇنيا بويىچە ھەر قايسى ئەللەر ئەمگەكچىلىرى ھەر خىل تەنتەنىلىك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جەڭگىۋار بايرىمى - خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ. نېمە ئۈچۈن 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن؟ قاچان بېكىتىلگەن؟ ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر مۇنچە دۆلەتلەر كاپىتالىزمدىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ جاھانگىرلىك باسقۇچىغا يەتتى. ئاشۇ زۇلمەتلىك يىللاردا، كاپىتالىستلار ئەمگەك ۋاقتى ۋە ئەمگەك سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئىشچىلارنى دەھشەتلىك ئېكىسپلاتاتسىيە قىلدى. ئامېرىكىدا، ئىشچىلارنىڭ ھەر كۈنلۈك ئەمگەك ۋاقتى 14 - 16 سائەت،، ھەتتا بەزى ھاللاردا 18 سائەت بولدى. ئەمگەك ۋاقتى شۇنچىۋالا ئۇزاق بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئاچ - يالىڭاچلىقتا ھايات كەچۈردى. ئىشچىلار، ياشاش شارائىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا تايىنىپ، كاپىتالىستلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى بىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلىپ، قاينام - تاشقىنلىق ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ كۈرەشنىڭ ئاساسلىق شۇئارى سەككىز سائەتلىك ئىش كۈنىنى قولغا كەلتۈرۈش بولدى. ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ قۇدرەتلىك بېسىمى ئاستىدا، ئامېرىكا پارلامېنتى مەجبۇرىي ھالدا سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى توغرىسىدا قانۇن تۈزدى. ئەمما، بۇ قانۇن قۇرۇق گەپكىلا ئايلىنىپ، كاپىتالىستلار ئۇنى زادىلا ئىجرا قىلمىدى، ئىشچىلار ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلەۋېرىپ، ئىنتايىن ئېغىر جاپا - كۈلپەت ئىچىدە قالدى. ئىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ كۈرۈشلىرىنى يېڭى بىر دولقۇنغا كۆتۈرمەكچى بولدى. 1884 - يىل 10 - ئايدا ئامېرىكا ۋە كانادادىكى خەلقئارالىق ۋە مەملىكەت خاراكتېرلىك سەككىز ئىشچىلار تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ چىكاگودا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، 1886 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئومۇمىي ئىش تاشلاشنى ۋە مۇشۇ قۇدرەتلىك بېسىم بىلەن كاپىتالىستلارنى سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مەجبۇرلاشنى قارار قىلدى. 1886 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاخىر يېتىپ كەلدى. بۇ كۈنى، ئامېرىكىدىكى 20 مىڭدىن كۆپ كارخانىدىكى 350 مىڭ ئىشچى ئىش توختىتىپ كوچىغا چىقىپ، داغدۇغىلىق نامايىش قىلدى. بۇنىڭ كەينىدىنلا ئومۇمىي ئىش تاشلاشقا باشلىدى. نامايىش ۋە ئىش تاشلاشقا قاتناشقانلار ئىچىدە ئامېرىكىلىق ئىشچىلار بولۇپلا قالماستىن، ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىك ئىشچىلارمۇ بار ئىدى. چىكاگودا، بۇ كۈنى 45 مىڭ ئىشچى كوچىغا چىقتى، پويىزلار توختاپ كەتتى، سودا دۇكانلىرى تاقالدى. ئاساسلىق سانائەت ئورۇنلىرى پالەچ ھالەتكە چۈشتى. ئىش تاشلاش دولقۇنى ئارقا - ئارقىدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئىشچىلار كۈرىشىنىڭ يالقۇنى بارغانسېرى ئۆرلىدى، 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چىكاگو ھۆكۈمەت دائىرىلىرى >دېموكراتىيە< دېگەن ساختا چۈمپەردىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، زوراۋانلىق كۈچى بىلەن ئىشچىلارنى باستۇردى. بىر زاۋۇتتىكى يىغىلىش ئۈستىدە ساقچىلار ئالتە نەپەر ئىشچىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. بۇ قانلىق ۋەقە پۈتكۈل شەھەردە ئىشچىلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. >ھۆكۈمەتنىڭ قانلىق زوراۋانلىقىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىمىز!< >ۋاپات بولغان ئىشچى قېرىنداشلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئالايلى!< ئىككىنچى كۈنى كەچقۇرۇن سائەت يەتتىدە، ئىشچىلار ئاممىسىدىن 3000 كىشى قايغۇ ۋە غەزەپ ھېسسىياتى بىلەن بىر مەيداندا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، قازا بولغان ئىشچى قېرىنداشلارغا ماتەم بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قانلىق زوراۋانلىقى ئۈستىدە شىكايەت قىلدى. سائەت ئونغا ئاز قالغاندا، يىغىلىش ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇراتتى، كۆپ ساندىكى ئىشچىلار سورۇندىن كېتىپ بولغانىدى. 200 گە يېقىن قوراللىق ساقچى ئۇشتۇمتۇت بۇ يەرگە باستۇرۇپ كىردى. بىر ئوفىتسېر: - تارقىلىڭلار! تېز تارقىلىڭلار! بۇ يەرگە توپلىشىۋېلىپ چاتاق چىقىرىشقا يول قويۇلمايدۇ! - دەپ ۋارقىرىدى. - ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىمىزگە نېمىشقا يول قويۇلمايدىكەن؟ - دېدى ئىشچىلار ئارقا - ئارقىدىن ئېتىراز بىلدۈرۈپ، - سىلەر قانلىق پاجىئە پەيدا قىلدىڭلار، ئىشچىلارغا يەنە داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلماقچىمۇ؟ - بىز بۇيرۇققا بىنائەن سىلەرنىڭ قانۇنسىز يىغىلىشىڭلارنى تارقىتىۋېتىمىز! گەپ ئاڭلىمىساڭلار، بۇيرۇقنى قورال كۈچى بىلەن ئىجرا قىلىمىز! - يىغىلىش قىلىش ئۆز ئەركىمىز - دە، تارقىتىۋېتىشكە ھەققىڭلار يوق! - بۇرادەرلەر، بۇ يالاڭتۆشلەر گەپ ئاڭلىمايۋاتىدۇ، ئۇلارنى دەرھال قوغلىۋېتىڭلار! - دەپ ۋارقىرىدى ئوفىتسېر. ۋەھشىي ساقچىلار دەررۇ مەيدانغا ئېتىلىپ كىرىپ، كالتەك - چوماقلار بىلەن ئىشچىلارنىڭ باش - كۆزىگە ئۇرۇشقا باشلىدى. ئىشچىلار جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. شۇئان بىر مەيدان پاتىپاراقچىلىق بولۇپ كەتتى. >گۇمباڭ!< ئۇشتۇمتۇت كۈچلۈك پارتلاش ساداسى كۆتۈرۈلدى. ئەسلىدە مەيدانغا بۇرۇنلا يوشۇرۇنۇۋالغان كاپىتالىستلارنىڭ يالاقچىلىرى غالجىرلىق بىلەن كىشىلەر توپىغا قارىتىپ بومبا تاشلىدى. تۆت ئىشچى شۇ يەردىلا يىقىلدى - دە، جان ئۈزۈپ قانغا پاتتى، بومبىنىڭ كۆزى بولمىغاچقا، بىر نەچچە ساقچىنىمۇ جېنىدىن ئايرىدى. بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى زور كۆلەملىك باستۇرۇش باھانىسىگە ئىگە بولدى. ئۇلار شۇ ھامان زور تۈركۈملەپ ھەربىي ساقچىلارنى يۆتكەپ كېلىپ، ئىشچىلار ئاممىسىغا ئەسەبىيلىك بىلەن ئوق ياغدۇردى. نەتىجىدە 200 دىن ئارتۇق ئىشچى ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى، تېخىمۇ كۆپ ئىشچىلار قولغا ئېلىندى. بۇرژۇئا گېزىتلىرى بولۇشىغا جامائەت پىكرى توپلاپ، سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى تەلەپ قىلغان ئىشچىلارغا >بومبا تاشلىغۇچىلار< دەپ تۆھمەت قىلدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولغۇلۇق بولدى، ئاخىرغىچە بولىۋەرسۇن دەپ سەككىز نەپەر ئىشچىلار داھىيسىنى سوت مەھىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارغا ئادەم ئۆلتۈردى دەپ تۆھمەت قىلدى. مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ئاساسلىقى چوڭ زاۋۇتلاردىكى ئىش باشقۇرغۇچىلار ۋە نازارەتچىلەردىن تەركىب تاپتى. سوتقا چىقىپ شاھىتلىق قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ساقچىلار ۋە ساقچىلار ئىدارىسى سېتىۋالغان كىشىلەردىن بولدى. - مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىدىكى ئەپەندىلەر، - دېدى تەپتىش ئەمەلدارى شىكايەتنامىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، - بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىش كېرەك. ئۇلارنى دارغا ئېسىش ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈلگە كۆرسىتىش كېرەك، مۇشۇ ئارقىلىق سىلەر تۈزۈمىمىزنى ۋە جەمئىيىتىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايسىلەر! دۈشمەننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئىشچىلارنىڭ داھىيلىرى تىز پۈكمىدى. ھۆكۈم ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا ئۇلار مەردانىلىك بىلەن سوتچىغا: - ئەگەر سىلەر بىزنى دارغا ئېسىش ئارقىلىق ئىشچىلار ھەرىكىتىنى تۇنجۇقتۇرۇۋەتكىلى بولىدۇ دەپ قارىساڭلار، قېنى، بىزنى دارغا ئېسىڭلار! سىلەر بۇ يەردە بىر تال ئۇچقۇننى دەسسەپ ئۆچۈرسەڭلار، ئۇ يەردە، سىلەرنىڭ ئارقا سېپىڭلاردىكى جاي - جايلاردا يالقۇنلار لاۋۇلدايدۇ. بۇ يەر قاتلىمىدىن چىققان زور ۋولقان، سىلەر ئۇنى مەڭگۈ ئۆچۈرەلمەيسىلەر! - دەپ ئاگاھ قىلدى. 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سوت مەھكىمىسى يەتتە كىشىگە دارغا ئېسىش جازاسى بەردى. بىر كىشىگە 15 يىللىق قاماق جازاسى بەردى. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار، شتاتنىڭ ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىۋىدى، كېسىم يەنىلا بۇرۇنقى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالدى. ئارقىدىن يەنە قوشما شتاتنىڭ ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز بەردى، بۇ يەردىنمۇ بۇ ئارخىپنى تەكشۈرۈش رەت قىلىندى، دەپ جاۋاب بەردى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ جاي - جايلىرىدىكى ئىشچىلار ئاممىسى ئارقا - ئارقىدىن يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى؛ ھەر قايسى ئەللەردىكى ئىشچىلارمۇ كەينى - كەينىدىن ئېتىراز يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزدى. ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرسالىق قىلىپ ئىككىنچى يىلى 11 - ئايدا، ئىشچىلار داھىيلىرىدىن تۆتنى ئۆلتۈردى، ئۈچىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى. بىرى تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنىدى. 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يانغان بۇ كۈرەش يالقۇنى دەرھال پۈتكۈل ياۋروپاغا ۋە باشقا قىتئەلەرگە ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتى. ئامېرىكىدىكى چىكاگو ئىشچىلىرىنىڭ قېنى بىكارغا ئاقمىدى. ئۇلار قوزغىغان ئومۇمىي ئىش تاشلاش، پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى ۋە ئەمگەكچى خەلقنىڭ جەڭگىۋار قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ قەتئىي كۈرەش قىلىش ۋە دۇنيادىكى ئىلغار جامائەت پىكرىنىڭ كەڭ قوللىشى ئارقىسىدا، بىر ئايدىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى 200 مىڭغا يېقىن ئىشچى ئاخىر سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمى ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. 1889 - يىل 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى فرانسىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ باست تۈرمىسىنى پاچاقلىغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنى. بۇ كۈن ھەر قايسى ئەللەر ماركىسىزمچىلىرى چاقىرغان خەلقئارا سوتسىيالىزمچىلار قۇرۇلتىيى پارىژدا تەنتەنىلىك ئېچىلدى. قۇرۇلتايدا ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلدى. قۇرۇلتاي فرانسىيىلىك بىر ۋەكىلنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قارار ماقۇللىدى. 1886 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئىبارەت ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى قانۇنلاشتۇرغان كۈرەش كۈنىنى خەلقئارا پرولېتارىياتنىڭ ئورتاق بايرام كۈنى قىلىپ بەلگىلىدى. قاراردا، ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ھەر قايسى ئەللەردىكى ئىشچىلار سىنىپىنى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھاكىمىيەت دائىرىلىرىدىن سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. 1890 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، پارىژ قۇرۇلتىيى يۇقىرىقى قارارنى چىقارغاندىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى بولدى. بۇ كۈنى فرانسىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، شۋېتسىيە ۋە ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ئەنگلىيىدە نامايىش 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى باشلاندى )ئۇ چاغدا ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - يەكشەنبىسى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغان كۈن قىلىپ بەلگىلەندى. 1890 - يىل 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى يەكشەنبە ئىدى(. لوندوندا 200 مىڭ ئىشچى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. 70 ياشقا كىرىپ قالغان ئېنگېلسمۇ ئەنگلىيە ئىشچىلىرىنىڭ سېپىگە كىردى. مەشھۇر ھېد باغچىسىدا ئېنگېلس چوڭ بىر يۈك ماشىنىسى ئۈستىگە ياسالغان نۇتۇق مۇنبىرىگە چىقىپ، خۇشال ھالدا: >ھەقىقىي ئاممىۋى خاراكتېرلىك سوتسىيالىزم ھەرىكىتى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى باشلاندى<، - دېدى. مۇشۇ كۈنى، ئېنگېلس >كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى< نىڭ تۈزىتىلگەن نېمىسچە 4 - نەشىرىگە كىرىش سۆز يازدى. كىرىش سۆزىدە ئۇ تۇلۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن مۇنداق دەپ يازدى: >بۈگۈنكى ئەھۋال چۇقۇم پۈتۈن دۇنيادىكى كاپىتالىستلار ۋە پومېشچىكلەرگە شۇنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ: پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى ئەمدى ھەقىقىي بىرلەشتى<. مۇشۇنىڭدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ يىل >1 - ماي< دا ياشانغان ئېنگېلس ئىشچىلار بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ شانلىق بايرامنى تەبرىكلەشكە قاتناشتى. 1917 - يىلى، روسىيىدە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى پارتلىدى. ئىشچىلار سىنىپى دىكتاتۇرلىقىدىكى دۆلەت قۇرۇلدى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بىر مۇنچە سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ >1 - ماي< خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى پەقەت ئىشچىلارنىڭ سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى خاتىرە كۈنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئىشچىلار سىنىپى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگودا، ئىنقىلابنىڭ پېشىۋاسى لى داجاۋ 1920 - يىلى >يېڭى ياشلار< ژۇرنىلىدا >1 - ماي< خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا تونۇشتۇرۇش ماقالىسى ئېلان قىلدى. مۇشۇ يىللار بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردا ئاممىۋى خاراكتېرلىك يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلدى. ئازالىقتىن كېيىن ئېلىمىزدە ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش رەسمىي قارار قىلىندى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى | UyghurWiki | UyghurWiki