UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«قۇملۇق تۈلكىسى » نىڭ تارمار قىلىنىشى

«قۇملۇق تۈلكىسى » نىڭ تارمار قىلىنىشى

بەش مىڭ يىل 1942 - يىلى ئاۋغۇستتا، ئەنگىلىيىنىڭ 8 - گۇرۇپپا ئارمىيىسى مىسىر ئۇرۇش مەيدانىدا ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇب بولۇپ، ئېغىر چىقىمغا ئۇچراپ، پۈتۈن شىمالىي ئافرىقىنى ناتستلار گېرمانىيىنى بېسىۋالاي دەپ قالدى، ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر ئىدى. بىر كۈنى 8 - گۇرۇپپا ئارمىيىسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن قوماندانى گېنېرال لېيتنات مونگومېرى ئارماند ئالدىنقى سېپىگە كەلدى، ئۇنى پاتپاراقچىلىق، روھى چۈشكەن ئەسكەرلەر ۋە چېكىنىش كەيپىياتى كۈتۈۋالغانىدى. شۇ كۈنى كەچتە مونگومېرى بىر قانچە ئونلىغان ئوفېستىرلار ۋە شتاب باشلقىلىرىنى يىغىپ پەند - نەسىھەت قىلدى. ئۇ ۋىجىك بەدىنىگە قوملۇقتا كىيىدىغان كەڭ كۇشادە ھەربىي كىيىمىنى كىيىپ ئوفىتسېرلار ئالدىدا ھازىر بولغاندا، ئوفىتسېرلاريېڭىدىن تەيىنلەنگەن بۇ قوماندانغا گۇمانلىق كۆزلىرى بىلەن قاراشتى. مونگومېرى ئوفىتسېرلارنىڭ كەيپىياتىنى بايقىغان بولىسمۇ ئاچچىقلانمىدى. ئۇ ئوفىتسېرلارنى قۇملۇقتا ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن قەيسەرلىك ۋە تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن: _ بىزنىڭ مۇداپىئە سېپىمىز مۇشۇ يەر- ئارماندا. ئەگەر بىز بۇ يەرنى قولدىن بېرىپ قويىدىغان بولساق، پۈتۈن شىمالىي ئافرىقىدىن ئايرىلىپ قالىمىز!. . . بىز ھەرگىز چېكىنمەي، مۇشۇ يەردە جەڭ قىلىمىز. چېكىنىش توغرىسىدىكى بارلىق پىلان ۋە يوليورۇقلار دەرھال كۆيدۈرۈلسۇن. . . ئاخىردا ئۇ سۆزىنى جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن مۇنداق دەپ تۈگەتتى: _ ناۋادا بىز بۇ يەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىكەنمىز، مۇشۇ يەردە قۇربان بولايلى! مونگومېرنىڭ بۇ تەسىرلىك سۆزلىرى دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ئوفىتسېرلارغا غەيرەت ۋە كۈچ - قۇۋۋە بېغىشلىدى. ئارقىدىنلا ئۇ «ئادەتتىن تاشقىرى ھۇجۇم بىلەن جەڭ قىلىش پىلانى» نى تۈزۈپ چىقىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا تەييارلاندى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرى روممېل ئىدى. ئۇ ئىنتايىن تۈلكە، ھىيلە - مىكىرلىك بولغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنى « قوملۇق تۈلكىسى» دېيىشەتتى. بىر نەچچە كۈندىن كېيى، روممېل 200 تانكىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىغا شىددەتلىك ھۇجۇم باشلىدى. مومگومېرى ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن جەڭگە كىرىشىپ، زەمبىرەكچىلەر بىلەن ھاۋا ئارمىيىسىگە يول ئۈستىدە تانكىلارنى قاتتىق توپقا تۇتۇش ۋە بومباردىمان قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ برونىۋىك قىسىملىرى چېكىندۈرۈلدى. ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ روھى كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقايسى قىسىملار ئۈنۈملۈك ھالدا ماسلىشىپ جەڭ قىلغانلىقتىن، روممېلنىڭ ھۇجۇمىغا ئاخىر تاقابىل تۇرالىدى. ئارماند ئۇرۇش مەيدانىدا تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. مونگومېرى يەنە بىر يېڭى ھەرىكەت قوللاندى. ئۇ گېرمانىيە، ئىتالىيە قوشۇنلىرى سېپىگە 800 تانكا بىلەن ھۇجۇم قىلدى. روممېلمۇ بىر نەچچە يۈز تانكىنى يىغىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. بىپايان قۇملۇقتا تانكىلار گۈرۈلدەپ، زەمبىرەك ساداسى كۆكنى زىلزىلگە كەلتۈرۈپ، شىددەتلىك جەڭ باشلىنىپ كەتتى. روممېل 90 - برونۋىك دىۋىزىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىغا تاشلاندى. ئۇلار ئوچۇق قۇملۇققا كىرىپ كەلگەندە، ئاسماندا نەچچە ئونلىغان ئەنگىلىيە ئايروپىلانلىرىنى تۇيۇقسىز ئۇچۇپ كەلدى. ئەنگىلىيە ئايروپىلانلىرى 15 مىنۇت ئىچىدىلا ئوچۇقچىلىقتىكى دۈشمەنلەرنى نۆۋەت بىلەن بومباردىمان قىلدى. ئەنگىلىينىڭ زەمبىرەك ئوقىمۇ گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ سېپىگە خۇددى مۆلدۈردەك چۈشۈشكە باشلىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى كەچقۇرۇن يەنە ھۇجۇمغا ئۆتتى. گېرمانىيە قوشۇنلىرى قېپقالغان بارلىق زەمبىرەك ئوتىنى مەركەزلەشتۈرگەندىن كېيىنلا، بۇ ھۇجۇمغا ۋاقىتنچە تاقابىل تۇرالىدى. «بۈگۈن ئاخشام» دەپ يازدى روممېل خاتىرە دەپتىرىگە ، «بىر نەچچىمىز قوماندانلىق شتابى يېنىدىكى يولدا تۇراتتۇق. مەن ئۇ يەردە ئەنگىلىيە زەمبىرەكلىرىدىن توختىماي يېلىنجاۋاتقان نۇرلارنى ۋە زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ قاراڭغۇ تۈندىكى كەلگەن بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى رەتلىك ئۇچۇپ كەلگەن بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى رەتلىك ئۇچۇپ ئارقا - ئارقىدىن ئۇچۇپ كېلىپ تۇردى. ئۇنىڭغا قاچىلانغان ئەزرائىللار قىسىملىرىمىزنىڭ بېشىغا تاشلاندى. يۇرۇتقۇچى بومبىلار پۈتۈن جەڭ مەيدانىنى خۇددى كۈندۈزدەك يۇرۇتۇۋەتتى. بىزنىڭ بۇ چاغدىكى كەيپىياتىمىزنىڭ نەقەدەر غەمكىنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. مەن كېچىچە كۆز يۇمماي، ئۇياقتىن - بۇ ياققا مېڭىپ يۈردۈم. بۇ ئۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ، قانداق قىلىشىمنىمۇ بىلەلمەي قالدىم.» «چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، مەن مونگومېرى ھەل قىلغۇچ بۆسۈپ ئۆتۈش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنىپ، ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈشۈم لازىم. چېكىنمەكچى بولىدىكەنمەن. تانكا ۋە زەمبىرەكلەرنى كۆپرەك ئەكتىشىم كېرەك. قانداقلا بولمىسۇن، ئارماند ئۇرۇش مەيدانىدا ئۈزۈل - كېسىل گۇمران بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. مەن ئەتىسى ئەتىگەندە، مونگومېرى ناۋادا بېسىمنى كۈچەيتىدىغان بولسا، جەڭ يۇقىرى پەلەككە يېتىشتىن ئاۋۋال غەربكە 50 مىل چېكىنىپ، فۇكا ئىستىھكامىغا بېرىۋېلىش قارارىغا كەلدىم.» بىراق، ئەتىسى روممىلنىڭ تېلېگراف ئەمەلدارى ئۇنىڭغا تەرجىمە قىلىنغان بىر پارچە مەخپىي تېلېگراممىنى تاپشۇردى. تېلېگراممىدا مۇنداق دېيىلگەنىدى: مەن مىسىردا قەھرىمانلارچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇداپىئە ئۇرۇشىغا نەزەر سېلىۋاتىمەن ھەمدە سىزنىڭ رەھبەرلىك ماھارىتىڭىزگە ۋە سىز قوماندانلىق قىلىۋاتقان گېرمانىيە، ئىتالىيە قوشۇنلىرىنىڭ قەھرىمانلىقىغا چىن قەلبىمدىن ئىشنىمەن. سىز تۇرۇۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالدا، باشقا ئوي - خىياللاردا بولماي، ئىستىھكامنى پۇختا ساقلاش، بىر قەدەممۇ چېكىنمەسلىك ھەمدە ھەر بىر مىلتىق ۋە ھەر بىر ئەسكەرنى جەڭگە سېلىش لازىم. دۈشمەن سان جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ ئىككى پۇتى بىر ئۆتۈككە تىقىلىدۇ. قەيسەر ئىرادە كۈچلۈك دۈشمەننى يېڭىدۇ، بۇ ھال تارىختا نۇرغۇن قېتىم كۆرۈلگەن. سىزگە ئۆز قىسىملىرىڭىزغا رەھبەرلىك قىلىپ، غەلىبە قازىنىش ياكى ھالاكەتكە قاراپ مېڭىشتىن باشقا يول يوق. «ئادولف گىتلېر» روممېل بۇ تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پۈتۈنلەي لەقۋالىشىپ، خۇددى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 48-سائەت كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان جىنايەتچىدەك، ئورنىدىن تۇرالماي قالدى. ئۇ دەرغەزەپ بولۇپ: _ بىزگە ھالاكەت پەرمانى ئەمەس. بەلكى قورال - ياراغ بىلەن ئايروپىلان كېرەك، - دېدى. ئۇ ئافرىقىدىكى ئۇرۇش مەيدانىغا كەلگەندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالدى. ئەمما ئۇ، بىر پەس روھىي كۈرەشتىن كېيىن، يەنىلا گىتلېرنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولدى. - مەن ئۆز ئەسكەرلىرىمدىن يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىغا شەرتسىز بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈنلا، بۇ پرىنسىپقىمۇ ئەمەل قىلىشىم لازىم، - دېدى ئۇ ۋە «غەربكە چېكىنىشنى توختىتىش» توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. بىراق، بىردەمدىن كېيىن، بۇيرۇق يەتكۈزگۈچى ئەمەلدار: _ قىسىملار بۇيرۇققا قۇلاق سالماي، داۋاملىق چېكىنىۋاتىدۇ، - دەپ دوكلات قىلدى. روممېل دوكلاتنى ئاڭلاپ ئامال قىلالماي، ئۇھ تارتقىنىچە ھېچنېمە دېيەلمىدى. 4-نويابرغا كەلگەندە، گېرمانىيە ئارمىيىسى پۈتۈن سەپ بويىچە مەغلۇپ بولدى، روممېل قالدۇق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، بىراقلا 700 مىل چېكىنىپ، مونگومېرىنىڭ قوغلاپ زەربە بېىشىدىن قۇتۇلۇپ قالدى. جەڭ ئاخىرلاشقاندىن كېين، مونگومېرى ئۆزىنىڭ پىكابىغا ئولتۇرۇپ، جەڭ مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئاماند جەڭ مەيدانىدا لەكمىڭ دۈشمەن جەسەتلىرى ياتاتتى، ھەممىلا يەردە ئوت كەتكەن - ۋەيران بولغان تانكىلار ۋە سۇنغان زەمبىرەكلەر تۇراتتى. بۇ قېتىمقى جەڭدە، گېرمانىيىنىڭ20 مىڭدىن ئوشۇق ئەسكىرى ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى، 30 مىڭ ئادىمى ئەسىر ئېلىندى، 1000 زەمبىرەك ۋە 500 تانكىسى پاچاقلاپ تاشلاندى. ئارماندا «قۇملۇق تۈلكىسى» نىڭ تارمار قىلىنىشى ئەنگلىيىنىڭ گېرمانىيىگە قارشى قىلغان ئۇرۇشىدىكى تۇنجى ھەل قىلغۇچ غەلىبىسى بولدى. بۇ ئۇرۇش ناتسىسىتلار گېرمانىيىىنى شىمالىي ئافرىقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
«قۇملۇق تۈلكىسى » نىڭ تارمار قىلىنىشى | UyghurWiki | UyghurWiki