UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭھازىرقى زامان تىياتىرچىلىقىنىڭ ئاتىسى

ھازىرقى زامان تىياتىرچىلىقىنىڭ ئاتىسى

بەش مىڭ يىل نورۋېگىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى - ئوسلودىكى بىر ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن 70 نەچچە ياشلىق بىر بوۋاي ھەمىشە ئۇدۇلدىكى باغقا قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئېغىر يۈرەك كېسىلى بولۇپ، روھى ئىنتايىن سۇنۇپ ئىدى. ئائىلىسىدىكىلەر، ئەگەر بوۋاي ئاشۇ باغقا كىرىپ يايراپ يۈرەلىسە، نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى - ھە! دەپ ئويلىشاتتى. لېكىن، ئۇدۇلدىكى باغ چارباغ بولۇپ، ئۇنىڭغا خان جەمەتىدىن باشقىلار كىرەلمەيتتى. بۇ ئىشتىن پادىشاھ خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ئالاھىدە چاقىرتىپ كېلىپ: - سىزنى بېغىمغا كىرىپ تاماشا قىلغۇسى بار ئىكەن، دەپ ئاڭلايمەن، ئۇنداق بولسا كۆڭلىڭىز تارتقان ۋاقىتتا كىرىپ تاماشا قىلىپ چىقىڭ، سىياسىي جەھەتتە مەن پادىشاھ بولغان بىلەن، ئەدەبىي جەھەتتە سىز پادىشاھ، - دەيدۇ. شۇندىن ئېتىبارەن، ھاۋا ياخشى بولغان كۈنلىرى بوۋاي ھەمىشە گۈللىرى خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان بۇ باغنى سەيلە قىلىدۇ. بۇ بوۋاي كىم؟ نېمە ئۈچۈن پادىشاھمۇ ئۇنى شۇنچىۋالا ھۆرمەت قىلىدۇ؟ ئۇ، نورۋېگىيىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر دراماتۇرگى، كىشىلەر تەرىپىدىن >ھازىرقى زامان تىياتىرچىلىقىنىڭ ئاتىسى< دەپ تەرىپلەنگەن ھېنرىك ئىبسېن. ئىبسېن ئۆز ئۆمرىدە جەمئىي 26 پارچە سەھنە ئەسىرى يازىدۇ. >قونچاقلار ئۆيى<، >جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى<، >خەلقنىڭ دۈشمىنى< قاتارلىقلار شۇ ئەسەرلەر ئىچىدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەرلەر داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان تىياتىر ئەنئەنىسىگە قارشى ھالدا، كۈندىلىك تۇرمۇشنى سيۇژىت قىلىپ، ئەسەردىكى پېرسوناژلار ۋە ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىكى قىسمەن نامۇۋاپىق ھادىسىلەرنى تەنقىدىي ھالدا پاش قىلغان، كىشىنى ئويغا سالىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق، كىشىلەرنى جەمئىيەتنىڭ ئىللەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا يېتەكلەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ درامىلىرى >ئىجتىمائىي مەسىلىلەر درامىسى< دەپ نام ئالغان. بۇ ئەسەرلەر دراما ئىجادىيىتى ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىپ بېرىدۇ، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئاتاقلىق يازغۇچىلار ئۇنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىنى ئەينەك قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن تەلىم ئالىدۇ. ئالدى بىلەن >قورچاقلار ئۆيى< نىڭ ۋەقەلىكلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى: بۇ ئەسەر 1879 - يىلى نەشىر قىلىنغان، بۇنى ئىبسېننىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسىرى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مەسىلىلەر درامىسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. ھېكايە مەلۇم بىر يىلى روژدېستوۋ بايرىمىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن. نارا بەختلىك بىر ئائىلىدە ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئېرى ھېرماۋ ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى كۆرسىلا ئامراقلىقى تۇتۇپ، >تومۇچۇقۇم<، >قوزام< دەپ ئەركىلىتىدۇ. ھېرماۋ بانكا مۇدىرى بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇنىڭىن كېيىن، نارا تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى. نارا خۇشال - خۇرام ھالدا بايرام تەييارلىقى قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ قىز دوستى رىدان خېنىم ئۇنى يوقلاپ كېلىپ قالىدۇ. ئۇلار ساۋاقداش بولۇپ، ئۇزۇن يىللار كۆرۈشمىگەچكە، پاراڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ. پاراڭلىشىۋېتىپ نارا، رىدان خېنىمغا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى قىلغان >خۇشاللىنارلىق< بىر ئىشىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. نارا بۇ ئىشنى ئېرىگە ئۇقتۇرماي قىلغان. ئۇ چاغدا، ھېرماۋنىڭ ئورنى تۆۋەن، كىرىمى ئاز بولۇپ، ئۇ كۆپ پۇل تېپىش كويىدا ئەتىدىن كەچكىچە ئىشلەپ يۈرۈپ، ئېغىر كېسەل بولۇپ قالىدۇ، دۇختۇر ئۇنىڭغا جەنۇبقا بېرىپ دەم ئېلىپ داۋالانمىسا، ھاياتى خەۋپلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىتالىيىگە بېرىش راسخوتىنى تەل قىلىش ئۈچۈن، نارا بانكا خادىمى كروكستايدىن پۇل قەرز ئالىدۇ، كروكستاي قەرز تالونىغا نارانىڭ دادىسىنىڭ ئىمزا قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. نارانىڭ دادىسىمۇ ئېغىر كېسەل بولغاچقا، ئۇ بۇ ئىشنى دادىسىغا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئامالنىڭ يوقىدىن، بۇ دادىسىنىڭ پۇچۇركىسىغا ئوخشىتىپ ئىمزا قويىدۇ. نارانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ پۇل بىلەن ئىتالىيىگە بېرىپ، ھېرماۋنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىپ ساقايتىدۇ. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نارا، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قەرز تۆلەيدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ، تۇرمۇشىنى تېجەشلىك ئۆتكۈزىدۇ. كۈنلۈك ئىشلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بار كۈچى بىلەن ئىشلەپ، ھېرماۋنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن پەخىرلىنىدۇ. قېرىشقاندەك، ناراغا پۇل قەرز بېرىپ تۇرغان كروكستاي، ھېرماۋ مۇدىر بولىدىغان بانكىنىڭ خادىمى بولۇپ چىقىدۇ. ئۇ، ھېرماۋغا ياخشى تەسىر بەرمىگەنلىكتىن، ھېرماۋ ئۇنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىدۇ. ئۇ نارادىن، ھېرماۋغا ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئېيتىپ بېقىشنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن ئۇنىڭدىن نەتىجە چىقمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، كروكستاي، ھېرماۋغا بىر پارچە خەت يېزىپ، نارانىڭ ساختىلىق بىلەن ئىمزا قويۇپ، ئۇنىڭدىن پۇل قەرز ئالغانلىقىنى دەپ قويىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېرماۋ ئۆزىنىڭ ناراغا بولغان مۇھەببىتىنى دائىم ئىزھار قىلىپ تۇراتتى. ھەتتا: >دائىم ساڭا تەھدىت سېلىپ تۇرغان بىر خەتەرلىك بولغان بولسا، يارىمنى قۇربان قىلغان ھالدا سېنى قۇتقۇزغان بولسا دەيمەن<، - دەيتتى. لېكىن ئۇ، كروكستاينىڭ خېتنى كۆرۈپ دەرغەزەپكە كېلىپ، نارانى مەندىن خۇپىيانە قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلىپسەن، ئىستىقبالىمغا ئولتۇردۇڭ، دەپ تىللايدۇ ھەمدە ئۇنى يالغانچى، جىنايەتچى، پەسكەش دەپ ھاقارەتلەيدۇ. نارا، ھېرماۋنىڭ يىرگىنىشلىك ساختا ئەپت - بەشىرىسى ئالدىدا، ئۆز ئىستىقبالىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، سۇغا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالماقچى بولىدۇ. ھېرماۋ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن: >ئۇ ئۆزىنى سۇغا تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋالسىمۇ جىنايىتىنى يۇيالمايدۇ<، - دەيدۇ. نارا شۇندىلا ئېرىنىڭ پەسكەش شەخسىيەتچىلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇق ئورنىدا خورلىنىۋاتقانلىقىنى سەككىز يىلدىن بېرى بىر ناتونۇش ئادەم بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ - دە، ئەمدى مۇنداق ياشاۋېرىشكە چىداپ تۇرالمايدۇ. ئاخىر قەتئىي ھالدا بۇ >قورچاقلار ئائىلىسى< دەپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ سەھنە ئەسىرى كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى قانۇن، ئەخلاق ۋە ئاياللارنىڭ ئورنى قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، نارانىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشى، ئەمەلىيەتتە، ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇشنى تەلەپ قىلغان بىر ئايالنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىشىدۇر. ئىبسېننىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تىياتىرى ئىچىدە 1882 - يىلى ئېلان قىلىنغان >خەلق دۈشمىنى< دېگەن يەنە بىر ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسىرى بار. >خەلق دۈشمىنى< دېگەن ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق: نورۋېگىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى مەلۇم بىر كىچىك شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى پېتېر پايدىنى كۆرسىلا ئۆزىنى ئاتىدىغا كىشى ئىدى. ئۇ، مەبلەغ سېلىپ ئارشاڭ مۇنچىسى ياساپ، ناھايىتى ئوبدان تاپاۋەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىنىسى سىدوكمان، بۇرۇن شىمالدىكى چەت بىر جايدا دوختۇرلۇق قىلاتتى، كېيىن ئارشاڭغا كېلىپ دوختۇر ئەمەلدارى بولىدۇ. سىدوكمان خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش مەقسىتىدە، مۇنچىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، گېزىتكە بىر پارچە ماقالە يازىدۇ، ماقالە ئېلان قىلىنىدىغان پەيتتە، ئۇ، تۇيۇقسىز ئارشاڭدا يۇقۇملۇق كېسەل مىكروبىنىڭ بارلىقىنى سېزىپ قالىدۇ - دە، ماقالىسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ، ئارقىدىنلا شەھەر باشلىقى - ئاكىسىغا دوكلات بېرىپ، مۇنچىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، پېتېر بىلەن مۇنچىنىڭ پايچىكلىرى پۇل خەجلەشتىن قورقۇپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئاز تولا - رېمونت قىلىپ قويماقچى بولىدۇ. سىدوكمان پۇقرالىق مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشىم كېرەك، دەپ ھېسابلاپ، ئۇلارنىڭ تەھدىت سېلىشى ۋە ئالداشلىرىغا قارىماي، بۇ ئىشنى ئاشكارىلىماقچى بولىدۇ. ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى چاقىرىپ يىغىن ئاچىدۇ. شەھەر باشلىقى قاتارلىقلار ئۇنىڭغا مۇنچىنىڭ نۇقسانلىرىنى قەستەن مۇبالىغىلەشتۈرۈۋەتكەن، مۇنچىنى ئۆزگەرتىشى باچ تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سېلىقىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دېگەن بوھتانلارنى چاپلاشقا ئالدىن تەييارلىنىپ قويىدۇ. يىغىندا، سدوكمان يەرلىك دائىرىلەرنىڭ پۇقرالىرىنىڭ سالامەتلىكى بىلەن كارى بولماستىن، سېسىق ئارشاڭ سۈيى بىلەن كىشىلەرنى زەھەرلىگەنلىكىگە كەسكىن رەددىيە بېرىدۇ. لېكىن، يامان بولغىنى شۇكى، ئۇ ئارقىدىنلا ئاۋام خەلقىگە ھۇجۇم قىلىپ قويىدۇ. ئەسلىدە ئۇ، پۇقرالار بىلىملىك، تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر، ئاۋام خەلقى بولسا >خام ئەشيا< دىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ئاندىن پۇقرالاردىن قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ، ھەممىنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋالىدۇ. نەتىجىدە، كۆپچىلىك ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئۇنى >خەلق دۈشمىنى< دەپ جاكارلاپ، يىغىن زالىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، دوختۇر ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ؛ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا چېتىلىپ قالىدۇ. ئۇ، گەرچە >خەلق دۈشمىنى< دەپ جاكارلانغانلىقىغا ناھايىتى بىئارام بولسىمۇ، لېكىن روھىي جەھەتتە ئۆز - ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ: >دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك ئادەم ھەممىدىن بەك يېتىم ئادەمدۇر!< - دەيدۇ. بۇ سەھنە ئەسىرى سىدوكماندىن ئىبارەت كاج، تەنھا جەڭ قىلىش ئىندۇۋىدىئاللىقىغا ئىگە زىيالىي ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق بۇرژۇئازىيە دېموكراتسىيىسى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ ساختىلىقىنى پاش قىلغان، بىراق، ئىبسېننىڭ ئاممىنىڭ كۈچىگە سەل قارايدىغانلىقىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرگەن. ئىبسېننىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن >ھازىرقى زامان تىياتىرچىلىقىنىڭ ئاتىسى< دەپ ئاتىلىشىنىڭ ئۇ بېسىپ ئۆتكەن خاسىيەتلىك يوللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زور. ئۇ، 1828 - يىل 3 - ئايدا، نورۋېگىيىدە بىر ياغاچ سودىگىرى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق دەۋرىدە ئۇنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى باي ئىدى. سەككىز ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ ئائىلىسى خارابلىشىشقا باشلايدۇ. ئاتا - ئانىسى ئۇنى 16 يېشىدا چەت جايلارغا بېرىپ جاھاندارچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ بىر دورا دۇكىنىدا شاگىرت بولۇپ ئىشلەپ، يوقسۇللار بىلەن بايلارنىڭ ئاسمان - زېمىن پەرقى بولغان جەمئىيەتنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. 22 يېشىدا ئوسلۇغا كېلىپ ئۇنىۋېرستېتقا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى سەھنە ئەسىرى >گېترېيىن< دوستىنىڭ پۇل چىقىرىپ ياردەم بېرىشى بىلەن نەشىر قىلىنىدۇ. نەشىردىن چىققاندىن كېيىن، ئەسەرنىڭ بازىرى چىقمايدۇ، تىياتىرخانىلارمۇ ئۇنى سەھنىلەشتۈرۈشكە ئۇنىمايدۇ، ئۇ، مەيۈسلەنمەستىن ئارقىدىنلا ئىككىنچى سەھنە ئەسىرى >باتۇرنىڭ قەبرىسى< نى يازىدۇ. تىياتىرخانا ئۇنى سەھنىلەشتۈرۈشكە قوشۇلىدۇ. ئەسەر سەھنىدە ئوينالغاندىن كېيىن، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. 1841 - يىلى، ئىبسېن بېرگېن تىياتىرخانىسىدا سەھنە مۇدىرى بولىدۇ. ئالتە يىلدىن كېيىن نۇرۋېگىيە تىياتىرخانىسىنىڭ مۇدىرى بولىدۇ. ئۇ ئىگىلىك باشقۇرۇشقا ماھىر بولمىغانلىقتىن، نورۋېگىيە تىياتىرخانىسى ئاخىر ۋەيران بولىدۇ. ئۇمۇ ئىشسىز قالىدۇ - دە، ئىقتىسادىي ئەھۋالى قىيىنلىشىپ، كۈنى ھەمىشە غۇربەتچىلىكتە ئۆتىدۇ. 1864 - يىلى، ئۇ ئىلتىماس قىلىپ ئېرىشكەن ساياھەت قىلىش پۇلى بىلەن ئىتالىيىگە بارىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇدا 27 يىل مۇھاجىر بولۇپ چەت ئەلدە ياشايدۇ. ئۇنىڭ بەزى مۇھىم سەھنە ئەسەرلىرى چەت ئەلدە يېزىلغان. 1891 - يىل 7 - ئايدا، 63 ياشقا كىرگەن ئىبسېن شۆھرەت قازىنىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىدۇ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر ئۇنى كاتتا قارشى ئالىدۇ. ئۇ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئىككى يىلدا بىر پارچە سەھنە ئەسىرى ئېلان قىلىدۇ. 1898 - يىلى ئۇنىڭ 70 ياشقا كىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن نورۋېگىيە مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەر ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ كاتتا يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ؛ نورۋېگىيە دۆلەتلىك تىياتىرخانىسى ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىش يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ مىس ھەيكىلىنى قاتۇرىدۇ. بۇ يىلى ئۇ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن، يېڭى ئەسەر ئېلان قىلمىغان، لېكىن ئۇ يەنىلا يېزىقچىلىقنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككىنچى يىلى >ئۆلۈكلەر تىرىلگەندە< دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى سەھنە ئەسىرى بولۇپ قالىدۇ. شۇندىن كېيىن، ئىبسېننىڭ يۈرەك كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، قول - بىلەكلىرى ئۇيۇشۇپ، قەلەم تەۋرىتەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. چارباغدىكى سەيلە تاماشىلارمۇ ئۇنىڭ كېسىلىنى يەڭگىلىتەلمەيتتى. ئەلۋەتتە. 1906 - يىل 5 - ئايدا، >ھازىرقى زامان تىياتىرچىلىقىنىڭ ئاتىسى< دەپ شۆھرەت قازانغان بۇ دراماتۇرگ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ