UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭ«بار باروس » پىلانى

«بار باروس » پىلانى

بەش مىڭ يىل 1940- يىل دېكابردا،گىتلېر ئىنتايىن مەخپىي ھالدا، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ «بارباروس »پىلانى دىگەن بىر ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. «بارباروس»«قىزىل ساقال»دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇقەددەس رېم ئېمپېرىسىنىڭ ئېمپىراتورى فرېدرىخ بىرىنچىنىڭ لەقىمى ئىدى. فرېدرىخ بىرىنچى ئۇرۇشخۇمار بولۇپ، ئىتالىيىگە ئالتە قېتىم تاجاۋۇز قىلغان ھەمدە ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىغا قوماندانلىق قىلغانىدى. گىتلېر فرېدرىخ بىرىنچىنى دوراپ، چاقماق تېزلىكىدە ئۇرۇش قىلىش ئۇسسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى بىراقلا ۋەيران قىلماقچى بولدى. بۇ چاغدا بېرلىننىڭ ئاۋات كوچىسىدىكى ھەشەمەتلىك بىر سۈرەتخانىنىڭ دېرىزىسىگە چوڭ بىر خەرىتە ئېسىلغان بولۇپ، ئۇمۇ گىتلېرنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرەتتى. بۇ سۈرەتخانىنىڭ خوجايىنى گىتلېرنىڭ ياللانما سۈرەتكىشى ئىدى. ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ دېرىزىسىدىكى گىتلېرنىڭ رەسىمى ئۈستىگە چوڭ بىر خەرىتە ئېسىلىپ كەلدى. دەسلەپتە گوللاندىيە، بېلگىيە، دانىيە ۋە نوۋىگىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي ياۋروپانىڭ خەرىتىسى ئېسىلدى. ئاندىن فرانسىيىنىڭ خەرىتىسى ئېسىلدى. 1941 - يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە، يۇگۇسلاۋىيە بىلەن گرىتسىيىنىڭ خەرىتىسى ئالماشتۇرۇلدى. خەرىتىلەرنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى كىشىلەرگە ئۇرۇشنىڭ قايسى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرەتتى. 5 - ئايغا كەلگەندە، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار درىزىگە بالتىق دېڭىزىنىڭ بويى، بېلوروسىيە، ئۇكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي ياۋروپا خەرىتىسى ئېسىلغانلىقىنى ئۇشتۇمتۇت كۆرۈپ قالدى. بۇ سۈرەتخانا دېرىزىسىنىڭ زىننەتلىنىشىنى بىلىدىغان كىشىلەر گىتلېرنىڭ كېيىنكى ھۇجۇم قىلىش نىشانى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىكەنلىكىنى پەملىشەتتى. گىتلېر «بار باروس» پىلانىنى 22 - ئىيۇن كۈنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدا مەخپىي بۇيرۇق بەردى. ماينىڭ ئاخىرىدا، گېرمانىيىنىڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى ئەڭ زور چەكتىكى ترانسىپورت پىلانىنى ئىجرا قىلىپ، ھەربىر سوتكىدا 100 ھەربىي پويىزنى ماڭغۇزۇپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 47 دىۋىزىيىسىنى، گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسىغا يۆتكەپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، گېرمانىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىمۇ «بار باروس» ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەربىي پاراخوتلىرىنى جىددىي يۆتكىدى. ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مەخپىي ئېلىپ بېرىلدى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتابى ئاخبارات باشقارمىسى بىلەن ئانتى جاسوسلۇق باشقارمىسى قەستەن ساختا ھادىسە پەيدا قىلىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ شەرققە يۆتكىلىشىنى ئەنگىلىيىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ دەپ پىتنە - ئىغۋا تارقاتتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، گېرمانىيە نۇرغۇن ئەنگىلىيە خەرىتىسىنى نەشىر قىلدى. ئارمىيىگە ئىنگىلىزچە تەرجىمانلارنى ئورۇنلاشتۇردى. ھەتتا، ئەنگىلىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىشنىڭ «لەھەڭ» ۋە «بېلىق ئارىسى» ناملىق پىلانىنى قەستەن تۈزۈپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان نورمال سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇردى. سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ ئاشلىق، نىفىت، رۇدا ۋە ھەرخىل ئەشيالىرى بېسىلغان پويىزلار شەرقتىن بۇگ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سوۋېت چېگىرىسى ئارقىلىق ھەركۈنى گېرمانىيىگە مېڭىپ تۇردى. گېرمانىيىنىڭ راستنى يالغان قىلىشتەك بۇنداق ئۇستىلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنى تازا ئالدىدى. 14 - ئىيۇن كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاس س ئاگېنتلىقى:«سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ماتىرياللىرىدىن قارىغاندا، گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاشلا، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسىگە باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەربابلىرى شۇنداق ھېسابلايدۇكى، گېرمانىيە شەرتنامىسىنى يىرتىپ تاشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلماقچى دېگەن گەپلەرنى پۈتۈنلەي ئاساسسىز» دېگەن بىر خەۋەرنى تارقاتتى. ئەمما، دەل شۇ كۈنى گىتلېر ئۈچ ئارمىيىنىڭ كاتتىباشلىرى بىلەن «بار باروس» پىلانى ئۈستىدە ئەڭ ئاخىرقى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي مۇز ئوكياندىن تارتىپ قارا دېڭىزغىچە بولغان بىر نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۇرۇش سېپىدە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەپسىلاتلىرىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گىتلېر ئاپتوموبىلغا چۈشۈپ بېرلىندىن يولغا چىقىپ شەرقىي پرۇسسىيىدىكى لاستىنبۇرگ يېنىدىكى قوماندانلىق ئورنىغا كېلىپ، «بار باروس » پىلانىنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرماقچى بولدى. قوماندانلىق شتابى گىتلېرغا تولۇق قوراللانغان گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توپلىنىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىستىھكاملىرىدا ھېچقانداق غەيرىي نۇرمال ئۇرۇش تەييارلىقى ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، تېخى ھەربىي ئوركىستىر ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. گىتلېر بۇلارنى ئاڭلاپ بۆلەكچىلا كۆرەڭلەپ: _ «بار باروس» پىلانى باشلانغاندا، پۈتۈن دۇنيا ھەيران بولۇپ تاتىرىپ كەتسۇن! - دېدى قاقاقلاپ كۈلۈپ. شۇ كۈنى چۈشتە ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگرا ئەھۋالى توغرىسىدىكى : بۇگ دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى گېرمانىيە تەرەپتە ماتورلارنىڭ شاۋقۇنى ئەدەپ قالدى؛ برىتتىكى غەربىي شىمال چېگىرىسىدا ، گېرمانىيىلىكلەر ئۆزى ياسىغان سىم تورلارنى بۇزۇپ تاشلاپ يول ئاچتى . . . . دېيىلگەن دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ غەيرىي نورمال ئەھۋاللارغا قارىتا، ئالىي باش قوماندانلىق شىتابى: گىتلېر سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ چىشىغا تېگىش يولى بىلەن ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسىنى بۇزۇپ، ھۇجۇم قىلىشقا باھانە ئىزدەۋاتسا كېرەك، دەپ تەھلىل يۈرگۈزدى. چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە ئالىي باش قوماندانلىق شتابى موسكۋادىكى ھاۋا مۇداپىئە مىناميوت قىسىملىرىغا تەييار تۇرۇش، ئەمما پەقەت 75% جەڭ تەييارلىقىنى كۆرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. كەچقۇرۇن سائەت بەشتە سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە خەلق كومىسسارى تېمىشىنىكوپ ئالدىنقى سەتىكى قىسىملارغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئۆتۈپ، بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، باش قوماندانلىق شىتابى بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. 21 - ئىيۇن كېچىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ قىسقا تۈن بولۇپ، ھەقىقىي قاراڭغۇ تۈن ئىككى - ئۈچ سائەتلا داۋاملىشاتتى. شۇ چاغدا، سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ كۇلۇبلىرىدا كوماندىر ۋە ئەسكەرلەر ياز كېچىسىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. سەھنىدە كورنېيچۇكنىڭ كومىدىيىسى قويۇلۇۋاتاتتى. كومىدىيە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەندە ئاخبارات ئوفىتسېرى كۇلۇبقا كىرىپ كېلىپ، قوماندانغا چېگىرىدىكى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ غەيرىي نورمال ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان بولسىمۇ، قوماندان بۇ گەپلەرگە ئىشەنمىدى. كىشىلەر خۇشال - خۇراملىققا غەرق بولۇپ كەتتى. مۇشۇ ياز ئاخشىمىدىكى قىسقا قاراڭغۇ تۈندە، بىرنەچچە گېرمان ئەسكىرى چېگىرىدىن ئۆتۈپ، قاراۋۇلنى ئۆلتۈرۈپ تېلېگراف ئالاقە لىنىيىلىرىنى كېسىپ تاشلىدى. 22 - ئىيۇن كۈنى سەھەر سائەت ئىككىدە پەۋەس يۈك قاچىلانغان پويىز سوۋېت ئىتتىپاقىدىن گېرمانىيە تەۋەسىگە ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ناتىسىتلار ئىستىكامىدا 6000 زەمبىرەكنىڭ يوپۇقلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۈچ مىليونغا يېقىن گېرمانىيە ئەسكىرى ھۇجۇم بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇردى. تاڭ سەھەر سائەت ئۈچتە ، شەرق ئۇپۇقىدا قۇياش ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان ، كەڭ زېمىن نىپىز بىر قەۋەت تۈتەك تۈنىنى كىيگەنىدى. تاڭ جىمجىت، گويا ھەرقانداق ياز كۈنلىرىدىكىدىنمۇ جىمجىت يۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. «گۇم! گۇم! گۇم!» قىلغان نەچچە ئون مىڭ پاي زەمبىرەك ئوقى ئۇشتۇمتۇتلا سوۋېت ئىتتىپاقى چېگىرىسىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى. 2000 ئايروپىلان قارا قاغىدەك شەرققە قاراپ ئۇچتى. بومبىلار سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىغا يامغۇردەك يېغىشقا باشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كوماندىر ۋە ئەسكەرلىرى شېرىن ئۇيقۇ ئىچىدە جېنىدىن جۇدا بولدى. گېرمانىيىنىڭ ئۈچ مىليونغا يېقىن ئارمىيسى 500ئىنگىلىز مىلى ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا لىنيىسىدە تەلۋىلەرچە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۆتتى. _ ئۇلار ئوت ئاچتى، بىز قانداق قىلىمىز؟ - دەيتتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ئاشكارا تېلېگرامما نومۇرى ئارقىلىق موسكۋاغا ئارقا - ئارقىدىن خەۋەر بېرىپ. _ سىلەر ساراڭ بولۇپ قالدىڭلارمۇ، نېمە ئۈچۈن مەخپىي تېلېگرامما نومۇرىنى ئىشلەتمەيسىلەر؟ - دېدى موسكۋا. _ گېرمانلار چېگرىدىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ بولدى، بۇنىڭ مەخپىيەتلىكى قالمىدىغۇ! _ بىزنىڭ پىكرىمىزنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق قايتۇرما زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللىنىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ! _ بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس! بىزنىڭ قوشۇنلىرىمىز چېكىنىۋاتىدۇ. شەھەرلىرىمىز ئوت دېڭىزىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. كىشىلەر ھەممىلا يەردە قىرىلماقتا . . . . _ بۇ بۇيرۇق! دېمەك، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئىنتايىن پاسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. شۇ كۈنى چۈشكىچە سوۋېت ئارمىيىسى 1200 ئايروپىلاننى زىيان تارتتى. بۇنىڭدىن 800 ى ئايرودرومدىن ئۇچماي تۇرۇپ ۋەيران قىلىندى. كۈن پاتقۇچە، گېرمانىيە تانكىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىا 50 كىلومېتىردىن ئارتۇقراق ئىچكىرىلەپ كىردى. كەچقۇرۇن سائەت يەتتىدىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، موسكۋا ۋەزىيەت ئۈستىدە يېڭىباشتىن تەھلىل ئېلىپ بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن گېرمانىيە قوشۇنلىرىغا دەرھال ئوت ئېچىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. گىتلېر بۇ قېتىمقى ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم ئۈچۈن جەمئىي 190 دىۋىزىيە، 3700 تانكا، 4900 ئايروپىلان، 47 مىڭ زەمبىرەك ۋە 190 پاراخوتنى ئىشقا سالدى. پۈتۈن ئارمىيە سوۋېت ئىتتپاقىغا ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ ھۇجۇم قىلدى: شىمالىي يولدىكىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بالتىق دېڭىزى بويى بىلەن لېنىنگرادقا ھۇجۇم قىلدى. ئوتتۇرا يولدىكىلەر موسكۋاغا قاراپ ماڭدى. جەنۇبىي يولدىكىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئاشلىق ماكانى» بولغان ئۇكرائىئانى ئالماقچى بولدى. گىتلېر قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش ئارقىلىق ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى بىر يېرىم ئايدىن ئىككى ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە مەغلۇب قىلىپ، ئۇرۇشنى قىش كىرىشتىن بۇرۇن تاماملىماقچى بولغانىدى. گىتلېر :«بىز ئىشىكنى تېپىپ قويساقلا، ۋەيرانە ئۆي پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ» دەپ پو ئاتتى. ئەمما، گىتلېر پۈتۈنلەي خاتا مۆلچەرلىگەنىدى. 1941 - يىلى 3 - ئىيۇلدا، ستالىن سوۋېت خەلقىگە رادىئو نۇتقى سۆزلەپ، پۈتۈن سوۋېت خەلقنى فاشىزمغا قارشى پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى باشلاندى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ