كۈمۈش تاختىغا ئويۇلغان سۇلھ شەتنامە
بەش مىڭ يىل
مىلادىدىن ئىلگىرى 1296 _ يىلى، مىسىر فىرئونىنىڭ ئوردىسىغا ھىتىت دۆلىتىدىن ئەۋەتىلگەن بىر ئەلچىلەر ئۆمىكى كەلگەن. ئۇلار كۈمۈشتىن ياسالغان بىر تاختا ئېلىپ كەلگەن، ئۇنىڭغا ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش، سۈلھى شەتنامە تۈزۈش توغرىسىدا 18 ماددىلىق مەزمۇن ئويۇلغان: «ئۇلۇغ ھەم باتۇر ھىتتلىقلارنىڭ داھىسى كاتۇسىل» بىلەن «ئۇلۇغ ھەم باتۇر مسىىر ھۆكۈمرانى رامېسېس» ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆز ئارا مەڭگۈ ئۇرۇش قىلماسلىق، بەلكى بىر تەرەپ باشقا ئەل بىلەن ئۈرۇش قىلغاندا ياردەم قىلىشقا... قەسەم ئىچىشتى.
ھىتىت كىچىك ئاسىيا (ھازىرقى تۈركىيە) دە، مىسىر شىمالىي ئافرىقىدا، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىلىغى شۇنچە يىراق تۇرۇقلۇق، بۇ ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئۇرۇش پارتىلىغان بولغىتى؟ ئەسلىدە ھىتتلىقلار مىلادىدىن ئىلگىرى 2000 - يىلى دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن ئۇزلۇكىسىز تۇردە سىرتقا كېلڭەيمىچىلىك قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 1600 - يىلى ھىتتلىقلار سۇرىيە، پەلەستىنلەرنى بېسىۋالغان؛ 5 يىلدىن كېيىن بابىل ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بابىلون شەھىرىنى (ھازىرقى ئىراقنىڭ باغدات شەھىرىنىڭ ئەتراپى) بېسىۋېلىپ، شۇ چاغدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاۋات بولغان بۇ شەھەرنى بۇلاپ _ تالاپ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاۋات بولغان بۇ شەھەرنى بۇلاپ _ تالاپ قۇرۇغداپ قويغان. ھىتتلىقلار ئوتتۇرا شەرققە خوجا بولۇش ھوقۇقىنى تالىشىپ مىسىر بىلەن ئۇرۇش قىلغان. كېيىنكى چاغلاردا مىسىرنىڭ يېڭى خانلىقى پەيدىن _ پەي قۇدرەت تېپىپ، ئاخىر ھىتتلىقلارغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان.
سۇلھى شەرتنامە تۈزۈشتىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللارغا قاراپ باقايلى.
مىلادىدىن ئىلگىرى 1312 - يىلى بىر كۈنى، ھىتت خان سارىيىدا جىددى يىغىن چاقىرىلغان.
_ بۇ جىددى ئاخباراتنى ۋەزىرلەرگە تېز ئوقۇپ بەر، _ دەپ بۇيرۇق قىلغان پادىشاھ مۇۋاتا مىرزىسىغا جىددى قىياپەتتە.
_ خوپ، _ مىرازا تازىم بىجا كەلتۈرۈپ، كېسەلنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىغان، _ مىسىر فىرئونى رامېسېسⅡ ئۆزى نۇرغۇنلىغان لەشكەر باشلاپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى!
_ نېمە؟ مىسىر قوشۇنلىرى بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنىپمۇ؟! _ پادىشاھنىڭ ئىنىسى كاتۇسىل ۋاقىرىغان.
_ مىسىر فىرئونىنىڭ نەپسى بەك يوغىناپ كېتپتۇ! _ دېگەن بىر جياڭجۇن غەزەپ بىلەن.
_ بىزنىڭ قوشۇنىمىز تەڭداشسىز قوشۇن، _ دەپ ۋارقىرىغان بىر شاھزادە ئورنىدىن تۇرۇپ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، _ بىر چوقۇم مىسىرلىقلارنى يېڭىمىز!
_ كىمنىڭ دۈشمەننى چىكىندۈرەلەيدىغان ياخشى ئامالى بار؟ _ دەپ سورىغان ھىتىت پادىشاھسى تەقەززالىق بىلەن.
_ مېنىڭ ئامالىم بار...، _ بىر جىياڭجۈن ئىشەنچىلىك ھالدا ئۆز پىلانىنى ئېيتقان.
ھىتىت قوشۇنلىرى ئاشۇ جياڭجۇننىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن ئۇرۇشنىڭ پىلان لايىھىسىنى تۈزگەن.
ھىتىت قوشۇنلىرى ئاشۇ جياڭجۇننىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن ئۇرۇشنىڭ پىلان لايىھىسىنى تۈزگەن.
ئالدىنقى سەپتە، مىسىر قوشۇنلىرى 4 شوتا شەكلىلىك سەپ بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن. فىرئون ئۆزى باشلاپ ماڭغان سەپ ئالدى قوشۇنلىرى ھىتىت بوي سۇندۇرۇۋالغان سۇرىيىنىڭ قاتناش تۈگۈنى كادېشقا يېقىنلاپ قالغان.
فىرئون ئالتۇن ۋە مەرۋايىت بىلەن نەقىشلەنگەن ئىنتايىن پۇزۇر ئۇرۇش ھارۋىسىغا چۈشكەن بولۇپ، تاڭ نۇرىدا بۇ ھارۋا ۋال _ ۋۇل قىلىپ كۆزنى چاقنىتىپ تۇرغان، ھارۋىدىكى مىسر فىئونى قوشۇنغا ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشقا بۇيرۇق بېرىپ، ئەتراپتىكى مەنزىرىگە نەزەر سالغان: سول تەرەپتىكى يول دولقۇنلىنىپ تۇرغان دېڭىزغا تۇتىشىدىكەن. ئوڭ تەرەپتىكى تىك جىلغىدىن ناھايىتى تېز ئاقىدىغان دەريا ئۆتىدىكەن. ئالدى تەرەپ بولسا تۈزلەڭلىك بولۇپ، يىراقتىكى دوڭلۈكلەر ئارىسىدىن غۇۋا كورۇنۇپ تۇرغان سېپىل كادېش شەھىرى ئىكەن.
_ خەۋەر تاپقايلا فىرئون، _ دەپ دوكلات قىلغان نەۋكەر، _ 2 جاسۇس تۇتۇۋالدۇق!
_ ئېلىپ كېلىڭلار! _ دەپ فىرئون بۇيرۇق قىلغان.
ئەسىرگە چۈشكەن 2 كىشى پادىچى قىياپەتكە كىرىۋالغان ھىتىت ئاتلىق ئەسكىرى ئىكەن. ئۇلار، ھىتىت پادىشاھسى توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوشۇنلارنى كادېش شەھىرىدىن چېكىنىپ چىقىشقا بۇيرۇق بەرى. دېگەن.
_ يول ئۈستىدە نېمىشقا ھىتىت قوشۇنلىرى كۆرۈنمەيدىكىن دېسەم، ئۇلار مېنىڭدىن قۇرققان ئىكەنغۇ! _ مسىر فىر ئونى كۆرەڭلەپ كۈلۈپ كەتكەن ۋە قولىنى شىلتىپ، «ئالغا!» دەپ توۋلىغان.
مىسىر فىرئونى ئۆزىنىڭ مۇھاپىزەتچى قوشۇنىنى باشلاپ، تېزلىكتە كادېش شەھىرىنىڭ سېپىلى يېنىغا كەلگەن. ئۇ بەك ئالدىراپ بىر قارارغا كەلگەچكە، ھەتتا ئۇنىڭ سەپ ئالدى قوشۇنىمۇ يېتىپ كېلەلمىگەن.
بۇ چاغدا ھىتىت پادىشاھسى قوشۇنلىرىنى باشلاپ، شەرق تەرەپتىكى جىلغا بىلەن مېڭىپ مىسىر فىرئونىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئوتۇن ئۇنى قورشىۋالغان. ئەتىگەندە مىسىر قوشۇنلىرى ئەسىر ئالغان 2 ھىتىتىلىقنى پادىشاھ مىسرلىقلارنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئىكەن. دېگەندەكلا مىسىر فىرئونى ئالدانغان. ھىتىت پادىشاھسى. 2 - كۈنى تاڭ سەھەردە سانى كۆپ بولمىغان مسىر قوشۇنلىرىنى يوقىتىپ، مىسىر فىرئونى رامېسېسنى تۇتماقچى بولغان. ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىش ئۈچۈن ئۇ كېچىدە مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ بارگاھىنىڭ يەر شارائىتى چارلاشقا يەنە 2 ئادەم ئەۋەتكەن.
بۇ چاغدا مىسىر فىرئونى بارگاھتا ئەتىسى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان ئىكەن. توساتتىن، بىر نەۋكەر كىرىپ:
_ ئالىلىرى، يەنە 2 جاسۇس تۇتۇۋالىدۇق! _ دەپ دوكلات قىلغان.
بۇ 2 ھىتىتىلىق ئالدىنقى 2 ھىتىتلىقتىن باشقىچە ئىش قىلغان. بۇلار لام _ جىم دېمەي تۇرۇۋالغان! مىسىر جياڭجۇنى ئەسكەرلىرىگە بۇلارنىڭ ھەر بىرىنى 100 دەررىدىن ئۇرۇشنى بۇيرۇغان. بۇ 2 ھىتىتلىق دەررە ئازاۋىغا چىدىيالماي، ھىتىت پادىشاھسىنىڭ ئەتىكى قورشاپ يوقىتىش پىلانىنى ئۆز ئەينى بويىچە ئىقرار قىلغان.
مىسىر فىئونى تازا ئالاقزادە بولۇپ، دەرھال بىر ۋەزىرنى ئارقىغا قايتىپ، ئىككىنچى شوتا شەكىللىك جۇنتۇەننى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن، لېكىن ئۇ كېچىككەن. مسىرنىڭ بۇ جۇنتۇەنى يول ئۈستىدە ھىتىت قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تېرە _ پېرەڭ بولۇپ كەتكەن. ھىتىت قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تېرە _ پېرەك بولۇپ كەتكەن. ھېتىتى قۇشۇنلىرىنىڭ ئۇرۇش ھارىۋىلىرى قايتىپ كېلىپ مىسىر فىرئونىنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، مىسرلىقلارنى كادېش شەھىرى يېنىدا قاتمۇ _ قات قورشىۋالغان.
مىسىر فىرئونى تەۋەككۇل قىلىپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىش قارارىغا كېلىپ، مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنى باشلاپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان.
_ ھۇررا! _ فىرئون ئۇرۇش ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، ئاتاكىغا ئۆتكەن.
مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسى ھىتىت قوشۇنلىرىنى گاڭگىرتىپ قويغان، ئۇلار مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ زادى قانچىلىك ئادىمى بارلىقىنى بايقىيالمىغاچقا، ھېچنەرسىگە قارىماي تىكىۋەتكەن. قىستا _ قىستاڭدا نۇرغۇن ھىتىت ئەسكەرلىرى دەرياغا غەرق بولۇپ كەتكەن.
ھىتىت پادىشاھسى دەرھال قايتۇرما ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرۇغان. مىسىر ئەسكەرلىرىنىڭ سانى چەكلىك بولغاچقا، نائىلاج چېكىنگەن. ھىتىت قوشۇنلىرى توپ _ توغرا مسىر فىرئونىنىڭ بارگاھىغا بېسىپ كىرگەن. مىسىر فىرئونى ۋە ۋەزىرلىرىنىڭ مال _ مۈلكى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ساندۇق _ ساندۇق ئالتۇن، كۈمۈش، مەرۋايىتلىرى بولغاچقا. بۇنى ھىتىت قوشۇنلىرى كۆرۈپ كۆزى قىزىرىپ بۇلاشقا كىرىشكەن.
ھىتىت قوشۇنلىرى قورال _ ياراقلىرىنى تاشلاپ، ھەدەپ بۇلاپ _ تالاۋاتقاندا، مىسىر فىرئونىنىڭ سەپ ئالدى قوشۇنى دېڭىز ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن. ئۇلار قوللىرىدىكى قىلىچ _ نەيزىلىرىنى ئوينىتىپ، ئۇدۇل كەلگەن ھىتىتلىقنى قىرىپ، پاتىپاراق بولۇپ كەتكەن ھىتىت قوشۇنلىرىنى بىر دەمدىلا تېرە _ پېرەڭ قىلىۋەتكەن.
ھىتىت پادىشاھسى ئۈچىنچى قېتىملىق قايتۇرما ھۇجۇمنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قېلىپ قالغان 1000 دانە زاپاس ئۇرۇش ھارۋىسىنى پۇتۈنلەي ئىشقا سالغان.
قىرايلى! _ ئەسكەرلەر ئۆلە _ تىرىلىشىگە قارىماي ئالغان ئېتىلغان.
_ قىرايلى! _ سەردارلار ئۇرۇش ھارۋىسىدا تۇرۇپ قىلىچلىرىنى ئويناتقان.
مىسىر فىرئونى ھارۋىلىق ھىتىت قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى جېنىنى تىكىپ تاقابىل تۇرغان، كادېش شەھىرىنىڭ ئەتراپى جەسەتكە تولغان. مىسىر قوشۇنىنىڭ ئادەم سانى بارغانسېرى ئازىيىپ كەتكەن، لېكىن ئۇلار ئاخىر كۈن ئولتۇرغىچە بەرداشلىق بەرگەن.
ھىيىت قوشۇنلىرى غەلىبە قىلاي دەپ قالغان. توساتتىن ئۇلار تەرەپ _ تەرەپكە قاچىقان. ئۇرۇش ھارۋىسى قىسملىرىمۇ پاتىپاراق بولۇپ، بەزىلىرى شەرققە، بەزىلىرى غەرپكە قاراپ قاچقان. پىيادە ئەسكەرلەر قىسملىرى تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. زادى نېمە ئۈچۈن مۇنداق بولىدۇ؟ ئەسلىدە، مىسىرنىڭ شوتا شەكىللىك 3 - جۇنتۇەنى يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلغان. ھىتىت قوشۇنلىرى مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ ئالدى _ كەينىدىن قورشاپ قىلغان ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي چېكىنگەن.
كادېش ئۇرۇشى ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر زىيان تارتىش بىلەن ۋاقتىنچە ئاياقلاشقان، لېكىن ھىتىت بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىماي، ئىلگىر _ ئاخىر بولۇپ 16 يىل داۋام قىلغان.
مىلادىدىن ئىلگىرى 1296 _ يىلى ھىتىت پادىشاھسى مۇۋاتار ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئىنىسى كاتۇسىل پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان. ئىچكى - تاشقى قىيىنچىلىق ئېغىر بولۇپ، داۋاملىق ئۇرۇش قىلىش مۇمكىن بولمىغاچقا، مىسىر بىلەن يارىشىش قارارىغا كەلگەن. كاتۇسىل ئەۋەتكەن دوستلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكى كۈمۈشتىن ياسالغان تاختىغا ئويۇلغان سۈلھ شەرتنامىنى نەتىجىسىدە ھالسىراپ كەتكەچكە فىرئون رامېسېس ھىتىت بىلەن ئۇرۇ توختىتىشقا پۈتۈنلەي قوشۇلغان.
كۈمۈش تاختىغا ئويۇلغىنى ھىتىتنىڭ مىخ يېزىغى ئىكەن. كېيىنكىلەرگە ئەسلىتىش ئۈچۈن بۇ مىسىرنىڭ تەسۋىرىي يېزىقى بىلەن مىسىردىكى بىر ئىبادەتخانىنىڭ تېمىغا ئويۇپ قويۇلغان.