UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭبېرما پادىشاھلىقىنىڭ قولدىن كېتىشى

بېرما پادىشاھلىقىنىڭ قولدىن كېتىشى

بەش مىڭ يىل 1852 - يىل 3 - ئاينىڭ بىر كۈنى. ئەنگلىيىنىڭ بىر پاراخوتى، رانگون دەرياسى بىلەن بېرما پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى رانگون شەھىرىگە قاراپ كېتىۋاتاتتى. بۇ پاراخوتقا ئاق بايراق ئېسىقلىق تۇراتتى، پاراخوت ئۈستىدە بىر ئەنگلىيىلىك دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى مەنزىرىلەرگە پەرۋاسىزلىق بىلەن قاراپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باي ۋالىيسىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنئائەن، بېرما پادىشاھلىقىنى باش ۋالىي ئەۋەتكەن ئۇلتىماتۇمنى قوبۇل قىلىشقا قىستاش ئۈچۈن كېتىۋاتاتتى. ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىي نېمە ئۈچۈن بېرما پادىشاھلىقىغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇرىدۇ؟ ئەسلىدەⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدىلا، ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى رانگون شەھىرىنىڭ يېنىغا سودا پونكىتى سېلىپ بېرمىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، مىللىي ماجرالارغا قول سالغاچقا، ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، بېرما پادىشاھلىقى بۇ قاراقچىلارنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى بېرما پادىشاھلىقىغا ئالتە قېتىم ۋەكىل ئەۋەتىپ، مۇشتۇمزورلۇق بىلەن ئۇلاردىن قۇللۇق شەرتنامە ئىمزالاشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما بېرما پادىشاھلىقىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. 1842 - يىلى، ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى ئۆكتەملىك بىلەن ئەسكەر چىقىرىپ، بىرىنچى قېتىملىق بېرمىغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان، بېرما قوشۇنلىرى باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرغان، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇپ بولۇپ، مەجبۇرىي ھالدا شەرتنامە تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ زېمىنىدىن بۆلۈپ بەرگەن، ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلىگەن ھەمدە ئەنگلىيە پاراخوتلىرىنىڭ بېرما پورتلىرىدا ئەركىن قاتنىشىغا رۇخسەت قىلغان، كېيىنچە تەختكە چىققان ئىككى پادىشاھ خورلۇققا چىداپ تۇرالماي، بۇ شەرتنامىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى ئىككىنچى قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاشقا جابدۇنغان. بىر ئاي ئىلگىرى ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىي، بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى نەپەر قانۇنسىز ئەنگلىيىلىك سودىگەرنى قولغا ئالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئالتە ھەربىي پاراخوتنى رانگوننى مۇھاسىرىگە ئېلىشقا ئەۋەتكەن ھەمدە بېرما پادىشاھى پاگانغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، تۆلەم تەلەپ ناماقۇل بولۇشنى تەلەپ قىلغان. پاگان بۇ تەلەپكە ماقۇل بولمىغان. شۇڭا باش ۋالىي پاگاننى قىستاشقا مۇشۇ ئەلچىنى ئەۋەتكەنىدى. ئەلچى كۆرەڭلىگەن ھالدا، ئىككى قىرغاقتىكى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىۋاتقاندا، ئۇشتۇمتۇت گۇمباڭلىغان ئاۋاز كۆتۈرۈلدى - دە، بىر پاي توپ ئوقى پاراخوت ئالدىغا چۈشۈپ سۇنى ئاسمان - پەلەك كۆتۈرەتتى. بۇنىڭ ئارقىسىدىنلا يەنە بىر پاي زەمبىرەك ئوقى پاراخوتنىڭ ئارقا تەرىپىدە پارتلىدى. - چېكىنەيلى! چېكىنەيلى! - ئەلچى ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ، كاپىتانغا تېزلىكتە پاراخوتنى ئارقىغا ياندۇرۇشقا بۇيرۇق قىلدى. رانگوننى مۇھاسىرىگە ئېلىشقا بۇيرۇق ئالغان ئەنگلىيە فلوتىنىڭ قوماندانى، بېرما قوشۇنلىرىنىڭ توپ ئاتقانلىقىنى ئاڭلاپ يىرتقۇچلارچە كۈلدى - دە: - ھەببەللى توپ ئاتقىنى خويمۇ ئوبدان بولدى! بىز ئەمدى يوللۇق ھالدا رانگونغا يۈرۈش قىلالايمىز! - دەيدۇ. 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنى رانگونغا قاراپ ئۇدۇل ئېتىلدى. يولدا كېتىۋېتىپ بىر ئوفىتسېر ناھايىتى بەك يىراقتىكى ئىمارەت توپىنى كۆرسىتىپ ۋارقىرىدى: - بۇرادەرلەر، ئەنە ئاۋۇ ئالتۇن مۇنارنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئاشۇنداق قاراپ ئۇدۇل ماڭساق رانگونغا يېتىپ بارىمىز! كۆپچىلىك يىراقتا سىلىندىر شەكىللىك بىر نەرسىنىڭ قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. - ئوفىتسېر، قانداق مۇنار ئۇ؟ - دەپ سورىدى بىر ئەسكەر. - ھوي، ئۇ دېگەن ناھايىتى پۇل بولىدىغان نەرسە جۇمۇ، ئۇنىڭ ئىچى پۈتۈنلەي ئالتۇن ۋە ئالماستىن ياسالغان. ئۇنىڭدىن كىچىككىنە قولغا چۈشۈرۈۋالغان ئادەممۇ چوڭ باي بولۇپ كېتىدۇ! تېز ماڭايلى، تېز! ھېرىسمەنلىك ۋە ئاچكۆزلۈك ئەسكەرلەرنى ھەيدىمەكتە ئىدى، كۆپچىلىك يۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى. بۇ كاتتا ئالتۇن مۇنار بېرمىنىڭ مەشھۇر يادىكارلىقى بولۇپ، رانگون شەھىرىنىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشقان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅵ ئەسىردىن باشلاپ قۇرۇلۇشقا باشلىغانىكەن، ئۇنىڭ ئىچىگە بۇددا دىنىنىڭ پىرى ساكيامۇنىنىڭ ۋەسىيەتلىرى چۈشۈرۈلگەنىكەن. بۇ كاتتا ئىمارەت توپى 68 كىچىك مۇنار ۋە بىر مەركىزىي مۇناردىن تەركىب تاپقان. مەركىزىي مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 120 مېتىر، ئۇنىڭ قوڭغۇراق شەكىللىك چوققىسى 8000 پارچە ئالتۇن زغچىسى بىلەن ئورالغان، يەنە ئۇنىڭغا نەچچە مىڭلىغان ئالماس ۋە باشقا ياقۇت پارچىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، پۈتۈن مۇناردىن نۇر چاقناپ تۇرغاچقا، 40 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كىشىلەرگىمۇ مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىنىڭ ئۇنى نىشان قىلىپ رانگونغا يۈرۈش قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. پادىشاھ پاگان ئەنگلىيىگە تىز پۈكمەيمەن دېسىمۇ، ئەمما ئۇ تەختكە چىقىپ ئىككى يىل ئىچىدىلا 6000 گۇناھسىز پۇقرانى سەۋەبسىز ئۆلتۈرگەچكە، پۇقرالارنىڭ ئاھۇ پەريادى جاھاننى قاپلاپ كەتكەنىدى. يەنە كېلىپ ئۇ، ئەنگلىيە قوشۇنى تاجاۋۇز قىلىپ كىرىۋاتسا، ئەستايىدىل تاقابىل تۇرمىدى، يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە رانگوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبتىكى پېگو ئۆلكىسىنى ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنى ئىشغال قىلىۋالدى. پادىشاھلىق سىياسىتىنىڭ چىرىكلىكى ھەم ۋەتەن زېمىنىنىڭ قولدىن كېتىشى، بېرما پادىشاھلىقىنىڭ ئوردىسى ئىچىدىكى كۈرەشنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. پاگاننىڭ ئىنىلىرى مانتون شاھ بىلەن كانان شاھلار ئادەم توپلاپ، پاگاننىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرۇشىغا قارشى چىقتى، پاگان مەجبۇرىي ھالدا تەختتىن چۈشتى، مانتون بېرما پادىشاھى بولدى. مانتون تەختكە چىققاننىڭ 4 - كۈنى، ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى رانگوندا پېگو ئۆلكىسىنى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى دەپ جاكارلىدى، بۇ مانتون ئۈچۈن قاقشاتقۇچ زەربە بولدى. بېرما خەلقىنىڭ قەتئىي تەلىپى ئاستىدا، مانتون ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى بىلەن پېگونى بۆلۈپ بېرىش ھەققىدە سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشنى رەت قىلدى ھەمدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا تەييارلاندى. ئۇ بېرما قوشۇنلىرىغا ئوت ئېچىشنى توختىتىپ ئۇرۇش مەزگىلىدە تۇتۇۋېلىنغان ياۋروپالىقلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇق قىلدى. بۇنىڭ ئارقىسىدىنلا، ئىككى ئىتالىيلىكنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ، ئەنگلىيە قوشۇنىغا: بېرمىنىڭ يېڭى پادىشاھى ئەلچى ئەۋەتىپ، ئەنگلىيە تەرەپ بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ، دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا، بېرما ئەلچىسى ئالدىنقى سەپكە كېلىپ، ئەنگلىيىنىڭ پېگو رايونىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ۋالىيسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، پېگو رايونىنى قايتۇرۇۋېلىش تەلىپىنى قويدى. - پادىشاھ ئالىيلىرىغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ، - دېدى ئەنگلىيىلىك ۋالىي تەلۋىلىك بىلەن، - پېگو رايونىنى بىز ئەنگلىيە - ھىندىستان ئىمپېرىيىسىنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاللىقاچان ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. ھازىر بىز قىلىۋېتىشكە تېگىشلىك ئىش - پادىشاھ ئالىيلىرى سۈلھ شەرتنامىگە ئىمزا قويۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ چېگرىسىنى بېكىتىشتىن ئىبارەت. - ۋالىي ئەپەندى، دېدى بېرما ئەلچىسى، - پادىشاھ ئالىيلىرى تەختكە چىققاندىن بۇيان، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. ئۇ، ھۆكۈمىتىڭىزلارنىڭ پېگو رايونىغا بولغان ئىشغالىيەتنى بۇرۇنراق ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. - بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس، - دېدى ۋالىي ئۆكتەملىك بىلەن، - بىزنىڭ ئۈمىدىمىز - پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ سۈلھ شەرتنامىگە بۇرۇنراق ئىمزا قويۇشتۇر! مانتون ئەنگلىيىلىك ۋالىي بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە ئەلچى ئەۋەتتى. ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىي تېخىمۇ ئۆكتەملىك بىلەن يولسىزلىق قىلىپ، تەپ تارتماستىن بېرما ئەلچىسىگە: - قۇياش مەۋجۇت ئىكەن، پېگو ئەنگلىيىگە تەۋە بولۇۋېرىدۇ! - دېدى. بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئەنگلىيە ياۋروپادا بىر مەيدان ئۇرۇشقا ئارىلىشىپ قالدى. مانتوننىڭ ئىنىسى كانان شاھ مانتونغا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەسكەر چىقىرىپ، قولدىن كەتكەن يەرلەرنى بىر يولىلا قايتۇرۇۋېلىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. ئەمما مانتون بۇ توغرا تەكلىپنى قوبۇل قىلمىدى.1857 - يىلى، ھىندىستان خەلقى كەڭ كۆلەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈردى، بېرمىدا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن يۆتكەپ كېلىندى، پېگو رايونىنىڭ مۇداپىئەسى قۇرۇق قالدى. ئۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ۋەزىرلەر ئارقا - ئارقىدىن ئەسكەر چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى. مانتون بۇ توغرا تەشەببۇسلارنى يەنىلا قوبۇل قىلماي، ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. بۇ يىلى ئۇ، پايتەختىنى ماندالايغا يۆتكەپ كېتىدۇ. مانتو سۆھبەت ئارقىلىق دۆلەت زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئىزچىل ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەت ئالدىدا، تۇمشۇقىغا تەكرار يېگۈچە، ئىنىسى كاناننىڭ ياردىمى بىلەن بىر يۈرۈش ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى. ئۇ، سانائەت قۇرۇش ھەم بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈشكە ئىلھام بېرىپ، ھەربىي قورال - ياراغ زاۋۇتى ۋە ئىچكى دەريالار فلوتى قۇرۇپ، ماندالايدىن ھەر قايسى شەھەرلەرگە بارىدىغان تېلېگرامما لىنىيىلىرىنى تارتىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇردى. دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى كۈچەيتتى. ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىمۇ بېرمىغا بولغان مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتتى. 1862 - يىلى ئەنگلىيە پېگو ۋە باشقا ئىككى رايوننى قوشۇپ، رانگوننى مەركەز قىلىپ، ئەنگلىيە ھامىيلىقىدىكى بېرما دەپ ئاتىۋالدى. مانتون تەختكە چىققاندىن كېيىن، كانان شاھنى ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنىڭ ۋارىسى قىلىپ بەلگىلىگەنىدى. بۇ ئىش ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدا ئىنتايىن يامان نارازىلىق پەيدا قىلدى. 1866 - يىلى ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، كانان شاھنى ئۆلتۈردى. بۇ ۋەقە ئۇنى ئىسلاھات خىزمىتىدىكى كۈچلۈك بىر ياردەمچىسىدىن مەھرۇم قىلدى. ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىمالغا سىڭىپ كىردى. بۇنىڭ بىلەن بېرما پادىشاھلىقىنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدى. 1878 - يىلى 64 ياشلىق مانتون قايغۇ - ئەلەم ئىچىدە ئۆلۈپ كەتى. ئۇ، كانان شاھ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يەنە بىر تەخت ۋارىسى بەلگىلىسەممۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ دەپ ئالدىنئالا بىر ئادەم بەلگىلىمىگەچكە، جان سەكراتقا چۈشكەندە بىر نەچچە ئوغلىنى ئۆملۈكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە بەلگىلىدى، ئەمما ھوقۇقلۇق زالىم ۋەزىرلەر ئۇنىڭ يەنە بىر ئوغلى شپاۋنى پادىشاھ تىكلەپ ھىمايە قىلدى. شىپاۋ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرى بولۇپ 70 تىن كۆپرەك قوۋم - قېرىنداشلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى؛ ئەمما ئۇمۇ ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىشنى قەتئىي تەشەببۇس قىلدى. ئۇ چاغدا، فرانسىيە مۇستەملىكچىلىرى ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ بولۇپ، بېرمىنىڭ شىمالىغا قاراپ ھەرىكەت قىلماقتا ئىدى، شىپاۋ فرانسىيە بىلەن يېقىنلىشىش ئارقىلىق ئەنگلىيە بىلەن تاقابىللاشماقچى بولدى. 1885 - يىلى فرانسىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، فرانسىيىنىڭ بېرمىدا تۆمۈر يول ياساش، بانكا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلدى. ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى فرانسىيىنىڭ بېرمىنى كونترول قىلىۋېلىشىدىن قورقۇپ، بېرمىنى پۈتۈنلەي كاپ ئېتىۋېتىش قارارىغا كەلدى. شىپاۋ ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن تاقابىللىشىشقا بەل باغلىغاچقا، ئەنگلىيە سودىگەرلىرىنىڭ بېرمىدىكى قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق جازالىدى. دەل شۇ چاغدا بېرمىنىڭ شىمالىدىن يوۋزى ياغىچى يۆتكەپ كېتىۋاتقان ئەنگىلىيىنىڭ بىر شېركىتىگە جەرىمانە قويدى، بۇ جەرىمانە قويۇش ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ئىغىۋاگەرچىلىك تۇغدۇرۇشىغا باھانە بولدى. ئەنگلىيىنىڭ باش ۋالىيسى بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، شۇ يىلى 10 - ئايدا ھۈنىرىنى يېڭىباشتىن ئىشقا سالدى - دە، شىپاۋنى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، بېرما پادىشاھلىقىنى ئەنگلىيىنىڭ ماندالايدا ئەمەلدار توختىتىشىغا، ھەتتا بېرمىنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا نازارەت قىلىشىغا قوشۇلۇشقا قىستىدى. شىپاۋ، بۇ يولسىز تەلەپلەرنى كەسكىن رەت قىلدى. ئەنگلىيە قوشۇنى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، شەخسەن ئۆزى قوشۇن باشلاپ چىقىپ دۈشمەنگە قارشى تۇردى. ئەمما دۈشمەن ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك بولغانلىقتىن، بېرما قوشۇنىنى تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى ئىنتايىن تېزلىكتە مەغلۇپ قىلىۋەتتى. شىپاۋ ئەنگلىيە قوشۇنىغا ئەسىرگە چۈشتى ۋە شۇ ھامانلا بىر ئارالغا سۈرگۈن قىلىندى ھەمدە ئاخىرىدا شۇ يەردە ئۆلۈپ كەتتى. 1886 - يىل 1 - ئايدا، ئەنگلىيە بېرمىنى كاپ ئېتىۋەتكەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىدى. ئەسلىدە، بىرلىككە كەلگەن بېرما پادىشاھلىقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندى. ئەمما، ئىشچان، باتۇر بېرما خەلقى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇردى. ئۇلار ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەنگلىيىنىڭ كۆپلىگەن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچىنى خوراتتى. مەملىكەت خاراكتېرلىك پارتىزانلىق ھەرىكىتى ئەنگلىيىنى ئەمەلىيەتتە پەقەت قوشۇنلىرى تۇرۇشلۇق رايونلارنىلا كونترول قىلىپ تۇرالايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. 1895 - يىلىغا كەلگەندە، بېرما خەلقىنىڭ قوراللىق كۈرەشلىرى ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇۋېتىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، بېرما، ئەنگلىيە ھامىيلىقىدىكى ھىندىستاننىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلاندى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بېرما يەنە ياپونىيە جاھانگىرلىكى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. ئەمما بېرما خەلقى مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن يەنىلا باتۇرانە كۈرەش قىلدى. 1947 - يىل 10 - ئايدا، ئەنگلىيە مەجبۇرىي ھالدا بېرمىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قوشۇلدى. ئىككىنچى يىلى 1 - ئايدا، بېرما قوشما شتاتى رەسمىي قۇرۇلدى. 1974 - يىلى بېرما فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
بېرما پادىشاھلىقىنىڭ قولدىن كېتىشى | UyghurWiki | UyghurWiki