UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭپارچە - پارچە بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن گېرمانىيە

پارچە - پارچە بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن گېرمانىيە

بەش مىڭ يىل رېيىن دەرياسى بويىدىكى شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا بارىدىغان چوڭ يولدا ئات قوشۇلغان بىرنەچچە يۈك ھارۋىسى ئاستا - ئاستا كېتىۋاتاتتى. «توختاڭلار، مالنى تەكشۈرىمىز!» ئات ھارۋىسى يول ياقىسىدىكى بىر ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، قولىغا مىلتىق ئالغان ئىككى ئادەم كېلىپ توسىدى. ئەسلىدە بۇ ئۆي چېگرا توسىقى بولۇپ، يول توساۋاتقانلار باجگىرلار ئىكەن. _ ئەپەندىم! - دېدى سودىگەر ھارۋىدىن چۈشۈپ ئىززەت - ئىكرام بىلەن، _ بۇ يەرگە كەلگىچە بىرقانچە قېتىم باج تۆلەپ بولدۇققۇ؟ _ ياق، يەنە تۆلەيسىلەر! - ئەپەندىم، مانا قاراڭ، 11 يەردە باج تۆلەپ كەلگەن تالونۇم بار! - سودىگەر خۇش چىراي تۇرۇپ بىر تۇتام باج تالونىنى كۆرسەتتى. _ بۇ دېگەن باشقا، جانابلارغا تۆلىگەن تالونلار ئەمەسمۇ، - دېدى باجگىر، سودىگەرنىڭ قولىدىكى تالونلارغا قاراپمۇ قويماستىن تاقەتسىزلىك بىلەن، - ئەمدى بىزنىڭ جانابنىڭ خوجىلىق يېرىدىن ئۆتكەندىكىن، بىزنىڭ جانابقىمۇ باج تۆلەش كېرەك! سودىگەر نائىلاج چۆنتىكىگە قولىنى ئۇزىتىپ، غەمكىن ھالدا ئۇلۇغ - كىچىك تىندى: _ ماينتىستىن كيولىنغىچە بولغان كىچىككىنە ئارىلىقتا 12 قېتىم باج تۆلىدى، - ھە! ماينتىستىن كيولىنغىچە 200 كىلومېتىردىن كۆپرەكلا كېلىدىغان ئارىلىقتا بەگلىكلەر 13 يەرگە توساق قۇرۇپ باج ئالسا، بۇنداق چاك - چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن گېرمانىيىدە سودا - سانائەت ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلالامدۇ؟ مانا بۇ 15 -، 16 - ئەسىرلەردىكى گېرمانىيە ئىدى. ئۇ چاغدا گېرمانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ تولۇق نامى «گېرمان مىللىتى مۇقەددەس رىم ئىمپىرىيىسى» دەپ ئاتىلاتتى ۋە زېمىنى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ھازىرقى گېرمانىيە، چېخوسلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە، ئاۋستىرىيە، شىۋېتسارىيە، گوللاندىيە، ليۇكسىمبورگ، بېلگىيىلەرنى ۋە فرانسىيىنىڭ شەرقىي قىسمى، پولشانىڭ غەربىي ۋە شەرقىي شىمال قىسمى قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. پادىشاھ كارل، ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئۇ ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگىمۇ ۋارىسلىق قىلدى. ئىسپانىيە ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلىرى، شۇنداقلا ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سىتسىيىلىكلەرمۇ ئۇنىڭغا قارىدى. شۇنىڭ بىلەن كارل «زىمىنىغا ھەرقاچان قۇياش نۇر چېچىپ تۇرىدىغان» پادىشاھ دەپ نام ئالدى. ئەمما كارل يەتتە چوڭ سايلام بەگلىكىنىڭ كىنەزلىرىگە پارا بېرىش ئارقىلىق تەختكە چىققاچقا، نوپۇزغا ئىگە بولالمىدى. گېرمانىيىنىڭ ئىچكى قىسمى يەنىلا پارچە - پارچە بەگلىكلەرگە بۆلۈنمە بولۇپ، ھەربىر كىنەز بىر تەرەپكە ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولۇۋېلىپ، چاك - چېكىدىن پارچىلىنىشتەك ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى. چاك - چېكىدىن پارچىلىنىش ۋەزىيىتى يەنە رىم پاپىسىنىڭ گېرمانىيە ئىمپىرىيىسىگە بولغان كونتروللىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى. دىنىي جەمئىيەت پۈتكۈل دۆلەت زىمىنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگەللىۋالدى، بىر مۇنچە ئېپىسكوپلار بەگ بولۇۋالدى. يەتتە سايلام بەگلىكىدىن ئۈچىگە ئېپىسكوپلار كىنەز بولۇۋالدى. گېرمانىيە دېھقانلىرى ئۈستىدىكى ئېكىسپىلاتاتسىيىنى ئېغىرلىتىش ئۈچۈن، دىنىي جەمئىيەت «ئوندىن بىر باج قانۇنى» (ئۆشرە قانۇنى) دېگەننى بەلگىلىدى. گېرمانىيە خەلقى ئۈستىدىكى زۇلۇمنى ئېغىرلىتىش ئۈچۈن، دىنىي جەمئىيەت يەنە «كۇپۇرلۇقنى چەكلەش قانۇنى» بەلگىلەپ، «كۇپۇرلۇققا ھۆكۈم قىلىش ئورنى» تەسىس قىلىپ، ھەممە يەرگە جاسۇس، پايلاقلىچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ئۈستىدىن ئىشپىيونلۇق ھۆكۈمرانلىقى يۈرگۈزدى. دىنىي جەمئىيەتكە شەك چۈشەرگەنلىكى ئادەملەرنى «كۇپۇر» دەپ تۇتقۇن قىلىپ دۇمبالىدى، مىڭلاپ ئادەملەرنى تىرىكلا كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. تېخىمۇ رەزىللىكى شۇكى، دىنىي جەمئىيەت يەنە «كۇپۇرلار» نىڭ مال - مۈلكى، بىردەك پاش قىلغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتىدۇ، دەپ بەلگىلىدى. شۇنداق قىلىپ، جاسۇس ۋە پايلاقچىلار يەنە تازا باي بولۇۋالدى. گېرمانىيە خەلقى ۋەتىنىنىڭ چاك - چېكىدىن پارچىلىنىپ كېتىشىگە ناھايىتى نارازى بولدى. كىنەز - بەگلەر ۋە دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئىككى قات ئېكىسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلىمىغا تېخىمۇ كۈچلۈك نارازى بولدى. شۇنىڭ بىلەن، گېرمانىيىدە داغدۇغىلىق دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى ۋە دېھقانلارنىڭ چوڭ قوزغىلاڭلىرى خۇددى يانار تاغدەك پارتىلىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
پارچە - پارچە بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن گېرمانىيە | UyghurWiki | UyghurWiki