«بىسمارك» ناملىق پاراخوتنىڭ غەرق بولۇشى
بەش مىڭ يىل
گېرمانىيىنىڭ بىر توپ ياش ئوفىتسېرلىرى ھەربىي ئوركىستىرنىڭ باشلىشى بىلەن رەتلىك قەدەم تاشلاپ، خۇشال - خۇراملىق ئىچىدە پاراخوت شوتىسى ئارقىلىق «بىسمارك» ناملىق جەڭ پاراخوتىغا چىقتى. «بىسمارك» ناملىق جەڭ پاراخوت 20 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىنىڭ بېشىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ زامانىۋى جەڭ پاراخوتى ئىدى. پاراخوتقا سەككىز چوڭ زەمبىرەك، 12 توپ، 44 مىناميوت ئورنىتىلغانىدى. پاراخوتتا 2000 دىن ئوشۇق كوماندىر ۋە ئەسكەر بارئىدى. ياش ئوفىتسېرلار پاراخوت ئۈستىگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ كوماندىرى - دېڭىز ئارمىيە ئىسكادىرون قوماندانى رۇكس بىلەن پاراخوت باشلىقى لېندماننىڭ پارىتىنى قوبۇل قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. سالاپەتلىك كۆرۈنگەن رۇكس پاراخوتتىكى ئاۋاز كۈچەيتكۈچى ئاپپاراتنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ ياش ئوفىتسېرلار، مەن سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. سىلەرنى ئالىي باش قوماندانلىق شىتابى ئالاھىدە تاللاپ بۇ قېتىمقى جەڭگە قاتناشتۇردى. سىلەر ھازىر ئەڭ يېڭى، ئەڭ كۈچلۈك جەڭ پاراخوتىغا چىقتىڭلار، سىلەر تازا خەتەرلىك جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىسىلەر. بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بولغان ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىزگە تەڭ كېلەلىگۈدەك بىرەر ھەربىي پاراخوتى يوق. ھەرقانداق چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراخوتمۇ بىزنىڭ زەمبىرىكىمىزدىن ئامان - ئېسەن قۇتۇلالمايدۇ! «بىسمارك» ناملىق پاراخوت ئاتلانتىك ئوكيانغا چىققان ھامان، ئەنگىلىيىنىڭ بارلىق قاتناش - ترانسىپورتى ئۈزۈلىدۇ. چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇشتا باش - كۆزى يېرىلغان ئىنگىلىزلار يالغۇز ئارالدا قامىلىپ ئۆلىدۇ، - دېدى.
ياش ئوفىتسېرلار بۇ گەپلەرنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاپ مەست بولۇشتى.
_ بىزنىڭ نىشانىمىز - ئاتلانتىك ئوكيان، - دېدى رۇكس توۋلاپ تۇرۇپ، - بىزنىڭ پاراخوت ئەترىتىمىز يېقىندا ئەنگىلىيىنىڭ 250مىڭ توننىلىق سودا پاراخوتىنى غەرق قىلىۋەتتى. 250 مىڭ توننىلىق دەۋاتىمەن! . . . بىزنىڭ ھازىرقى كۆرسەتكۈچىمىز ئىككى مىليون توننا. گېرمانىيىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، سىلەر گىرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى قولغا كەلتۈرگەن شانلىق غەلىبىلەرنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگۈچىلەر سۈپىتىدە كەڭ تەشۋىق قىلىسىلەر . . .
رۇكس سۆزىنى ئەسەبىيلەرچە تەنتەنە سادالىرى ئىچىدە تاماملىدى. «بىسمارك» ماركىلىق پاراخوت دېڭىزغا قاراپ يولغا چىقتى. «شاھزادە ئوگىن» ناملىق پاراخوت بىلەن 11 سودا پاراخوتىمۇ «بىسمارك» ناملىق پاراخوت بىلەن بىللە ماڭدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرلىقى گىدىنيىدىن كەلگەن بىر پارچە ئاددىي خەت تاپشۇرۇۋالدى. خەت 1941 - يىلى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى يېزىلغانىدى. بۇ خەت ئەنگىلىيە ئاخبارات خادىملىرى تەرىپىدىن يېزىلغان مەخپىي خەت ئىدى. بۇ خەتنى كونتر ئادمىرال ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، بىردەم - بىردەم مەخپىي تېلېگرامما نومۇرىنى ئاختۇرۇپ، ئاخىردا ئادمىرالغا :«بىسمارك» ناملىق پاراخوت يولغا چىقىپتۇ! ئۇ شىمالغا قاراپ كېتىۋاتىدۇ، دانىيە بوغۇزى ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكيانغا چىقماقچى . . . . دەپ دوكلات قىلدى.
ئادمىرال بىر پەس جىم بولغاندىن كېيىن، «ھويدېر » ناملىق پاراخوت بىلەن «شاھزادە ئۇئېلىس» ناملىق پاراخوتقا دەرھال يولغا چىقىپ، «بىسمارك» ناملىق پاراخوتنى توسۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى.
_ جانابلىرى ، - دېدى كونتر ئادمىرال، - ئۇلارنىڭ بىرسى «موماي» بىرسى «ئوغۇل بالا»غۇ؟
_ ئەمما بۇ «موماي» ئۇرۇش قىلالايدىغان «ئۆكتەم ئايال»، «ئوغۇل بالا» بولسا جەڭ داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، - دېدى ئادمىرال جاۋاب قايتۇرۇپ.
ئادمىرال بۇنداق دېگەن بىلەن «ھودىر » ناملىق ھەربىي پاراخوتنىڭ بەك كونىراپ كەتكەنلىكىنى، «بىسمارك » ناملىق پاراخوتتىن توپتوغرا 20 ياش چوڭلۇقىنى، «شاھزادە ئۇئېلىس» ناملىق پاراخوتنىڭ بەك گۆدەكلىكىنى، ياسالغىنىغا تېخى بىر ئاي بولمىغانلىقىنى، ماتروسلارنىڭ ھەربىي تەلىم - تەربىيىنى تېخى تۈگەتمىگەنلىكىنى، ھەتتا پاراخوتتتىكى قوراللارنىڭ نۇقسانلىرىنىمۇ ھەل قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئىنىق بىلەتتى. بىراق، ھازىر باشقا ھەربىي پاراخۇتلارنى چىقىرىشقا ئۆلگۈرەلمىگەنلىكتىن، «بىسمارك» ناملىق پاراخوتنى توسۇشقا مۇشۇ بىر گۆدەك پاراخوتقا تايىنىشقا توغرا كەلگەنىدى.
«ھودېر » ناملىق پاراخوت بىلەن «شاھزادە ئۇئېلىس» ناملىق پاراخوت بوران - چاپقۇنغا قارىماي شۇ كۈنىلا يولغا چىقتى. ئەتىسى كەچقۇرۇن گېرمانىيە بېرلىن رادىئو ئىستانسىسى كۆرەڭلىگەن ھالدا، ئۇشتۇمتۇت مۇنداق بىر خەۋەرنى تارقاتتى:
«گېرمانىيە گىراژدانلىرى ! بىز بېرىۋاتقان نومۇرىمىزنى ئۈزۈپ قويۇپ، ھەربىرىڭلارغا كىشىنى ھاياجانلاندۇرۇدىغان مۇنداق بىر خەۋەرنى ئاڭلاتماقچىمىز: بىزنىڭ ئۇرۇش پاراخوتىمىز ئاتلانتىك ئوكياندا زور جەڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ئېرىشتى. ئەنگىلىيە پەخىرلىنىپ كەلگەن جەڭگىۋار ئوكيان چارلاش پاراخوتى<ھودېر> بىزنىڭ <بىسمارك> ناملىق پاراخوتىمىزنىڭ قۇدرەتلىك زەمبىرەكلىرى بىلەن غەرق قىلىندى. ئەنگىلىيىنىڭ يەنە بىر پاراخوتىمۇ ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ، <ھودېر> ناملىق پاراخوتنىڭ كەينىدىن دانىيە بوغۇزىدىكى مۇز بىلەن قاپلانغان دېڭىز ئاستىغا غەرق قىلىندى. دېمەك، ئەنگىلىيىنىڭ نۇرغۇن ماتروسلىرى چېرچىلنىڭ ۋە ئۇنىڭ يەھۇدىيلار گوروھىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىپ، بىكاردىن - بىكار ھاياتىدىن ئايرىلدى. بىز ئالىي رەھبىرىمىزنى سەمىمىي تەبرىكلەيمىز. پەقەت شۇلار بىزنى غەلىبە قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىر مىللەت، بىر دۆلەت، بىر داھىي! . . . »
بۇ خەۋەر تېزلا گېرمانىيىدىكى ھەر بىر ئائىلىگە ئارقىدىنلا پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالدى.
دۈشمەن ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان لوندون كوچىسىدا بىر قېرى موماي سېۋەتنى بىلىكىگە ئېسىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ گىزىت سودىگىرىنىڭ ئېلان تاختىسىغا :«<ھودېر> ناملىق پاراخوت غەرق بولدى!» دېگەن چوڭ ماۋزۇنى گېزىتتىن كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى غىل - پال كۆرۈپ قالدى.
چوڭ ئانا ئۇ يەدە كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ ماڭدى ۋە بىر دەم ھاڭ - تاڭ بولدى. ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى . . .
_ چوڭ ئانا مىجەزىڭىز يوقمۇ؟ - دېدى بىر ساقچى.
_ ياق . . . مەن . . . ياخشى. . . ، - دېدى چوڭ ئانا قەددىنى رۇسلاپ، كۆز يېشىنى سۈرتكەن ھالدا بوش ئاۋاز بىلەن.
چوڭ ئانا بومباردىماندا ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۈستەلدىكى ئەينەك جازىسىدىن ماتروسنىڭ سۈرىتىنى ئالدى. بۇ ئۇنىڭ «ھودېر» ناملىق پاراخوتتا ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئوغلىنىڭ سۈرىتى ئىدى. چوڭ ئانا سۈرەتنى كۆكسىگە يېقىپ، ھۆڭرەپ يىغلىدى.
ئەمما دەل شۇ پەيتتە، «بىسمارك» ناملىق پاراخوتتا گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى رۇكس «ياشىسۇن غەلىبە» دېگەن تەنتەنە سادالىرى ئىچىدە، ئوردېن بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.
_ ئالىي رەھبىرىمىز تېلېگراممىسىدا مېنىڭ ئۇنىڭ نامىدىن، دىققەت قىلىڭلاركى، ئالىي رەھبىرىمىز نامىدىن، - دېدى رۇكس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن، - سىزگە - «بىسمارك» ناملىق پاراخوتتىكى ياردەمچى رەمبىرەكچى مايور دولمانغا - تۆمۈر كرېست رىتسار ئوردېنى بېرىشمنى تەلەپ قىلدى!
_ ياش ئوفىتسېرلار بىردەم تەنتەنە قىلىشتى، رۇكس پاراخوت باشلىقى لېندمانغا بۇرۇلدى.
_سىز رىتساركرېست ئوردېنىنى ئالغان ئىدىڭىز، ئەمدى مەن سىزگە شەرەپلىك ھالدا خەنجەر كىرېست رىتسار ئوردېنى بىلەن ئالماس كرېست رىتسار ئوردېنى تاپشۇرىمەن . . .
پاراخوت باشلىقى لېندمان ئالدىغا چىقىپ ئوردېننى ئالماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ئۇشتۇمتۇتلا پاراخوتتا قۇلاقنى يارغۇدەك گۈدۈك ئاۋازى ياڭرىدى!
_ ھاۋا سىگنالى، دۈشمەن ئايروپىلانى بايقالدى!
_ دۈشمەن ئايروپىلانى سول 45 گرادۇستا!
مىناميوت پاراخوت باشلىقىنى كۈتمەيلا ئوق چىقاردى. ئەنگىلىيىنىڭ «خەنجەر بېلىق» شەكىللىك توققۇز ئايروپىلانى ناھايىتى ئاستا ئۇچۇپ، «بىسمارك» ناملىق پاراخوتنىڭ ئالدى تەرىپىدىن كەلدى - دە، ئەپلىك يەردىن سۇ مىناسى تاشلىدى.
_ رولنى سولغا بۇرا! - دېدى لېندمان توۋلاپ.
كۆكنى زەمبرەك ئوقىنىڭ پارتلىشىدىن چىققان قارا تۈتەكلەر قاپلىدى. ھەربىي پاراخوت ناھايىتى زور ھەشەم بىلەن توغرىسىغا قىڭغىيىپ ئايلاندى. پاراخوتنىڭ قۇيرۇقى تەرەپتە ئاقىرىپ چىققان بۇژغۇنلار مۇكەممەل بىر چەمبەر ھاسىل قىلدى.
_ رولنى سولغا بۇرا! - دەپ ختاب قىلدى لېندمان يەنە بىر قېتىم توۋلاپ.
پاراخوت ناھايىتى تېزلىكتە ئارقا تەرەپكە بۇرالدى.
ئارقىدىنلا قاتتىق گۈمبۈرلىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ، نۇرغۇن دېڭىز سۈيى چاچراتتى. بىر سۇمىناسى «بىسمارك» ناملىق پاراخوتنىڭ باش تەرىپىدە پارتىلىدى.
_ ھە، ئەمدى تۈگىدى! - دېدى لېندمان ئايروپىلاننىڭ ئىككى سۇ مىناسىنى تاشلاپ بولۇپ ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇھ تارتىپ.
_ بىر نەچچە «خەنجەر بېلىق» ماركىلىق ئايروپىلان تاشلىغان كىچىك سۇ مىناسى نېمە قىلالايتتى! - دېدى رۇكس ئاسمانغا قاراپ. بۇ چاغدا ئۇ لېندمانغا بېرىلگەن كرېست ئوردېنى قېپىنىڭ تېخىچە قولىدا تۇرغانلىقىنى بايقاپ قالدى.
_ پاراخوت باشلىقى، - دېدى ئۇ ئالدىراپ، - مەسئۇلىيىتىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. مەن بۇنى ئالىي رەھبىرىمىز نامىدىن تەقدىم قىلىمەن.
ئوردېننى بىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
_ ئەمدى بىز بۇ ئايرۇپىلانلارنىڭ نەدىن ئۇچۇپ كەلگەنلىكىنى تەتقىق قىلىپ باقايلى.
ئەسلىدە، «ھودېر» ناملىق پاراخوت غەرق قىلىنغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانلىق شىتابى ئەڭ ئۈستۈن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەنگىلىيە زېمىنىدىن «پادىشاھ قولۋىقى » ناملىق ئاۋىئاماتكا ۋە «نورفولك »، «نىرودېر»،«ئەنگىلىيە پادىشاھى جۇرج بەش» ، «سورسېتشىر» نامىلىق جەڭ پاراخوتلىرى ھەمدە نۇرغۇن «خەنجەر بېلىق» شەكلىدىكى سۇ مىناسى ئورنىتىلغان بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئەۋەتىپ بىرلەشمە جەڭ قىلىپ، «بىسمارك» ناملىق پاراخوتنى قورشاپ يوقىتىش قارار قىلدى، ئۇنى ھەرقانداق چىقىملارغا قارىماي غەرق قىلىۋېتىش نىيىتىگە كەلگەنىدى.
«بىسمارك » ناملىق پاراخوت بىرىنچى قېتىم «خەنجەر بېلىق» بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ مۇھاسىرە ئىچىدە قالغانلىقىنى تېزلا بايقىۋالدى. رۇكس دەرھال مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلدى. ئەمما، ئۇدا جەڭ قىلغانلىقتىن، كوماندىر ۋە ئەسكەرلەر ئالتە كېچە - كۈندۈز كۆز يۇممىدى. ھەممەيلەن سەللا پۇرسەت بولسىلا ئۇخلىۋالاتتى. رۇكس يەنە بىر قېتىم مىكرافون ئالدىغا كېلىپ، پەند - نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى:
_ قەھرىمان ئەسكەرلەر! ياش ئوفىتسېرلار، ھازىر كەيپىمىزنى ئۇچۇرۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى دۈشمەننىڭ ئىككى جەڭ پاراخوتىنى يېڭىپ، ئۇلۇغ غەلىبىگە ئېرىشمىگەنمىدۇق؟ ھازىر «ئەنگىلىيە پادىشاھى جۇرج بەش» ناملىق پاراخوتنى ۋە ئۇنىڭ پاراخوت ئەترىتى قوماندانىنى بىرلىكتە غەرق قىلىۋېتىش ئىمكانىيىتىگە تامامەن ئىگىمىز. ئەتە چۈشتە نۇرغۇن سۇ ئاستى كېمىلىرى كېلىپ بىزنى قوغدايدۇ! بىز ھەرگىز ئۈمىدسىز جەڭ قىلمايمىز . . .
رۇكسنىڭ گېپى تۈگىگىچە ، «ئەنگىلىيە پادىشاھى جۇرج بەش» ناملىق پاراخوت بىلەن «نىرودېر» ناملىق پاراخوت ئالدى تەرەپتە پەيدا بولدى
«نىرودېر» ناملىق پاراخوتنىڭ دۇربۇنچىسى :«دۈشمەن پاراخوتى <بىسمارك> ئوڭ بېقىنىمىز بەش گىرادۇستا!» دەپ دوكلات قىلدى. پاراخوت رولچىسى مىكرافوندىن :«سول ئون گرادۇس!» دېگەن ئېغىر - بېسىق بۇيرۇقنى ئاڭلىدى. زەمبىرەكنى كونترول قىلىش سەھنىسىدىكى زەمبىرەكچىلەر كوماندىرى «زەمبىرەك تەييارلاندى» دېگەن بەلگە چىرىغىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، دۇربۇن ئارقىلىق «بىسمارك» ناملىق پاراخوتنىڭ كۆلەڭگىسىدىن كۆزىنى ئۈزمەي: «ئېتىلسۇن!» دەپ بۇيرۇق بەردى.
يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان سادا ۋە قاتتىق سىلكىنىشكە ئەگىشىپ، زەمبىرەكلەر تەڭ ئېتىلىشقا باشلىدى. ئارقىدىنلا زەمبىرەكلەر ئىككىنچى قېتىم تەڭ ئېتىلدى.
«تەگدى! تەگدى!» - پاراخوتتا بىر پەس تەنتەنە سادالىرى كۆتۈرۈلدى.
بىردەمدە «بىسمارك» ناملىق پاراخوتنىڭ قۇيرۇقىدىن ئوت ياندى. ئارقىدىنلا ئالدىنقى زەمبىرەكلەر توختاپ قالدى. پارتلاشتىن ھاسىل بولغان دولقۇن پاراخوت ئۈستىگە دەھشەتلىك چېچىلدى. پاراخوت ئۈستىدىكى ئەسلىھەلەر ۋەيران بولۇپ چېچىلىپ كەتتى. بىر يەرگە توپلىنىپ قالغان تۆمۈر - تەستەكلەر، تۈۋرۈكلەر ۋە قالايمىقان چېقىندىلار ئارىسىدا نۇرغۇن جەسەتلەر ئوڭتەڭ - توڭتەڭ بولۇپ ياتاتتى. ئۇلار ئارىسىدا كۆزنى چاقنىتىدىغان رىتسار كرېست ئوردىنى تاقىۋالغان پولكوۋنىك لېندمان بىلەن گېنېرال رۇكسمۇ بار ئىدى.
«خەنجەر بېلىق » شەكلىدىكى ئايروپىلانلارمۇ «پادىشاھ قوۋىقى » ناملىق ئاۋىئاماتكىدىن ئۇچۇپ چىقىپ جەڭگە قاتناشتى.بىردەمدىن كېيىن، باشلاپ ماڭغۇچى «بىسمارك» ناملىق پاراخوتنىڭ ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ، ئەسلى شەكلىدىن ئۆزگىرىپ، تەرەپ - تەرەپتىن ئىس كۆتۈرلۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئەنگىلىيىنىڭ ئىككى جەڭ پاراخوتى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئېتىۋەردى. بىرنەچچە ئوكيان چارلاش پاراخوتىدىكى 20 زەمبىرەك ئۇنى تەڭلا ئوققا تۇتتى. بۇ چاغدا، «بىسمارك » ناملىق پاراخوتتىكى بەزى گېرمانىيە ماتروسلىرى ئوق قاچىلاش، قارىغا ئېلىش، ئېتىش بىلەن بەند بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قىلچە كۈچى قالمىغانىدى.
ئارقىدىنلا، «روسېتشىر» ناملىق ئوكيان چارلاش پاراخوتىمۇ، ئاستا - ئاستا چۆكۈپ كېتىۋاتقان «بىسمارك» ناملىق پاراخوتقا ئىككى سۇ مىناسى قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل كۆرەڭلەپ كەتكەن «بىسمارك» ناملىق بۇ چوڭ مەخلۇق ئىس - تۈتەكلەر قاپلىغان ھالدا دولقۇن ئىچىگە غەرق بولدى. پاراخوت ئەترىتىنىڭ قوماندانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2000دىن ئارتۇق كوماندىر ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ بېلىقلارغا يەم بولدى.
«بىسمارك» ناملىق پاراخوت غەرق بولدى! ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسىدىكى كوماندىر ۋە ئەسكەرلەرنىڭ تەنتەنە سادالىرى ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانلىق شىتابىغا يېتىپ كەلدى. ئەنگىلىيە رادىئو ئىستانسىسى كىشىنى ھاياجانلاندۇرۇدىغان بۇ خەۋەرنى ناھايىتى تېزلىكتە ئاڭلاتتى. كىشىلەر ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ غەلىبىسىدىن خۇشال بولدى.