UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭمەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دولقۇن

مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دولقۇن

بەش مىڭ يىل تارىخنىڭ كۆز يەتمەس دەرياسى ئۆركەشلەپ ئاقتى، ئىنسانىيەت 20- ئەسىرگە قەدەم قويدى. كۆچمەن بېلىق ئوۋچىلىرىدىن ماكانلاشقان دېھقان - چارۋىچىلارغىچە، قول مەشغۇلاتىدىن ماشىنىلىشىش، ئاپتۇماتلىشىش ۋە يىراقتىن باشقۇرۇشقىچە ئىنسانلار تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش يولىدا بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردى. توسقۇنلۇقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جەھەتتە ئارقا - ئارقىدىن ئىنقىلاپ ۋە سەكرەش بولۇپ تۇردى. ۋاھالەنكى، ھازىرقى زامان تارىخىنى ۋاراقلىساق، كۆزىمىز ھەممىدىن ئاۋۋال جاھانگىرلار قوزغىغان ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىغا چۈشىدۇ. ئىلغار تېخنىكا ئىنسانلارنى قىرىدىغان قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ، مىليونلىغان كىشىلەر تەرى بىلەن قۇرۇلغان ۋە ياسالغان غايەت زور ئىمارەت ۋە سەنئەت بۇيۇملىرى كۈلگە ئايلاندۇرۇلدى، زادى نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىندى؟ جاھانگىرلىك ئۇرۇش دېمەكتۇر. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا جاھانگىرلىكتىن ئىبارەت بۇ يالماۋۇز ئاپرىدە بولغاندىن كېيىن، دۇنيا ئەمىن تاپمىدى. بۇ مونۇپۇل، چىرىك جان تالىشىۋاتقان كاپىتالىزىم مەخلۇقى ئىچكى جەھەتتە ئەمگەكچى ئاممىنى باستۇرسا ۋە ئېكىسپىلاتسىيە قىلسا ، تاشقى جەھەتتە مۇستەھكەملىكە خەلقلىرىگە تاجاۋۇز قىلدى ۋە ئۇلارنى بۇلاپ - تالىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جاھانگىرلار بىلەن جاھانگىرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىت سۆڭەك تالاشقاندەك تالىشىشلار دۇنياغا ئېغىر ئازاپ - ئۇقۇبەت ئەكەلدى. پۈتۈن يەرشارىدىكى خەلق ئۇزاققا سوزۇلغان زۇلمەتلىك قاراڭغۇ تۈن ئىچىدە قالدى. ئۇزاققا سوزۇلغان تۈن قاچان يۇرۇيدۇ؟ جاھانگىرلىك - پرولېتارىيات ئىجتىمائىي ئىنقىلابنىڭ ھارپىسى. 1917 - يىلى روسىيە ئۆكتەبر سوتياسلىستىك ئىنقلابى خۇددى كۆكنى يېرىپ ئۆتكەن چاقماقتەك، زۇلمەتلىك دۇنياغا يۇرۇقلۇق ئەكەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قۇياش نۇرى ئالەمگە نۇر چېچىپ ئىنسانىيەت تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. ھازىرقى دەۋر - جاھانگىرلىك ۋە پىرولېتارىيات ئىنقىلابى دەۋرى. پىرولېتارىيات بىلەن ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ ئىنقىلابى كۈرەشلىرى بىرلىشىپ ئۇچقۇندىن غايەت زور يالغۇنغا ئايلاندى. دەرۋەقە، دۇنيادىكى زىددىيەتلەر مۇرەككەپ، گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. بەزى چاغلاردا جاھانگىرلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. 2 - دۇنيا ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاۋۋال گېرمانىيە بىلەن ئەنگىلىيە، فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا پارتلىغانلىقىدىكى سەۋەب ئەنە شۇ. سوتيالىستىك سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى، ھەرقايسى ئەللەردىكى كومپارتىيىلەر رەھبەرلىك قىلغان خەلق قوراللىق كۈچلىرى ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن 2 - دۇنيا ئۇرۇشى روشەن فاشىزمغا قارشى خاراكتېر ئالدى. ئۇرۇش جاھانگىرلىكنى زەئىپلەشتۈردى. خەلق ئىنقىلابى جۇڭگو ، چاۋشيەندىن تارتىپ رۇمىنىيە، يۇگۇسلاۋىگىچە بولغان ئەللەردە ئارقا - ئارقىدىن غەلىبە قىلدى. بەش قىتئە، ئۈچ ئوكياندىكى ئىنقىلاب دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، بارغانسېرى شانلىق ئىستىقبالغا ئېگە بولدى. گەرچە يوللار ئەگرى - توقاي بولسىمۇ، ئەمما جاھانگىرلىكتىن ئىبارەت بۇ غەلىتە مەخلۇق ھامان بىر كۈنى يۇقىلىپ، ئىنسانىيەت بىرقانچە يىللاردىن كېيىن ئېكىسپىلاتىسيە ۋە زۇلۇمدىن خالى. بۈيۈك بىرلىككە كەلگەن دۇنيا - كوممۇنىزىمنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۇ كىتابچىمىزدا دۇنيانىڭ ھازىرقى زامان تارىخى سۆزلەندى. ئۇ ئالاھەزەل تۆۋەندىكى بىر قانچە باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1917 - يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن 1923 - يىلىغىچە ئىنقىلاپ بورىنى پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغان يىللار بولدى. يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن سوۋېت روسىيىنى نۇرغۇن جاھانگىر دۆلەتلەر تاجاۋۇزىنى يېڭىپ، مۇستەھكەملەندى ۋە زورايدى؛ پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىنقىلابى كۈرەشلىرى ئارقا - ئاقىدىن كۆتۈرۈلدى. 1924 - يىلىدىن 1928 - يىلىغىچە نىسپىي مۇقىم بولغان دەۋر، شۇنداقلا ئىنقىلابىي كۈچلەر مۇجەسسەملەشكەن دەۋر بولدى. 1929 - يىلىدىن 1939 - يىلىغىچە كاپىتالىزم ئىنقىسادىي چوڭ كىرىزىسقا ئۇچرىغان ۋە 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئۈستىدە غۇلغۇلا كۆتۈرۈلگەن دەۋر بولدى. گېرمانىيە، ياپونىيە ئىتالىيە فاشىست تاجاۋۇزچىلىرى قۇترىدى. ئاسىيادا ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى پارتلىدى. ئافرىقىدا ئىتالىيىنىڭ ئېفىئويىگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى پارتلىدى. ياۋروپادا بولسا ئىسپانىيە ئىنقىلابىنى باستۇرۇش ھەمدە ئاۋسترالىيە، چېخوسلوۋاكىيىنى يۇتۇۋېتىشتەك فاشىستىك جىنايى قىلمىشلار يۈز بەردى. 1939 - يىلىدىن 1945 - يىلىغىچە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرى شۇنداقلا فاشىزىمغا قارشى كۈرەشنىڭ تازا جاپا - مۇشەققەتلىك دەۋرى بولدى. دۇنيا خەلقى قانلىق چېنىقىشلار ئارقىلىق غەلىبە قىلدى. پرولېتارىيات ۋە ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق كۈرىشى مۇقەررەر ھالدا يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. يېرىم ئەسىر داۋامىدىكى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنى، يېرىم ئەسىر داۋامىدىكى مەدەنىي ئىجادىيەتلەرنى - جۈملىدىن سانائەت، يېزا ئېگىلىكىدىكى قۇرۇلۇشلار، پەن - تېخنىكا، ئەدەبىيات - سەنئەت، مائارىپ - سەھىيە ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنى ئىلگىرىكى ھەرقانداق تارىخىي دەۋرلەرگە سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. دەۋر دولقۇنى مەۋج ئۇرماقتا. بۇ جەرياندا مەدھىيلەشكە ئەرزىيدىغان نۇرغۇن ۋەقەلەر، نۇرغۇن ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلار، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۆجىزىلەر يۈز بەردى. ئۇ ھەقىقەتەن دۇنيادىكى شانلىق ۋە رەڭگارەڭ سۈرەتكە ئوخشايدۇ. ئەمدى بۇ ئۇزۇندىن - ئۇزۇن ئورالغان سۈرەتتىكى بىرقانچە مەنزىرىنى بىرلىكتە كۆرۈپ چىقايلى!
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ