ئېھراملارنىڭ تارىخى
بەش مىڭ يىل
قەدىمقى مىسىردا مۇنداق بىر تەسىرلىك ئەپسانە تارقالغان: بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ناھايىتى قابىلىيەتلىك بىر فىئون ئۆتكەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئىسمى ئوسىرىس ئىكەن. ئۇ كىشىلەرگە تېرىقچىلىق قىلىشنى، بولكا پىشۇرۇشنى، ھاراق چىقىرىشنى ۋە كان ئېچىشنى ئۆگەتكەن ئىكەن، شۇڭا كىشلەر ئۇنىڭغا بەكمۇ ھۆرمەت قىلىدىكەن. لېكىن ئۇنىڭ ئىنىسى سېتونىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، ئاكسىنى ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ پادىشالىق ئورنىنى تارتىۋالماقچى بولۇپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سېتو ئاكىسىنى كەچلىك تاماققا چاقىرىپتۇ. ئۈلپەت بولۇش ئۈچۈن يەنە بىرمۇنچە كىشىنىمۇ قوشۇپ چاقىرىپتۇ. داسىخان سېلىنغاندىن كېيىن، سېتو كۆپچىلىككە بىر چىرايلىق ساندۇققا كىرەلىسە، سېتو كۆپچىلىككە بىر چىرايلىق ساندۇقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
_ كىم مۇشۇ ساندۇققا كىرەلىسە، ساندۇق شۇنىڭ بولىدۇ، _ دەپتۇ. باشقىلار ئوسىرىسنى سىناپ كۆرمەمسەن، دەپ دەي _ دەيگە سېلىپتۇ، لېكىن ئۇ ساندۇققا كىرىش بىلەن تەڭ سېتو ساندۇقىنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ قۇلۇپلاپتۇ _ دە، ئوسىرىسنى نىل دەرياسىغا تاشلىۋېتىپتۇ.
ئوسىرىس زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، خوتۇنى ئۇنى ئىزلەپ كۆپ جايلارغا بېرىپتۇ. ئاخىر جەسەتنى تېپىپ قايتۇرۇپ ك كېلىپتۇ. سېتو بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، يېرىم كېچىدە جەسەتنى ئوغرىلاپ چىقىپ، چاناپ 14 پارچە قىلىپ، 14 جايغا تاشلىۋېتىپتۇ. ئوسىرىسنىڭ خوتۇنى جەسەت پارچىلىرىنى ئىزلەپ تېپىپ، تاپقان يېرىدە دەپنە قىلىپتۇ.
ئوسىرىسنىڭ ئوغلى كىچىگىدىنلا ناھايىتى باتۇر ئىكەن. ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن، سېتونى مەغلۇپ قىلىپ دادىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپتۇ. شۇنداقلا دادىسىنىڭ جەسەت پارچىلىرىنى ھەرقايسى جايلاردىن ئېچىپ ئېلىپ، بىر يەرگە يىغىپ «موميا» ياساپتۇ. كېيىن دادىسى خۇدانىڭ شاپائىتى بىلەن تىرىلىپتۇ. بىراق پانى ئالەمدە ئەمەس، بەلكى باقى ئالەمدە تىرىلىپ، باقى ئالەمدىكى فىرئونلارنى قوغدىغان ئىكەن.
بۇ ئەپسانە دەسلەپتە خەلق ئارىسىدا تارقالغان، كېيىن بۇنى مىسىرنىڭ فىرئونى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن خەلقنى ئالداش مەقسىدىدە پايدىلىنىپ، فىرئوننى خۇدايىم قوغدايدۇ، شۇڭا فىرئون ھايات چىقىدىمۇ، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ھۆكۈمران بولىدۇ؛ كىمكى فىئونلارغا قارشى چىقسا بۇ ئالەمدە جاجىسىنى يەپلا قالماستىن، ئۇ ئالەمدىمۇ ئازاپ چېكىدۇ، دەۋالغان ئىكەن.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مىسىرنىڭ ھەر بىر فىرئونى ئۆلگەندە، ئوسىرىس توغرىسىدىكى ئەپسانە بويىچە ئىش قىلىندىغان بولغان ئاۋال جەسەت ئىزلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئىككىنچى قەدەمدە جەسەتنى يۇپ تاراش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، يەنى جەسەتنى يېرىپ، ئىچكى ئەزالىرى ۋە مىڭىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، «مومىيا» ياسىغان. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق بولغان: ئالدى بىلەن جەسەتنى چىرىتمەيدىغان سۇيۇقلۇققا چىلاپ، جەسەتنىڭ ماي ۋە تېرىسىنى چىقىرىۋەتكەن. 70 كۈندىن كېيىن جەسەتنى ئېلىپ قۇرۇتۇپ، قوسىغىغا دورا - دەرمەك سېلىپ، جەسەتنىڭ ساۋا بىلەن ئۇچراشماسلىغى ئۈچۈن ئۈستىگە يىلىم چاپقان، ئاندىن كېيىن جەسەتنى پۇختا كېپەنلىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇزاققىچە چىرىمايدىغان «مومىيا» ياسىلىپ چىققان. ئۈچىنچى قەدەمدە، ئايەت _ ئەپسۈن ئوقۇپ، «مومىيا» غا كۆز، بۇرۇن، قۇلاق، ئېغىز ئېچىپ، ئۇنىڭ ئاغزىغا تائام تىققان مۇشۇنداق قىلسا، مومىيا تىرىك ئادەمدەك نەپەس ئالارمىش، سۆزلىيەلەرمىش، تاماق يىيەلەرمىش . ئاخىرىدا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، يەنى «مومىيا»نى تاش كېپەنگە سېلىپ، ئۇنى «قارارگاھ» قا _ يەرلىككە قويغان.
مىسىردا، ئەڭ دەسلەپكى چاغلاردا يەرلىككە قويۇش ئۇسۇلى مۇنداق بولغان: ئاۋال گۆرلۈك كولاپ، ئاندىن كېيىن توپا دۆۋىلەپ قويۇلغان. كېيىنكى چاغلاردا، يەرلىك بارغانسېرى چوڭقۇر كولىندىغان بولۇپ، يەر ئاستى ئۆيىگە ئوخشاش بولغان، يەر ئۈستىگە دۆۋىلەنگەن توپا ئەتراپىغا تاشتىن تام سېلىنغان. بۇنداق قەۋرە «ماستابا» (تۇز قەۋرە) دەپ ئاتالغان.
مىلادىدىن ئىلگىرى 27 - ئەسىردىكى مىسىر 3 - خاندانلىقىنىڭ فىرئونى زوسېر بۇنداق ماستابانى فىئونلارنىڭ قارارگاھى قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ قاراپ، بىناكرلىق ئۇستىلىرىنى يىغىپ، تاشتىن غايەت كاتتا «ماستابا» سالدۇرغان. لېكىن فىرئون بۇنى كاتتا بولماي قېلىپتۇ، دەپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قەۋىتى بىر قەۋىتىدىن كىچىك بولغان 5 قەۋەتلىك كىچىك «ماستابا» سالدۇرغان، ئۇنىڭ ئىگىزلىكى 61 مېتىرغا يەتكەن. ئۇنىڭ ئاستىدا ناھايىتى چوڭقۇر كولانغان بىر تىك قۇدۇق بولۇپ، ئۇ يەر ئاستى كارىدورى ۋە ھۇجرىلارغا تۇتاشتۇرۇلغان؛ ئەتراپىغا قەلئە شەكلىدە قۇرۇق تام سېلىنغان بولۇپ، تامىنىڭ ئىچىگە نەزىر - چىراغ سارىيى سېلىنغان. مانا بۇ مىسىردىكى مۇنار شەكلىدىكى تۇنجى مەقبەرىدۇر. ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۇنۈشى خەنزۇچىدىكى 金 (ئالتۇن) ھەرىپىگە ئوخشاپ كەتكەچكە، خەنزۇلار ئۇنى «ئالتۇن ھەرپى شەكلىدىكى مۇنار» دەپ ئاتىغان. بۇ مۇنار پەلەمپەي شەكىلىدە بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «پەلمپەيسىمان ئېھرام» دەپمۇ ئاتاشقا.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكەن فىرئونلار خۇددى مەستانىلەردەك ئۆزلىرىگە ئېھرام سالدۇرغان ھەمدە بارغانسېرى كاتتا قىلىپ سالدۇرىدىغان بولغان. 4 - خاندانلىقنىڭ فىئونى خۇفۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ زور ئېھرام سالدۇرۇش نىيىتىگە كەلگەن. ئۇ بارلىق مىسىرلىقنى زورلۇق بىلەن ھاشاغا تۇتۇپ، ھەر 100 مىڭ ئادەمنى بىر ئىسمىنا قىلىپ ئايرىغان ۋە ھەر بىر ئىسىمىنىنى نۆۋەت بىلەن ئىشلەتكەن.
قۇرۇلۇش باشلانغاندىن كېيىن مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئادەم تاغلاردىن تاش ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىلگەن. مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، ھەر بىر تاشنىڭ ئېغىرلىقى 2.5 توننا بولۇپ، جەمئى 2 مىليون 300 مىڭ پارچە تاش كەتكەن. مۇنچىۋالا كۆپ تاشنى ھازىر پويىزغا قاچىلاشقا توغرا كەلسە، 600 ۋاگون كېتىدۇ. بىراق، ئۇ چاغلاردا ماشىنىلاشقان توشۇش قورالىرى يوق ئىدى. ئۇلار قانداق قىلغان؟ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەمگەكچان ھەم ئەقىللىق مىسىر ھاشاچىلىرى تولىمۇ ئىلمىي بولغان ئۇسۇلنى ئويلاپ تاپقان: ئۇلار تاشنى چانىغا بېسىپ ئۆزلىرى سورىگەن ياكى ئۇقلارغا سورەتكەن. لېكىن ئېغىر تاش بېسىلغان چانىنى ئوڭغۇل - دوڭغۇل يولدا سۆرەش مۇمكىن بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن تاشيول ياسىغان. مۇشۇ تاشيولنى ياساشقىلا 10 يىل ۋاقىت كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، يەنە بىر تۈركۈم ئادەملەر ئىش ئورنىدا يەر ئاستى يوللىرىنى ۋە يەرلىكنى كولاش بىلەن بولغان. ھاشاچىلار ھەم ئىسسىق ھەم دىمىق لەخمىلەردە تۇچتىن ياسالغان ئۇشكىلەر بىلەن گرانت تاشلارنى تەشكەن، بۇنىڭغىمۇ توپ - توغرا 10 يىل ۋاقىت كەتكەن.
ئېھرامنىڭ تېمىنى قوپۇرۇش باشلانغان. ئۇ چاغلاردا كىران، ھەتتا بىرەر لوم تومۇرمۇ بولمىسا، شۇنچىۋالا ئېغىر تاشلارنى قانداق قوپۇرغان بولغىتى؟ ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، ئاۋال يەر ئۈستىدىكى بىرىنچى قەۋىتىنى قوپۇرغان، ئاندىن كېيىن توپىدىن شۇنچىلىك ئىگىزلىكتە يانتۇ دۆڭ ياسىغان، كىشىلەر تاشلارنى ئاشۇ يانتۇ دۆڭلەردىن سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ، ئىككىنچى قەۋىتىنى قوپۇرغان. مۇشۇ تەرىقىدە قوپۇرۇۋېرىپ، ئېھرامنىڭ ئىگىزلىگەن. ئېھرام پۈتكەندە دۆڭمۇ ناھايىتى ئىگىز بىر تاغقا ئايلانغان، شۇنىڭ بۇ دۆڭنى يۆتكەشكە ئوچۇق كۆزگە تاشلىنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، بۇ دۆڭنى يۆتكەشكە مەجبۇر بولغان. دۆڭنى يۆتكەش ئىنتايىن قىيىنغا چۈشكەن، ھەمىشە 100 مىڭدەك ئادەم تومۇز ئاپتاپتا نازارەتچىلەرنىڭ قامچىسى ئاستىدا ئىشلىگەن، بۇنىڭغا توپ _ توغرا 10 يىل ۋاقىت كەتكەن. شۇنداق قىلىپ پۈتۈن قۇرۇلۇشقا 30 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان.
خۇفۇ ئېھرامى مىسىر ئېھراملىرى ئىچىدىكى ئەڭ كاتتا ئېھرامدۇر. بۇ ئېھرامدۇر. بۇ ئېھراملىرى ئىچىدىكى ئەڭ كاتتا ئېھرامدۇر. بۇ ئېھرامنىڭ ئەسلى ئىگىزلىكى 146.59 مېتىر بولۇپ، نەچچە مىڭ يىل داۋمىدا بۇراننىڭ سوقۇشى، يامغۇرنىڭ يالىشى دەستىدىن ئۇنىڭ چوققىسى 10 مېتىرغا يېقىن خوراپ كەتكەن. لېكىن 1888 - يىلى پارىژدا ئېغىر تۆمۈر مۇنارىسى سېلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇش ھېساپلىناتتى. بۇ ئېھرامنىڭ تېگى تۆت چاسا، ھەر بىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 230 نەچچە مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئايلانمىسى بىر كىلومېتىردەك كېلىدۇ. قۇپۇرۇلغان تاشلارنى تۇتاشتۇرۇشقا سىمونتتەك بىر نەرسىمۇ ئىشلىتىلمىگەن، بەلكى تاشلار ئۈستى _ ئۈستىگە تىزىپ قوپۇرۇلغان. تاشلار تەپ _ تەكشى سىلىقلانغان، بۇنىڭغا نەچچە 1000 يىل بولغان بولىسمۇ، بۇ تاشلارنىڭ ئاراشلىرىغا ئىتتىك پىچاقنىڭ بىسىنى كىرگۈزۈشمۇ تەس.
ئېھارام ئىچىدە ئۈچ يەرلىك بار. شىمالىي تەرىپىدىكى ئىگىزلىكى 13 مېتىر كېلىدىغان ئېغىزىدىن كىرسە ئادەم بويى كەلمەيدىغان بىر لەخمە بار. مۇشۇ لەخمە بىلەن تۆۋەنگە 100 مېتىرچە ماڭغاندا تاشتىن قوپۇرۇلغان 4 چاسا يەرلىككە كىرگىلى بولىدۇ. بۇ يەرلىك خۇفۇغا يارىمىغاچقا تۆۋەنگە چۈشىدىغان لەخمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن يۇقۇرىغا چىقىدىغان يەنە بىر لەخمە كولىتىپ، بۇ لەخمىنى «خانىش يەرلىكى» گە تۇتاشتۇرغۇزغان. يۇقۇرىغا چىقىدىغان لەخمىنىڭ باش تەرىپىگە يەنە بىر كارىدور ياساتقۇغان. بۇ كارىدۇردىن ئۆتكەندە. يەنە بىر كارىدور ياساتقۇزغان. بۇ كارىدوردىن ئۆتكەندە، يەنە بىر يەرلىك ئۇچرايدۇ. خۇفۇنىڭ جەسىدى قويۇلغان يەرلىك ئەنە شۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «فىرئون يەرلىگى» دەپ ئاتىغان.
خۇفۇ ئۆلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇنىڭ ئېھرامىغا يېقىن جايغا يەنە بىر ئېھرام سېلىنغان. بۇ خۇفۇنىڭ ئوغلى خافرانىڭ ئېھرامدۇر. بۇ ئېھرام خۇفۇ ئېھرامدىن 3 مېتىر پەس بولىسمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا يانداش مۇكەممەل، ھەيۋەتلىك ئۆي - ئىمارەتلەر سېلىنغان. ئېھرامنىڭ يېنىدا ئىككى ئىبادەتخانا بار بولۇپ، ئۇنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە خافرانىڭ «شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكىلى» ياسالغان. ھەيكەلنىڭ ئىگىزلىكى 20 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 57 مېتىر بولغان، بىر قۇلىغىنىڭ ئىگىزلىكى 2 مېتىر كېلىدۇ. شىرنىڭ تىرناقلىرى قوپۇرۇلغاندىن تاشقىرى، شىر تەنلىك. ئادەم يۈزلۈك پۈتۈن ھەيكەلمۇ چوڭ قۇرام تاشقا ئويۇلغان. بۇنىڭغا 4500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى.
مۇشۇ ئىككى چوڭ ئېھرامنىڭ سېلىنىشى بىلەن مىسىر خەلقى گادايلىشىپ، غەزنە قۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكەن فىرئونلار نۇرغۇنلىغان ئېھراملارنى سالدۇرغان بولىسمۇ، لېكىن بۇ ئېھراملارنىڭ كۆلىمى ۋە سۈپىتى يۇقۇرىدا ئېيتىلغان ئېھراملارغا يەتمەيدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى 23 - ئەسىردىكى 6 - خاندانلىق دەۋرىدىن كېيىن، قەدىمقى خانلىقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە فىرئونلار ھوقۇقىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئارقىسىدا، ئېھرام سالدۇرىدىغان ئىشلار بارا _ بارا سۇسلىشىپ قالغان. ئېھرام سالدۇرۇش ئىشى راۋاجلىنىشتىن سۇسلىشىشقىچە بولغان ئارىلىقتا، 1000 نەچچە يۈز يىل ئۆتكەن بولۇپ، نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى گىزا ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلاردا جەمئى 70 نەچچە ئېھرام سالدۇرغان. كېيىنكى چاغلاردا مىسر خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى ۋە بەزىلەرنىڭ گورلىگىگە ئوغرىلىققا كىرىپ، دائىم فىرئونلارنىڭ «موميا» لىرىنى ئېھراملاردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشى ئارقىدا، مىسر فىرئونلىرى ئېھرام سالدۇرمايدىغان، بەلكى تاغ جىلغىلىرىدا يوشۇرۇن قەۋرىلەرنى سالدۇرىدىغان بولۇپ قالغان.
كاتتا ئېھراملار تا بۈگۈنگىچە قاھىرىنىڭ يېقىن شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدىكى قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا قەد كوتىرىپ قۇرماقتا. بۇلار قەدىمقى مىسىرنىڭ ئۇزاق تارىخنىڭ دەلىلى، شۇنداقلا مىسىر قۇللىرىنىڭ ئەمگىگى ۋە پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى.