كۈچلۈك ھەربى دۆلەت _ ئاسۇرىيە
بەش مىڭ يىل
سۇرىيىنىڭ پايتەختى دەمەشقنى توپ _ توغرا بىر يىل مۇھاسىرە قىلىۋالغان قۇدرەتلىك ئاسۇرىيە قۇشۇنلىرى ئەمدىلىكتە ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئوتۇش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن.
دەمەشق شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا تۆت تال تۈۋرۈك قادالغان. ھەر بىر تۈۋرۈككە كىيىملىرى جۇل - جۇل بولۇپ كەتكەن، پۈتۈن بەدىنلىرى تاياق دەستىدىن تىتىلىپ پارە _ پارە بولۇپ كەتكەن بىردىن ئەسىر باغلاپ قويۇلغان. بۇ ئۆت كىشى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن سۇرىيە سەرگەردىلىرى ئىكەن.
ئاسۇرىيە ئەسلىدە بابىلنىڭ شىمالىي تەرىپدىكى بىر كىچىك دۆلەت بولۇپ، ئۇ تىگىت دەياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىغا جايلاشقان، بۇ دۆلەت مىلادىدىن 2000 نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا قۇرۇلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 8 - ئەسىرگە كەلگەندە ھەربي تەلىم _ تەربىيىنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە قورال _ ياراقنىڭ ئۈزۈكسىز ياخشىلىنىشى ئرقىسىدا، ئاخىر شۇ زامانلاردىكى «دۇنياۋى» (غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز رايونلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) كۈچلۈك ھەربىي دۆلەت بولۇپ قالغان. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرى 742 _ يىلى كىچىك ئاسيا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى بېسىۋالغان. ئارىدىنلا يەنە مىلادىدىن ئىلگىرى 732 _ يىلى سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ پايتەختى دەمەشقنى ماھاسىرە قىلىۋالغان.
_ «چوڭ چىۋىن» نى ئېلىپ كېلىڭلار! _ دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئاسۈرىيە پادىشاھى.
ئەسكەرلەر 20 دانە «چوڭ چىۋىن» نى دەرھال سورەپ ئېلىپ كەلگەن. «چوڭ چىۋىن» دېگىنى ئاسۈرىيە قوشۇندىلا بار بولغان ھەر خىل ھۇجۇم قورالى ئىكەن. بۇ كاتتا ياغاچ سىۋەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ياسالغان ئىككى ئايلانما تەخسە بار ئىكەن، ئۇنىڭغا ئات يايلى ۋە كاۋچۇك دەرىخى قوۋزىغىدىن ئىشلىگەن ئاغامچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن. كۇچەپ تارتىدىغان بولسا، يوغان _ يوغان تاشلارنى ۋە كويۇپ تۇرغان ماي تۇڭلىرىنى ئاتقىلى بولىدىكەن.
_ ئات! _ دەپ بۇيرۇق بەرگەن ئاسۈرىيە پادىشاھى.
تاش ۋە ماي تۇڭلىرى سېپىلگە يامغۇردەك ياغدۇرۇلغان قېلىن دەمەشق شەھەر سېپىلىنىڭ بىر قانچە يېرىگەن ئوت تۇتاشقان.
بار! _ «سېپىل بۇزغۇچى» نى ئېلىپ كەل! _ دەپ بۇيرۇق بەرگەن پادىشاھ.
ئەسكەرلەر تېزدىن «چوڭ چىۋىنلەر» نى سۆرەپ ئېلىپ كېتىپ، نۇرغۇن ئۇچى ئۇچلۇق «سېپىل بۇرغۇچى»نى كەلتۈرگەن. بۇنداق قورال چوڭ قاسقان شەكلىدە بولۇپ، ئاستىغا تۆت دانا چاق ئورنىتىلغان، ئالدى تەرىپىگە ئېغىر ھەم توم چوڭ مىس بازغان ئورنىتىلغان. چوڭ مىس بازغاننىڭ ئۇچى ئۇچلۇق تاسما بىلەن تارتىپ ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىكەن.
_ ھۇجۇم قىلىڭلار! _دەپ يەنە بۇيرۇق بەرگەن ئاسۈرىيە پادىشاھى.
قاتار _ قاتار تىزىلغان سېپىل بۇزغۇچتىكى چوڭ مىس بازغان سېپىدىكى بىر ئىستىھكامغا شىددەت بىلەن ئۇرۇلغان. «گۇپ!»، «گۇپ!» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىستىھكام لىڭشىپ، كىسەكلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
ئىستىھكامدىكى سۈرىيە ئەكەرلىرى ئالاقزادە بولۇپ ئوت تۇتاشتۇرۇلغان ئوقيا ئاتقان. ئوقيا «ۋىژ!»،«ۋىژ!» قىلىپ بوشلۇقتا ئوت ئۇچقۇنلىرى پەيدا قىلغان. بىراق قوللىرىغا قالقان ئالغان ئاسۇرىيە ئەسكەرلىرى ئوتنى تېزلا ئۆچۈرۈۋالغان.
سۈرىيە ئەسكەرلىرى ئوقيا بىلەن ئېتىلغان ئوقنىڭ ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆك مىستىن ياسالغان زەنجىر تاشلاپ سېپىل بۇزغۇچىنى ئۆرۈۋەتمەكچى بولغان. بىراق، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان بىر قانچە ئاسۈرىيە ئەسكەرلىرى زەنجىرگە مەھكەم ئېسىلىۋېلىپ، ئۇنى تارتىۋالغان.
بازغان «گۈپ!»، «گۈپ!»، «گۈپ!» قىلى ئۇرۇۋەرگەچكە ئىستىھكام ئاخىر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
ئەسكەرلەر سېپىل بۇزغۇچىنى دەمەشقنىڭ شەھەر دەرۋازىسىغا ئېلىپ كېلىپ، دەرۋازىغا ئۇرغىلى تۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەيلا دەرۋازا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ساۋۇت ۋە دۇبۇلىغا كىيىمىگەن ئاسۇرىيە ئەسكەرلىرى قولىرىدا مىس قالقان ۋە نەيزە، ئاي پالتا ۋە يالمانلىق نەيزە تۇتقان پېتى دەمەشق شەھىرىگە شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كىرگەن.
سۈرىيلىكىلەر داۋملىق تۈردە قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. شىددەتلىك كوچا ئۇرۇشى يەتتە كېچە - كۈندۈز داۋام قىلغان. ئاسۇرىيە ئەسكەرلىرى شەھەر خەلقىنى ۋەھشىلىك بىلەن قىرغان: ئۇرلانىڭ باشلىرىنى مىجىۋەتكەن بۇيۇنلىرىنى كېسىپ تاشلىغان ئۇلارنىڭ ئۆي _ جايلىرىنى كۆيدۇرۋەتكەن، مال - مۈلكىنى بۇلاپ كەتكەن، بالا - ۋاقىلىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ كەتكەن.
8 -كۈنى ئۇرۇش ئاياقلىشىپ، پۈتۈن ئەزايى جاراھەت ۋە قان بىلەن تولغان دەمەشقنىڭ پادىشاسى باغلانغان پېتى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلگەن.
_ ئۆلتۈرۈلسۇن! _ دەپ ۋاقىرىغان ئاسۇرىيە پادىشاھى ۋەھىشىلىك بىلەن.
دەمەشق پادىشاھىنىڭ بېشى تېنىدىن جۇدا قىلىنغان. كېيىن بەزىلەر دەمەشق شەھىرىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا بېرىپ قارىغۇدەك بولسا، كېسىلگەن ئادەم بېشى كىچىك _ كىچىك تاغدەك دوۋلىنىپ كەتكەن. يەنە مىڭغا يېقىن ئەسىر ئاستا - ئاستا ئازاپلىنىپ ئۆلسۇن دەپ ئۇچى ئۇچلۇق قوزۇقلار قېقىلىغان تۈۋرۈككە باغلانغان. ئۇششاق بالىلارغا ئاسۇرىيىلىكلەر قىلچىمۇ رەھىم قىلماي، شۇ جايدىلا قىرىپ تاشلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن دۆۋە - دۆۋە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، پىل چىشى ۋە باشقا قىممەتلىك بۇيۇملارنى ھارىۋىلارغا بېسىپ ئاسۇرىيىگە ئېلىپ كەتكەن.
ئاسۇرىيە قوشۇنلىرى ھارىۋىلىرىنى غۇيۇلدىتىپ ھەيدەپ، ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىگەن. ئۇرنىڭ ھەربى يۈرۈشى ناھايىتى تېز بولغان، ھەتتا دەريالاردىن ئۆتكەندىمۇ قىينالمىغان، ئۇلار يەل بېرىلىگەن تۇلۇملار بىلەن دەريادىن ئۆتۈشكە ماھىر بولغاچقا، بۇنداق تۇلۇملارنى بىر - بىرىگە چېتىپ، ئۇلارنى بۇ قىرغاقتىن ئۇ قىرغاققىچە قاتار تىزىپ، ئۈستىگە شاخ - شۇمبا ياتقۇزۇپ ھەربى ئاسما كۆۋرۈك ياسىغان، بۇنداق كوۋرۈكتىن ھەتتا ئۇرۇش ھارىۋىلرىمۇ ئۆتەلىگەن. ئاسۇرىيە پادىشاھى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغىلى ئونىمىغان دۆلەتلەردىن ئىنتايىن دەھشەتلىك ئۇسۇللار بىلەن ئىنتىقام ئالغان. ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، پادىشاھ دائىم ئەسىرگە ئېلىنغان تۆت پادىشاھ سۆرىگەن ئىككى چاقلىق ھارىۋىغا ئولتۇرۇپ، ئۆز پايتەختىنى ئايلىنىپ چىققان. كوچىلارغا ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن ئاقسوڭەكلىرى سولانغان قەپەزلەرنى كۆرگەزمە قىلىپ قويغان. شۇڭا ئاسۈرىيە قوشۇنلىرى يېتىپ كېلىش بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەر دەرھال تەسلىم بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 729 _ يىلى ئاسۇرىيە پۈتۈن بابىلنى بېسىۋالغان.
ئاسۈرىينىڭ پىشقەدەم پادىشاھى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋارىسى مىلادىدىن ئىلگىرى 671 _ يىلى مىسىرنى، مىلادىدىن ئىلگىرى 639 _ يىلى ئىران ئىگىزلىكىنى بېسىۋالغان. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئاسۈرىيە شۇ زامانلاردا دۇنيادا ئەڭ قۇدرەتلىك بولغان ئىككى مەدىنى دۆلەتنىڭ _ مىسىر بىلەن بابىلنىڭ پۈتۈن زىمىنىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان، شۇنڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەتراپتىكى رايونلارغا كېڭىيىپ، شىمالدا كاۋكاز تاغ تىزمىلىرىدىن جەنۇپتا نىل دەرياسى ۋادىسىغىچە، شەرقتە پىرسيە بۇغىزىدىن غەرىپتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان كەڭ زىمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان «دۇنياۋى» بۇيۇم ئىمپىرىيىسنى قۇرغان.
بىراق، سىرتقا قارىنا دەھشەتلىك تۇردە بۇلاڭچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش، ئىچكى جەھەتتە ئەمگەكچىلەرنى قۇل قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان ئاسۈرىيە ھەربى ئىمپىرىيىسى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئانچە ئۇزاققا داۋاملاشتۇرالمىغان. 100 يىلغا يەتمەيلا ئاسۈرىيە بويسۇندۇرۇۋالغان بىر مۇنچە دۆلەتلەر ئارقا _ ئارقىدىن قوزغىلىپ قارىشىلىق كۆرسىتىپ، ئارقا _ ئارقىدىن ئاسۈرىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەن ئاسۈرىينى قالايمىقانچىلىق _ پاتپاراقلىق باسقان. مىلادىدىن ئىلگىرى 612 - يىلى ئىران ئىگىزلىكىدىكى مېدىيە بىلەن ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى بابىل بىرلەشمە ئارمىيىسى ئاسۈرىيەنىڭ پايتەختى نىنېۋېنى ئاشغال قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر مەھەل دەۋران سۈرگەن ئاسۈرىيە ئىمپىرىيىسى ئاخىر ھالاك بولغان.