UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭگوركىي

گوركىي

بەش مىڭ يىل قىش، بىر كۈنى ئەتىگەندە، بىر خالتا يۈدۈۋالغان ئۆسكىلەڭ بىر يىگىت روسىيە مەشھۇر يازغۇچىسى كارلىنكونىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلدى. پەلەمپەي ئالدىدا دوغىلاق، شىلەپە كىيىۋالغان بىر ئادەم قارا سۈپۈرۈۋاتاتتى. بۇ ئادەم يىگىتنىڭ ئىشىك ئالدىدا قورۇغا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: - ھوي! يىگىت، كىمنى ئىزدەيسىز؟ - دەپ سورىدى. - خۇش، كارولىنكونى ئىزەيمەن. - مانا مەن شۇ، نېمە ئىشىڭىز بار؟ يىگىت سەل تارتىنىپ: - ھە، ياخشىمۇ سىز؟ شېئىرلىرىمنى سىزگە كۆرسەتكىلى كەلگەنىدىم، - دېدى. كارولىنكو يىگىتنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. يىگىت خالتىسىدىن بىر توپ ئورىگىنالنى ئېلىپ كارلىنكوغا سۇندى. كارولىنكو 1 - بەتكە يېزىلغان >قېرى كاۋچۇك ناخشىسى< دېگەن خەتنى كۆرۈپ، بىر نەچچە بەتنى ۋاراقلاپ كۆرۈپلا بىر مۇنچە خاتارلىقلارنى كۆرسەتتى ۋە يىگىتكە چۈشىنىشلىك قىلىپ بىر نەچچە مەسىلىلەرنى سۆزلەپ بەردى. يىگىت كارولىنكونىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، بىلىدىغانلىرىنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى ھېس قىلىپ، خىجىل بولغىنىدىن ئۆزىنى يوشۇرغىلى يەر تاپالماي قالدى. ئاخىر كارولىنكو ئورىگىنالنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشقا قالدۇرۇپ كېتىشنى ئېيتتى، يىگىت دەرھال ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، يىگىت قايتۇرۇلغان ئورىگىنالنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە: >>بۇ شېئىرلار< دىن ئىقتىدارىڭىزغا ھۆكۈم قىلىش قىيىن، لېكىن ئىقتىدارىڭىز باردەك قىلىدۇ. ئۆز كەچۈرمىشلىرىڭىزدىن ئالغان تەسىراتلىرىڭىزنى يېزىپ ماڭا ئەۋەتىڭ. مەن شېئىرلاردىن زوقلانغۇچى ئەمەس، گەرچە شېئىرلىرىڭىزنىڭ ئايرىم مىسرالىرى ناھايىتى سالماقلىق ۋە روشەن بولسىمۇ، لېكىن شېئىرلىرىڭىزنى چۈشىنىش قىيىن ئىكەن< دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىدى. يىگىت يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئوقۇپ بولۇپلا ئورىگىناللىرىنى يىرتىپ مەشكە تاشلىۋەتتى. بۇ يىگىت - ئالېكسىي ماكسىموۋىچ پېشكوۋ، يەنى كېيىنكى كۈنلەردە دۇنيا تونۇلغان ئۇلۇغ يازغۇچى گوركىي ئىدى. يۇقىرىقى ۋەقە 1889 - يىلى ئۇ 21 ياش ۋاقتىدا يۈز بەرگەن. گوركىي 1868 - يىلى، روسىيىدە بىر ياغاچچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 - سىنىپىنى تۈگەتمەيلا ئوقۇشتىن قالغان. 11 يېشىدا شاگىرتقا كىرگەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا قېچىپ كېتىپ، پرسىتان ئىشچىلىرىغا ياردەملىشىپ ئىشلىگەن. پاراخوتتا قاچا - قۇچا يۇغۇچىغا ياردەمچى بولغان. كېيىنكى كۈنلەردە قورۇ تازىلىغۇچى، بولكىچى، كۆزەتچى ۋە تۆمۈر يول مال جىڭلىغۇچىسى بولغان. 16 يېشىدا قازانغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى ئىنقىلابىي روھقا ئىگە ياشلار بىلەن يېقىنلاشقان. ماركىسنىڭ >كاپىتال< دېگە ئەسىرىنى ئوقۇغان. روسىيە ۋە چەت ئەللەرنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۆگەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغان. >قېرى كاۋچۇك ناخشىسى< ئۇ نەسىرىي ۋە نەزمىي ژانىرنى ئارىلاشتۇرۇپ يازغان داستان ئىدى. ئۇ بۇ داستاننىڭ ئورىگىنالىنى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، يېزىقچىلىقنى تاشلاپ جاي - جايلارغا ساياھەت قىلدى. گوركىي ۋولگا دەرياسىنى بويلاپ دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى جايلارغا قاراپ سەپەر قىلىدۇ. سارىتسىندىن يولغا چىقىپ دون رايونى، ئوكرائىنا، قىرىم قاتارلىق جايلارنى كېزىپ ئۆتۈپ، كاۋكازغا كېلىدۇ. ئۇ پىيادە بىر نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرىدۇ. يول بويى خىلمۇخىل ئىشلارنى قىلىدۇ: ھاممال، تامچى، بېلىقچى ۋە تۇزچى بولىدۇ. بەزى كۈنلىرى 15 سائەتلەپ ئىشلەيدۇ، شۇنداقتىمۇ يەنە دائىم ئاچ قالىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇزۇن سەپەر ئارقىلىق ئۇ ۋەتەن بىلەن تونۇشىدۇ ۋە ئىجادىيىتى ئۈچۈن مول ماتېرىيال توپلايدۇ. 1891 - يىلى كۈزدە، گوركىي تىفلىسقا كېلىدۇ. ئۇ بۇ يەردە كاليوخىنېي ئىسىملىك بىر سىياسىي سۈرگۈن بىلەن تونۇشىدۇ، كاليوخىنېي گوركىينىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بەردى. ئۇزاق ئۆتمەي، گوركىي سەرگەردانلىقتا كۆرگەن - بىلگەنلىرىگە ئاساسەن، >ماكارا چودرا< ناملىق بىرىنچى ھېكايىسىنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ھېكايە ئىككىنچى يىلى 9 - ئايدا شۇ جايدىكى >كاۋكاز گېزىتى< دە ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ھېكايە كېيىنكى كۈنلەردە پۈتۈن دۇنيا تونۇلغان >ماكسىم گوركىي< دېگەن تەخەللۇس بىلەن ئېلان قىلىنغان. گوركىي ئۇدا بىر نەچچە ھېكايە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 1893 - يىلى كۈزدە يەنە بىر قېتىم كارولىنكونىڭ قېشىغا بارىدۇ. كارولىنكو، گوركىينى كۆرۈپ، ھېسسىياتىنى باسالماي ۋارقىراپ تاشلايدۇ: - پاھ، تېخى ھازىرلا بىر ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ چىققانىدىم، ياخشى يېزىپسىز، ئەسەر ئېلان قىلىشنى باشلىۋېتىپسىز، مۇبارەك بولسۇن! - ئۇنداقتا، سىزنىڭچە مەن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانسام بولغۇدەكمۇ؟ - دەپ سورىدى گوركىي سەل قورۇنۇپ. - ئەلۋەتتە بولىدۇ! - دېدى كارولىنكو سەل ھەيران قېلىپ، - بۇ نېمە دېگىنىڭىز، مانا، ئەسەر يېزىپ ئېلان قىلىۋاتىسىزغۇ؟ كېيىن، گوركىي >چىلكاش< ناملىق بىر ھېكايە يېزىپ، كارولىنكوغا كۆرسەتكىلى ئاپىرىدۇ. كارولىنكو ھېكايىنى ئوقۇپ چىقىپ، گوركىينى مۇبارەكلەپ: >سىز يامان ئەمەس بىر ئەسەر يېزىپسىز، ھەتتا ناھايىتى ياخشى بىر ھېكايە دېيىشكە بولىدۇ. سىز بىر رېئالىزمچى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر رومانتىزمچى ئىكەنسىز!< - دەيدۇ. كارولىنكونىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ ھېكايە پېتېربۇرگتا چىقىدىغان ئەڭ چوڭ بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ گوركىينىڭ تەخەللۇسى بارا ـ بارا كىشىلەرگە تونۇلۇشقا باشلايدۇ، 1901 - يىلدىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىر نەچچە خىل چەت ئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىمۇ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق تىياتىرخانىلاردا قويۇلىدۇ. چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشپىيونلىرى ئۇنى پايلاپلا يۈرۈيدۇ. 1901 - يىل 4 - ئايدا ئۇنىڭ >بورانقۇش< ناملىق ئەسىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ژاندارمىلار دەرھال ئۇنىڭ قورۇسىنى ئاختۇرىدۇ. ژاندارمىلار تەڭ كېچىدە، ئۇنىڭ قورۇسىغا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىدۇ. گوركىي شىرە ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ژاندارمىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋابمۇ بەرمەي، تەمكىن ھالدا: - قېنى، تارتمىلارنىڭ ھەممىنى ئاختۇرۇپ كۆرۈڭلار؟ - دەيدۇ. ئاختۇرۇش تا ئەتىسى ئەتىگەن سائەت سەككىزگىچە داۋام قىلىدۇ. گوركىينىڭ بىر مۇنچە خاتىرە ۋە ئەسەر ئورىگىناللىرى تاغارغا تىقىپ ئەكىتىلىدۇ. گوركىي قولغا ئېلىندى. بۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى: >بورانقۇش قوشىقى< خەتەرلىك ۋە زىيانلىق ئەسەر، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە ئەركىنلىك مىكروبىنى يۇقتۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇنداق ئەسەرنى يازغۇچى تەبىئىي ھالدا گۇناھكار بولىدۇ - دە! شۇنداقلا بولۇپ قالماستىن، ئۇلار ھەتتا بۇ ئەسەرنى باسقان ژۇرنالنىمۇ پېچەتلىۋېتىدۇ! چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ گوركىيدىن نېمىشقا بۇنچىۋالا قورقىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن >بورانقۇش قوشىقى< نى ئوقۇپ باقساق بولىدۇ: >- بوران! پات ئارىدا گۈركىرەيدۇ بوران! بۇ - گۈركىرىگۈچى دېڭىز ئۈستىدىكى چاقماقلار ئارىسىدا مەغرۇر ئۇچۇۋاتقان تېتىك بورانقۇش، ئۇ غەلىبە خەۋەرچىسى ۋارقىرايدۇ: - قويۇپ بەر، يەنىمۇ قاتتىقراق گۈركىرىسۇن بوران...< گوركىينىڭ تېنى ئەسلىدىلا ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ئۆپكە كېسىلى بار ئىدى. بۇ بىر ئازاب دەستىدىن، تۈرمىدە ئۇنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. روسىيىدىكى نۇرغۇن تەرەققىيپەرۋەر زاتلار بۇ ۋەقەگە ناھايىتى غەزەپلىنىدۇ. مەشھۇر يازغۇچى لېۋ. تولستوي ئوتتۇرىغا چىقىپ كېپىللىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى گوركىينى تۈرمىدىن چىقىرىپ، ئائىلىسىدە رېجىمدا تۇتۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. گوركىينىڭ ئۆيىدىكى ئاشخانا، پەلەمپەي ۋە ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى كوچىلارغا بىردىن ساقچى نازارەتكە قويۇلغان. ئۇ ئەركىنلىكتىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولىدۇ. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئۇ سۈرگۈن قىلىنىدۇ. لېكىن، ئىككىنچى يىلى 2 - ئايدا، روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەدەبىيات بۆلۈمى گوركىينى پەخىر ئاكادېمىكلىققا كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، لۇ لېۋ، تولستوي، كارولىنكو، چېخوۋ قاتارلىقلارغا ئوخشاش روسىيە ئەدەبىيات ساھەسىدە زامانىسىنىڭ ئەڭ ئالىي شۆھرىتىگە ئېرىشىدۇ. چارپادىشاھ گوركىينىڭ پەخىر ئاكادېمىكلىققا سايلانغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزىپى كېلىپ، خەلق مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرىغا: >مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە گوركىينىڭ سايلانغانلىقىنى بىكار قىلىشنى جاكارلاشنى سىزگە ھاۋالە قىلدىم< دەپ يازما بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى سايلام ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلىنىدۇ. كارولىنكو بىلەن چېخوۋ چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنداق مۇستەبىتىگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ پەخىر ئاكادېمىكلىق نامىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ھەققىدە ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىدۇ. 1902 - يىلى، گوركىي مەشھۇر سەھنە ئەسىرى >تۆۋەن قاتلامدا< نى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ئەسەردە چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى ھۆكۈمرانلىقىدا جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ئېزىلىۋاتقان نامرات خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. بۇ ئەسەر موسكۋا تىياتىرخانىسىدا سەھنىگە ئاچىقىلغاندىن كېيىن، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. >تۆۋەن قاتلامدا< نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سەھنىلەشتۈرۈلۈشى چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنى قاتتىق چۆچۈتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت: تاشقى >ئۆلكىلەرنىڭ شەھەرلىرىدە بۇ درامىنى قويۇشتىن ئاۋۋال ئۆلكە باشلىقلىرىغا تەستىقلىتىش كېرەك< دېگەن بۇيرۇقنى چۈشۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر قايسى ئۆلكە باشلىقلىرىغا بۇ درامىنى قويۇشنى تەستىقلىماسلىق ھەققىدە مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ ۋە يەرلىك گېزىتلەرنىڭ تەھرىر بۆلۈملىرىگىمۇ مۇناسىپ يوليورۇق چۈشۈرىدۇ. ئەمما، چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ مەنئىي قىلىش بۇيرۇقلىرى بۇ مۇنەۋۋەر ئەسەرنىڭ غايەت زور ئىجتىمائىي تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ. ئۈچ يىل ئىچىدە بۇ دراما ياۋروپادىكى ھەر قايسى تىياتىرخانىلاردا 500 قېتىم قويۇلىدۇ! 1906 - يلى، گوركىي ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر رومانى >ئانا< نى پۈتتۈرىدۇ. >ئانا< ياش ئىشچى پاۋىل ۋە ئۇنىڭ ئانىسى نىلوۋنانىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشلەر داۋامىدا تەدرىجىي ئويغىنىپ، جەسەر ئىنقىلابچى بولۇپ يېتىشكەنلىكى ھەققىدىكى تەسىرلىك ۋەقەلەر ھېكايە قىلىنىدۇ، ئۇ روسىينىڭ 1906 - يىلىدىكى ئىنقىلابىي تەييارلىق مەزگىلىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ئىشچىلار ھەرىكىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، روسىيىدە پرولتېتارىيات ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىنى ئەڭ ئاۋۋال ئەكىس ئەتتۈرگەن رومان. >ئانا< گوركىي ئۆزى نەشر قىلغان >بىلىم مەجمۇئەسى< دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دەرھال گېزىت - ژۇرنال تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. پېتېربۇرگ نەشرىيات كومىتېتى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىغا بەرگەن ئالاقىسىدە: بۇ رومان >سوتسىيالىستىك ئىدىيىگە پۈتۈنلەي ۋە ئوچۇقتىن - ئوچۇق ھېسداشلىق قىلغان<، >توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتكەن<، >پۈتۈنلەي جىنايى خاراكتېرىگە ئىگە< دەپ يازغان، كېيىن نەشىر قىلىنغان ژۇرنال قوغۇشۇن بەتلىرى بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىنىدۇ ۋە گوركىينى تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن >ئانا< رومانىنى چەت ئەلدە نەشىر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. روسىيىدە بولسا، 1917 - يىلى ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن تولۇق نەشىر قىلىنىدۇ. 1907 - يىل 5 - ئايدا، گوركىي لوندوندا لېنىن بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئىككىيلەننىڭ سۆھبىتى تېزلا >ئانا< رومانىغا كۆچىدۇ. ئەسلىدە لېنىن بۇ روماننىڭ قول يازمىسىنى ئوقۇغانىكەن. - بۇ روماننى ناھايىتى ئالدىراش يېزىپ قالدىم...، - دېدى گوركىي. لېنىن، گوركىينىڭ چۈشەندۈرۈشىنى كۈتمەي: - شۇنداق، سىز بۇ روماننى ناھايىتى ئالدىراپ يېزىپ چىقتىڭىز، لېكىن ئالدىراپ يازغىنىڭىز ناھايىتى ياخشى بولدى. بۇ تولىمۇ ئېھتىياجلىق كىتاب! نۇرغۇن ئىشچىلار ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە ئاڭسىز ۋە ستېخىيىلىك ھالدا قاتنىشىۋاتىدۇ. ئەمدى ئۇلار >ئانا< نى ئوقۇپ، ناھايىتى زور ئوزۇق ئالىدۇ، - دەيدۇ جەزملەشتۈرۈپ. گوركىي نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالىدۇ. - بۇ دەۋرگە ئىنتايىن ماس كېلىدىغان كىتاب! - دەپ مەدھىيىلىدى لېنىن ئاخىرىدا. دەرۋەقە، >ئانا< دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، ياۋروپاغا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياۋروپا پرولېتارىياتلىرىنىڭ دەستۇرى بولۇپ قالىدۇ. بۇ روسىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىشچىلار سىنىپىغا غايەت زور ئىلھامبەخش ئېتىدۇ. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، گوركىي سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى تا بۈگۈنگە قەدەر سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىگە داۋاملىق ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ