UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭپارىژ ئۇنۋېرسىتېتى

پارىژ ئۇنۋېرسىتېتى

بەش مىڭ يىل ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، غەربىي ياۋرۇپانىڭ مەدەنىي مائارىپ ئىشلىرى تولىمۇ ئارقىدا ئىدى. ئادەتتىكى پۇقرالار پۈتۈنلەي ساۋاتسىز، چەۋەندازلار ئومۇمەن قارا قورساق، ئاقسۆڭەك ۋەزىرلەرمۇ ئىنتايىن بىلىمسىز ئىدى. ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھۆججەت - ئۇقتۇرۇشلىرى، دىپلوماتىيە مەكتۇپلىرى پۈتۈنلەي لاتىن يېزىقىدا يېزىلاتتى، بۇ يېزىقنى ئەينى زاماندىكى دىن تارقاتقۇچىلاردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى. مەدەنىيەت، مائارىپ تامامەن دىنىي جەمئىيەت تەرىپىدىن مونوپول قىلىناتتى. شەھەرلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە سودا - سانائەتنىڭ كۈنسايىن گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، بارا - بارا شەھەر مەكتەپلىرى بارلىققا كەلدى. بۇ مەكتەپلەر كېيىنكى كۈنلەردە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ ئاساسى بولدى. غەربىي ياۋرۇپادىكى قەدىمكى ئۇنۋېرسىتېتلار ئىچىدە ھەممىدىن مەشھۇر ۋە تىپىك بولغىنى فرانسىيىدىكى پارىژ ئۇنۋېرسىتېتى ئىدى. پارىژ ئۇنۋېرسىتېتى 12 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىدى. 1200 - يىلى فرانسىيە پادىشاھى فېلىپىپ Ⅱيارلىق چۈشۈرۈپ، ئۇنۋېرسىتېت بەلگىلىگەن قائىدە - نىزاملارنى تەستىقلىدى، شۇنىڭ بىلەن پارىژ ئۇنۋېرسىتېتى رەسمىي دۇنياغا كەلدى. پارىژ ئۇنۋېرسىتېتى ناھايىتى تېزلىكتە ياۋرۇپانىڭ جاي - جايلىرىدىن ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپلىنىش مەركىزىگە ئايلاندى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر مەزگىل پارىژ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 50 مىڭدىن ھالقىپ كەتكەن ئىكەن. بۇ ئۇنۋېرسىتېتنىڭ بۇنچىۋالا كۆپ ياشلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالىشىدىكى سەۋەب شۇ ئىدىكى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى مۆتىۋەرلەر قاتارىغا كىرىپ، نۇرغۇن ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولاتتى: باج تاپشۇرمايتتى، يەنى دىنىي جەمئىيەت شەرىئىتىدە سوراق قىلىنغاندىن باشقا، دۆلەتنىڭ قانۇن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايتتى. پارىژ ئۇنۋېرسىتېتىدىمۇ ئوقۇ - ئوقۇتۇش، غەرپتىكى باشقا ئۇنۋېرسىتېتلارغا ئوخشاش لاتىن تىلىدا ئېلىپ بېرىلغاچقا، ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى لاتىن تىلىنى پۇختا بىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىۋېرەتتى. يارىژ ئۇنۋېرسىتېتى ئۇقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرلىشىشىدىن تەركىپ تاپقان ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، كىتاپپۇرۇچلار، پوچتىكەشلەر، دورىگەرلەر، خەتتاتلار ھەتتا مېھمانخانا خوجايىنلىرىمۇ ئۇنۋېرسىتېت خادىملىرى ھېسابلىناتتى. ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيىتىگە قاراپ، يەنى مەلۇم پەنلەردىن دەرس بېرىش ئىقتىدارلىرى بويىچە ئوخشىمىغان كافېدىرالارغا تەشكىللىنەتتى. ھازىرقى زامان ئۇنۋېرسىتېتلىرىدىكى >فاكولتېت< دېگەن سۆز لاتىن تىلىدىكى >ئىقتىدار< دېگەن سۆزدىن كەلگەن؛ بۇنىڭ ئىچىدىن تاللانغان >بىرىنچىلىرى< ياكى >خىزمەتچى< لەر ھازىرقى >فاكولتېت مۇدىرى< ئورنىدا ئىدى. ئۇ چاغدا، ئۇنۋېرسىتېت بويىچە ئەدەبىيات - سەنئەت، تىبابەت، قانۇن ۋە ئىلاھىيەتلەردىن ئىبارەت تۆت خىل پەن ئوقۇلاتتى. ئەدەبىيات - سەنئەت ئادەتتىكى پەن ھېسابلىنىپ، بۇنىڭدا يەتتە خىل دەرس: گىراماتتىكا )جۈملىدىن لاتىن تىلى ۋە ئەدەبىيات(، دىيالېكتىكا)لوگىكا(، ئىستىلىستىكا )جۈملىدىن نەسرى، شېئىرىيەت مەشىقلىرى ۋە قانۇن بىلىملىرى(، گېئومېتىرىيە )جۈملىدىن فىزىكا ۋە خىمىيە( لەر ئۆتۈلەتتى. بۇ پەننى ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى ھەممىدىن كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، باكلاۋېر ئۇنۋانىغا ئىگە بولاتتى. قالغان ئۈچ خىل پەن ئالى دەرىجىلىك پەن بولۇپ، بۇ پەندە ئوقۇشقا ئادەتتىكى پەنلەرنى ئوقۇپ تۈگەتكەنلەرلا كىرەلەيتتى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ماگىستېر ئۇنۋانىغا ئىگە بولاتتى. ئۇنۋانغا ئىگە بولغاندىلا ئاندىن ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولالايتتى. بىراق ئىلمىي ئۇنۋانغا ئىگە بولىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ بولمايتتى. باكلاۋېر ئۇنۋانىغا ئىگە بولىدىغانلار ئۈچتىن بىر بولسا، ماگىستېر ئۇنۋانىغا ئىگە بولالايدىغانلار 16 دىن بىر بولاتتى. ئوقۇغۇچىلارمۇ تۇغۇلغان يۇرتلىرى بويىچە >قارىخانا< دەپ ئاتالغان تەشكىلاتلارغا بۆلۈنەتتى ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ياتاق، ئاشخانا، دەرسخانىلىرى ھەمدە ياتاق مۇپەتتىشلىرى بىلەن ئۇستازلىرى بار ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە بۇنداق >قارىخانا<لار تەرەققىي قىلىپ >ئىنىستېتوت< قا ئايلاندى ۋە ياكى ھازىرغىچە قوللىنىپ كەلدى. ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىبادەتخانىغا كىرىپ ئىبادەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، دەرسخانىغا كىرىپ دەرس ئوقۇيتتى. ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئۇسۇلى ئاساسەن لېكسىيە ئاڭلاش، خاتىرىلەشتىن ئىبارەت ئىدى. دەرسلىكلىرى بولسا قەدىمدىن قېپقالغان مەشھۇر ئەسەرلەر ئىدى. ئوقۇتقۇچىلار ئۇ ئەسەرلەردىن ئوقۇپ چۈشەندۈرەتتى - يۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلاردىن شۈبھىلىنىشىگە رۇخسەت قىلمايتتى. شۇنداقلا كەمدىن كەم تەجرىبە قىلىپ بېرەتتى. ئوتتۇرا ئەسىردە ئادەمنى ئوپېراتسىيە قىلىش مەنئىي قىلىنغاچقا، ھەتتا تىبابەتچىلىك مەسلىلىرىدىمۇ ئاناتومىيىلىك ئوپېراتسىيىدىن ئىبارەت زۆرۈر تەجرىبىلەرمۇ ئېلىپ بېرىلمايتتى. ئاناتومىيىگە ئائىت بەزى بىلىملەر ئەرەبچە تىببى كىتابلاردىن ئېلىناتتى. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى ھەممىدىن بەك قىزىقتۇرىدىغىنى مۇنازىرە يىغىنلىرى ئىدى. ئىلمىي ئۇنۋانغا ئىگە بولماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئاشكارا مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىشى كېرەك ئىدى. پارىژ ئۇنۋېرسىتېتىمۇ ھەمىشە مۇنازىرە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇراتتى. بۇنداق مۇنازىرە يىغىنلىرىغا ئاساسلىقى شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار قاتنىشاتتى. بەزى چاغلاردا يەنە باشقا ئۇنۋېرسىتېتلاردىنمۇ ئوقۇغۇچىلار تەكلىپ قىلىناتتى. بىر قېتىم ئەنگىلىيە ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ بىر ماگىستېرى، پارىژ ئۇنۋېرسىتېتىغا كېلىپ مۇنازىرىگە قاتناشقاندا 200 تۈرلۈك قارشى پىكىرنى بىر - بىرلەپ تولۇق ئېسىگە ئېلىۋالغان ھەمدە پىكىر تەرتىپى بويىچە بىر - بىرلەپ رەدىيە بەرگەن ئىدى. مۇنازىرە كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولاتتى، بەزى چاغلاردا ھەر ئىككى تەرەپ ھاياجاندىن بىر - بىرىنى ئىتتىرىشىپ كېتىشەتتى. خىرىستىيان دىنى جەمئىيىتى ئۆزىگە بوي سۇنمىغان بۇ پارىژ ئۇنۋېرسىتېتىنى ئىنتايىن يامان كۆرەتتى ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ دىنىي ھوقۇق ئارقىلىق ئۇنى تىزگىنلەيتتى ھەمدە خىرىستىئان ئەقىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلاتتى. پارىژ ئۇنۋېرستىېتىنىڭ ئامور ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىسى >پان ئىلاھىچىلىق<تىن ئىبارەت پەلسەپىۋى نۇقتىئىنەزەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ:ئىلاھى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق شەيئىلەردە مەۋجۇت بولىدۇ، تەبىئەتتىن ھالقىغان ھېچقانداق خۇدا ۋە مەنىۋى كۈچ بولمايدۇ، دېدى. بۇ ئوقۇتقۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ نۇقتىئىنەزەرنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ:خۇدا، خىرىستىئان دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ھازىر تەشۋىق قىلىۋاتقىنىدەك ئەمەس؛ ئۇ شەيئىلەرنىڭ تۈرلۈك ماھىيەتلىرىدە نامايەن بولىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلىشتى ھەمدە دىنىي جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى ئەقىدە ۋە مۇقەددەس ئەدەپلەردىن ۋاز كېچىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ ھۆكۈم ۋە تەشەببۇسلار دىنىي جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئۇلىغا بېرىپ تاقاشتى. دىنىي جەمئىيەت بۇنى باھانە قىلىپ دەھشەتلىك ھالدا باستۇرۇش تەدبىرىنى قوللاندى. 1210 - يىلى دىنىي جەمئىيەت سوتى، ئامورنىڭ ئون ئوقۇغۇچىسىغا كۆيدۈرۈش جازاسى >ھۆكۈم قىلدى<، ھەتتا ئامورنىڭ جەسىدىنى گۆرگە ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈردى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە قەدىمكى گىرېك ئالىمى ئاىستوتىلنىڭ مىتافىزىكا ۋە فىزىكىغا ئائىت بارلىق ئەسەرلىرىنى مەنئى قىلىشقا يارلىق چىقاردى. پارىژ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى سىگىل بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇتۇۋەرگەنلىكى ئۈچۈن دىنىي شەرىئەت تۈرمىسىگە قامالدى ۋە تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلدى. 13 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، پارىژ ئۇنۋېرسىتېتى تامامەن دىنىي جەمئىيەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بولدى. مەكتەپتىكى نۇرغۇنلىغان مەرىپەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچىلار يا دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، ياكى دىنىي جەمئىيەت تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىندى؛ مەكتەپنىڭ ئىلاھىيەت دەرىسى كاتولىك دىنىنىڭ دىن تارقاتقۇچىلىرىغا تاپشۇرۇلدى. ئۇلار ئىسپاتلايدىغان ھايات توغرىسىدىكى سوئاللارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنجىلدىن ئېلىنغان نەقىللەردىن ئىبارەت بولۇپ، ھەقىقىي بىلىم سۆزلەنمەيتتى؛ ئۇلار تەجرىبىگە تامامەن ئېيتىۋارسىز قارايتتى، دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئىمتىيازىغا تېۋىناتتى، ھۆرىيەتچىلىكىنى باستۇراتتى. مانا بۇ - ئاتالمىش >مەدرىس پەلسەپىسى< دىن ئىبارەت. ياۋرۇپادا پارىژ ئۇنۋېرسىتېتىدىن باشقا يەنە ئەڭ قەدىمىي ئۇنۋېرسىتېتلاردىن ئىتالىيىدىكى بولۇنىيە ئۇنۋېرسىتېتى، ئەنگىلىيىدىكى ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتېتى ۋە كېمبىرىج ئۇنۋېرسىتېتلار بار ئىدى. بۇ ئۇنۋېرسىتېتلار 12 - ئەسىردىن 14 - ئەسىرگىچە قۇرۇلغان بولۇپ، 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ياۋرۇپا بويىچە 40 نەچچە ئۇنۋېرسىتېت بارلىققا كەلگەن.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
پارىژ ئۇنۋېرسىتېتى | UyghurWiki | UyghurWiki