UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئېزوپ مەسەللىرى

ئېزوپ مەسەللىرى

بەش مىڭ يىل «بۆرە بىلەن قوزا» دېگەن ھېكايىنى بىلەمسىز؟ بۇ ھېكايە مۇنداق: كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۆرە بىلەن قوزا بىر ئېرىقتىن سۇ ئىچىشكە توغرا كېلىپتۇ. بۆرە قوزىنى يېيىشكە باينا تېپىش ئۈچۈن سۇنى لېيتىىۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن سۇ ئىچەلمىدىم، دەپ قوزىنى ئەيىپلەپتۇ. _ سەن سۇنىڭ يۇقۇرى ئېقىمدا تۇرساڭ، مەن تۆۋەن ئېقىمدا تۇرسام، مەن قانداقمۇ يۇقۇرى ئېقىمنىڭ سۈيىنى لېيىتىۋېتىدىكەنمەن؟ _ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ قوزا. _ سەن بۇلتۇر مېنىڭ دادامنى تىللايتىكەنسەن، _ دەپتۇ غەزەپ بىلەن بىرىنچى ھىلىسى ئىشقا ئاشمىغان بۆرە. _ ئۇ چاغدا مەن تېخ تۆرەلمىگەن، _ دەپتۇ قوزا دەرھال ئۆزىنى ئاقلاپ. _ سەن ئۆزەڭنى قانچە ئاقلىغىنىڭ بىلەنمۇ مەن سېنى ساق قويمايمەن! - دەپتۇ بۆرە ياۋۇزلۇق بىلەن ھەمدە ئېتىلىپ بېرىپ قوزىنى يەۋېتىپتۇ. بۇ ھېكايە بىزگە يامان ئادەملەر ئەسكىلىك قىلىمەن دىسە، ھامان مانا باينا تاپالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. «بۆرە بىلەن قوزا» «ئېزوپ مەسەللىرى» دىكى بىر ھىكايە. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئېزوپ مىلادىدىن ئىلگىرى 6 - ئەسىردە ئۆتكەن، قەدىمقى يۇناندىكى مەلۇم بىر قۇلدارنىڭ قۇلى بولۇپ، كېيىنكى چاغلاردا ئازات بولغان، ئۇنىڭ چىراي _ شەكلى سەت بولغان بىلەن، كارامەت ئەقىللىق ئىكەن. ئېزوپ نۇرغۇن مەسەللەرنى يېزىپ، كەڭ قۇللارنىڭ ۋە تۆۋەن قاتلام پۇقالارنىڭ قۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن، بۇ ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ئەقىل _ پاراسىتىنى ۋە تۇرمۇش غايىسىنى ئىپادىلىگەن. يۇقۇرىدا ئېيتىلغان «بۆرە بىلەن قوزا» دىن باشقا، يەنە نۇرغۇن قىزىق ھېكايىلەر بار. «دېھقان بىلەن يىلان» دېگەن ھېكايىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، بىر دېھقان توڭلاپ قالغان بىر يىلاننى كۆرۈپتۇ، دېھقاننىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ ئۇنى قوينىغا سېلىپ ئىسىتىپتۇ. ئۇ يىلان دېھقاننىڭ قوينىدا ئىسسىپ تىرىىلىپتۇ. يىلان تىرىلىپ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنى قۇتقۇزغان دېھقاننى چېقىپ ئولتۇرۇپتۇ. دېھقان ئۆلۈش ئالدىدا: «مەن يامانغا ياخشىلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن بېشىمغا مۇشۇ بالا كەلدى» دەپتۇ. بۇ ھېكايە كىشىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى ، يىلان كەبى يامان ئادەملەرگە ھەرگىز رەھىم قىلماسلىق كېرەك. «دېھقان ئوغۇللىرىنىڭ ماجراسى» دېگە ھېكايە مۇنداق: بىر دېھقان بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى دائىم ئۇرۇشدىكەن، دېھقان كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلسىمۇ ئۈنۈم بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېھقان، بىر باغلام چىۋىقنى ئېلىپ بۇنى سۇدۇرۇڭلار، دەپ ئوغۇللرىغا بېرىپتۇ. ئوغۇللىرى ھەر قانچە كۈچەپمۇ سۇندۇرالماپتۇ. دېھقان چىۋىقنىڭ بېغىنى يېشىپ، ھەر بىر ئوغلىغا بىر تالدىن چىۋىق تۇتقۇزۇپتۇ، ئوغۇللىرى ئۇنى ھېچ كۈچىمەيلا سۇندۇرۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، دېھقان ئوغۇللىرىغا تەربىيە بېرىپتۇ: _ قاراڭلار، ئەگەر سىلەر بىر ياقىدىن باش چىقارساڭلار، دۈشمەنلەر سىلەرنى يېڭەلمەيدۇ، ئەگەر ئىناق ئۆتمىسەڭلەر، ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. بۇ ھېكايە ئىتتىپاقلىق _ كۈچ دېمەكتۇر، دېگەننى چۈشەنددۈرۈپ بېرىدۇ. باشقا مەسەللەردىمۇ بىر ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن: مەسىلەن، «تاشپاقا بىلەن توشقاننىڭ مۇسابىقىسى» كىشىلەرنى مەغرۇرلانماسلىققا ئۇندەيدۇ؛ «قاغا بىلەن تۈلكە» دە بەزىلەرنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكى مەسخىرە قىلىنغان؛ «تۈلكە بىلەن ئۈزۈم»دە، ئىقتىدارسىزلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى بەزلىگەنلىكى مەسخىرە قىلىنغان؛ «بۇتىنى چېقىۋاتقان ئادەم» دە خۇداغا بولغان گۇمان ئىپادىلەنگە؛ «بۈرگۈت بىلەن ياچىۋەك» تە ئەمگەكچىنىڭ ئەقىل _ پاراسىتى مەدھىيلەنگەن... ئېزوپ نۇرغۇن مەسەللەرنى يېزىپ، قۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تىل تەككۈزگەن، شۇڭا قۇلدارلار ۋە ئاقسۆڭەكلەر بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىغان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، مىلادىدىن ئىلگىرى 560 _ يىلى بىر كۈنى، ئېزوپ ئېگەي دېڭىزى ياقىسىدىكى بىر ئىگىز گىرانت تاش ئۈستىگە يالاپ كۆكرىكىنى كىرىپ تۇرغان، قەتئى باش ئەگمىگەن. ئاخىرى قاتىللار ئۇنى تاغىدىن ئىتتىرىۋەتكەن... ئېزوپ ئولتۇرۇۋېلتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىجات قىلغان مەسەللەر خەلق ئارىسىدا ئىزچىل تارقىلىپ كەلگەن. بىراق ئېزوپ ھايات چاغدا شۇنىڭدەك ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە، ئۇنىڭ مەسەللىرى كىتاپ قىلىپ چىقىلمىغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 3 - ئەسىرگە كەلگەندە يەنى ئېزوپ ۋاپات بولۇپ ئالاھەزەل 3 - 2 يۈ يىلدىن كېيىن، بىر يۇنانلىق شۇ چاغلاردا تارقىلىپ يۈرگەن 200 نەچچە ھىكاينى توپلاپ، «ئېزوپ ھىكايىلىرى توپلىمى» دېگەن نام بىلەن كىتاپ قىلىپ چىقارغان. ئەپسۇسكى، بۇ كىتاپ كېيىن يوقاپ كەتكەن. مىلادى 1 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئازات قىلىنغان يەنە بىر يۇنانلىق قۇل ئاشۇ كىتاپتىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن لاتىن يېزىقى بىلەن 100 نەچچە مەسەل يازغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر ئادەم يۇنان يېزىقىدا 120 مەسەل يازغان. مىلادى 4 - ئەسىرگە كەلگەندە، يەنە بىر رىملىق لاتىن يېزىقىدا 42 مەسەل يازغان. كېيىنكى چاغلاردا، يەنە بەزىلەر نۇرغۇن ھىندىستان، ئەرەپ ۋە خرىستىيان دىنى ھىكايىلىرىنى قوشقان، مۇشۇنداق نۇرغۇن قېتىملىق توپلاش - رەتلەش، ئۆزگەرتىپ يېزىش ۋە قوشۇش - قىسقارتىۋېتىشلار ئارقىلىق ھازىرقى 360 پارچە ھىكايىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئېزوپ مەسەللىرى» بارلىققا كەلگەن. بۇ مەسەللەرنىڭ بەزىلىرىنى ئېزوپ يازغان، بۇنىڭغا بىرمۇنچە پۇچەك نەرسىلەرمۇ ئارىلىشىپ قالغان. لېكىن «ئېزوپ مەسەللىرى» دە، قانداقلا بولمىسۇن نۇرغۇن چوڭقۇر مەنىلىك ھېكايىلەر ساقلىنىپ قالغان، بۇلار بۈگۈنكى كنۈدىمۇ بىزگە ئىلھام ۋە تەربىيە بولماقتا.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ
ئېزوپ مەسەللىرى | UyghurWiki | UyghurWiki