UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئاق غازنىڭ توھپىسى

ئاق غازنىڭ توھپىسى

بەش مىڭ يىل بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رىمنىڭ ئىچىكى شەھىرىدىكى كاپتولى دۆڭلۈگىدىن بىر توپ تاۋاپ قىلغۇچىلار ئاستا _ ئاستا چۈشۈپتۇ. سەپ ئىچىدە بىرسى گۈلچەمبىرەك بىلەن زىننەتلەنگەن بىر قەپەزنى كۆتىرىۋالغان ئىكەن، قەپەزدە بوينىغا چىرايلىق بويۇن چەمبىرىكى ئېسىلغان، ئۈستىگە رەڭلىك لېنتىلار ئارتىلغان. بىر ئاق غاز بار ئىكەن. كىشىلەر غازنى كۆرۈپلا تەنتەنە قىلىپ غازغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپتۇ. رىملىقلار نېمە ئۈچۈن ئاق غازغا شۇنچىۋالا ھۆرمەت قىلىدۇ؟ بۇنىڭدا رىمنىڭ ھايات - ماماتىغا ئالاقىدار بولغان بىر ھېكايە بار. مىلادىدىن ئىلگىرى 4 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رىم خېلى قۇدرەت تاپقان ئىكەن. ئۇ ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى بېسىۋالغان، نۇرغۇن قەبىلىلەر ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلىغان ئىكەن، لېكىن ئۇنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىدىكى گائۇللار توختاۋسىز تۈردە جەنۇپقا قاراپ تاجاۋۇز قىلىپ تۇرۇپتۇ. گائۇللارنىڭ بويى پاكار بولۇپ، تېنى تەمبەل، چېچى پاخما ئىكەن، كەشتىلىك كىيىم كىيدىكەن، بوينىغا ئالتۇن چەمبىرەك ئاسىدىكەن، جەڭدە بەك باتۇر بولۇپ، يارىلاسىمۇ قوشۇندىن ئايرىلمايدىكە. كېيىن، ئۇلار كروسېن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپتۇ. كروسېن رىمنىڭ غەربىي شىمالىغا ئالاھەزەل 200 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، يېقىندا رىم بىلەن ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزگەن ئىكەن، ئۇلار گائۇللارنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، رىمدىن ياردەم سوراپتۇ. رىم ئاقساقاللار مەھكىمىسى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، گائۇللارنىڭ ئاقساقىلى بورىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ لەشكەلرىرىنى چېكىندۇرۈشنى تەلەپ قىلىشقا ئۈچ ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن بۇ تەلەپ رەت قىلىنىپتۇ. ئەتىسى، بۇ ئۈچ ئەلچى دىپلوماتىيە قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كروسېنلارنىڭ گائوللارغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەملىشىپتۇ. بۇ ئەلچىلەرنىڭ بىرىسى تېخى گائۇللارنىڭ بىر ئاقساقىلىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چوڭ - چاتاق چىقىپتۇ. گائۇللارنىڭ ئاقساقىلى بورىن دەرھال بىرقانچە ئىگىز بولۇق ئادەم تاللاپ ئەلچى قىلىپ، رىم ئاقساقاللار مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ ئېتىراز بىلدۈرۈپتۇ ھەمدە ھېلىقى ئۈچ رىم ئەلچىسىنى ئۆزلىرىنىڭ جازالىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. رىم تەرەپ بۇ تەلەپنى رەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ ئۈچ ئەلچىنى كېيىنكى يىللىق ھەربى خەلق پاسىبانلىرى قىلىپ سايلاپتۇ. بۇ بىر خىل جىسمانىي جەھەتتە دەخلى _ تەرۇز قىلغىلى بولمايدىغان ئالاھىدە ئەمەل بولۇپ، ھوقۇقى ناھايىتى زور ئىكەن، بۇنداق ئەمەلدىكىلەر ھەتتا ئاقساقاللار مەھكىمىسى ياكى ھاكىمدارلارنىڭ قارارلىرىنى ئىنكار قېلىۋېتەلەيدىكەن. بورىن بۇنى ماڭا قىلىنغان ھاقارەت دەپ قاراپ، 70 مىڭ لەشكەر باشلاپ رىمغا ھۇجۇم باشلاپتۇ. گائۇللار ناھايىتى تېز يۈرۈپ، رىمغا يېقىن جايدىكى ئارىپ دەرياسىنىڭ تېبىر دەرياسىغا قويۇلىدىغان جايىدا رىم قوشۇنلىرى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىپتۇ. گائۇللار باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، يالاڭۋاش ئاتاكىغا ئۆتۈپ،رىم قوشۇنلىرىنىڭ سول قانىتىنى دەرياغا كىرگۈزۈۋېتىپتۇ. بىر قىسىم رىم لەشكەرلىرى رەسۋا بولۇپ، قېچىپ شەھەرگە كىرىۋېلىپتۇ. پاتىپاراقچىلىقتا شەھەر دەرۋازىلىرىنى ئېتىشنىمۇ ئۇنتۇپتۇ. مەغرۇر رىم قوشۇنلىرى ھىچقاچان مۇنداق قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىمىغان ئىكەن. كېيىن، ئارىپ دەرياسى بويىدا مەغلۇپ بولغان كۈننى _ مىلادىدىن ئىلگىرى 390 _ يىل 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنىنى دۆلەتكە ھاقارەت كەلگەن كۈن قىلىپ بەلگىلىگەن. تېرە _ چېرەڭ بولغان قوشۇن شەھەرگە كىرىۋالغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئاھالە شەھەرنىڭ باشقا دەرۋازىلىرىدىن سىرتقا چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن، بىر قىسىم قوشۇن ۋە ياش ئاقساقاللار ئىچىكى شەھەردىكى كاپولىدىكى دۆڭلۈككە سېلىنىغان قورۇلنى چىڭ ساقلاپ يادەمگە كېلىدىغان لەشكەرلەرنى كۈتۈشنى قارار قىلغان. ئالاھەزەل يۇزدەك ياشانغان ئاقساقال دوڭلۈككە چىقىپ پانالىنىشنى خالىمىغان، ئۇلار ھېيتلىق كىيىملىرىنى كېيىپ، مەركىزىي مەيدانغا كېلىپ، پىل چىشىدىن ياسالغان يۇمۇلاق بەندىڭدە ئولتۇرۇپ شەھەر ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا تەييارلانغان. 2 - كۈنى، گائۇللار ئۈچۈن شەھەر دەرۋازىلىرى ئارقىلىق ھىچقانداق توسالغۇسىزلا رىم شەھىرىگە بېسىپ كىرگەن. كوچىلاردا بىرمۇ ئادەم قالمىغان، ھەممە ئىشىكلەر ئېتىلىگەن بولۇپ، رىم بىر ئۆلۈك شەھەردەك بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇلار مەركىزىي مەيدانغا ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇزۇن مۇقەددەس ھاسا تۇتقان نۇغۇن بوۋايلارنىڭ ئۇ يەدە قىمىرلىماي ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈگەن. گائۇللار ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلسە بىرسىمۇ ئورنىدىن تۇرمىغان، بىرسىنىڭمۇ چىرايى ئۆزگەرمىگەن. بۇنى كۆرگەن. گائۇللار ھەيران بولۇپ، بۇلار ھەيكەل بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان، گائۇللاردىن بىرسى ئاۋايلاپ، بىر ئاقساقالنىڭ ئېڭىگىنى سىلىغان ھەم ئۇنىڭ ئۇزۇن ساقىلىنى تارتقان ئىكەن. بۇ ئاقساقال تۇيۇقسىزدىن مۇقەددەس ھاسسى بىلەن گائۇللىقنىڭ بېشىغا غەزەپ بىلەن سالغان. گائۇللار بۇنىڭ تىرىك ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ، خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈرگەن. باشقا گائۇللار مەيداندىكى ئاقساقاللارنىىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىغان. ئاندىن كېيىن بۇلاش ۋە ئوت قويۇشقا كىرىشىپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە رىم شەھىرىنى خارابىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن. گائۇللار رىمغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، شەھەرنى تولۇق ئىشغال قىلالمىغان. چۈنكى شەھەر قولىدا ئىكەن. بۇ دۆڭلۈكنىڭ يارىلىرى ناھايىتى تىك بولۇپ، بىر تەرەپى ھاك ئىكەن. بۇ دۆڭلۈك مۇدەپىئەلىنىشكە ئەپلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىش تەس ئىكەن. گائۇللار كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تاكىتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇزاق مۇددەت قورشاپ، ئاچارچىلىق تەھدىدى بىلەن رىملىقلارنى تەسىلم قىلىش قارارىغا كەلگەن. كاپتولى دۆڭلۈگى قورشاۋ ئىچىدە قالغان بولسىمۇ، لېكىن شەھەر سىرتىدىكى ياردەمگە كەلگەن لەشكەرلەر يەنىلا ئامال قىلىپ دۆڭلۈكتىكى ئاقساقاللار بىلەن ئالاقە باغلاپتۇ. بىر باتۇر يىگىت تۇن كېچىدە دۆڭلۈكنىڭ ھاڭ تەرىپىگە كېلىپ گائۇللار بۇ جايدىن يامىشىپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قاراپ پوس قويمىغان ئىكەن. بۇ يىگىت ھاڭغا دومىلاپ چۈشۈش خەۋىپىگە قارىماي، يارغا يامىشىپ چىقىپتۇ. بەختكە قارشى گائۇللاردىن بىر نەچچىسى يار تېگىدىن ھېلىقى يىگىت يامىشىپ چىققاندا قالغان ئىزلارنى تەسادىپى كۆرۈپ قېلىپتۇ. شۇ كېچىسى بورىن ئەڭ چەبدەس، ئەڭ باتۇر گائۇللانى تاللاپ، ھەلىقى يىگىت يامىشىپ چىققان يول بىلەن يامىشىپ چىقىپ دۆڭلۈكنى بىر يولىلا ئالماقچى بولۇپتۇ. بەش بارماقنى كۆرگىلى بولمايدىغان قاراڭغۇ كېچىدە، گائۇللار قولنى قولغا تۇتۇپ، ئاۋايلاپ تۇيدۇرماي يامىشىپ چىقىپتۇ. دۆڭلۈكتە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، ياساۋۇللارلا ئەمەس، ھەتتا ئىتلارمۇ گائۇللارنىڭ تىۋىشىنى سەزمەپتۇ. گائۇللار دۆڭلۈككە چىقان دەپ قالغاندا، تۇيۇقسىزلا «غاق _غاق» دېگەن ئاۋازلىرى جىمجىتلىقنى بۇزۇۋېتىپتۇ. بۇ، غازلار رىملىقلار دۆڭلۇكتىكى ئايال خۇدا ئىبادەتخانىسىغا سەدىقە ئۈچۈن بەرگەن غازلار ئىكەن. دۆڭلۈكتە يىمەكلىك ناھايىتى قىس ئىكەن، شۇڭا كۆپچىلىك ئۇلارنى باققان بولسىمۇ، تويغىچە دان بېرەلمەپتۇ. يەنە كېلىپ ئوڭاي ئۈركۈيدىغان بولۇپ قېلىپتۇ. شۇڭا گائۇللارنىڭ يېقىنلىشىپ قالغان تىۋىشلىرىنى ئاڭلاپلا غاقىلداپ كېتىپتۇ. ئاق غازلارنىڭ غاقىلدىشى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ھاكىمدار مەللىلئۇسنى ئويغىتىۋېتىپتۇ. ئۇ ئۇچقاندەك چېپىپ يارىڭ قېشىغا بېرىپ بىرىنچى بولۇپ چوققۇغا چىقان گائۇللۇقنى نەيزە، قالقان بىلەن ئىتتىرپ ھاڭغا چۈشۈرۈۋېتىپتۇ، كەينىدىنلا خەنجەرنى ئىككىنچى گائۇللۇقنىڭ كوكرىكىگە سانجىپتۇ. موللاق ئېتىپ چۈشكەن گائۇللۇق يەنە بىر نەچچە گائۇللۇقنى دومىلىتىۋېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ مەللىئۇس ۋاقىت جەھەتتە ئۇتۇۋېلىپتۇ. ئاق غازلارنىڭ غاقىلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان رىم لەشكەرلىرى كەينى _ كەينىدىن يېتىپ كېلىپ، ئۇزۇن نەيزە، تاش ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن گائۇللارنى جىلغىغا چۈشۈرۈۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دوڭلۈك ئامان قىلىپتۇ. تاڭ ئاتقاندا، دۆڭلۈكنى ساقلاپ ياتقۇچىلار بىر جايغا توپلىنىپتۇ. زېرەك، باتۇر مەللىئۇس بىر كۈنلۈك ئوزۇقلۇق ۋە مەي بىلەن مۇكاپاتلىنىپتۇ. كېيىنچە يەنە «كاپتولىدىكى مەللىئۇس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولۇپتۇ. شۇ كېچىسى دوڭلۇكنىڭ قاراۋۇللۇق ئىشىغا مەسئۇل بولغان كوماندىرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ھاڭدىن ئىتتىرىۋېتىلىپتۇ. گائۇللار كاپتولىدىكى دۆڭلۇكنى يەتتە ئاي قورشىغان. رىملىقلار ھەر خىل ئازاپلارنى چەككەن بولسىمۇ، لېكىن باشتىن _ ئاخىر دۆڭلۈكنى ساقلاپ قالغان، كېيىن گائۇللارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان، ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئارقىلىق گائۇللار 1000 سەر ئالتۇن تۆلەپ ئېلىپ رىمدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. ئاق غازلارنىڭ غاقىلدىشى ئارقىسىدا كاپتولى دۆڭلۈگى قەد كۆتىرىپ تۇرۇپ، باشتىن _ ئاخىر قولدىن كەمىگەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن «ئاق غازلار رىمنى قۇتقۇزۇپ قالدى» دېگەن سۆز رىملىقلاردا ماقال بولۇپ قالغان. ئاق غازلارنىڭ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ھەر يىلى كۈنلەرنىڭ بىرىدە، رىملىقلار داغشدۇغىلىق تۈردە ئاق غاز كوتىرىپ نامايىش قىلغان ھەمدە ئاق غازنى «مۇقەددەس غاز» دە ئاتاپ، ئۇنىڭ شەنىگە تەنتەنە قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ