فاشىست تايىغى
بەش مىڭ يىل
فاشىست دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئىتالىيىلىك مۇسۇلىن ۋە گېرمانىيىلى گىتلېرنىڭ ۋە ھشىلىكىرى كېلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، فاشىست دېگەن سۆز قەدىمىي سۆز بولۇپ، بۇ سۆز مىلادىدىن ئىلگىرى 6 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمدىن تارتىپلا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، رومۇل رىمغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن ھېساپلىغاندا، 200 يىلدىن كېيىن، ھوقۇق سېرۋىئۇس دېگەن ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتكۈن. ئۇ رىملىقلارنى مال _ مۈلۈكىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ بەش تەبىقىغە ئايرىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 100 كىشىلىك بېغىن تەسىس قىلىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغان. بۇ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى بىرىنچى تەبىقىدىكى كاتتا بايلاردىن بولغان، شۇنىڭ بىلەن رىمنىڭ سىياسى تۇزۇلمىسى بارا - بارا قۇللۇق تۈزۈمىدىكى دۆلەتكە ئۆتكەن.
سېرۋىئۇسنىڭ ئاچكۆز، مىجەزى يامان بىر قىزنى بار ئىكەن. يالغۇز ئەمەس، جۇپتى بار، دېگەندەك ئۇنىڭ كۈيۇغلى تاركۈنئۇسمۇ قارا نىيەت ئادەم ئىكەن. ئەر _ خوتۇن مەسلىھەتلىشىپ سېرۋىئۇستىن پادىشاھلىقنى تارتىۋالماقچى بولۇپتۇ.
بىر كۈنى تاكۇنىئۇس پەيت كەلدى دەپ قاراپ، شۇ زامانلادا پادىشاھلار كىيىدىغان قىزىل ئۆتۈك ۋە قىزىل خالاتنى كېيىپ، بىر تۈركۈم قوراللىق ياساۋۇللارنى باشلاپ، رىم شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى مەيدانغا كېلىپ، كۆرەڭلىگەن ھالدا ئاقساقاللار مەھكىمىسىگە كىرىپ پادىشاھنىڭ تەختىراۋىغىدا ئولتۇرۇپتۇ.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان سېرۋىئۇس غەزىۋى ئۆرلەپ، پايپاسلاپ كېلىپ، ئەيپلەپتۇ:
_ تاركۇنئۇس، بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ مەن ھايات تۇرۇپ سەن قانداقسىگە تەختىراۋاقتا ئولتۇرىسەن؟
ئۇ سۆزلەپ بولۇپ، پەلەمپەيگە چىقىپ تار كۈنىئۇسنى تەختىراۋاقتىن سۆرەپ چۈشمەكچى بولۇپتۇ.
تاركۇنىئۇس مىيىغىدا كۈلۈپتۇ _ دە، سېرۋىئۇسنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ، ئۇنى قاتتىق ئىتتىرىۋېتىپتۇ. سېرۋىئۇس ئورنىدىن تۇراي دەپ تۇرسا، تار كۇنىئۇسنىڭ چوماقچىلىرى ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنى شۇ يەردىلا ئۆلتۈرۈپ قوپتۇ ھەمدە جەسەتنى كوچىغا تاشلىۋېتىپتۇ.
بۇ قىلغىنى ئۈچۈن تاركۇنىئۇسنىڭ خوتۇنى بىرىنچى بولۇپ كېلىپ تەبرىكلەپتۇ. خوتۇنى ھارىۋىغا چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگىچە ھارىۋىكەش تۇيۇقسىزلا ھاڭ _تاڭ بولۇپ ھارىۋىنى توختىتىپتۇ، ئەسلىدە يول ئۈستىدە سېرۋىئۇسنىڭ جەسىدى تۇرغان ئىكەن. تاركۇنىئۇسنىڭ خوتۇنى ئىنسان فېلىپىدىن ھەيدەپ ئۆتۈشكە بۇيرۇپتۇ.
تاركۇنىئۇس پادىشاھ بولغاندىن كېيىن ئىنتايىن زالىملىق قىلىپ ھەممىگە ئۆزى خوجايىنلىق قىلىپتۇ. بىراق، باشقىلارنىڭ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئۆزىگە تاقابىل تۇرۇشىدىن بەك قورقۇپتۇ. شۇڭا تولىمۇ گۇمانخور بولۇپ قېلىپ، ھە دېسىلا ئۆزى ياقتۇرمايدىغانلارنى رەھىمسىز تۇردە ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۇ ھەربي خىزمەت كۆرسەتىشكە ھەۋەس قىلىدىكەن. شۇڭا بارغانلار يېرىدە ئۇرۇش قىلىپتۇ ھەمدە كەڭ تۈردە قۇرۇلۇش قىلىپ ئۆز شەھىرىنى زىننەتلەپتۇ. ئۇدا داۋام قىلغان ئۇرۇش، ئېغىر ئالۋاڭ _ ياساق ۋە قانلىق قىرغىنچىلىق كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپتۇ.
تاركۇنىئۇس رىمدىكى ئەڭ باي بىر ئاقسۆڭەككە ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپتۇ. پەقەت ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى روكىنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. روكى ئاستا _ ئاستا چوڭ بولۇپ، ئاخىر تاركۇنىئۇسنىڭ دادىسى ۋە ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. پۇرسەت تېپىپ ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ساراڭ بولۇۋېلىپتۇ. تار كونئۇس ئۇنىڭ ساراڭلىقىغا شەكسىز ئىشىنىپ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماپتۇ.
تاكۇنىئۇسنىڭ ئوغلى بىر كۈنى دادىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، خەلقى _ ئادلەم ئالدىدا رىمدىكى بىر مەرتىۋىلىك ئايالنى بوزەك قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ غەزىپىنى قوزغاپتۇ. كىشىلەر تاركۇنىئۇس ئائىلىسىنىڭ زالىملىقى، ياۋۇزلۇقىغا چىش _تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ، تەرەپ _تەرەپتىن قورال ئېلىپ تاركۇنىئۇسقا قارشى چىقىپتۇ. روكى ساراڭ بولۇۋېلىشنى ئاياقلاشتۇرۇپتۇ. ئۇ خەلق قۇرۇلتىيىدا نۇتۇق سۆزلەپ، تاركۇنىئۇسنىڭ قېيىناتىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ھارۋىنى ئۆز دادىسىنىڭ جەسىدىدىن ھەيدەپ ئۆتكەنلىكى، شۇنىڭدەك خەلىققە خىلمۇ _ خىل ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى سالغانلىقى قاتارلىق جىنايەتلىرىنى بىر - بىرلەپ پاش قىلىپتۇ. كوپچىلىك روكىنى قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى قىلىپ سايلاپتۇ. خەلق قۇرۇلتىيى تار كۇنىئۇسنى ھوقۇقتىن مەھۇم قىلىشنى ھەمدە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى رىمدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلىپتۇ. بۇ چاغدا تاركۇنىئۇس شەھەر سىرتىدىكى بار گاھتا ئىكەن. شەھەردە ۋەقە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ دەرھال قايتىپتۇ. روكى بىر ئەترەت پىدايىلارنى باشلاپ باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىپتۇ. تاركۇنىئۇس چۈشۈپ قالغان دوپپىسىغا قارىماي قېچىپتۇ. ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، بۇ ۋەقە مىلادىدىن ئىلگىرى 510 - يىلى يۈز بەرگەن ئىكەن.
رىملىقلار تاركۇنىئۇسنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن يېڭى پادىشاھ تۇرغۇزماسلىقىنى بەلگىلەپتۇ. شۇنڭدەك، تەنتەنىلىك تۈردە، شەخسى مۇستەبىتلىك قىلغۇچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ جاكارلاپتۇ. ئۇلار ئىككى باشلىق سايلاپ پادىشاھنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپتۇ. بۇلارنى دەسلەپتە ھەربى، مەمۇرىي ئەمەلدارلار دەپ ئاتاپتۇ، كېيىن ھاكىمىدار دەپ ئاتاپتۇ. بۇنداق ئەمەلدارلارنىڭ مائاشى يوق ئىكەن، لېكىن ناھايىتى يۇقۇرى ئابرۇيدىن بەھرىمەن بولدىكەن، رىملىقلار، ھەتتا يىللارنىڭ نامىنى شۇلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتايدىكەن.
ھاكىمدارنىڭ 12 ياساۋۇلى بار ئىكەن. ياساۋۇللارنىڭ مۈرسىدە بىر باغلام ئادەم ئۇرىدىغان تاياق بار ئىكەن. بۇ تاياقنىڭ ئارىسىغا بىر پالتا قىستۇرۇلغان ئىكەن. بۇ دۆلەتنىڭ ئالى ئەمەلدارىنىڭ ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى ئىكەن. بۇنداق تاياق «فاشىست» دەپ ئاتالغلان. ھاكىمدار ئادەتتە رىمنىڭ ھۆكۈمرانى ۋە قازىسى بولىدىكەن. ئۇرۇش ۋاقتىدا رىم ھوقۇقى چەكلەنگەن ئىكەن: ئىككى ھاكىمدارنىڭ ھوقۇقى تەڭلا ئىكەن. بىرسى يەنە بىرسىنىڭ بۇيرۇغىنى ھەر قانداق چاغدا بىكار قىلالايدىكەن؛ ھاكىمدار بولۇش مۇددىتى بىر يىللا بولۇپ، مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئاددى پۇقرا بولىدىكەن؛ كىشىلەرنىڭ ھاكىمدارلانىڭ بۇيرۇقىغا پىكرى بولسا، خەلق قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاقساقاللار مەھكىمىسىدىكى 300 نەپەر ئاقساقال خىزمەتتىن چېكىنگەن ھاكىمدار ۋە ئۇرۇقداشلار ئىچىدىكى مۆتىۋەرلەردىن تەركىپ تاپقان ئىكەن، ئاقساقاللار مەھكىمىسى دۆلەتنىڭ مالىيە، دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى ۋە ئىشغال قىلىنغان رايونلارنى ئىشلىرىنى باشقۇرىدىكەن، ھەممە قانۇنلارنى تەستىقلايدىكەن. خىزمەتچىلەرنى سايلايدىكەن. ھاكىمدارلار بىلەن ئاقساقاللار مەھكىمىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى جۇمھۇرىيەت بولۇپ قالغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى ھاكىمدارى تاركۇنىئۇسنى ئاغدۇرۇۋېتىشتە زور خىزمەت كۆرسەتكەن كىشى روكى ئىكەن.
ھېلىقى جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان تاركۇنىئۇس قوغلىۋېتىلگەندىن كېيىن، قولىدىن كەتكەن ھوقۇقنى قايتۇرۇۋېلىش قەستىدە بولۇپ يۈرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى كۈچى يېتەرلىك بولمىغاچقا، رىمنىڭ بەزى ئاقسۆڭەك ياشلىرىنى جۇمھۇرىيەتكە قارشى چىقىشقا قۇتراتقان. بۇ ئاقسۆڭەك ياشلار تاركۇنىئۇس لەشكەر تارتىپ كەلگەن چاغدا رىم شەھرىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ بېرىپ ئىچىكى جەھەتتىن ماسلىشىشقا ماقۇل بولغان، لېكىن تاركۇنىئۇسنىڭ سۇيقەستى ئەمەلگە ئاشمىغان، ھوشيار پۇقرالار جۇمھۇرىيەتكە يارىدەملىشىپ بۇ سۇيقەستنى ئېچىپ تاشلىغان. توپلاڭغا قاتناشقان ئاقسۆڭەك ياشلار قولغا ئېلىنغان.
بەختكە قارشى بۇ ئاقسۆڭەك ياشلار ئىچىدە روكىنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە يەنە بىر ھاكىمدارنىڭ ئىككى جىيەنى بالىسى بار ئىكەن. رىملىقلار بۇ ئىككى ھاكىمدارنىڭ تۇغقانلىرى ئىچىدىن چىققان ۋەتەن خائىنلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشقا دىققەت نەزىرى بىلەن قاراپ تۇرۇپتۇ.
بۇ ئىككى ھاكىمدار پۈتۈن شەھەر خەلقىنى مەركىزىي مەيدانغا يىغىپ ۋەتەن خائىنلىرىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا ئۆزلىرى سوراق قىلىپتۇ.
ئاۋال روكى ئىككى ئوغلىنىڭ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغان جىنايەتلىرىنى سوراق قىلىپتۇ. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئۆزلىرىنىڭ سۇيقەستللىك ھەركەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى ئىقرار قىلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ دادىسىدىن كەچۈرۈم سوراپتۇ. كىشىلەر جىددى قىياپەتتە روكىنىڭ ھۆكىمىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.
_ بۇ ئىككىسى جۇمھۇرىيەتكە قارشى تۇرۇشتەك ئېغىر جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزدى، _ دەپتۇ روكى جاراڭلىق ئاھاڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىپ، _ «فاشىست» تايىغى بىلەن ئۇرۇپ ئولتۇرۇش كېرەك! _ ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ، يېنىدا تۇرغان ياساۋۇلغا قاراپ قول ئىشارىتى قىلىپتۇ.
ياساۋۇل دەرھال مۇسىدىن تاياقنى _ «فاشىست» نى ئېلىپ، بۇ ئىككى جىنايەتچىنى گۆشلىرى تىتىما _ تىتما بولۇپ كەتكىچە دۇمبالاپتۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلارنى يۈكۈندۇرۇپ، «فاشىست» تىكى پالتىنى چىقىرىپ، شۇ يەردىلا بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپتۇ. مۇشۇ ئىشلار بولۇۋاتقاندا، روكى ئورۇندۇقتا بىمالال ئولتۇرۇپ، ئۆتكۈر كۆزى بىلەن نەزەر سېلىپتۇ. ھەتتا بېشىنى مىدىرلىتىپمۇ قويماپتۇ.
ئەمدى نۆۋەت يەنە بىر ھاكىمدار ئۆزىنىڭ ئىككى جىيەن بالىسىنى سوراق قىلىش ۋە ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىشقا كېلىپتۇ. بۇ ھاكىمداردا روكىغا ئوخشاش مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ئادالەت يولىدا قوۋم _ قېرىنداشلىرىدىن كېچىش جاسارىتى بولمىغاچقا، ئىككى نەۋرىسىنى ئۆلۈم جازاسى ئورنىدا رىمدىن قوغلىۋېتىشنى تەكلىپ قىلىپتۇ.
_ ياق، _ دەپتۇ رۇكى قىلچىمۇ تەۋرەنمەي، _ بۇ ئىككى خائىننىمۇ ئاۋال «فاشىست» بىلەن دۇمبالاپ، ھېلىقى شەخسى مەنپەئىتىنى دەپ تۇغقانلىرىغا يان باسقان ھاكىمدار روكىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن رىمدىن قوغلىنىپتۇ.