UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭدرېيفۇس ئەنزىسى

درېيفۇس ئەنزىسى

بەش مىڭ يىل 1894 - يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، فرانسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى باش مەسلىھەتچىلەر شتابى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇقىغا قارشى تۇرۇش باشقارمىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى ھۆججەت قىسقۇچنى مەزكۇر باشقارمىنىڭ باشلىقى زاندالغا تاپشۇردى. - باشقارما باشلىقى، بۇ شىۋازكوبېنغا يوللانغان ئالاقە، بىز تەرەپنىڭ ئاخبارات خادىملىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلدى. شىۋازكوبېن گېرمانىيىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى ئىدى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان فرانسىيىنىڭ بىر يۈرۈش مەخپىي ھۆججەتلىرى قانات ياسىغاندەك ئۇچۇپ كېتىۋاتقاچقا، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش باشقا باشقارمىسىدىكىلەر شىۋازكوبېندىن گۇمانلىنىپ يۈرگەن ۋە ئالاھىدە ئاخباراتچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ خەت - چەكلىرىنى قامال قىلىش چارىسىنى قوللانغانىدى، مانا ئەمدى دېگەندەك قولغا چۈشۈرگەچكە، زاندال پلكوۋنىك ھۆججەت قىستۇرغۇچنى ئاجايىپ تېزلىكتە ئاچتى - دە، خەتنى ئوقۇدى. خەتكە: >يۈز تۇرا كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغانلىقىمدىن ئۇشبۇ ئالاقىنى ئەۋەتتىم. كېرەكلىك ئاخباراتلارغا مەرھەمەت قىلغايسىز، تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە...< دەپ يېزىلغانىدى. تىزىملىككە يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى فرانسىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئائىت مەخپىي ئاخباراتلار ئىدى. ئەمما، بۇ ئىش قەغىزىگە ئىمزا قويۇلمىغان بولۇپ، كىمنىڭ يازغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىدى. پولكوۋنىك بۇنى كۆرۈپ بولۇپلا ھۆججەت ئەكەلگۈچىگە: - باشقارمىنىڭ ئىككى مۇئاۋىن باشلىقىنى دەرھال بۇ يەرگە چاقىرىڭ! - دېدى. پولكوۋنىك ھېنرى بىلەن دېپپات ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ، پولكوۋنىك زاندالنىڭ ئالدىغا ھازىر بولدى. ھېنرى خەتنى كۆرۈپلا قاتتىق چۆچۈپ كەتتى - دە، ئەنسىزلىكتىن ئولتۇرالمىدى. چۈنكى بۇ خەتنىڭ پۇچۇركىسى ئۇنىڭ قەدىناس دوستى پولكوۋنىك ئاستىراچنىڭ ئىدى! ئاستىراچ ئەسلىدە ئاخبارات باشقارمىسىدا نېمىس تىلى تەرجىمانى بولغان. بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى يىڭجاڭ بولغان، ھېنىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان شەخسىي ئالاقىسى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى. بۇ ئادەم شەخسىي تۇرمۇشتا چىرىپ، ئىچىش - چېكىش ۋە قىمارۋازلىققا جېنىنى بېرىدىغان بولۇپ كەتكەن ھەمدە ھەددىدىن زىيادە بەتخەجلىك قىلىپ، ئېغىر قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەچە، ئىككى ئاي ئىلگىرى شىۋازكوبېنغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەربىي ئاخباراتنى ساتقان. ھېنرى قازان قارىسىنىڭ ئۆزىگە يۇقۇپ، ئىستىقبالىغا دەخلى يېتىشىدىن قورققاچقا، يالغاندىن بىلمىگەن بولۇۋېلىپ، زانداللار بىلەن بىرلىكتە بۇ مەلۇماتنى يازغان ئادەمنى پەرەز قىلىشقا چۈشتى. پەرەز قىلىشلار ئارقىسىدا، ئۇلار ئۆكتەملىك بىلەن: ئاخباراتنى يەتكۈزگۈچى يەھۇدىي پراكتىكانت پورۇچىك درېيفۇس دەپ ھۆكۈم قىلدى. درېيفۇس باي بىر بۇرژۇئا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ھەربىي ئىنىستىتۇتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەنلىكتىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش مەسلىھەتچىلەر شتابىغا پراكتىكىغا تاللاپ ئەۋەتىلگەن. ئۇ باش مەسلىھەتچىلەر شتابىغا كەلگەندە، پولكوۋنىك زاندال ئۇ بىر يەھۇدىي بولغاچقا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان كەلتۈرگۈچى خەۋپلىك ئادەم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ، رەسمىي قارشى تۇرغان، مان ئەمدى، زاندال ئۇنى گۇمان ئوبېيكتى قىلىپ، دەرھال قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مىنىستىرىغا مەلۇم قىلدى. بۇ چاغدا، فرانسىيە ھۆكۈمىتى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغان ئار - نومۇسنى ئاقلاش كويىدا گېرمانىيىگە >قىساس ئېلىش< ئۇرۇشى قوزغاشقا تەييارلىنىۋاتقاچقا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جاسۇسلۇق ۋە ۋەتەنگە ئاسىيلىق جىنايىتى بار درېيفۇسنى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق قىلدى. درېيفۇسنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىش ئۈچۈن، يەنە بىر - نەچچە پۇچۇركىچى مۇتەخەسسىسىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ئالاقىگە يېزىلغان خەتنىڭ پۇچۇركىسىغا باھا بەرگۈزدى. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ئاخىرىدا: ماددىي ئىسپات تولۇق ئەمەس دېگەن يەكۈننى چىقاردى. بۇ چاغدا، ھەربىي دائىرىلەر درېيفۇسنى قولغا ئېلىشتا يەڭگىللىك قىلغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىر،شەخسەن ئۆزى قارار قىلغاچقا، ھەربىي دائىرىلەرنىڭ ئابرويىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بۇ ئەنزىنى خاتا پېتىلا قويۇۋېتىۋەردى. تاكى 12 - ئايغىچە سۈرگەندىن كېيىن، ھەربىي سوتتا مەخپىي سوراق ئاچتى. سوراق ئۈستىدە سوراقچىلاردىن باشقا، پەقەت جاۋابكار درېيفۇس ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى، ساقچى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرىنىڭ كۆزەتكۈچىسى پولكوۋنىك پىكال قاتارلىق تۆت كىشىلا بار ئىدى. 1 - كۈندىكى سوراقتا، درېيفۇس تولۇق سەۋەب كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ خەتتىكى ئاخباراتلارنىڭ كۆپ قىسمىنى قىلچىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى، ئەنزە پەيدا قىلىشقا زادىلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ كۈندىكى سوراقنىڭ نەتىجىسى دەۋاگەرگە ناھايىتى پايدىسىز بولۇپ چىقتى. سوتنىڭ دەلىل تولۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن درېيفۇسنى بىگۇناھ دەپ جاكارلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن بولۇپ قالدى. پولكوۋنىڭ پىكال تۈز كۆڭۈل ئادەم بولغاچقا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرىغا دوكلات قىلغاندا، پاكىتقا ئاساسەن بۇ ئەنزىنى تۇرغۇزۇش ناھايىتى قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئاستراچقنى غەرەزلىك قانات ئاستىغا ئېلىۋاتقان پولكوۋنىك ھېنرى ئىشنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزى سوتقا كىرىپ، درېفۇسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: >جاسۇس دەل مۇشۇ!<، - دېدى ھەمدە ئوفتسېرلىق نامى بىلەن دەلىلنىڭ راستلىقىغا قەسەم ئىچتى. ھېنرى قەسەم ئىچكەندىن كېيىنلا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى يەنە بىر >مەخپىي دىلو< ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، بۇرۇن پاش قىلىنمىغان بىر نەچچە مەخپىيەتلىك ئوغرىلاش ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسىنى رېېيفۇسقا دۆڭگىدى ۋە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پولكوۋنىك دېپپات ئويدۇرۇپ چىقارغان >جىنايى پاكىت< ماتېرىياللىرىنىمۇ ئۇنىڭغا ئارتىپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ھەربىي سوتنىڭ قانۇنچىسى بىردەم درېيفۇسنى جىنايەتچى دەپ ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەردى ۋە ئارمىيىدىكى تۈرمىگە ئۆمۈرۋايەتلىك قامىدى. ھەربىي دائىرىلەردىكى ئەكسىيەتچى زاتلار بۇنى بانا قىلىپ تۇرۇپ، يەھۇدىيلارغا قارشى ھەرىكەت قوزغىدى. گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تەشۋىق قىلدى. 1895 - يىل 1 - ئايدا، ھەربىي ئىنىستوتىنىڭ مەيدانىدا، جامائەتنىڭ ئالدىدا درېيفۇسنىڭ ئارمىيىدىكى ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. درېيفۇسنىڭ پاگون - كاكارلىرىنى، بەلبېغىنى، ئوردېنلىرىنى سۆكۈپ ئېلىۋەتتى، ھەربىي قىلىچىنىمۇ سۇندۇرۇپ تاشلىۋەتتى. ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇنى جازا ئۇرنىغا ئاپاردى. شۇ يىلى 7 - ئايدا، پولكوۋنىك زاندال پېنسىيىگە چىقتى. پودپولكوۋنىكلىققا كۆتۈرۈلگەن پىكال جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ فرانسىيىنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكى ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلىنىپ تۇردى. بىر قېتىم، ئاخبارات ئورۇنلىرى گېرمانىيىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى شىۋازكوبېننىڭ فرانسىيە ئەمەلدارى ئاستىراچ مايورغا يازغان ئاددىي خېتىنى قولغا چۈشۈردى. بۇنداق ئىشلارنى ئەسلىدە باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھېنرى بىر تەرەپ قىلاتتى، ئۇ رۇخسەت سوراپ كېتىپ قالغانلىقتىن بۇ خەت بىۋاستە پىكالنىڭ قولىغا چۈشتى. پىكال ئادەت بويىچە ئاستراچنىڭ دىلوسىنى كۆرۈپ چىقتى. - بۇ خەت ئاجايىپ تونۇشلۇققۇ! - دەپ ئەندىكتى پىكال ۋە ئاستراچنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان بىر پارچە دوكلاتىنى كۆرۈپ بېقىپ، ئۆزىگە - ئۆزى: >بۇ خەتنىڭ پۇچۇركىسى درېيفۇس ئەنزىسىدىكى ئاشۇ خەتنىڭ پۇچۇركىسىغا بەئەينى ئوخشايدىغۇ!< - دېدى. ئۇ دەرھال درېفۇسنىڭ دىلوسىدىكى ھېلىقى خەتنى ئېلىپ بۇ خەتكە سېلىشتۇرۇۋېدى، دەرۋەقە پۇچۇركىسى تامامەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى! ئارقىدىنلا ئۇ >مەخپىي دىلو< نى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۇنىڭدىكى ماتېرىياللارنىڭ جىنايەتنى بېكىتىشكە زادىلا ئاساس بولالمايدىغانلىقىنى سېزىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئاستراچنىڭ ئاشۇ خەتنى يازغان ئادەم ئىكەنلىكىگە، گېرمانىيىلىك ھەربىي ئەمەلدار بىلەن ناھايىتى گۇمانلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىگە، درېيفۇسقا ئۇۋال قىلىنغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىندى. پىكال بۇ زور بايقاشنى مۇئاۋىن شتاب باشلىقىغا دوكلات قىلدى ھەمدە ئۇنىڭدىن بۇ ئەنزىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئۆتۈندى. كۈتۈلمىگەندە، مۇئاۋىن شتاب باشلىقى ئارمىيىنىڭ شان - شۆھرىتىگە زور زىيان يېتىشىدىن قورقۇپ، ئاستراچنى قولغا ئېلىشنى رەت قىلدى ھەمدە پىكالغا بۇ سىرنى پاش قىلىپ قويماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. پىكال بۇ جەھەتتىكى پايدا - زىياننى يۇقىرىغا تەكرار چۈشەندۈرۈپ، بۇ خاتا ئەنزىنى ۋاقتىدا تۈزىتىش تەلىپىنى بەردى، ئەمما ئۇنىڭ توغرا پىكرى زادىلا قوبۇل قىلىنمىدى. ئۇزاققا بارمايلا ئۇ خىزمىتىدىن يۆتكىۋېتىلىپ، چەت ئەلگە ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتىلدى. پىكان: >مەن بۇ سىرنى ھەرگىزمۇ گۆرگە ئېلىپ كەتمەيمەن< دېگەن ئىرادىگە كەلدى. يېرىم يىلدىن كېيىن، پىكالغا بىر نەچچە كۈنلۈك دەم ئېلىش ئۈچۈن پارىژغا كېلىشكە رۇخسەت قىلىندى. ئۇ بىر ئادۋوكاتقا بۇ ئەھۋالنىڭ ئەينىنى سۆزلەپ بەردى ۋە ئادۋوكاتقا ئەھۋالنىڭ ئەينىنى پارلامېنتتىكى بۇ ئەنزىگە كۆڭۈل بولىدىغان ئىشەنچلىك زاتلارغا ئېيتىشقا ھوقۇق بەردى. ئۇزاققا بارمايلا، ئاستراچنىڭ خەت پۇچۇركىسى، درېيفۇسنىڭ بەختسىزلىككە يولۇققانلىقىغا ھېسداشلىقى بار كىشىلەر تەرىپىدىن تونۇۋېلىندى، شۇنىڭ بىلەن درېيفۇسنىڭ ئايالى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرىغا خەت يېزىپ، درېيفۇس ئەنزىسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى رەسمىي تەلەپ قىلدى ھەمدە ئاستراچ ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى؛ پىكال سوتقا چىقىپ ئىسپاتلىق بولۇشقا تەييارلاندى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، شەرمەندە ھېنرى مىڭبىر چارىلەر بىلەن درېيفۇسنىڭ جىنايەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئۇ يەنە بىر قېتىم بىر ئويدۇرما خەتنى >مەخپىي دىلو< غا سېلىپ قويدى، ھەتتا درېيفۇسنىڭ گېرمانىيە پادىشاھىغا يازغان خېتى ۋە گېرمانىيە پادىشاھنىڭ درېيفۇسقا يازغان جاۋاب خەتلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، بۇ خەتلەر ئارقىلىق درېيفۇسنڭ ھەقىقەتەن گېرمانىيىنىڭ جاسۇسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى ھەقىقىي جاسۇس ئاستراچ ئىكەنلىكىنى كۆڭلىدە ئوبدان بىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا تېنىم ئاجىز دەپ خىزمەتتىن چېكىنىپ دەم ئېلىشقا ئىلتىماس يېزىشقا مەخپىي تاپشۇرۇق بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئاستراچ قانۇن سىرتىدا ئەركىن لەيلەپ يۈرۈيدىغان بولۇۋالدى. درېيفۇسنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغاندا، ھەربىي دائىرىلەر يەنە ئۇنىڭ توخۇ يۈرەكلىك قىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىدىن ياكى چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ھېنرى قاتارلىق كىشىلەرنى ئۇنىڭغا سوراقتا ئۆزىنى ئاقلايدىغان تېكىست تۈزۈپ بېرىشكە ئەۋەتتى. راست دېگەندەك، ھەربىي سوت ئاستراچنى گۇناھسىز دەپ جاكارلاپ قويۇۋېتىپ، بۇنىڭ ئەكسىچە سوتقا چىقىپ گۇۋاھچىلىق قىلغان پودپولكوۋنىك پىكالنى >تۆھمەت چاپلىغان جىنايىتى< بىلەن قولغا ئالدى، قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن يەنە ھەربىيلىك سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىدى. يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن فرانسىيىدە درېيفۇسنى قوتقۇزۇشنى دەۋر قىلغان ھالدا دېموكراتىيىنى قوغداش يولىدا ھەيۋەتلىك ئىجتىمائىي ھەرىكەت قوزغالدى. پىكال كۈرەش داۋامىدا تېخىمۇ قەتئىيلەشتى. ئۇ ھۆكۈمەت زۇڭلىسىغا خەت يېزىپ، درېيفۇس دىلوسىغا يېزىلغان >جىنايى پاكىتلار< نىڭ ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى ئار - نومۇس دەردىدە غەزەپ بىلەن پىكالنى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق قىلدى؛ ئەمما، يەنە >جىنايى پاكىتلار< نى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە بۇيرۇق قىلىشقىمۇ مەجبۇر بولدى. >جىنايى پاكىتلار< نى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە تەيىنلەنگەن بىر ستارشىي لېيتېنانت بۇ ئەنزىگە ئەزەلدىن قول سالمىغانىدى. ئۇ ھېنرىنىڭ ئويدۇرمىچىلىق ئالامەتلىرىنى ئىنتايىن تېزلىكتە سېزىۋالدى. ھېنرى ھەقىقىي جىنايى پاكىتلار تېنىۋېلىشقا ئامال قىلالماي، ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولدى ۋە نەق مەيداندا قولغا ئېلىنىپ، ئەتىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ۋەزىيەت ناھايىتى تېزلىكتە پەسىيىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى قاتارلىق ئۈچ نەپەر گېنېرال ھالى خاراب ھالدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. 1899- يىل 8 - ئايدا، ھەربىي سوت يەنە سوت ئېچىپ، درېيفۇس ئەنزىسىنى يېڭىباشتىن تەكشۈردى. ھەممەيلەن بىردەك، سوت ئەمدى درېيفۇسنى گۇناھسىز دەپ جاكارلاپ قويۇپ بېرىدۇ، دەپ قارىغانىدى. كۈتۈلمىگەندە سوت يەنىلا درېيفۇس جاسۇسلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ قاراپ، ئون يىللىق مۈشكۈل ئەمگەك قىلىشقا ئۆزگەرتىپ ھۆكۈم قىلدى. بۇ ھۆكۈم مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى ساھەلەردىكى زاتلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى ھەمدە دۇنيانىڭ باشقا ئەللىرىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. قارشى پىكىردىكى تېلېگراممىلار ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ تۇردى، بىر مۇنچە ئەللەردە فرانسىيىگە قارشى نامايىش بولدى. ھەيۋەتلىك دېموكراتىيە كۈچلىرى ئالدىدا، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭلى يىغىشتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىشىدىن قورقۇپ، ھۆكۈمنى ساقلاپ قېلىش پرىنسىپى ئاستىدا، باش خاننىڭ نامى بىلەن درېيفۇسنى كەچۈرۈم قىلىشنى جاكارلاشتىن ئىبارەت كېلىشتۈرۈش يولى بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. درېيفۇس ئالاھىدە كەچۈرۈمنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، باش خانغا مۇنداق خەت يازدى: >جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئەركىنلىكىمنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بىراق، ئابرويۇمنى يوقاتقان بۇ ئەركىنلىكنىڭ ماڭا قىلچە ئەھمىيىتى يوق. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن مېنى تاكى ھازىرغىچە زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقان دەھشەتلىك ئەدلىيە خاتالىقىنى تۈزىتىشكە داۋاملىق تىرىشىمەن<. شۇنىڭدىن كېيىنكى يەتتە يىل ئىچىدە درېيفۇس ھەر قايسى ساھەدىكى زاتلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئابرويىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلدى، 1906 - يىل 6 - ئايغا كەلگەندە، قايتا تەكشۈرۈشنى قەتئىي قوللاپ كېلىۋاتقان رادىكلار داھىيىسى كېلىمانسا زۇڭلى بولغاندىن كېيىن، درېيفۇس ئەنزىسى ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا ھەل قىلىندى. شۇ يىلى 7 - ئايدا ئالىي سوت درېيفۇسنى گۇناھسىز دەپ جاكارلىدى، 12 يىل ئۇۋالچىلىق تارتقان درېيفۇسنىڭ نامى ئاخىر ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. درېيفۇس مايورلۇققا كۆتۈرۈلدى ھەمدە بورۇن ئارمىيىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي ئىنىستىتوتنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا شەرەپلىك ئارمىيە ئوردېنى تاپشۇرۇۋالدى. پىكال پودپولكوۋنىك ئارمىيىگە يېڭىباشتىن قايتىپ، گېنېرال برىگادىرلىققا كۆتۈرۈلدى ھەمدە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئۈسىتگە ئالدى. 1930 - يىلى، گېرمانىيىنىڭ بۇرۇن فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارى شىۋاز كوبېننىڭ ئەسلىمىسى >درېيفۇس ئەنزىسىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى< نەشىردىن چىقتى. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە تەرىپىدىن درېيفۇسنىڭ بىگۇناھ پاك ئادەم ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. شۇ يىلى 6 - ئايدا، شۋازكوبېننىڭ ئايالى بۇ ئەسلىمىنى درېيفۇسقا ئەۋەتتى ۋە قوشۇمچە خېتىدە: ئېرىم ئىزچىل تۈردە درېيفۇسنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى ئويلاپ يۈرگەنىدى، ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىمكانىيەت بەرمىدى، دەپ يازدى. بۇ كىتابتا يەنە شىۋازكوبېن بىلەن ئاستراچ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مەخپىي ئالاقىلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنىپ، شۇ ئاساستا درېيفۇس ئەنزىسىدىكى بەزى ئىنچىكە تەرەپلەرمۇ ئېنىقلاندى. درېيفۇس ئەنزىسى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىنكى فرانسىيە ئىچكى سىنىپىي زىددىيىتىنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنى مەركەزلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى ۋە بۇرژۇئا دېموكراتىيىسىنىڭ ساختىلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ