UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭكازاكلارنىڭ خېيلۇڭجياڭغا كېلىشى

كازاكلارنىڭ خېيلۇڭجياڭغا كېلىشى

بەش مىڭ يىل 17 - ئەسىردىن كېيىن، روسىيە زېمىنىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالدى. ئۇنداق بولسا، شۇ كەملەردىكى روسىيە قانداق ئىدى؟تۆۋەندىكى ھېكايىلەرنى ئوقۇڭلار: ئۇسسۇرى دەرياسى بىلەن خېيلۇڭجياڭ دەرياسى قوشۇلىدىغان جاينىڭ شەرقىدە خاباروۋسكى دېگەن بىر شەھەر بار. بۇ شەھەرنىڭ بۇرۇنقى نامى بولى بولۇپ، جۇڭگوغا تەۋە ئىدى. مىلادى 1860 - يىلى >بېيجىڭ شەرتنامىسى< ئىمزالانغاندىن كېيىنلا، ئۇنى چارروسىيە بۆلۈۋالدى. >خاباروۋسكى< دېگەن شەھەرنىڭ نامى تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەر>خاباروۋ<دېگەن كىشىنىڭ نامىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ. خاباروۋ دېگەن كىم؟ئۇ، 17 - ئەسىردىكى روسىيە كازاكلىرىنىڭ >يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنى<نىڭ باشلىقى. خاباروۋنىڭ >يىراققا يۈرۈش قىلىشى< زادى قانداق ۋەقە؟ بۇنىڭ ئۈچۈن گەپنى 1649 - يىلى باھاردىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بوياكوۋ خېيلۇڭخياڭ ۋادىسىنى >ساياھەت< قىلغاندىن كېيىن، روسىيىنىڭ ياكۇتىسكىدىكى ھەربى ئەمەلدارى دەرھال چار پادىشاھقا دوكلات يېزىپ، بۇ يەرنى قوشۇن ئەۋەتىپ بېسىۋېلىش تەكلىپىنى بەردى. ئەمما بۇ ھەربى ئەمەلدارنىڭ قوشۇنى ۋە خىراجىتى ئازلىق قىلاتتى. مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا تۇرغاندا، بىر ئادەم ئۆزلۈكىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، >ئۆز پۇلى< بىلەن >يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن< تەشكىل قىلىپ، خېيلۇڭجياڭنى ئىستىلا قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. - ئۇ كىم؟ - سورىدى ياكۇتىسكىنىڭ ھەربى ئەمەلدارى ئۆزىنىڭ فۇگۇەنىدىن. - ئۇنىڭ ئىسىمى خاباروۋ، - دېدى فۇگۇەن جاۋاب بېرىپ، - ئۇ سىبىرىيىلىك مەشھۇر سودىگەر. - ئۇ شۇنچىۋالا پۇلنى نەدىن تاپقاندۇ؟ - ئۇ بىر چاغلاردا ياۋرۇپالىق بىر رۇسنىڭ تۇز زاۋۇتىدا ئىشلەنگەن يالاڭتۆش ئىكەن. ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا سىبىرىيىگە كېلىپ يۇڭ - تېرە، ئاشلىق ئېلىپ - سېتىپ، بىردىنلا بېيىپ كېتىپتۇ! - بېيىپ كېتىپتۇ دېدىڭما؟ - دېدى ھەربى ئەمەلدار روھلىنىپ، - مەن مۇشۇنداق ئۆمتۈلگەك روھى بار ئەرزىمەتنى ياقتۇرىمەن. - كوماندىر، يەنە مۇنداق بىر ئىش بار...، - دېدى فۇگۇەن دودۇقلاپ، - ئالدىنقى يىلى ئۇ ئوغرىلىق قىلىپ ئىككى يىللىق كېسىلىپتىكەن، تۈرمىدىن يېقىندىلا چىقىپتۇ! - ئۇنداق قىلغان بولسا نېمە بوپتۇ؟ - دېدى ھەربى ئەمەلدار ئورنىدىن تۇرغان پېتى توۋلاپ، - مەن مۇشۇنداق قارام ئادەملەرنى ياخشى كۆرىمەن، ئېيتقىن، ئۇ تېز كىرسۇن! بېشىغا ئۇچلۇق پاپاخ كىيگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ يۈزىنى ساقال باسقان ئىككى كۆزى >غىل - پال< ئويناپ تۇراتتى، ئۇ پەلتۇسىنىڭ يانچۇقىدىن قاتلانغان قەغەزنى چىقىرىپ سۇندى، ۋە: - پۇقرالىرى خېيلۇڭجياڭنى ئىستېلا قىلىش توغرىسىدا تۈزۈپ چىققان پىلان، كۆزدىن كەچۈرگەيلا، - دېدى. - ئولتۇرسىلا! - دېدى ھەربى ئەمەلدار >پىلان< نى قولىغا ئېلىپلا ۋاراقلاپ. - كوماندىر، مەلۇم قىلىدىغان بىر گېپىم بار. - نېمە گەپ؟ - بوياكوۋ جاناپلىرى يۈرۈش قىلغان يول توغرا بولمىغان، پۇقرالىرى يېقىن بىر يولنى تاپتىم، كوماندىر رۇخسەت قىلسىلا تاشقى ھىنگان تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى چار پادىشاھىغا ئىتائەت قىلمىغان كىشىلەرنى بوي سۇندۇرۇىمەن. - قانچىلىك ئەسكىرىڭىز بار؟ - 150 كىشىنى يىغالايمىز، سەپەر خىراجىتى جۈملىدىن ئاشلىق، كېمە، قورال - ياراق، ئوق - دورىنى پۇقرايىڭىز پۈتۈنلەي ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىستېلا قىلىنغانلىكى جايدىن ئېلىنغان يۇڭ - تېرە ۋە تارتۇقلارنىڭ ھەممىسىنى پۇقرايىڭىز پۈتۈنلەي چار پادىشاھقا ۋە ئۆزىڭىزگە سوۋغا قىلىدۇ. - خوپ! پىلانىڭىزنى تەستىقلايمەن، - دېدى ياكۇتىسكىنىڭ ھەربى ئەمەلدارى بۇنىڭ مەنپەئەتلىك سودا ئىكەنلىكىنى ئويلاپ. 1649 - يىل 3 - ئايدا، خاباروۋ ئۆزى يىغىۋالغان 70 نەپەر كازاكنى باشلاپ، لىنا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بويىغا باستۇرۇپ كىردى. خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ بويىدا داغۇرلارنىڭ بەش قەلئەسى بولۇپ، ئەڭ ئوتتۇرىسىدىكى ياكسا دەپ ئاتىلاتتى. - ھوي!بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيدىغۇ؟ - دېدى خاباروۋ قەلئەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاختۇرۇپ، بىرمۇ داغۇرنى تاپالمىغاندىن كېيىن، يەرلىك ئاھالە روسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ >ئادەمخور ئىبلىس< ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن بالدۇرلا قېچىپ كەتكەن ئىدى. - راپورت بېرىشكە رۇخسەت قىلىڭ، بىز بىر موماينى تۇتۇپ كەلدۇق، - دېيىشتى كازاكلار ئاپپاق چاچلىق داغۇر موماينى ھەيدەپ كىرىپ. - ئادەملىرىڭلار نەگە كەتتى؟ - دېدى خاباروۋ ئەلپازى بۇزۇلغان ھالدا. - ئۇقمايمەن، - دېدى موماي جاۋاب بېرىپ. خاباروۋ ئەلپازىنى بۇزدى ۋە زەھەرخەندىلىك بىلەن: - ئۇ جازالانسۇن، كۆيدۈرۈلسۇن! - دېدى. موماينى دەرەخكە باغلىدى، ئاستىغا ئوتۇننى دۆۋىلەپ ئوت ياقتى، باش - ئۇچىسىغا تاياق بىلەن ئۇرۇشتى. - مەن بۈيۈك چىڭ خاندانلىقىنىڭ پۇقراسىمەن، جۇڭگونىڭ نەچچە مىليون كىشىلىك قوشۇنى بار، قورال - ياراق، زەمبىرەكلىرى بار. خان چوقۇم ئەسكەر ئەۋەتىپ سەن قاراقچىلارنى جازالايدۇ، - دېدى موماي خاباروۋغا رەددىيە بېرىپ. - نېمە؟ بۇلارنىڭمۇ زەمبىرىكى بار ئىكەن - دە! - دېدى خاباروۋ، ئاندىن بۇرۇلۇپ ئەسكەرلىرىگە قارىدى، ئۇنىڭ ئاران 70 ئەسكىرى بولۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى ستىپانوۋنى 05 ئەسكەر بىلەن ياكسادا قالدۇرۇپ، ئۆزى دەرھال ياكۇتىسكىغا قايتىپ كەلدى. 1650 - يىل 6 - ئايدا، خاباروۋ خېيلۇڭجياڭ ئەتراپىدا ئۆسكەن بۇغداينىڭ ئەۋرىشكىسىنى ۋە خەلىقتىن تارتىۋالغان يۇڭ - تېرىلەرنى ھەمدە خېيلۇڭجياڭ دەرياسى قىرغىقىنىڭ ئۆزى سىزىۋالغان خەرىتىسىنى چار پادىشاھقا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ياكۇتىسكىنىڭ ھەربى ئەمەلدارىغا سۇندى. - كوماندىر، خېيلۇڭجياڭدىكى كەڭ زېمىننى، يايلاقلار ۋە ئورمانزارلىقلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئۇ يەرلەردە ئاشلىق، يۇڭ ۋە تېرە ناھايىتى كۆپ چىقىدۇ، سىبىرىيىدىنمۇ گۈزەل ۋە باياشاپ ئىكەن. ئەگەر 6000 كىشلىك قوشۇن بولسا، خېيلۇڭجياڭنى سۆزسىز ئسىتېلا قىلغىلى بولىدۇ. - ئۆزەڭ ئەسكەر ئالغىن! - دېدى ياكۇتىسكىنىڭ ھەربى ئەمەلدارى، ئۇ چار پادىشاھنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى ساداقەتلىك بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان تۇرسا، خاباروۋنىڭ تەلىپىنى ئابايىلا ماقۇل كۆرەتتى. خاباروۋ توپ - توغرا بىر ئاي كۆيۈپ - پىشىپ يۈرۈپ، ئاران 117 كازاكنى تاپتى. ياكۇتىسكىنىڭ ھەربى ئەمەلدارى ئۇنىڭغا چار پادىشاھ ئەسكەرلىرىدىن يەنە 21 نى بەردى. 1650 - يىل 7 - ئايدا، خاباروۋ 138 ئەسكەرنى باشلاپ، زەمبىرەكتىن ئۈچنى ئېلىپ، خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بويىغا ئىككىنچى قېتىم >يۈرۈش< قىلدى. - مەن ساڭا ئىككى بۇيرۇق بېرىمەن، - دېدى ياكۇتىسكىنىڭ ھەربى ئەمەلدارى خاباروۋ يولغا چىقىش ئالدىدا يېنىدىن ئىككى پارچە خەتنى چىقىرىپ، - بۇنىڭ بىرى، ساڭا قارىتىلغان، سەن يەرلىك ئاھالىنى قورال كۈچى ئىشلىتىپ بولسىمۇ، سۆزسىز چار پادىشاھقا ئىتائەت قىلدۇرۇشۇڭ كېرەك؛ خەتنىڭ يەنە بىرى، جۇڭگو پادىشاھىغا ئەۋەتىلىدۇ، ئۇ روسىيىگە تەۋە بولۇشى، مەڭگۈ چار پادىشاھنىڭ چاكىرى بولۇشى كېرەك! - خوپ! - دېدى ئاللىقاچان روسىيە كوماندىرى بولۇپ قالغان جاباروۋ يەرنى تېپىپ، ئىككى پۇتىنى قارىسىدا جۈپلەپ تىك تۇرغان ھالدا. جاباروۋ 1650 - يىل 9 - ئايدا ياكسا قەلئەسىگە ئىككىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلدى. داغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى ئاھالىگە باشچىلىق قىلىپ، ئوقيا بىلەن قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتتى.بىراق ئۇلارنىڭ قورالى تولىمۇ قالاق بولغانلىقتىن، روسىيىلىكلەرنىڭ قاتتىق زەمبىرەككە تۇتۇشى ئارقىسىدا، كىشلەر تۈركۈم - تۈركۈملەپ قۇربان بولدى.ئۇلار چۈشتىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكىچە قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ياكسانى ئاخىرقى ھېسابتا كازاكلار بېسىۋالدى. - ئەرلىرى قويماي ئۆلتۈرۈلسۇن، ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى تۇتۇپ كېلىنسۇن! - دەپ قانلىق بۇيرۇق چۈشۈردى خاباروۋ. 100 دىن ئارتۇق كازاك ھەممىلا يەردە قىرغىنچىلىق قىلىپ، ئوت قويۇپ، خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بويىنى قىزىل قانغا بويىدى. شۇ كۈنى كېچىدە خاباروۋ داغۇرلارنىڭ ئاقساقىلىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن خوتۇنىغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولغاندا قارشىلىققا ئۇچراپ بۇ ئايالنى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. خاباروۋ جىڭچىلى دەرياسى )ھازىرقى جيېيا دەرياسى( نىڭ خېيلۇڭجياڭ دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىنىڭ بويىدا توققۇز داغۇر قەلئەسى بارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ بىلىۋالدى. ئۇ ياكۇتىسكىنىڭ ھەربى ئەمەلدارىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش ئۈچۈن دەرھال ئادەم ئەۋەتتى. ئۇنىڭ باشلىقى دەرھال 136 كىشلىك قوشۇن ئەۋەتىپ خاباروۋغا ياردەم بەردى ۋە جۇڭگو پادىشاھىغا ئەۋەتىلىدىغان بىر پارچە خەتنىمۇ ئەۋەتتى. بۇ خەتتە:>روسىيىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى قۇدرەتلىك، سىلەر تەڭ كېلەلمەيسىلەر، چار پادىشاھىمىزنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرمەي، دەرھال پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئالتۇن، كۈمۈش، تاۋار - دۇردۇن گۆھەر، يۇڭ - تېرە تەييارلاپ تارتۇق قىلىڭلار< دەپ يېزىلغان. ئەمما بۇ تاجاۋۇزچىلار ھەممىلا يەردە پاراكەندىچىلىك سېلىپ يۈرگەنلىلكتىن، خەت بېيجىڭغا يەتكۈزۈلمىگەن، خەتنى ئېلىپ كەلگەن تاجاۋۇزچىلارنى يەرلىك ئاھالە يوقاتقان. خاباروۋلار ياردەمگە كېلىۋاتقان قوشۇننى كۈتمەيلا، قول ئاستىدىكى كازاكلارنى باشلاپ دەريانى بويلىغان پېتى شەرققە يۈرۈش قىلىپ، يول بويى يېزىلاردىكى ئۆيلەرنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈۋەتتى. 1651 - يىل 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچقۇرۇن بۇ باندىتلار گۇيگۇدار قەلئەسىگە بېسىپ كەلدى. گۇيگۇدارنىڭ ئاقساقىلى ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنى باشلاپ، خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بويىدا تاجاۋۇزچىلارنىڭ قىرغاققا چىقىش يولىنى توسىدى. خاباروۋ تۇيۇقسىزلا ئوق چىقىرىشقا بۇيرۇق بېرىپ، داغۇرلاردىن 12 كىشىنى شۇ يەردىلا ئېتىپ ئۆلتۈردى. تاجاۋۇزچىلار قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، داغۇرلاردىن دەرھال تەسلىم بولۇشنى ۋە چارپادىشاھقا يۇڭ - تېرە سوۋغا قىلىشنى تەلەپ قىلدى. گۇيگۇدارنىڭ ئاقساقىلى:>بىز جۇڭگونىڭ شۈنجژخانىغا سوۋغات تاپشۇرىمىز، سىلەرگە بېرىدىغان سوۋغات نەدىكەن؟<دەپ كەسكىن جاۋاب بەردى - دە، قولىنى ئارقىغا قارىتىپ بىر سىلكىۋىدى، بىر قاتار يائوقى ئۇچۇپ كېلىپ، روسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قەلئەگە كىرىش يولىنى توساپ قويدىد. تاجاۋۇزچىلار قەلئەنى بىر كېچە زەمبىرەككە تۇتۇپ، چوڭ بىر يوچۇق ئاچتى. ئەتىسى سەھەردە ئاخىرى بېسىپ كىردى. بۇ قاراقچىلار قەلئەگە كىرگەندىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىق قىلىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىدىن 661 كىشىنى ئۆلتۈردى، ئايال ۋە بالىلاردىن 361 نى بۇلاپ كەتتى، پۈتۈن قەلئەدە ئاران 15 كىشى ئامان قالدى. بۇلاپ كەتكەن داغۇر ئاياللىرىنى كازاكلار >بۆلۈشۈۋېلىپ<، ئۇلارنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگدى. روسىيە تاجاۋۇزچىلىرى دەريانى بويلاپ داۋاملىق شەرققە قاراپ مېڭىپ، تولكا كەنتىگە يېتىپ كەلدى. يەرلىك ئاھالە قەلئە سىرتىدا زاراخەتمە قىلىۋاتاتتى، خاباروۋ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىپ، ئاقساقالنى ۋە 270 ئەر - ئايالنى تۇتۇۋالدى. - كۆيدۈڭلار! قامچىلاڭلار! - دەيتتى خاباروۋ تولكا ئاقساقىلىنى قىيناپ، - تېزدىن بۇلغۇن تېرىسى سوۋغا قىلىش! - دېدى ئۇ. تولكا ئاقساقىلى كۈچلۈك دۈشمەن ئالدىدا قىلچە تاتارماي، ئۇلارنى غەزەپ بىلەن تىللىدى ۋە: - سەنلەرنىڭ قولۇڭغا چۈشتۈم، ئۆلسەممۇ مەيلى، ئاتامسەن، چاپامسەن، نېمە قىلساڭ قىلىش! - دېدى. خاباروۋ: - كەنتكە ئوت قويۇلسۇن! - دەپ بۇيرۇق بېرىپ، پۈتۈن كەنتنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ئۇلار تولكا ئاقساقىلىنى ئېلىپ خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قاراپ ھۇجۇم قىلدى. ئاقساقال ئەسىر بولۇشنى ھەرگىز خالىماي، ئۆزىنى قىلىچ بىلەن بوغۇزلىۋالدى. 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خاباروۋ سۇڭخۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئېغىزىغا بېسىپ كىرىپ، يەنە بىر قېتىم چوڭ قىرغىنچىلىق قىلدى. 10 - كۈنى، خېجې خەلقى ئولتۇراقلاشقان ئۇزارا كەنتىگە يېتىپ كەلدى ھەمدە قىشلاش ئۈچۈن گازارما قۇردى. يەرلىك ئاھالە چىڭ خاندانلىقى ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىش ئۈچۈن دەرھال ئادەم ئەۋەتتى. 1652 - يىل 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، جۇڭگو قوشۇنى جاڭجىڭ )ئەمەل نامى( خەي سېنىڭ باشچىلىقىدا، تاجاۋۇزچىلارنىڭ قىشلىق گازارمىسىغا قاتتىق ھۇجۇم قىلدى، >گۈلدۈر!< قىلغان زەمبىرەك ئوقلىرى روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ گازارمىسىدا پارتلاپ، روسىيە قوشۇنىنىڭ ئون ئەسكىرى شۇ مەيداندىلا ئۆلدى، 78 ئەسكىرى يارىدار بولدى؛ خاباروۋ زەمبىرەك ئوقى تېگىپ قانغا مىلەندى. دەل مۇشۇ پەيتتە، جۇڭگو قوشۇنى دۈشمەن قورغىنىغا بېسىپ كىردى. - پەرۋەردىگارا!ئۆزەڭ قۇتقۇزغايسەن! - دەيتتى خاباروۋ بېنتنى سۆرەپ قېچىپ كېتىۋېتىپ. - تىرىك تۇتۇڭلار! تىرىك تۇتۇڭلار! - دەپ كازاكلارنى ئۆلتۈرمەسلىك ھەققىدە بۇيرۇق بەردى خەي سې. شۇنىڭ بىلەن تاجاۋۇزچى خاباروۋنىڭ قېچىپ كېتىشىگە پۇرسەت تۇغۇلۇپ قالدى. جۇڭگو قوشۇنى روسىيىلىك تاجاۋۇزچىلارغا قاتتىق زەربە بەرگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىندى، بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختا روسىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنىغا بەرگەن تۇنجى قېتىملىق ھەققانىي ساۋىقى ئىدى. 1652 - يىلى قىشتا، خاباروۋ تېخىمۇ زەھەرلىك ۋاستىلەر بىلەن خېيلۇڭجياڭ ۋادىسىدىكى جۇڭگو يېزىلىرىغا يەنە بىر قېتىم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. بۇ تاجاۋۇزچى يىرتقۇچلار ئەسىرگە چۈشكەن ئاقساقالنى پىياك كەنتىدە قىلىچ بىلەن چېپىپ ئىككى پارچە قىلىۋەتتى! 1653 - يىلى باھاردا، خاباروۋ ئارقىغا بۇرۇلۇپ خېيلۇڭجياڭنىڭ يۇقىرىقى ئېقىنىغا پاراكەندىچىلىك سالدى. بۇ چاغدا، ئۇنىڭ بىلەن چار پادىشاھ ئەۋەتكەن كوماندىر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلۇپ، خاباروۋنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلاندى ۋە ئۇ موسكۋاغا قايتۇرۇلدى. بىراق، خاباروۋ موسكۋاغا بارغاندا، روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىزغىن ماختىشىغا مۇيەسسەر بولدى. چار پادىشاھ ئۇنىڭغا ئاقسۆڭەكلىك مەرتىۋىسىنى بەردى ھەمدە ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ ۋادىسىغا قىلغان >سەپىرى< گە بېرىلگەن >مۇكاپات< تەرىقىسىدە ئىلىمسىك ناھىيىسىدىكى بىر قانچە كەنتنى ھەدىيە قىلدى. خاباروۋ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ياردەمچىسى ستىپانوۋ جۇڭگو ئاھالىسىنى داۋاملىق قىردى. 1658 - يىلى، چىڭ خاندانلىقى aھۆكۈمىتى باندىتلارنى تازىلاش ئۈچۈن چوڭ قوشۇن ئەۋەتىپ، روسىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنىنى پاك - پاكىز يوقاتتى، سىتپانوۋمۇ ئۆلتۈرۈلدى. ياندۇرقى يىلى جۇڭگو قوشۇنى ياكسا قەلئەسىنى قايتۇرۋالدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ