لېنىننىڭ ياشلىق دەۋرى
بەش مىڭ يىل
1887 - يىلى باھاردا، روسىيىنىڭ ۋولگا دەرياسى بويىدىكى سىمبىرسكى )ھازىرقى ئوكيانوۋىسكى( كە: ئوليانوۋنىڭ چوڭ ئوغلى ساشا چارپادىشاھ ئالېكساندىر Ⅲ نى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلدى! دېگەن كىشىنى چۆچۈتكۈدەك بىر خەۋەر يېتىپ كەلدى.
ساشا نېمىشقا چارپادىشاھنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى؟ ئەسلىدە، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن ھەقىقەتپەرۋەر زىيالىيلار ئىستىبىداتلىققا، چىرىڭ چارپادىشاھ تۈزۈمىگە ئىنتايىن نەپرەتلىنىپ، ئەمگەكچى خەلققە ھېسداشلىق قىلاتتى. شۇڭا ئۇلار خەلقچىل پارتىيىسى تەشكىللىگەن، ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىنى >خەلقچىل< دەپ ئاتىشى - خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، خەلقنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. خەلقچىل پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى ناھايىتى ئۈستۈن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىنقىلابنىڭ توغرا يولىنى تاپالماي، دۆلەتنىڭ ئارقىدا قېلىشى، خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەت چېكىشى، چارپادىشاھنىڭ تەختتە تۇرغانلىقىدىن بولغان، چارپادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغانلا بولساق، ھەممە ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.
1881 - يىل 3 - ئايدا، ئۇلار كوچىدا چارپادىشاھ ئالېكساندر Ⅱ نى بومبا بىلەن پارتلىتىپ ئۆلتۈردى. ئەمما، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، يېڭى چارپادىشاھ ئالېكساندر Ⅲ تەختكە چىقتى. روسىيە يەنىلا ئۆز پېتىچە تۇرۇۋەردى.
خەلقچىللار، چارپادىشاھ يەنە تەختكە چىقسا، بىز يەنە شۇنداق پارتلىتىپ ئۆلتۈرىمىز، دەپ ئويلىدى ۋە ئالېكساندىر Ⅲ نى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنى تەشكىللىدى. ساشا خەلقچىل پارتىيىسىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى ئىدى. بىر كۈنى، ئۇ يولداشلىرى بىلەن بىرلىكتە پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشكە باردى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي دۈشمەن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالدى. ئۇ يولداشلارنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچىسى دەپ ئېتىراپ قىلدى، بۇنىڭ بىلەن چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
ئوليانوۋنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى قاتتىق قايغۇغا چۆمدى. ساشانىڭ كىچىك ئىنىسى ۋىلادىمىرنىڭ كۆڭلى ناھايىتى بىئارام بولدى. ئۇ ئاكىسىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، بولۇپمۇ ئاكىسىنىڭ قەيسەر ۋە باتۇرلۇقىغا سۆيۈنەتتى. ئەمما بۇ پاجىئەلىك ۋەقە ئۇنى مۇنداق بىر مەسىلىنى ئويلاشقا سەۋەبچى قىلدى: ئاكاملاردەك تېررورلۇق ھەرىكەت بىلەن خەلقنى ئازاب - ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولامدۇ؟ روسىيىنىڭ قالاق ھالىتىنى ئۆزگەرتىكى بولامدۇ؟ ئۇ ئويلا - ئويلا، بۇنداق ئۇسۇلنىڭ جايىدا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى.
- ياق، بىز بۇ يول بىلەن ئەمەس، باشقا يول بىلەن مېڭىشىمىز كېرەك! - دېدى ۋىلادىمىر سىڭلىسىغا جىددىي قىياپەتتە.
بۇ يىگىتنىڭ تولۇق ئىسمى ۋىلادىمىر ئىلئىچ ئوليانوۋ، شۇ چاغدا، 17 ياشقا كىرگەنىدى. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى بولۇپ يېتىشتى ۋە >لېنىن< دېگەن تەخەللۇس بىلەن ماقالە ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭغا سۆيۈنۈپ لېنىن دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ >باشقا يول< دېگىنى مىليونلىغان ئىشچى - دېھقانلار ئاممىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، زوراۋانلىق ھەرىكەت بىلەن چارپادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئۆزلىرى ھاكىمىيەت ئىگىلەشنى كۆرسىتەتتى.
ساشا قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىر مۇنچە ئۇرۇق - تۇغقان ۋە يار - بۇرادەرلەر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن مۇناسىۋەتنى يىراقلاشتۇردى. بۇ يىلى لېنىن پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قازانغا كۆچۈپ باردى ۋە قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇدى. بۇ يەردە ئۇ ئىنقىلابىي ئىدىيىگە ئىگە بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشتى.
خەلقچىللەر پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى بىردەك زىيالىيلار بولۇپ، چارپادىشاھنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقانلارمۇ ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولغاچقا، چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى ئۇنىۋېرستېتلارنى قامال قىلىشنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىغىلىش قىلىشىغا ۋە جەمئىيەت كۇرژۇكلار تەشكىللىشىگە يول قويمىدى. ھەتتا تەرەققىيپەرۋەر ئوقۇغۇچىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن چىقىرىۋەتتى.
مەكتەپكە كىرگەندە، لېنىننىڭ يېشى ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ماركىسنىڭ بەزى كىتابلىرىنى ئوقۇغانلىقى، نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى ياخشى چۈشەنگەنلىكى، ساۋاقداشلىرىغا ھەمىشە ماركىسنىڭ تەلىماتلىرىنى تونۇشتۇرغانلىقى، كۆپچىلىكنى چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئارىسىدىكى ئابرويى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى.
شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ بىر كۈنى، كۆپچىلىك لېنىننىڭ چارپادىشاھنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان يېڭى زوراۋانلىق توغرىسىدىكى سۆزىنى ئاڭلاپ بىردەك دەرغەزەپكە كېلىپ، دەرس ئوقۇماي، بىر قېتىم يىغىلىش ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
يىغىلىش باشلىنىشىغىلا تەرتىپ بېشى توساتتىن ئۈسۈپ كىردى - دە:
- مەكتەپتە يىغىلىش قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، دەرھال دەرسخانىلارغا قايتىڭلار! - دەپ ۋارقىرىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تازا زەردىسى قايناپ تۇرغاچقا، تەرتىپ بېشىنىڭ يىغىلىش قىلىشقا يول قويمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى تازا بىر دۇمبالىۋېتىپ، يىغىننى داۋاملاشتۇرۇۋەردى.
كۆپچىلىك يىغىندا مەردانىلىك بىلەن سۆز قىلدى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا قارار ماقۇللاپ، مەكتەپ دائىرىلىرىدىن مەكتەپنىڭ ئەكسىيەتچىل نىزامنامىسىنى بىكار قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ >قائىدىسىز ھەرىكەتلىرى< نى قازان مەمۇرىي دائىرىلىرىگە مەلۇم قىلدى. شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە بىر يىڭ قوراللىق ئەسكەر مەكتەپكە كېلىپ باستۇرۇش ئېلىپ باردى. لېنىن ۋە بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى بىردەك قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولاندى.
لېنىننى يالاپ كېتىۋاتقان ساقچى ئەمەلدار ئۇنىڭغا:
- ھەي، ياش يىگىت، نېمىشقا ئىسيان كۆتۈرىسەن؟ ئالدىڭدا بىر توساق تام تۇرغانلىقىنى بىلىپ قوي جۇمۇ! - دېدى.
- شۇنداق ئۇ بىر ئەسكى تام، ئىتتىرىۋەتسىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى لېنىن دەرھال.
لېنىن تۈرمىدىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى قازان ئۇنىۋېرسىتېتىغا ياكى باشقا ئۇنىۋېرستېتلارغىمۇ كىرگىلى قويماي، قازاننىڭ يېنىدىكى بىر كەنتكە سۈرگۈن قىلدى. بىر يىلدىن كېيىن، لېنىن قازانغا قايتىپ كېلىپ، بىر ماركىسىزمچىلار گۇرۇپپىسىغا مەخپىي قاتناشتى ۋە ماركىسنىڭ >كاپىتال< دېگەن ئەسىرىنىڭ 1 - تومىنى بېرىلىپ ئوقۇدى.
1889 - يىلى، لېنىن پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ساماراغا كۆچۈپ كەلدى. ئۇ بۇ يەردە تۇنجى ماركىسىزمچىلار گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇ: ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرگىلى قويمىغان بىلەن، ئۆزۈم ئۆگىنىمەن! دەپ ئويلىدى. ئۇ چاغدا ماركىس - ئېنگېلس ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تېخى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنمىغاچقا، ئۇ نېمىسچە، فرانسۇزچە، ئىنگلىزچە قاتارلىق بىر نەچچە خىل چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇ كىتابلارنى بىۋاستە ئوقۇش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى.
بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، لېنىن ئۇنىۋېرسىتېتتا تۆت يىلدا ئوقۇيدىغان دەرسلەرنى پۈتۈنلەي ئوقۇپ بولۇپ، 1891 - يىلى مەكتەپ سىرتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن پېتىربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىغا قاتناشتى. نەتىجىدە، پەقەت لېنىنلا ھەممە دەرسلەردىن ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈش دىپلومى ئالدى.
بۇ دىپلۇمنى ئېلىپ ساماراغا بېرىپ ياردەمچى ئادۋۇكات بولدى. ئۇ پۈتۈن نىيەت - ئىقبالى بىلەن نامرات دېھقانلار ۋە ئىشچىلارنى ئاقلاپ، ئۇلارغا بەزى - ياردەملەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرغاندىلا، ئىشچى - دېھقانلارنى تېگى - تەكتىدىن ئازادلىققا ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادۋوكاتلىق كەسپىنى تاشلاپ، 1893 - يىلى كۈزدە روسىيىدىكى ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ مەركىزى پېتېربۇرگقا كەلدى.
لېنىن پېتېربۇرگقا بارغاندىن كېيىن، ئاساسلىق زېھنىنى ماركىسىزىم پارتىيىسى قۇرۇشقا سەرپ قىلدى. ئۇ ھەمىشە نۇتۇق ئېلان قىلدى. ئىشچىلارنىڭ تۇرۇشلۇق جايلىرىغا بېرىپ ھال سورىدى ۋە ئىشچىلارغا ماركىسىزىم سىياسىي ئىقتىسادىنى چۈشەندۈردى. بۇنىڭ بىلەن، پېتېربۇرگقا بىرمۇنچە ماركىسىزمچى ئىشچىلار گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلدى. 1895 - يىلى كۈزدە ئۇنىڭ تەشەببۇسى ئاستىدا، بارلىق گۇرۇپپىلار بىرلىشىپ، >ئىشچىلار سىنىپى ئازادلىق كۈرىشى جەمئىيىتى< ناملىق مەخپىي تەشكىلات قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن روسىيىدە بىرىنچى قېتىم سوتسىيالىزىم بىلەن ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شۇنداقلا روسىيە پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.
لېنىن بىلەن >جەمئىيەت< تىكى باشقا رەھبەرلەرنىڭ قويۇق پائالىيىتى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. پايلاقچىلار ھەمىشە ئۇلارنىڭ پېيىدە يۈردى. شۇ يىلى 12 - ئايدا، لېنىن ۋە ئۇنىڭ بىرمۇنچە يولداشلىرى قولغا ئېلىندى.
لېنىن تۈرمىگە سولانغاندىن كېيىنلا، دەرھال يېڭى كۈرۈشنى باشلىۋەتتى. ئۇ تۈرمە كۈتۈپخانىسىدىكى كىتابلاردىن پايدىلىنىپ، بىر يۈرۈش مەخپىي نومۇر بىلەن كىتابقا خەت يېزىش ئارقىلىق يولداشلار بىلەن ئالاقە باغلاپ بىر تەرەپتىن ھەر خىل مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن يولداشلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بەردى.
لېنىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم كېلىپ ئۇنى يوقلىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا شەھەر كۈتۈپخانىسىدىن بىر مۇنچە كىتابلارنى ئارىيەت ئالدۇردى. كەڭلىكى ئىككى مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان يالغۇز كىشىلىك سولاقخانىدا، ئەتىگەندىن كەچكىچە كىتابلارنى بېرىلىپ ئوقۇش ۋە ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ، كېيىنكى كۈنلەردە ئېلان قىلىنغان >روسىيە كاپىتالىزمىنىڭ تەرەققىياتى< دېگەن مەشھۇر ئەسەرنىڭ كۆپرەك باب - پاراگرافلىرىنى مۇشۇ تۈرمىدە يېزىپ چىققانىدى.
سىرتتىكى ئىشچىلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، لېنىن تۈرمىدە يەنە بىر مۇنچە تەشۋىق ۋەرەقىلىرى ۋە كىتابچىلارنى يازدى. تۈرمىدە مەھبۇسلارنىڭ سىرتقا يازما ھۆججەت تارقىتىشى مەنئىي قىلىناتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەغەر ۋە سىاھمۇ يوق ئىدى. ئۇنداق بولسا، لېنىن بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلدى؟ ئۇ ناھايىتى ئەپچىل بىر چارىنى ئويلاپ چىقتى: خەتنى سۈت بىلەن قايتۇرۇلىدىغان كىتابلارنىڭ قۇر ئارىلىقلىرىغا يازدى سۈت قۇرۇغان ھامان خەتلەر كۆرۈنمەيدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى يوقلىغىلى كەلگەندە، ئۇ كىتابلارنى ئەكىتىپ ئوتقا قاقلىسا سۈتتە يېزىلغان خەتلەر ئېنىق كۆرۈنەتتى.
سۈتنى >سىياھ< قىلىپ يازغاندىمۇ ناھايىتى ئېھتىيات قىلىشقا، پايلاقچىلارغا تۇيدۇرۇپ قويماسلىققا توغرا كېلەتتى، ئەلۋەتتە. شۇڭا ئۇ يەنە بىر چارە ئويلاپ چىقتى: بولكىنىڭ موس - موس يېرىدە >دۈۋەت< ياساپ، ئۇنىڭغا سۈت قۇيدى ۋە كىچىك قەلەم بىلەن >دۈۋەت< كە مىلەپ يوشۇرۇنچە يازدى.
بىر قېتىم گوندىپاي لېنىننىڭ بىر نېمىلەرنى يېزىۋاتقانلىقىنى دېرىزىدىن كۆرۈپ قېلىپ، دەررۇ يۈگۈرۈپ كىرىپ:
- نېمە يېزىۋاتىسەن؟ - دەپ ۋارقىرىدى.
لېنىن لام - جىم دېمەستىن دەرھال >دۈۋەت< نى يېۋەتتى. گۇندىپاي خاتا كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن دەپ دېۋەڭلەپ چىقىپ كەتتى. گۇندىپاي ئىشىكنى ئېتىپ كەتكەندىن كېيىنلا، لېنىن يەنە شۇنداق >دۈۋەت< ياساپ، >سياھ< قۇيۇپ يېزىۋەردى. بىر كۈنى ئۇ ئارقا - ئارقىدىن ئالتە >دۈۋەت< نى يېۋەتتى.
دۈشمەن لېنىننى 14 ئاي سولاپ قويغاندىن كېيىن، يەنە ئۇنى ئۈچ يىللىق سۈرگۈن قىلدى. 1897 - يىلى 5 - ئايدا، ئۇ سىبىرىيىنىڭ شەرقىدىكى شۇسنىكى كەنتىگە سۈرگۈن قىلىنىپ، ساقچىلارنىڭ نەزەربەندتىدە ئۆتتى.
شۇسنىكى ناھايىتى چوڭ كەنت بولۇپ، كوچىلىرى ناھايىتى پاسكىنا ۋە توپا ئىدى. بۇ يەر دەل - دەرەخ ئۈنمەيدىغان بىر چۆللۈك ئىدى. لېنىن بىر دېھقاننىڭ كىچىككىنە ئۆيىدە ئىنتايىن مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈردى. بۇ يەر شەھەردىن يىراق بولۇپ، لېنىن رېئال كۈرەشتن پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئايرىلغانىدى. ئەمما لېنىندا ئۈمىدۋارلىق روھ ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇ ئۈچ يىللىق سۈرگۈن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ بەزى مۇھىم ئەسەرلىرىنى پۈتتۈرۈش قارارىغا كەلدى.
ئۈچ يىللىق سۈرگۈن ھايات ئىنتايىن تېزلىكتە ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ئارىلىقتا لېنىن >روسىيە كاپىتالىزمىنىڭ تەرەققىياتى< دېگەن مەشھۇر ئەسىرىنى پۈتتۈردى. بۇ كىتاب 1899 - يىلى ئۇنىڭ سۈرگۈن مۇددىتى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا نەشىردىن چىقتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ماركىسىزمنى شەرھلەيدىغان ۋە روسىيە ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان 30 نەچچە خىل ئەسەر يازدى.
سۈرگۈن مەزگىلىدە، لېنىن ئىزچىل تۈردە پارتىيە قۇرۇش پىلانى ئۈستىدە ئويلاندى. ئۇ، بىر ماركىسىزمچە سىياسىي پارتىيە قۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مەملىكەت خاراكتېرلىك بىر يەر ئاستى گېزىت تەسىس قىلىپ، پۈتكۈل ئىشچىلار سىنىپىنى ئۇنىڭ ئەتراپىغا تەشكىللەش لازىملىقىنى ھېس قىلدى. سۈرگۈن مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، دەرھال روسىيىنىڭ ئچىكى جايىغا قايتىپ كېلىپ، گېزىت نەشىر قىلىش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلدى.
ئەمما، روسىيىدە مۇنداق بىر گېزىت ساقچىنىڭ زىيانكەشلىكى ۋە تەقىپ قىلىشىغا ئۇچرىماي قالمايتتى. شۇڭا، تەكرار ئويلانغاندىن كېيىن، ۋەتەندىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ، چەت ئەلگە بېرىپ بۇ گېزىتنى چىقىرىش قارارىغا كەلدى.
1900 - يىل 12 - ئايدا، بۇ گېزىت گېرمانىيىنىڭ لېسگىدا >ئۇچقۇن< نامىدا نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭ 1 سانىغا لېنىن يازغان >ھەرىكىتىمىزنىڭ جىددىي ۋەزىپىسى< سەرلەۋھىلىك باش ماقالە بېسىلدى. بۇ >جىددىي ۋەزىپە< ئىنقىلابىي سىياسىي پارتىيە قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
>ئۇچقۇن< گېزىتى ھەر خىل يوللار بىلەن روسىيىگە ئەكېلىنىپ، ئىشچىلارنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ، >لېنىن< دېگەن ئۇلۇغ نام پۈتكۈل روسىيە ۋە دۇنياغا تارقالدى.
1903 - يىل 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۇزاقتىن بۇيان تەييارلىق كۆرۈلگەن روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيى ئاخىر بېلگىيە پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدا چاقىرىلدى. قۇرۇلتاي >ئۇچقۇن< گېزىتىنىڭ پارتىيىگە كۆرسەتكەن غايەز زور تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئەمما، قۇرۇلتايدا پارتىيىنىڭ پروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، ئىنتايىن جىددىي كۈرەش يۈز بەردى. مەسىلەن: لېنىن >پارتىيە پروگراممىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، پارتىيىگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغان ھەمدە پارتىيىنىڭ بىرەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىدىغان< كىشىلەرلا پارتىيە ئەزاسى بولالايدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندا، پارتىيىنىڭ پاكلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان كىشىلەرنىڭ پارتىيىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دەپ ھېسابلىدى، بەزى ۋەكىللەر بولسا، پارتىيە ئەزاسى پارتىيىنىڭ بىرەر تەشكىلاتىغا قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ دەپ، ھەر قانداق ئىش تاشلىغۇچى ئۆزىنى - ئۆزى پارتىيە ئەزاسى دەپ جاكارلاشقا ھەقىلىق دېگەننى تەشەببۇس قىلدى.
قۇرۇلتاي پۈتۈن پارتىيىنىڭ مەركىزىي ئورگىنىنى سايلاش ۋاقتىدا، پۈتۈن پارتىيىنىڭ مەركىزىي ئورگىنىنى سايلاش ۋاقتىدا، لېنىنغا قارشى تۇرغان بەزى كىشىلەر غەزەپتىن قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرغان ھالدا يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كەتتى، نەتىجىدە، لېنىن باشچىلىقىدىكى ماركىسىزمچىلار كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتى ۋە بولشېۋىكلار >كۆپ سانلىقلار< دەپ ئاتالدى. لېنىننى ھىمايە قىلغان پارتىيە ئەزالىرى >بولشېۋىكلار< دەپ ئاتالغانلىقتىن، لېنىن رەھبەرلىكىدىكى پارتىيىمۇ >بولشېۋىكلار پارتىيىسى< دەپ ئاتالدى. مانا بۇ روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئاساسى ئىدى.