UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭپادىشاھ قېچىپ كەتتى.

پادىشاھ قېچىپ كەتتى.

بەش مىڭ يىل ئەنگىلىيە پادىشاھى چارلىزⅠ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ پائالىيىتىنى 11 - يىل توختىتىپ قويغان ئەنگىلىيە پارلامېنتى مىلادى 1640 - يىل 11 - ئايدا يېڭى باشتىن يىغىن ئاچىتى. - تېنچ! تېنچ! - دېدى يېغىن رىياسەتچىسى قوڭغۇراق چېلىپ توۋلاپ تۇرۇپ، - پادىشاھلىق پارلامېنتىنىڭ يىغىنى ھازىر باشلاندى! بۈگۈنكى يىغىندا باجنى كۆپەيتىش مۇھاكىمە قىلىندۇ. پادىشاھ ئالىلىرى ئەسكەر چىقىرىپ شوتلاندىيىگە يۈرۈش قىلىش توغرىسىدا پەرمان چىقاردى. ئۇ پارلامېنتتىن ھەربىي خىراجەتنى تولۇقلاش ئۈچۈن، پۇقرالاردىن قانداق قىلىپ كۆپرەك باج ئېلىشنى مۇھاكىمە قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا. - مەن بۇنىڭغا قارشى! - دېدى يېڭىدىن سايلانغان پارلامېنىت ئەزاسى ھامپىدىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، _ پۇقرالارنى شۈلۈۋېرىپ ئۇلارنىڭ ھېچنىمىسى قالمىدى، يېڭىدىن باج ئېلىشنى قويۇپ تۇرۇپ، پادىشاھ مەجبۇرى ئېلىۋاتقان قېيىق بېجىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىم! _ مەنمۇ قارشى تۇرىمەن! _ دېدى ئالدىنقى قاراردىكى پارلامېنت رەھبىرى پىمو ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ، _ پادىشاھ ئۇرۇش قىلىمەن دەيدىكەن، بىز بىر تىيىنمۇ بەرمەيمىز! مەن مۇشۇ نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ: بىرىنچىدىن، پادىشاھنىڭ ھەربىر خىزاجەت ئېلىش توغرىسىدىكى پەرمانىنى رەت قىلىش؛ ئىككىنچىدىن، پادىشاھنىڭ پۇقرالارنى باستۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن ۋەزىر سىترافودنى قولغا ئېلىپ سوتلاش؛ ئۈچىنچىدىن، پارلامېنتىمىزنى «ئۇزۇن مۇددەتلىك پارلامېنت» دەپ ۋە پادىشاھنى بۇنىڭدىن كېيىن پائالىيىتىمىزنى توختىتىپ قويۇشقا ھوقۇقسىز دەپ جاكالاش توغرىسىدا قارار ماقۇللىشىنى تەكلىپ قىلىمەن. _ ياخشى! قالتىس ياخشى! پۈتۈن زال بىردىنلا قىزغىن تەنتەنە ساداسىغا چۆمدى. _ مەن قۇشۇلىمەن! _ مەن تامامەن قوشۇلىمەن! پارلامېنت ئاپىرىن ساداسى ئىچىدە مۇناسىپ قارار ماقۇللىدى. پارلامېنت نېمە ئۈچۈن قارار ماقۇللاپ، پادىشاھقا قارشى تۇرىدۇ؟ بۇ ئەنگىلىيىدىكى سىنىپىي كۈرەشنىڭ شۇ چاغدىكى مەركەزلىك ئىنكاسى ئىدى. پادىشاھ چارلىزⅠ فېئودال كۈچلەرنىڭ باش ۋەكىلى. پارلامېنتتىكى ئەزالارنىڭ مۇتلەق كۆپىچىلىكى بولسا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىنىڭ (ئاساسلىقى يېڭى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ) ۋەكىلى بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا خېلى ئۇزۇندىن بۇيان كۈرەش بولۇپ كېلىۋاتاتتى. پادىشاھنىڭ ئېرلاندىيە، شوتلاندىيىلەرگە يۈرۈش قىلىشى ھەمدە خەلقتىن پۈتمەس _ تۈگىمەس باج _ سېلىق ئېلىشى بۇ قېتىمقى زىددىيەتنىڭ پارتىلىشىدىكى تۇتۇرۇق بولدى. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسا، پادىشاھ سوپۇن، ھاراق، كۆمۈر، تۆمۈر ئىمتىيازىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، بۇنىڭدىن نۇرغۇن پايدا ئۈندۈرۈۋالدى. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتسا، پادىشاھ «قېيىق بېجى» سېلىپ، بۇرژۇئازلاردىن ۋە بارلىق خەلقتىن نۇرغۇن پۇل پۈچەك ئۈندۈرۈۋالدى. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە دېموكىراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ دىنىي جەمىئىيەتلەر (چېركاۋلار) نىڭ كونتۇرۇللۇقىنى كۈچەيتتى. كىمكى دىنىي جەمئىيەتكە قارشى تۇرسا، قاتتىق جازاغا تارتىلدى. باستۋېك دېگەن دوكتور دىنىي جەمئىيەتكە قارشى كىتاپچە يازغانلىقى ئۈچۈنلا، پادىشاھ ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، ئىككى قۇلىغىنى كېسىش ھەمدە قىپ _ قىزىل چوغ بىلەن يۈزىگە تامغا بېسىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى؛ بۇنىڭ ئۈستىگە 5000 فوند ستېرلىڭ جەرىمانە قويۇپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. ئۇنىڭ دوستى لىربېن ھەققانىيەتنى ياقلاپ، باستۋېك تۈرمىدە يازغان كىتاپنى نەشرقىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىمۇ تۈرمىگە تاشلىدى. بىر كۈنى لىربېننى كوچىغا ئېلىپ چىقىپ سازايى قىلدى. ئۇنىڭ بوينىغا ياغاچ بويۇنتۇرۇق سېلىنغان ئىدى. ئەسكەرلەر يول بويى ئۇنى قامچىلاپ ماڭدى. «تاراس -تۇرۇس» تەككەن قامچا ئۇنىڭ كىيىمىنى جۇل - جۇل قىلىۋەتتى. «تاراس - تۇرۇس» تەككەن قامچا ئۇنىڭ بەدىنىنى تىلما - تىلما قىلىۋەتتى. «تاراس - تۇرۇس»، «تاراس - تۇرۇس» تېگىپ تۇرغان قامچا لىربېننى قانغا بويىدى، چوڭ كوچىغا قان تامچىلىرى تېمىپ تۇردى. غەزەپلەنگەن لوندون ئاھالىسى كوچىلارغا چىقىپ بۇ پاجىئەنى ئۆز كۆچى بىلەن كۆردى. - شەھەرلىكلەر پادىشاھنىڭ ۋە دىنىي جەمىئەتنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قەتئى قارشى تۇرايلى! _ دەيىتتى. لېربېن زوراۋانلىققا پىسەنت قىلماي يوقۇرى ئاۋا بىلەن. ئەسكەرلەر ئۇنىڭ كىيىمىدىن بىر پارچە لاتىنى يىرتىۋېلىپ، دەرھال ئاغزىغا تىقتى. لېربېن زورۇققان ھالدا ئوڭ قولىنى چىقىرىپ يانچۇقىدىن بىر تۇتام تەشۋىق ۋاراقنى ئېلىپلا كوچىغا چاچتى، تەشۋىقات ۋاراقە قار ئۇچقۇنلىرىدەك تەرەپ _ تەرەپكە ئۇچۇپ چۈشتى، شەھەرلىكلەر دەرھال بەس - بەستە تېرىۋېلىشتى. تەشۋىق ۋاراقىگە «ھەممە كىشىگە باراۋەرلىك بېرىلسۇن!»، «ھەممە كىشى ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىدىن بەھرىمەن قىلىنسۇن!» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان ئىدى، شەھەرلىكلەر بۇ سۆزلەرنى خوشاللىق بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇدى. «يوقال!» «يوقال!» دەپ شەھەرلىكلەرنى قوغلاۋاتقان ئەسكەرلەر لىربېننى يالاپ ئېلىپ كەتتى. كېيىن سوت مەھكىمىسى لىربېنغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. بىراق، باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلىش، پادىشاھ ۋە دىنىي جەمىئىيەتنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئىدىيىسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. پارلامېنتنىڭ قارارى كەڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئىلھام بەردى. لوندون ئىنقىلابىي تەشۋىقات ۋە كۆتىرىلىشنىڭ مەركىزى بولۇپ قالدى. ئىشچىلار، قول سانائەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ شاگىرتلىرى توپلىشىپ كوچىلارغا چىقىپ، نۇتۇق سۆلىدى، تەشۋىقات ئېلىپ باردى. 1641 - يىل 3 - ئايدا، پارلامېنت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ پادىشاھنىڭ ئىككى نەپەر ئەركە ۋەزىرىنى قولغا ئالدى ھەمدە سىترافوردقا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى. ۋەزىيەت بىردىنلا جىددىلىشىپ كەتتى. بىر كۈنى كېچىدە، بىر قانچە ئاتلىق پادىشاھ ئوردىسىدىن چىقىپ، لوندوندىن ئۇچقاندەك قېچىپ شىمالغا يۈرۈپ كەتتى. _ نېمە ۋەقە بولغاندۇ؟ -دېيىشەتتى شەھەرلىكلەر گۇمانلىنىپ. _ پادىشاھ قېچىپ كەتتى! _ دېدى كىمدۇر ۋاقىراپ. - پادىشاھنى تاپايلى! _ دېيىشتى يەنە بىر توپ كىشى ۋاقىرىشىپ. ئۇلار ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇقۇپ بېقىش ئۈچۈن، ئوردىغا قاراپ ئېتىلدى. ئەتراپلىق تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پادىشاھ قېچىپ كەتمىگەن، بىراق، ئۇ، لوندۇندا سۈيقەست پىلانلىماقچى بولغان. بۇ قېتىم ئۇ يورك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيە قوماندانىغا لوندونغا يۈرۈش قىلىپ، پارلامېنتنى قورال كۈچى بىلەن تارقىتىۋېتىش، سىترافوردنى قۇتقۇزۇۋېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىش ئۈچۈن شىمالغا مەخپى ئادەم ئەۋەتكەن ئىدى. 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى پۈتۈن لەوندون مىغىلداپ كەتتى. 200 مىڭ ئامما پادىشاھ ئوردىسىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، تەنتەنىلىك چوڭ نامايىش ئۆتكۈزدى. تېز! تېز! ئۇلارنى باستۇرۇڭلار! _ دەيتتى چارلىزⅠ قارا تەرگە چۆمگەن ھالدا ئالاقزادىلىك بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقىغا. _ ئالىلىرىغا مەلۇم بولغايكىم، بۇنداق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ! ئوردىنى قاتتىق مۇھاسىرتە قىلىۋېلىشتى، نەگە قاچىمىز؟ - ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرىمىزمۇ؟ ئۇلار: _ سىلەر ۋەزىر سىترافوردقا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قوشۇلۇپ ئىمزا قويسىلا ھەمدە پارلامېنتنى تارقىتىۋەتمىسىلە دەرھال ئوردىدىن قايتىپ كېتىمىز دەۋاتىدۇ. _ بۇلمىغۇر گەپ! بۇنداق قىلغان مەندەك سالامەتلىك بىر پادىشاھ پۇقرالارغا تەسلىم بولغان بولمامدىمەن؟ مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى ئامالسىزلىقتىن ئىككى قولىنى كەڭ يايدى. _ سېترافوردنى ئۆلتۈرەيلى! _ ئوردىغا باستۇرۇپ كىرەيلى! سىرتتىكى ئامما غەزەپكە كەلدى. ئوردا ئەتراپىدىكى قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەر ئوردا ئىچىگە چېكىندى. _ ئالىلىرى، _ دېدى مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى پارلامېنتنىڭ تەكلىۋىنى ئىككى قوللاپ سۇنۇپ، _ ئەزىمەت كىشى بىلىپ تۇرۇپ زىيان تارتماسلىقى كېرەك، قول قويۇۋەتسىلىكەن. _ پارلامېنتنىڭ تەكلىۋىنى قوللايمىز!؟ _ ئوردىغا باستۇرۇپ كىرەيلى! سىرتتىكى ئاممىنىڭ غەزەپ ساداسى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. پادىشاھ تىترەپ تۇرغان ئوڭ قولىنى كۆتىرىپ، گويا مىڭ جىڭ ئېغىرلىقتىكىدەك پەي قەلەمنى قولىغا ئالدى _ دە، پارلامېنتنىڭ تەكلىۋىگە ئىمزا قويدى. شۇ كۈنى چارلىزⅠ نىڭ ئەركە ۋەزىرى سىترافورد تۈمەنلىگەن ئاممىنىڭ قاغاشلىرى ئارقىسىدا، ئىگىز مۇناردىن دومىلاپ چۈشتى. پادىشاھ ئۇزاقتىن بۇيان نەزەربەنت قىلىپ قويغان لىربېن تەنتەنە سادالىرى ئىچىدە قويۇپ بېرىلدى. لوندون ئاھالىسىنىڭ ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئۆرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چارلىزⅠ مۇ قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنى تولۇقلىۋالدى، ئۇلار تولۇق قوراللانغان ھالدا كوچىغا چىقىپ پوپوزا قىلىپ، ئىنقىلابىي شەھەر ئاھالىسىگە پاراكەندىچىلىك سالدى. شۇنىڭ بىلەن لوندون ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ خەلق ئەسكەرلىرىنى تەشكىل قىلىپ، ھەر كۈنى كوچىدا مەشق ئۆتكەزدى، بۇنىڭ بىلەن بىر - بىرىگە قارىمۇ - قارشى بولغان ئىككى قوراللىق كۈچ ھاسىل بولدى. پادىشاھ بىلەن پارلامېنت ئاخىرقى قېتىم كوزىر كۆرسىتىدىغان كۈن ئاخىر يېتىپ كەلدى. 1642 - يىل 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئەلپازى بۇزۇلغان قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەر پادىشاھ چارلىزⅠ نىڭ باشچىلىقىدا پارلامېنتقا بېسىپ كىردى. _ پىمو، ھامپىدىن قاتارلىق بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قولغا ئېلىنسۇن! _ دەپ بۇيرۇق بەردى پادىشاھ كۆرەڭلەپ. قوراللىق مۇھاپىزەتچىلەر پارلامېنت بىناسىنى ئاختۇرۇپ، قولغا ئالماقچى بولغان كىشىلەرنى تاپالمىدى. _ ئۇلار كېتىپ قالغانمۇ نېمە؟ _ دەيتتى پادىشاھ قوشۇمىسىنى تۈرگەن ھالدا تەمتىرەپ. «دۈت _ دۈت» قىلغان سىگنال ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەسلىدە پىمو قاتارلىق ئاللىقاچان تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ئىدى. پادىشاھ پارلامېنتقا ئەسكەر باشلاپ كىرگەندە دەرھال سىگنال بېرىۋەتتى. _ بۇ نېمە گەپ؟ پادىشاھ تىت _ تىت بولۇپ تۇرغاندا، يىراقتىن رەتلىك تاشلانغان ئاياق تاۋۇشى ئاڭلاندى. «پارلامېنت! ئىمتىياز! پارلامېنت! ئىمتىياز!» دەپ كېلىۋاتقان لوندون خەلق ئەسكەرلىرى مىلتىق كۆتەرگەن، شوئار توۋلىغان ھالدا رەتلىك قەدەم تاشلاپ، پارلامېنت بىناسىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. _ ئالىلىرى! _ دېدى مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى پادىشاھقا، _خەلق ئەسكەرلىرى يېتىپ كەلدى، بىز چېكىنسەك بولارمىكىن! _ يۈرۈڭلار، _ دېدى چارلىزⅠ تاقەتسىزلىك بىلەن مۈرىسىنى سىلكىپ. پادىشاھ بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر چوڭ كوچىغا چىقىپ تۇرۇشىغا، ئۇدۇل تەرەپتىن بىر قوشۇن يېتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوراللانغان، بۆكىگە پارلامېنتنى قوللاپ يېزىلغان تەلەپنامىنى قىستۇرۇۋالغان ئىدى. _ ئۇلار كىم؟ _ دېدى پادىشاھ گۇمانلانغان ھالدا ھاڭ _ تاڭ بولۇپ. _ ئالىلىرى، ئۇلار شەھەر ئەتراپىدىن كەلگەن دېھقانلار، 5000 كىشىدەك قىلىدۇ. چارلىزⅠ نىڭ قورققىنىدىن جان - پېنى چىقىپ: _ ماڭا شەھەرلىكلەرمۇ قارشى چىقىۋاتىدۇ، دېھقانلارمۇ قارشى چىقىۋاتىدۇ، قانداق قىلسام بولار؟ _ دېدى ئۆز - ئۆزىگە. _ ئالىلىرى، يوركقا بارساقمىكىن! ئۇ يەردىكى ئارمىيە قوماندانى ئالىلىرىنىڭ سادىق پۇقراسى. _ ھەي! بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق. چارلىزⅠ ئالتە كۈندىن كېيىن يوشۇرۇن ھالدا يورك شەھىرىگە يېتىپ باردى. پادىشاھ راستلا قارچقان ئىدى. ئەنگىلىيىدە ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىككى گۇرۇھ قارىمۇ _ قارشى بولغان ۋەزىيەت پەيدا بولدى. لوندوندا پىمو قاتارلىق بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئۆزلىرىنىڭ قوراللىق مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، تەنتەنىلىك قىلىدىغانلىقىنى، ۋەزىرلەرنى ئىشقا قويىدىغانلىقى ۋە ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىدىغانلىقى جاكالىدى ھەمدە پايتەخت لوندوننى خەلق ئەسكەرلىرى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. يوركتا پادىشاھ چارلىزⅠ ئەسكەر يۆتكەپ، فېئوداللارنىڭ قوراللىق كۈچىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يېڭىباشتىن باش كۆتىرىپ چىقىشقا ھازىرلاندى. كۈرەش تېخىمۇ يۇقۇرى پەرللىگە كۆتىرىلدى!
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ