ۋات ۋە سانائەت ئىنقىلابى
بەش مىڭ يىل
قاتتىق سوغۇق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، موماي ئۆزىنىڭ نەۋرىسى بىلەن بىللە ئوچاق ئالدىدا ئوت سۇنۇپ ئولتۇراتتى. ئوچاق بېشىدىكى چۆگۈن پۇرۇقلاپ قايناپ كەتتى، چۆگۈننىڭ ئاغزى يۇقۇرىغا كۆتىرىلىپ، «تىرىق»، «تىرىق» ئاۋاز چىقىپ تۇراتتى.
_ چۆگۈننىڭ ئىچىدە نېمە بار؟ _ دەپ سورىدى نەۋرىسى ھاڭ _ تاڭ بولۇپ.
_ سۇغۇ، _ دېدى موماي جاۋاب بېرىپ.
_ سۇ نېمە ئۈچۈن چۆگۈننىڭ ئاغزىنى كۆتىرىۋالىدۇ؟
_ سۇ قاينىسا ھور چىقىدۇ، چۆگۈننىڭ ئازىنى ھور كۆتىرىۋالغان _ دە.
_ ھور شۇنچە كۈچلۈك ئىكەن _ ھە! _ دېدى نەۋرىسى ئويلانغان ھالدا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ.
ئىشنىڭ تېگىنى سوراپ ھارمايدىغان بۇ بالىنىڭ ئىسمى جامىس ۋات ئىدى. ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن كەشپىياتچى بولۇپ قالغىنىنى دېمەمسىز!
ۋات شوتلاندىيىلىك بولۇپ، مىلادىنىڭ 1736 - يىلى توغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى كېمىسازلىق ئىشچىسى ئىدى.ۋات كىچىگىدىنلا شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن، 20 يېشىدا گلازگو داشۆسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئاسپىرانت بولۇپ، مەخسۇس ئوقۇتۇش ئەسۋاپلىرىنى ياسايتتى ۋە رېمونت قىلاتتى. ئۇنىڭ پار ماشىنىسىنى ياساش جەريانى پۈتۈنلەي مۇشۇ داشۆدە باشلانغان.
ئۇنداق بولسا، پار ماشىنىسىنى ۋات كەشپ قىلغانمۇ؟ شۇنداق دېيىشكىمۇ، ئۇنداق ئەمەس دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ ئىش ئۈستىدە ئەنگلىيىنىڭ شۇ چاغدىكى سانائەت ئەھۋالىدىن سۆز ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەنگلىيە ھىندىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ ئەرزان باھالىق پاختىسى كۆپلەپ توشۇلۇپ، ئەنگلىيە بازارلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھىندىستان پاختىسى بېسىپ كەتتى. ئەنگلىيە فابرىكىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا رەختنىڭ تەننەرقى يۇقۇرى بولۇپ، قىممەت سېتىلغانلىقتىن، كىشلەر سېتىۋالمايتتى. فابرىكا خوجايىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ياخشىلاش يولى بىلەن تەننەرقىنى چۈشۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئەرزان تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى كېمىسازلىق ئىشچىسى ئىدى. ۋات كىچىكىدىنلا شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن، 20 يېشىدا گلازگو داشۆسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئاسپىرانت بولۇپ، مەخسۇس ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرىنى ياسايتتى ۋە رېمونت قىلاتتى. ئۇنىڭ پار ماشىنىسىنى ياساش جەريانى پۈتۈنلەي مۇشۇ داشۆدە باشلانغان.
ئۇنداق بولسا، پار ماشىنىسىنى ۋات كەشپ قىلغانمۇ؟ شۇنداق دېيىشكىمۇ، ئۇنىڭ ئەمەس دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ ئىش ئۈستىدە ئەنگلىيىنىڭ بۇ چاغدىكى سانائەت ئەھۋالىدىن سۆز ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەنگلىيە ھىندىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ ئەرزان باھالىق پاختىسى كۆپلەپ توشۇلۇپ، ئەنگلىيە بازارلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھىندىستان پاختىسى بېسىپ كەتتى. ئەنگلىيە فابرىكىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا رەختنىڭ تەننەرقى يۇقۇرى بولۇپ، قىممەت سېتىلغانلىقتىن، كىشىلەر سېتىۋالمايتتى فابرىكا خوجايىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ياخشىلاش يولى بىلەن تەننەرقىنى چۈشۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئەرزان گەزلىمىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئويلايتتى.
شۇ كەملەردە، ئەنگلىيىنىڭ رەخت توقۇش تېخنىكىسى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. ئىشچىلار موكىنى بىر دەم ئوڭ قولى بىلەن سول تەرەپكە ئىتتىرسە، بىر دەم سول قولى بىلەن ئوڭ تەرەپكە ئىتتىرىپ، بىر كۈندە ئاران نەچچە چى رەخت توقۇيتتى. 1733 - يىلى كېيئى دېگەن ماشىنىسازلىق ئىشچىسى ئۇچار موكىنى كەشپ قىلدى، بۇ موكا يىپنى تارتىپ قويسىلا ئۇچقاندەك يۈرۈشۈپ كېتىدىغانلىقتىن، رەخت توقۇش سۈرئىتىنى بىراقلا نەچچە ھەسسە تېزلىتىۋەتتى.
رەخت توقۇش تېخنىكىسى ئۆستى، ئەمدى يىپ ئىگىرىشتە قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەنگلىيىنىڭ قول چاقىدا بىر قېتىمدا بىرتال يىپ ئىگىرىلەتتى. يىپ ئىگىرىش ئىقتىدارى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئەنگلىيىدە «پاختا يىپ قەھەتچىلىكى» يۈز بەردى. 1761 - يىلى ئەنگىلىيىدىكى «سەنئەت ۋە سانائەت مۇكاپاتى جەمئىيىتى» پەۋقۇلئاددە تەشۋىق ۋەرەقە تارقىتىپ، يېڭى تىپتىكى يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى كەشپ قىلغانلارنى مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلاشنى تەكلىپ قىلدى. تۆت يىلدىن كېيىن، ھاگرىف ئىسملىك توقۇمچىلىق ئىشچىسى بىر قېتىمدىلا 16 تالدىن 18 تالغىچە يىپ ئىگىرىدىغان بىر خىل يېڭى يىپ ئىگىرىش ماشىنىسىنى كەشپ قىلدى. ئۇ خۇشال بولغان ھالدا، بۇ يىپ ئىگىرىش ماشىنىسىغا ئۆزىنىڭ قىزى جېننىنىڭ نامىنى بېرىپ، ئۇنى «جېننى ماشىنىسى» دەپ ئاتىدى.
ئەمما، يېڭى تىپتىكى بۇ يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى قول بىلەن ئايلاندۇرۇلاتتى، ئادەمنىڭ كۈچى ھامان چەكلىك بولىدۇ، شۇڭا ئىگىرىلگەن يىپ ھەم ئىنچىكە ھەم خام بولاتتى. دېمەك، ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا توغرا كەلدى.
1769 - يىلى ئاكرىت ئىسىملىك سائەتچى يېزىلاردا ھەمىشە سۇ كۈچى بىلەن ئۇن تارتىلىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، سۇ كۈچى بىلەن ئايلىنىدىغان يىپ ئىگىرىش ماشىنىسىنى لايىھىلىدى. ئۇ بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن ئۇرچۇقنى تەڭ ھەركەتلەندۈرەلەيتتى. بۇ كەشپىيات ئەنگلىيىنىڭ سانائەت قۇرۇلمىسىنى بىردىنلا ئۆزگەرتىۋەتتى. چۈنكى، قول بىلەن ئايلاندۇرۇلىدىغان «جېننى ماشىنىسى» ئائىلە ئىشلەپچىقىرىشىغا باپ كەلسە، سۇ كۈچى بىلەن ھەركەتلىنىدىغان يىپ ئىگىرىش ماشىنىسى بىلەن چوڭ فابرىكىلاردا ئىشلەپچىقىرىشقا توغرا كېلەتتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاكرىت ئەنگلىيىدىكى ئەڭ دەسلەپكى فابرىكا خوجايىنى بولۇپ قالدى.
يىپ ئىگىرىش ماشىنىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى رەخت توقۇش ماشىنىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. 1785 - يىلى كاتۋىرت ئىسملىك بىر كىشى سۇ كۈچى بىلەن رەخت توقۇش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىپ، رەخت توقۇش ئۈنۈمىنى 40 ھەسسە ئۆستۈردى.
بىراق، سۇ كۈچى بىلەن ھەركەتلىنىدىغان زاۋۇتلارنى يېزىلاردىكى دەريا بويىغا سېلىشقا توغرا كېلەتتى، قاتناش ئەپسىز، تىرانسپورت ئىشىلىرى قىيىن بولاتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ كۈچىنىڭ ئاز _ كۆپلۈگى پەسىل تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىم ھالدا داۋاملاشتۇرغىلى بولمايتتى. شۇ سەۋەبتىن، ۋات ھەرقانداق يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بىرخىل گېنېراتور ياسىماقچى بولدى. ئۇ بالا ۋاقتىدا كۆرگەن پارنىڭ چۆگۈننىڭ ئاغزىنى كۆتىرىپ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشقا تەييارلاندى. ئۇ پارنى ماشىنىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىشقا دائىر نۇرغۇن ماتېرىياللارنى ھاردىم _ تالدىم دېمەي ئوقۇدى، بۇنىڭ ئۈچۈن، نېمىسچە بىلەن ئىتالىيانچىنى ئۈگەندى.
پەيت يېتىپ كەلدى! 1763 - يىلى ۋاتقا رېمونت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، داشۆگە بىر پار ماشىنىسىنىڭ مودېلىنى ئېلىپ كېلىشتى. ۋات پار ماشىنىسىنى رېمونت قىلىپ باققان ئىككى ئىشچى بىلەن بىرلىكتە، تەپسىلى تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى.
17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، فرانسۇز پابون پار ماشىنىسىنى سىناپ ياساشقا كىرىشكەن ئىدى. 1698 - يىلى ئەنگلىز سافۇرى پار كۈچى بىلەن سۇ چىقارغان ئىدى. بىراق، بۇ پار ماشىنىسىغا يېقىلغۇ كۆپ كېتەتتى، ئىشلىتىش خەتەرلىك بولغانلىقتىن ئومۇملاشتۇرۇلمىغان ئىدى. 1705 - يىلى ئەنگلىيىلىك نيۇكمان ئىسلاھ قىلىنغان پار ماشىنىسىنى ياساپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھارارىتىنى كونتۇرۇل قىلغىلى بولماي، بىردەم سوۋۇپ، بىردەمق قىزىپ كېتەتتى، ئۇنىڭ ئىللەتلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى، ۋات بۇ نۆۋەت رېمونت قىلىشقا مەسئۇل بولغان پارماشىنىسى نيۇكمان ياسىغان پار ماشىنىسى مودېلىنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.
«مەن بۇنىڭدىنمۇ ياخشى پار ماشىنىسى ياساپ چىقىمەن!» _ دېدى ۋات رېمونت قىلىۋاتقاچ قەتئى نىيەتكە كېلىپ.
بىر يىلدىن كېيىن، ۋات ئۆز قولى بىلەن ياسىغان بىر پار ماشىنىسىغا ئوت يېقىلدى. كۆمۈر ئوتى يالقۇنجىغاندىن كېيىن سۇنىڭ ھارارىتى ئۆرلەپ، ھايال ئۆتمەي پۇرۇقلاپ قاينىدى. ۋات خوشال بولۇپ پار ماشىنىسىنىڭ ئۇلىغۇچىنى ئېچىۋىدى، ماشىنا ھەركەتلەنمىدى. «ھەي! نېمىشقا ھەركەتلەنمەيدۇ؟» دەيتتى ۋات ئىنتايىن ھەيران بولۇپ. ئۇ تەپسىلى قاراپ يۈرۈپ، پارنىڭ تەرەپ _ تەرەپتىن چىقىپ كېتىپ، پۈتۈن ئۆينى پار قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. پار قېچىپ كېتىدىغان پار ماشىنىسىنىڭ ھەركەتلەنمەيدىغانلىقى تۇرغان گەپ، شۇڭا ۋات مەغلۇپ بولدى.
_ نېمىدىن قورقاتتىم، چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن! _ دەيتتى ۋات مەغلۇبىيەت ئالدىدا تېخىمۇ چوڭ ئىرادىگە كېلىپ.
ئەمما، داشۆنىڭ پار ماشىنىسىنى سىناپ ياساش پىلانى يوق ئىدى. سىناق قىلىشقا، ياساشقا توغرا كەلسە ھەممە خىراجەتنى ۋات چىقىرىشقا توغرا كېلەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق پۇل - پۈچەكلىرىنى سەرپ قىلىپ تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپمۇ يەنە مەغلۇپ بولدى! ئۇرۇق _ توغقان، ئەل - ئاغىنىلىرىدىن قەرز ئېلىپ تەجرىبە قىلغان بولسىمۇ، يەنە مەغلۇپ بولدى! جازانىخورلاردىن قەرز ئېلىپ تەجرىبە قىلغاندىمۇ مەغلۇپ بولدى! ۋات پار ماشىنىسىنى ياسايمەن دەپ قەرزگە بوغۇلۇپ، پۈتۈنلەي ئامالسىز قالدى.
_ ۋات، مانا ئەمدى پۇرسەت كەلدى! _ دېدى ۋاتنىڭ ئاغىنىسى بىر كۈنى ئاتايىن كېلىپ.
كىم پار ماشىنىسى ياسىتىدىكەن؟ _ دەپ سورىدى ۋات ئۈمىتسىزلىك ئىچىدىن ئۈمىتنى تېپىۋالغاندەك.
_ بىرمىنىھامدىكى تۆمۈرچىلىك زاۋۇتىنىڭ خوجايىنى پار ماشىنىسى ياساتماقچى بوپتۇ. ئۇنىڭ پۇلى كۆپ ئادەم تاپالمايۋېتىپتۇ.
_ مەن باراي! مەن باراي! _ دەيتتى ۋات خوشالىقىدىن سەكرەپ.
بىرمىنھامدىكى تۆمۈرچىلىك زاۋۇتىدا مەلىكىلىك ماشىنىسازلىق ئىشچىلىرى كۆپ ئىدى. ۋات ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن تەكرار ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق 1769 - يىلى ئايرىپ توڭلىتىش ئەسۋابى ئورنىتىلغان يالغۇز ھەركەتلىك پار ماشىنىسىنى ئاخىرى ياساپ چىقتى. بۇ ماشىنىنىڭ خىزمىتى نورمال بولۇپلا قالماي، بەلكى بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولغانلىقتىن، كۆپچىلىك ۋاتنىڭ بۇ كەشپىياتىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.
_ ياق! - دەيتتى ۋات ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن قانائەتلەنمەي، _ بۇ ماشىنا تېخى يالغۇز ھەركەتلىك، مەن بىرلەشمە ھەركەتلىك ماشىنا ياساپ، ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئايلىنىدىغان قىلىمەن!
1782 - يىلى بىرلەشمە ھەركەتلىك پار ماشىنىسىنى سىناپ ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئۇنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغاندا، ھەرخىل ماشىنىلانى تەڭ ھەركەتلەندۈرگىلى بولاتتى. بۇ ماشىنا بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان پار ماشىنىسىنىڭ دەل ئۆزى.
1807 - يىلى، ئامېرىكىلىق فوئېل ۋاتنىڭ پار ماشىنىسىنى پاراخوتقا ئورناتتى. شۇنىڭدىن ئېتبارەن پاراخوتلار پۈتۈن دۇنيادا قاتنايدىغان بولدى.
1814 - يىلى، ئەنگلىيىلىك شتۋونسون ۋاتنىڭ پار ماشىنىسىنى پويىزغا ئورناتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پويىز قاتنىشى بەش قىتئەگە تارقالدى.
ۋات 1819 - يىل ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلدى. ئالىملار ۋاتنىڭ ئۇلۇغ كەشىپىياتلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، گېنېراتور ۋە ئېلېكتىر موتورىنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى ھېساپلاش بىرلىگىنى «ۋات»، قىسقىچە «W» دەپ ئاتىدى. ھازىر ئۆيلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان لامپۇچكا، تېلېۋىزور، توك دەزمىلى قاتارلىقلارنىڭ ئىش ئۈنۈمى «ۋات» بىلەن ھېساپلىنىۋاتمامدۇ؟ بىز ۋاتنى ئەنە شۇ يول بىلەن خاتىرىلەۋاتىمىز!
پار ماشىنىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ھەر قايسى كەسىپلەر ئۈچۈن غايەت زور ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېغىشلىدى شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە سانائىتىدە غايەت زور سەكرەش يۈز بەردى. ماشىنا ئىشلىتىدىغان چوڭ زاۋۇتلار يۈزلەپ، مىڭلاپ قۇرۇلدى. بىر ئەسىرگە يەتمەيلا، ئەنگلىيە سانائىتى ئاساسىي جەھەتتىن ماشىنىلىشىپ بولدى، ئالەمگە مەشھۇر «ئەنگلىيە سانائەت ئىنقىلابى» دېگىنىمىز ئەنە شۇ.