كۇرۇسنىڭ بابىلنى ئىشغال قىلىشى
بەش مىڭ يىل
مىلادىدىن ئىلگىرى 538 _ يىلى قەدىمقى مەدىنى دۆلەت بابىل ئەڭ خەتەرلىك دەۋرىگە قەدەم قويغان.
پايتەختى بابىلۇن شەھىرىنى پىرسيە ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇشۇنلىرى خېلى بىر مەزگىل قورشۋالغان. پىرسيە پادىشاھى كۇرۇس بابىل پادىشاھنى تەسلىم بولۇشقا قايتا _قايتا ئۇنىسىمۇ، لېكىن ئۇ داۋاملىق تۇردە قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن.
_ ئۇلار نېمىتى؟ _ دېگەن بابىل پادىشاھى ئىشەنچ بىلەن، _ كۇرۇس قوشۇنلىرى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېفرات دەرياسىغا غەرق قىلىۋېتىمەن! _ ئەسلىدە بابىلۇن شەھىرىنىڭ مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ئىنتايىن پۇختا ئىكەن، سېپىللىرى قېلىن، ئىستىھكاملىرى پۇختا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئالاھىدە بولغان سۇ قۇيۇپ بېرىش سېستىمىلىرىمۇ بار ئىكەن. توساقنى ئىچىۋەتسىلا ئېفرات دەرياسىنىڭ سۈيى بابىلۇن شەھىرىگە باسۇرۇپ كېلىپ، شەھەر تېشىدىكى يەرلەرنى كۆلگە ئايلاندۇرۇۋاتالايدىكەن.
_ پادىشاھ ئالىلىرى پىرسىيە قۇشۇنلىرى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى! _ دەپ ئالدىراپ خەۋەر قىلىپتۇ پادىشاھ مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بىرى بىر ئاخشىمى.
_ سۇ قۇيۇپ بېرىڭلار! _ دەپ ئەمىر قىلىپتۇ پادىشاھ ۋە ياتاقخانىسىغا قايتىپ خوشخەۋەر كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز چوقان _سۈرەن كوتىرىلىپتۇ.
_ چاتاق بولدى، پىرسىيە قوشۇنلىرى شەھەرگە باسۇرۇپ كىردى! _ دەپتۇ مۇھاپىزەتچى ئالاقزادىلىك بىلەن پادىشاھنىڭ ياتىغىنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ.
_ نېمە ئۇلار قانات ياساپ كىرىپتىمۇ؟ _ پادىشاھ دەرھال شاھزادىنى ئەسكەر باشلاپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە بۇيرۇپتۇ، بىراق كېچىكىپ قېلىپتۇ، چۈنكى بۇ چاغدا پىرسىيە قوشۇنلىرى پۈتۈن بابىلۇن شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ بولغان ئىكەن.
بۇ قانداق ئىش؟
بابىل خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى خان جەمەتى، باي سودىگەر - تۆرىلەرگە، ھاپىزلاردىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇھقا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلار زادىلا ئەپ ئەمەس ئىكەن. بىر - بىرىنىڭ پېيىگە چۈشۈپ يۈرۈشكەن ئىكەن. پىرسىيە پادىشاھى كۇرۇس بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، شەھەرگە جاساسلارنى كىرگۈزۈپ باي سودىگەر - تۆرىلەرگە ۋە ھاپىزلارغا نۇرغۇن ئالتۇن كۈمۈش بېرىپ، شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن ئۇلارغا تەگمەسلىككە ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭدەك، ئۇلارغا، بابىلۇن شەھىرىنى تەقدىم قىلالىساڭلار كۆپ ئىنئام بېرىمەن، دىگەن. بۇ ئەبلەخلەر ئۆز شۆھرەتلىرىنى دەپ ۋەتەن ساتقۇچلۇق قىلىپ، ئېفرات دەرياسىنىڭ سۇيىنى باشقا تەرەپكە باشلىۋېتىپ، كېچىدە شەر دەرۋازىلىرىنى پىرىسىيە قوشۇنلىرىغا ئېچىپ بەرگەن. شۇنداق قىلىپ كۇرۇس ھىچبىر كۇچ سەرپ قىلمايلا بابىل خانلىقىنى يوقاتقان.
كۇرۇس پىرىسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى، پىرىسيلىكلەر ئەسلىدە ئىران ئىگىزلىكىنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان بولۇپ ئۇلارغا شىمال تەرەپتىكى مېدىيلىكلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىدىكەن. مىلادىدىن ئىلىگىرى 550 - يىلى كۇرۇس لەشكەر تارتىپ مېدىيە خانلىقىنى يوقىتىپ، ئىران ئىگىزلىكىنىق بىرلىككە كەلتۇرگەن ۋە قۇدرەتلىك پىرىسىيە ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇ كىچىك ئاسىياغا ھەربىي يۇرۇش قىلىپ، تاكى ئېگەي دېڭىزى بويلىرىغىچە بارغان. ئۇنىڭدىن كېيىن جەنۇپقا قاراپ يۇرۇش قىلىپ، فىنىك ۋە پەلەستىنلەرنى بوي سۇندۇرۇپ، ئاخىرىدا ئوتتۇرا شەرقتىكى كۇچلۇك دۆلەت بابلىنى يوقاتقان. پىرىسىيە بوغىزىدىن تارتىپ ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان جايلارنىڭ ھەننىۋاسى پىرىسىيە زېمىنى بولغان.
كۇرۇس ئۆز زامانىسىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئاۋات بولغان بابىلۇن شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن پىرىسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختىنى بابىلۇن شەھىرىگە يۆتكەشنى قارار قىلغان ھەمدە ئۆزىنى «ئالەمنىڭ پادىشاھى» دەپ جاكارلىغان.
كۇرۇسنىڭ كېيىنكى قېتىملىق بوي سۇندۇرۇش ئوبىكتى مىسىر بولغان. بىراق، ئۇ مىسىرغا يۈرۈش قىلىشتىن ئىلگىرى، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ شەرقىي تەرەپتىكى ئارقا سېپىنى مۇستەھكەملەش لازىملىغىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەسكەرتارتىپ كاسپى دېڭىزىغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، ئۇ يەردىكى ماساگېت دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلماقچى بولغان.
ماساگىت خان ئوردىسىدا ئايال پادىشاھقا جىددىي يىغىن چاقىرغان. ئايال پادىشاھ ئەلەملىك كۆزيىشى قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دىگەن :
_پىرسىيە قوشۇنلىرى يەرلىرىمنى بېسىۋالدى، خەلقىمىزنى قىردى، مېنىڭ جان _ جىگەر ئوغۇلۇمنى ئۆلتۈردى، چوقۇم ئىنتىقام ئېلىشىمىز كېرەك!
_ چوقۇم ئىنتىقام ئالىمىز! _ دەپتۇ قەسەم ئىچىشكەن ۋەزىرلەر ۋە قۇشۇن سەركەردىلىرى.
ئۇلار تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىر ئامالىنى تاپقان. ئاۋال دۈشمەننى ئالداپ ئىچىكىرىلەپ كىرگۈزۈپ، ئۆزلىرى يايلاق تەرەپكە چېكىنىگەن. كۇرۇس ماساگېت قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولدى دەپ ئويلاپ، بىر قىسىم ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ توپ - توغرا باستۇرۇپ كىرگەن. تۇيۇقسىزلا تەرەپ _ تەرەپتىن غەزەپلىك سادا ياڭراپ، بوكتۇرمىدىكى ماساگېت ئاتلىق ئەسكەرلىرى كۇرۇس چېكىنىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن.
«ئالەمنىڭ پادىشاھى» قولغا چۈشكەن، ماساگېت ئەسكەرلىرى ئۇنى ئايال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارغان.
_ ھوي قانخور زالىم، سېنى قانغا تويغۇزۇپ قوياي، _ دېگەن، ئايال پادىشاھ قاتتىق ئاۋاز بىلەن كۇرۇسنىڭ كۆزىگە قولىنى تىقىپ تۇرۇپ ھەم ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كۇرۇسنىڭ بېشى كېسىلىپ ، قان قاچلانغان قاپقا سېلىنغان.
كېيىنكى چاغلاردا كۇرۇسنىڭ جەسىدى پىرسىيىگە ئېلىپ كېلىنىپ كاتتا ھەم ھەشەمەتلىك قەۋرىگە دەپنە قىلىنغان. بۇ قەۋرە تا ھازىرغىچە ئىران ئىگىزلىكىدە ساقلانماقتا.
كۇرۇس ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى كابۇسىس ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرى 525 - يىلى مىسىرنى مۇنقەرز قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن پىرسىيە ئىمپىرىيىسى بوي سۇندۇرغان دۆلەتلەر قوزغىلىپ قارشىلىق قىلغاچقا، پىرسىيە ئىمپىرىيىسى بىر مەھەل پارچىلانغان.