UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭجياۋۇ ئۇرۇشى

جياۋۇ ئۇرۇشى

بەش مىڭ يىل شەرق مەسلىكى قوزغىلىڭىنىڭ يالقۇنى بارغانسېرى ئۆرلەپ لاۋۇلداۋاتقاندا، چاۋشيەن پادىشاھى تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، بىر تەرەپتىن، قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرنى ساختىپەزلىك بىلەن قوبۇل قىلسا، بىر تەرەپتىن، جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدىن ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرۇشقا ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ چاغدا، ياپونىيىنىڭ چاۋشيەندىكى تەسىر كۈچى ئىنتايىن ئۈستۈن بولغاچقا، چىڭ ھۆكۈمىتى ئەسكەر چىقارغان ھامان ئۇلارنىڭ بىر چاتاق چىقىرىشىدىن قورقۇپ ياپونىيىنىڭ تەشەببۇسىنى تىڭ تىڭلاشقا ئالدىرىدى. كۈتۈلمىگەندە، ياپونىيە تەشەببۇسكارلىق بىلەن پوزىتسىيە بىلدۈردى، 1894 - يىل 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ياپونىيىنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىر تەرجىماننى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق سودا ۋەزىرى يۈەن شىكەي بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتتى. - تەقسىر، - دېدى تەرجىمان، - ئاڭلىشىمىزچە، چاۋشيەن پادىشاھى دۆلەتلىرىگە جىددىي مۇراجىئەت قىلىپ، توپىلاڭنى باستۇرۇشقا ئەسكەر چىقىرىشنى تەلەپ قىپتىكەن، ھېچبىر شەپىسى كۆرۈنمەيدىغۇ؟ ئەگەر دۆلەتلىرى ئەسكەر چىقارسا، كەمىنە دۆلىتىمىز ئارىلاشمايدۇ. يۈەن شىكەي بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى. بىراق، بۇ كىچىككىنە بىر تەرجىماننىڭ سۆزى تۇرسا، ئۇنىڭ سۆزىنى قانداقمۇ راست دېگىلى بولسۇن؟ كۈتۈلمىگەندە، ئەتىسى ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلومات ۋەكىلى كېلىپ يۈەن شىكەي بىلەن كۆرۈشۈپ، تەرجىمان دېگەن سۆزلەرنى تەكرارلىدى ھەمدە بۇنىڭدا ھېچقانداق مەقسەتنىڭ يوقلۇقىغا كېپىللىك قىلىمەن دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى تېزلىكتە ئەسكەر چىقىرىپ چاۋشيەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ قېتىم يۈەن شىكەي سۆرەلمىلىك قىلمىدى، شۇ ھامانلا بىۋاستە قاراشلىق جايلار )ھازىرقى بېيجىڭ، تيەنجىن ئىككى شەھەر ۋە خېبې ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى( نىڭ باش ۋالىيسى، قوشۇمچە شىمال ۋەزىرى لى خۇڭجاڭغا: >ياپونىيە بىزنىڭ ئەسكەر چىقىرىشىمىزغا ئارىلاشمايدىغان ئوخشايدۇ< دەپ تېلېگرامما بەردى. لى خۇڭجاڭ تېلېگراممىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، چوڭقۇر ئىشەنچ قىلىپ، ھەربىي مۇپەتتىشى )ئۆلكە دەرىجىلىك ئالىي ھەربىي ئەمەلدار( يې جژچاۋنى 1500 ئەسكەر بىلەن چاۋشيەنگە ئەۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئۇ قانداق بىلسۇن! يې جژچاۋ قوشۇنى يولغا چىققاننىڭ ئەتىسىلا ياپونىيە 7000 - 8000 كىشىلىك قوشۇننى ئىنتايىن تېزلىكتە چاۋشيەنگە ئەۋەتتى يې جژچاۋ قوشۇنى بېرىپ بولغۇچە، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ زەربىدار قىسىملىرى رېنچۇەندە قۇرۇقلۇققا چىقتى. ئىككى كۈندىن كېيىن، رېنچۇەندىن تارتىپ جەنچېڭغىچە بولغان ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جايلارنىڭ ھەممىسىنى ياپونىيە قوشۇنلىرى تىزگىنلىۋالدى، بۇ چاغدا چىڭ ئارمىيىسى تېخى ياشەندە قۇرۇقلۇققا چىقىپ بولالمىغانىدى. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ياپونىيىنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن قوشۇنى 10 مىڭغا يېتىپ، ئەسكىرىي كۈچى جەھەتتە چىڭ قوشۇنىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. لى خۇڭجاڭ ئەنسىزچىلىكتە تەمتىرەپ قالدى - دە، ئالدىراپ - تېنەپ ياپونىيىدىن ئەسكەرنى بەك كۆپ چىقارماسلىقنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئەسكەرلىرىنى ئاچىقىپ كېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ياپونىيە ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈپ، بىر مەيدان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قىلىشقا ئاللىقاچان تەييارلانغان تۇرسا، نەدىمۇ بۇنداق تەلەپلەرگە ماقۇل بولسۇن؟ شۇنىڭ بىلەن لى خۇڭجاڭ شى تەيخۇدىن قايتا يوليورۇق سوراشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ چاغدا، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى پۈتۈنلەي شى تەيخۇنىڭ قولىدا ئىدى. شۇ يىلى ئۇ 60 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، 1 - ئايدىن باشلاپلا >تۈمەن يىل ياشاش مۇراسىمى< غا تەييارلىق قىلىۋاتقا، مۇرەسسە قىلىپ يول قويۇشنى، ئۇرۇش قىلماي تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. لى خۇڭجاڭ قانداق قىلىش ھەققىدە يوليورۇق سورىغاندا، ئۇ دەرھال كېلىشىشنى تەكرارلىدى ھەمدە: >كىمكى مېنى بىر كۈن خاپا قىلسا، مەن ئۇنى ئۆمۈر بويى خاپا قىلىمەن!< - دەپ كايىدى. لى خۇڭجاڭ قۇللۇق ئىدىيىسى بىلەن سۇغۇرۇلغان چوڭ تۆرە ئىدى. ئۇ شى تەيخۇنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، پۈتۈن ئۈمىدنى روسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ >كېلىشتۈرۈپ قويۇشى< غا باغلىدى، ئەمما نەتىجىدە ھەممە ئۈمىد يوققا چىقتى. 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، خەنچېڭ ئەتراپىغا جايلاشقان ياپون ئەسكەرلىرى ئۈچ تۈمەنگە يېتىپ، ۋەزىيەت بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كەتتى. لى خۇڭجاڭ مەملىكەت ئىچىدىكى جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، زو باۋگۇينىڭ قوشۇنى قاتارلىق جەمئىي 14 مىڭ كىشىلىك تۆت قوشۇننى يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ پىڭراڭغا ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەنگلىيىنىڭ >ئۆرلەمچى< ناملىق سودا پاراخوتىنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا جۇڭگونىڭ >ساۋجياڭ< ناملىق ھەربىي پاراخوتىنى قوشتى ھەمدە >جىيۈەن< قاتارلىق ئۈچ ھەربىي پاراخوتنى مۇھاپىزەتچىلىككە بەلگىلەپ، قۇرۇقلۇق ئەسكەرلىرىدىن 2000 نى يې جژچاۋ قوشۇنىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ياشەنگە يۆتكىدى. تيەنجىنگە يوشۇرۇنغان ياپونىيە ئىشپىيونلىرى ئىزچىل تۈردە چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى تىڭ تىڭلاپ يۈرەتتى، ئۇلار لى خۇڭجاڭنىڭ ئوغۇل نەۋرىسىگە قىممەت باھالىق پارا بېرىپ ئۇنى سېتىۋېلىپ، ياردەمچى ئارمىيىنىڭ يولغا چىقىدىغان ۋاقتىدىن ئىبارەت مۇھىم ھەربى ئاخباراتنى قولغا چۈشۈرۈۋالدى. 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىدىن ئۆتكەندە، >ئۆرلەمچى< قاتارلىقلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ يولغا چىققان جۇڭگونىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى ياشەن ئېغىزىنىڭ سىرتىدىكى دېڭىز يۈزىدە، ئۇ يەرگە ئاللىقاچان توپلانغان ياپونىيە پاراخوتلىرى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچرىدى، جۇڭگونىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىمۇ دەرھال قايتۇرما زەربە بەردى. جۇڭگو - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى جياۋۇ ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. جۇڭگونىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى ياپونىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى ئارىسىدا قالغاندا جەڭنىڭ قانچىلىك قىيىن بولىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. تەخمىنەن بىر سائەتتىن كېيىن، جۇڭگونىڭ كىچىكرەك بىر ھەربىي پاراخوتى ئېغىر زەخىملىنىپ، جەڭ مەيدانىدىن چېكىنىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە پاراخوتلىرى ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئوت كۈچى كۈچلۈك بولغان >جىيۈەن< ناملىق تۆمۈر تاپان پاراخوتقا تاقابىل تۇردى. >جىيۈەن< ناملىق پاراخوتتىكى ئوفىتسېر - جەڭچىلەر باتۇرلۇق بىلەن قايتۇرما زەربە بەرگەچكە، ياپونىيە پاراخوتلىرى بىر مەھەل ھېچقانداق نەپ ئالالمىدى. ئەمما >جىيۈەن< نىڭ كاپىتانى فاڭ بوچيەن قورقۇنچاق بولغاچقا، بىر پەس تاقابىل تۇرۇپلا، مۇھاپىزەت ۋەزىپىسى بىلەن كارى بولماي، قېچىشقا بۇيرۇق بەردى. ياپونىيىنىڭ ئوكيان چارلىغۇچى >يوشىنو< ناملىق پاراخوتى >جىيۈەن< بوچيەننىڭ قورقۇپ جېنى چىقىپ، ئاق بايراق چىقىرىپ تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. پاراخوتتىكى ئوفىتسېر - جەڭچىلەر فاڭ بوچيەننىڭ شەرمەندە ھەرىكىتىگە ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئورۇنباسار كاپىتان شىن شۇچاڭ ئارقا تەرەپتىكى زەمبىرەكلەرگە قايتۇرما زەربە بېرىش ھەققىدە جەسسۇرلۇق بىلەن بۇيرۇق بەردى. زەمبىرەكچىلەر ئارقا - ئارقىدىن تۆت پاي ئېتىپ، >يوشىنو< نى ئېغىر زەخىملەندۈرۈپ، داۋاملىق ھۇجۇم قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى. جەڭچىلەرنىڭ روھىي كۆتۈرۈلۈپ، فاڭ بوچيەندىن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دۈشمەن پاراخوتىنى ئېتىپ چۆكتۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما فاڭ بوچيەن يولسىزلىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلدى ھەمدە تېزلىكتە تينەجىنگە قايتىشقا بۇيرۇق بەردى. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئۆزىنى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق قوماندانىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن دەۋېلىپ 2000 سەر كۈمۈش مۇكاپات ئالدى! فاڭ بوچيەن >جىيۈەن< گە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكىلەرنى يۆتكەپ كېلىۋاتقان >گاشىڭ< بىلەن >ساۋجياڭ< مۇھاپىزەتسىز قېپقالدى. >ساۋجياڭ< ناملىق ھەربىي پاراخوتنى ئىنتايىن تېزلىكتە ياپونىيە پاراخوتلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىندى. ئارقىدىنلا ياپونىيە پاراخوتلىرى يەنە >گاۋشىڭ< ناملىق پاراخوتنىمۇ تەسلىم بولۇشقا قىستىدى. >گاۋشىڭ< ناملىق پاراخوتتىكى ئىنگلىز كاپىتان ياپونىيە پاراخوتلىرىدىن بېرىلگەن بۇيرۇققا بويسۇنماقچى بولدى، ئەمما جۇڭگولۇق ئوفىتسېر - چەڭچىلەر ئۇنىڭ پىكرىگە قەتئىي ئۇنىمىدى، ئوفىتسېر - جەڭچىلەر ئۇنىڭ پىكرىگە قەتئىي پاراخوتقا تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىك ئارقا - ئارقىدىن: >بۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىشكە رازى، ئەسىرگە چۈشۈپ كېتىشكە رازى ئەمەس!< لىكىنى بىلدۈردى. ياپونىيە پاراخوتلىرى جۇڭگو ئوفىتسېر - جەڭچىلىرىنىڭ تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، رەھىمسىزلىك بىلەن >گاۋشىڭ< غا سۇ مىناسى قويۇپ بەردى ھەمدە زەمبىرەك بىلەن ئوققا تۇتتى. جۇڭگولۇق ئوفىتسېر - جەڭچىلەر ئاددىي مىلتىق بىلەن تاكى پاراخوت چۆكۈپ كەتكۈچە باتۇرانە قايتۇرما زەربە بەردى. 700 دىن كۆپرە ئوفىتسېر - جەڭچىلەر مەردانىلىك بىلەن قۇربان بولدى. شۇ كۈنى، ياپونىيىنىڭ 4000 ئەسكىرى ئۇۋىسىدىن ئوغرىلىقچە قوزغىلىپ چىقىپ، ياشەندىكى يې جژچاۋ قوشۇنىغا ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىش ئۈچۈن ئاتلاندى. چاۋشيەن خەلقى تۈرلۈك چارىلەر بىلەن توسقۇنلۇق قىلغاچقا، ئۈچ كۈندىن كېيىن ياشەنگە يېتىپ كېلەلىدى. ئىككى تەرەپ شىددەەتلىك جەڭ قىلدى. ئارقا سەپتىن ياردەم بېرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان يې جژچاۋ دۈشمەندىن ئەزرائىلدىن قورققاندەك قورقۇپ، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرمەيلا قالماستىن، بەلكى پوزىتسىيىسىنى تاشلاپ پىڭراڭغا قاچتى. زوباۋگۇينىڭ قوشۇنى قاتارلىق 14 مىڭ كىشىلىك تۆت قوشۇن ئۇزاققا قالمايلا پىڭراڭغا يېتىپ كەلدى. 9 - ئايغا كەلگەندە، چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياپونىيە ئەسكەرلىرى 50 مىڭغا، پىڭراڭدىكى چىڭ ئەسكەرلىرى تەخمىنەن 20 مىڭغا يەتتى. ياشەندىن پىڭراڭغا قېچىپ كەلگەن يې جژچاۋ قوشۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، مەغلۇبىيەتنى غالىبىيەت دەۋالدى. چىرىك چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى مۇكاپاتلاپلا قالماستىن، يەنە ئۇنى پىڭراڭدا تۇرۇشلۇق قوشۇنلارنىڭ باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈپ قويدى. ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، يې جژچاۋ قوشۇنلارنىڭ تەمىناتىنى تۇتۇۋېلىپ، ھاراق - شاراب بىلەن كۆڭۈل ئېچىشقا بېرىلىپ، ئۇرۇش تەييارلىقىنى قىلمىدى. بۇنىڭ ھەرىكىتى ئەسكەرلەرنىڭ كەيپىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى ۋە قوشۇنلارنىڭ باشلىقلىرىنى قوماندانلىققا بويسۇنمايدىغان قىلىپ قويدى ھەمدە چاۋشيەن خەلقىنىمۇ ناھايىتى زور ئۈمىدسىزلەندۈردى. 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ياپونىيىنىڭ زەربىدار قوشۇنلىرى پىڭراڭ شەھىرىنىڭ سىرتىغا يېتىپ كەلدى. يې جژچاۋ شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشنى تەشەببۇس قىلدى. زوباۋگۇي بۇ تەشەببۇسقا قەتئىي قارشى تۇردى ھەمدە يې جژچاۋنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىگە يېقىن ئەسكەرلەردىن ئەۋەتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە، ياپونىيە قوشۇنلىرى تۆت يولغا بۆلۈنۈپ پىڭراڭغا ھۇجۇم قىلدى. زوباۋگۇي شيەنۋۇ دەرۋازىسىدىكى سېپىل ئۈستىگە چىقىپ جەڭگە قوماندانلىق قىلدى، زەمبىرەكچى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇ شەخسەن ئۆزى دۈشمەننى زەمبىرەك بىلەن ئوققا تۇتتى؛ كۆپ يېرى جاراھەتلەنسىمۇ، يەنىلا دۈشمەنگە قارشى جەڭنى توختاتمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئوق تېگىپ باتۇرلارچە قۇربان بولدى. ياپونىيە ئارمىيىسى شيەنۋۇ دەرۋازىسىنى ئالغاندىن كېيىن دەرھال شەھەرگە كىرىشكە پېتىنالمىدى. بۇ چاغدا، داۋاملىق قايتۇرما زەربە بېرىش ئارقىلىق دۈشمەننى چېكىندۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. ئەمما يې جژچاۋ ئۆلۈمدىن قورقۇپ، توخۇ يۈرەكلىك بىلەن پۈتكۈل قوشۇنلارنىڭ چېكىنىشىگە بۇيرۇق بەردى. شۇ كۈنى كەچتە، ئۇ نۇرغۇنلىغان قورال - ياراغ، ئوزۇق - تۈلۈكلەرنى تاشلىۋېتىپ، بوران - چاپقۇنلۇق كېچىدە قوشۇننى باشلاپ ئالاقزادىلىك بىلەن پىڭراڭدىن قېچىپ چىققىنىچە شىمال تەرەپكە 500 چاقىرىم يىراقلاپ يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ جۇڭگو تەۋەلىكىگە كىرىپ كەتتى. پىڭراڭ ئاقىۋەت ياپونىيە قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. يې جژچاۋ قوشۇننى باشلاپ چېكىنىپ جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەندە، چىڭ ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ياردەمچى قوشۇن دېڭىز يولى بىلەن يالۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى دادۇڭگۇغا كېلىپ بولغانىدى. بۇ ياردەمچى قوشۇننى مۇھاپىزەت قىلىشقا چىقىرىلغان چىڭ ھۆكۈمىتى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كوزۇرى - شىمالىي ئوكيان ئىسكادراسى ئىدى. ئۇنى لى خۇڭجاڭ نۇرغۇن دەسمايە سېلىپ، 16 يىل ئىچىدە ئاران قۇرۇپ چىققان. بۇ ئىسكادرانى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇپەتتىشى دىڭ رۇجاڭ باشلاپ كەلگەنىدى. 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سېرىق دېڭىز تىپتىنچ ئىدى. توساتتىن دۇربۇنچى: >غەربىي جەنۇب تەرەپتە بىر توپ پاراخوت پەيدا بولۇپ قالدى!< دەپ خەۋەر قىلدى. دىڭ رۇچاڭ پاراخۇت ئۈستىگە چىقىپ، ئۇ ياقتىكى ئىس - تۈتەكنى كۆرۈپ، دىققەت بىلەن كۆزىتىشنى جېكىلىدى. پاراخوتلار سەل ئىلگىرىلىدى. يىراقتا كېلىۋاتقان پاراخوتلارنىڭ ماچتىلىرىدا پۈتۈنلەي ئامېرىكا بايرىقى چىقىرىلغانلىقى غۇۋا كۆرۈندى، شۇڭا كۆپچىلىك پىسەنتىگە ئالمىدى. كۈن چۈش بولغاندا پاراخوتلار بارغانسېرى يېقىنلاشتى. توساتتىن پاراخوتلاردىكى ئامېرىكا بايرىقى چۈشۈرۈلدى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ياپونىيىنىڭ بايرىقى چىقىرىلدى. شۇئان ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتتى. دىڭ رۇچاڭ جەڭگە ئاتلىنىشقا بۇيرۇق بەردى ھەمدە ئۆزى تۇرۇشلۇق >دىڭيۈەن< ۋە >جېيۈەن< ناملىق بايراقدار پاراخوتلار بىلەن توغرا قاتار بولۇپ كېلىۋاتقان دۈشمەن پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. شۇئان زەمبىرەكلەر گۈمبۈرلەپ دېڭىز يۈزىنى ئىس - تۈتەك قاپلاپ كەتتى. ئەپسۇسكى، دېڭىز ئۇرۇشى باشلىنىش بىلەنلا دىڭ رۇچاڭ ئېغىر يارىلاندى. ئامالنىڭ يوقىدىن ئۇنىڭ ئورنىغا ليۇبۇچەن ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلدى. ليۇبۇچەن >دىڭيۈەن< گە قوماندانلىق قىلىپ شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەننىڭ بىر پاراخوتىنى پاچاقلىدى ۋە ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ باشلىقى ئولتۇرغان ھەربىي پاراخوتقا ئوق تەگكۈزدى. >جېيۈەن< نىڭ قوماندانى دىڭ شىچاڭ >دىڭيۈەن< دىكى قوماندانلىق بايرىقىنىڭ ياپونىيە پاراخوتلىرىدىن ئېتىلغان زەمبىرەك ئوقى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال ئۆزىنىڭ پاراخوتىدىن قوماندانلىق بايرىقىنى چىقىرىپ، ئىسكادرانىڭ جەڭ قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى. ئۇ، ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دۈشمەننىڭ >يوشىنو< ناملىق ئاۋانگارت پاراخوتىنى ئوققا تۇتۇشقا بۇيرۇق بەردى. >جىيۈەن< ئوقلىرى ئارقا - ئارقىدىن >يوشىنو< غا تەگدى، >يوشىنو< قورققىنىدىن جېنىنى ئەپقېچىشقا مەجبۇر بولدى. دېڭ شىچاڭ تاپ باستۇرماي قوغلاپ، ئۇنى چۆكۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇق بەردى. ئەمما >جيۈەن< دە زەمبىرەك ئوقى ئاز بولغاچقا، تېزلا تۈگەپ كەتتى ۋە شۇ سەۋەبتىن پاراخوتنىڭ كۆپ يېرىگە ئوق تېگىپ يانتو بولۇپ قالدى. مۇشۇ جىددىي پەيتتە، دېڭ شىچاڭ تاغۇ دەريالارنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان جاسارەت بىلەن پاراخوتلاردىكى ئوفىتسېر - جەڭچىلەرگە: >>يوشىنو< نى پاراخوت بىلەن سوقۇپ چۆكتۈرۈپ، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ ھەيۋىسىگە زەربە بېرەيلى! پۈتۈن كۈچ بىلەن دۈشمەن پاراخوتىغا ئۇررا!<، - دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. دېڭ شىچاڭ ئۆزى رولنى تۇتۇپ، دۈشمەن پاراخوتىدىن توختىماي ئېتىلىۋاتقان ئوققا قارىماي، ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن >يوشىنو< غا قاراپ ئاتاكا قىلدى. >يوشنو< دىكى ياپونىيە ئوفتسېر - ئەسكەرلىرى ئالاقزادە بولۇپ، ئارقا - ئارقىدىن سۇغا سەكرەپ جېنىنى ياقىغا ئالدى. پاراخوت >يوشىنو< غا يېقىنلاشقاندا، >جيۈەن< گە بەختكە قارشى سۇ مىناسى تېگىپ شىددەتلىك پارتلىدى. پاراخوت ئاستا - ئاستا سۇغا چۆكتى. دېڭ شىچاڭ ۋە پاراخوتتىكى 250 تىن ئارتۇق ئوفتسېر - جەڭچىلەردىن بىرىمۇ پاراخوتنى تاشلاپ سۇغا سەكرىمەي، ھەممەيەن بىرلىكتە باتۇرلارچە قۇربان بولدى. سېرىق دېڭىز ئۇرۇشىدا، شىمالىي ئوكيان ئىسكادراسى تۆت ھەربىي پاراخوتى زىيان تارتقان بولسىمۇ، ئەمما، ئاساسىي كۈچىنى ساقلاپ قالدى. ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، لى خۇڭجاڭ ئىسكادراغا ۋېيخەۋېيدىكى ھەربىي پورتقا يوشۇرۇنۇۋېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. دېڭىز ئارمىيىسىدىكى ئوفىتسېر - جەڭچىلەرنىڭ دېڭىز چارلاپ دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىشىغا يول قويمىدى. 1895 - يىل 1 - ئايدا، ياپونىيە 25 پاراخوت مۇھاپىزىتى بىلەن 200 مىڭ ئەسكەرنى شەندۇڭنىڭ رۇڭچېڭدىن قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ ۋېيخەيۋېيغا ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى. بۇ يەرنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قوماندان قېچىپ كەتكەچەك، ۋېيخەۋېيدىكى ھەربىي پورتنى ساقلايدىغان پوتەي قولدىن كەتتى. ياپونىيە قوشۇنلىرى پوتەيدىكى زەمبىرەكلەرنى پورتقا يوشۇرۇنۇۋالغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئىسكادراسىغا قارىتىپ، ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھۇجۇم قىلدى، بۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە ھەربىي پاراخوت چۆكتۈرۈۋېتىلدى. ئۆلۈمدىن قورققان بەزى ئوفىتسېرلار ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا مەسلىھەتچىلىرىنىڭ كۈشكۈتۈشى بىلەن دىڭ رۇچاڭنى تەسلىم بولۇشقا قىستىدى. دىڭ رۇچاڭ رەددىيە بەردى ھەمدە پورتتا ئامان قالغان 11 ھەربىي پاراخوتقا شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. ئەمما ۋەتەن ساتقۇچ ئوفتسېرلار بۇيرۇققا قارشىلىق قىلدى ۋە ئادەم ئەۋەتىپ دىڭ رۇچاڭغا پىچاق كۆتۈرۈپ تەھدىت سالدى. دىڭ رۇچاڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەننىڭ قىستىشى ئارقىسىدا ۋەتەن يولىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋادى. ئەتىسى، ئاشۇ مىللىي مۇناپىقلار چەت ئەل مەسلىھەتچىلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ تەسلىمنامە يېزىپ، دىڭ رۇچاڭنىڭ نامىنى سۇيئىستېمال قىىپ، ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنىغا تەسلىم بولدى. پورتتا قېپقالغان ھەربىي پاراخوتلارنىڭ ھەممىسىنى دۈشمەنگە ئىككى قوللاپ سۇنۇپ بەردى. شىمالىي ئوكيان ئىسكادراسى ئاخىر ھالاك بولدى. شۇ يىلى 3 - ئايدا، ياپونىيە قوشۇنى نيۇجۇاڭ، يىڭگۇ ۋە تىيەنجۇاڭتەيلەرنى ئىشغال قىلىۋالدى. چىڭ ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنىڭ پايدىسىز بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئالدىراپ - تېنەپ ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن سۈلىھ قىلدى. 1895 - يىل 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سۈلھ قىلىدىغان تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەزىرى لى خۇڭجاڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان رەھىمسىز شەرتلەر بويىچە، ياپونىيىنىڭ ماگۇەن )ھازىرقى شياگۇەن( دە ياپونىيىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى ۋەزىر ئىتوخىروفومى بىلەن مىسلىسىز دەپسەندە قىلىدىغان ۋەتە ساتقۇچلۇق شەرتنامە - >ماگۇەن شەرتنامىسى< نى ئىمزالىدى. شەرتنامىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرى: چىڭ ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى، تەيۋەن، پىڭخۇ تاقىم ئاراللىرىنى بۆلۈپ بېرىش؛ ياپونىيىگە 200 مىليون سەر كۈمۈش ھەربىي چىقىم تۆلەش، شاشى، چۇڭچىڭ، سۇجۇ، خاڭجۇ شەھەرلىرىنى سودا بازىرى قىلىپ ئېچىپ بېرىش؛ ياپونىيىنىڭ سودا ئېغىزلىرىدا زاۋۇت قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كېيىنكى كۈنلەردە ياپونىيە لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنە جۇڭگونى قاقتى - سوقتى قىلىپ، 30 مىليون سەر كۈمۈشنى >تولۇقلىما تۆلەم< دەپ ئالدى. جياۋۇ ئۇرۇشى - ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ئۇرۇش بولۇپ، >ماگۇەن شەرتنامىسى< جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ يېرىم مۇستەملىكلىشىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگونى بۆلۈشۈۋېلىش دولقۇنى قوزغالدى، ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو خەلقىمۇ جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قانات يايدۇردى. 1900 - يىلى يىخېتۇەندىن ئىبارەت دېھقانلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئاخىر پارتلىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ