UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭتۇنجى نېگىرلار جۇمھۇرىيىتى

تۇنجى نېگىرلار جۇمھۇرىيىتى

بەش مىڭ يىل يېقىنقى زامان - ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى خەلقى ئويغانغان دەۋر بولدى. تۆۋەندە ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى توغرىسىدىكى بىر قانچە ۋەقەنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز: - كۆيدۈرۈۋېتەيلى! ئۆرتىۋېتەيلى! بىر توپ غەزەپلەنگەن نېگىرلار فرانسىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، بۇ مۇستەملىكىچىلەرنى ئوتقا تاشلىدى. لاۋۇلدىغان يالقۇن توپ - توغرا بىر كېچە كۆيۈپ، ياۋروپالىق نۇرغۇن قانخورلار كۈلگە ئايلاندى. بۇ ۋەقە 1791 - يىل 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كېچىسى ھايتى ئارىلىدا يۈز بەردى. مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن نېگىر قۇللار قوزغىلاڭ كۆتەردى! ھايتى ئارىلىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قوزغىلاڭ يالقۇنى كۆتىرىلدى. قوزغىلاڭچىلار بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا، 1000 دىن ئارتۇق ئېكىنزارلىقنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 2000 دىن ئارتۇق فرانسىيىلىك مۇستەملىكىچى قاراقچىغا ئۆلۈم جازاسى بەردى، فرانسىيە ئىشغالىيىتىدىكى رايوننىڭ كۆپ قىسىمىنى ئازاد قىلدى. قوزغىلاڭدا بىر نېگىر دوختۇر - فرانسىۋا دومىنىك تۇسسېنت ھەممىدىن بەكرەك قەھرىمانلىق كۆرسەتتى. تۇسسېنت 1743 - يىلى تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئاتا - بوۋىسى ئافرىقىلىق ئىدى، فرانسىيىلىك مۇستەملىكىچى قاراقچىلار ئۇنى ھايتىغا بۇلاپ كېلىپ، مەجبۇرى قۇل قىلىۋالغان ئىدى. ھايتىدا ئىلگىرى 200 مىڭ ھىندىيان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى فرانسىيە ۋە ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى، شۇڭا، ھازىرقى ئارال ئاھالىسىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى بۇلاپ كېلىنگەن ئافرىقىلىق نېگىرلاردۇر. قۇللارنىڭ بالىلىرى قۇل بولاتتى. تۇسسېنت كىچىكىدىلا قوي ۋە ئات بېقىپ، مۇشەققەتلىك ئەمگەكلەرنى قىلدى، كېيىن ھارۋىكەش بولدى. ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، فرانسۇزچىنى بىلىۋېلىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەركىنلىك - باراۋەرلىك تەشۋىق قىلىنغان نۇرغۇن ئىنقىلابى كىتابلىرىنى ئوقۇدى. ئۇ، ۋولتېر قاتارلىقلارنىڭ ماقالىلىرىنىمۇ ئوقۇپ، نۇرغۇن قائىدىلەرنى بىلىۋالدى. قوغىلاڭغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ مول بىلىملەرگە ۋە ئاجايىپ تەشكىلاتچىلىق ئىقتىدارغا ئىگە بولغانلىقتىن، تېزلا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ داھىسى بولۇپ قالدى. نېگىر قوزغىلاڭچىلار ئۇنى ئىنتايىن قىزغىن سۆيۈپ، جامائەتكە يول ئېچىپ بەرگۈچى دېگەن مەنىدە«لۇۋېتۇر» دېيىشەتتى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە، فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچى قوشۇنلىرى مەغلۇپ قىلىندى. فرانسۇزلار «تەكلىپ» قىلىپ ئەكەلگەن ئون مىڭ ئەنگىلىيە ئەسكىرى يوقىتىلدى، قوزغىلاڭچىلار 4000 دىن ئېشىپ، ئىسپانىيە ئىشغالىيىتىدىكى مەزكۇر سان دومىنكونى بىر ھۇجۇم بىلەنلا ئېلىپ، پۈتۈن ھايتى ئارىلىنى ئازاد قىلدى. ئۇزاقتىن بىر قۇل بولۇپ كەلگەن نېگىرلار كىشەننى پاچاقلاپ تاشلاپ خوجايىن بولدى. ئۇلار 1801 - يىلى 6 - ئايدا ھايتى پارلامېنتىنى چاقىرىپ، قوزغىلاڭنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى مۇھاكىمە قىلدى. 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دۇنيادا نېگىرلار تۈزگەن تۇنجى ئاساسىي قانۇن دۇنياغا كەلدى. بۇ ئاساسى قانۇندا: قۇللۇق تۈزۈمى مەڭگۈ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ھەر خىل تەنلىكلەر بىردەك باراۋەر بولىدۇ، ھايتى رەسمىي مۇستەقىل بولىدۇ، دېيىلگەن. تۇسسېنت لۇۋېتۇر تەنتەنە سادالىرى ئىچىدە ھايتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى. 1802 - يىلى 1 - ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئاتلانتىك ئوكيان ئۆركەشلەپ تۇراتتى. تۇسسېنت بىر قانچە سەپداشلىرى بىلەن بىللە دېڭىز بويىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇلار بىرلىكتە تاغ چوققىسىغا چىقىپ، دۇرۇبۇن بىلەن بىپايان دېڭىزغا قارىدى. دۇرۇبۇن دېڭىز يۈزىنى كېزىپ چىقتى. يىراقتا ئۇشتۇمتۇت ئۇچقان بىر توپ بېلقچى قۇش كۆرۈندى. «بىر گەپ بار!» دېدى تۇسسېنت سەگەكلىك بىلەن ئۇ تەرەپكە قاراپ. ھايال ئۆتمەي دېڭىزدا قارا چېكىتلەر كۆرۈندى. «كېمە ئەترىتىغۇ!» تۇسسېنت چۆچۈدى. ئۇ ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى بايقاپ: - فرانسىيە ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن كېمە ئەترىتى ئەۋەتىپتۇ - دە! - دېدى سەپداشلىرىغا بۇرۇلۇپ. - ئۇنداق ئەمەستۇ، - دېدى سەپداشلىرىدىن بىرى گۇمانلىنىپ، - بۇلتۇر ناپولېئون يېڭىدىن تەختكە چىققاندا، سىزگە گېنېراللىقنى بېرىپ، سىزنى ھايتىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدىغۇ. تۇسسېنت بۇ گەپنى ئاڭلاپ جىمىپ قالدى. ئۇ دۇربۇننى قويۇپ، تەپسىلى ئويلاندى - دە: - ئۇنداق ئەمەس، مەن فرانسىيىدىن كەلگەن سەپداشلارنىڭ ناپولېئون بۇلتۇر:«نېگىرلارغا بۇنىڭدىن كېيىن پاگون بېرىلمىسۇن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، بىز سەگەكرەك بولۇشىمىز كېرەك، دېدى. تۇسسېنتنىڭ پەرىزى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئىسپاتلاندى. فرانسىيە ئەسكەرلىرى دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا چىقىپلا، كەنتتىكى نېگىرلارنى، ھەتتا قېرىلار ۋە بالىلارنىمۇ قويماي قىرىپ تاشلىدى. قانلىق زوراۋانلىق ھايتى خەلقىنى چەكسىز ئازابلىدى ۋە غەزەپلەندۈردى. تۇسسېنت ئەسكەرلەر ۋە ئاممىنى يىغىپ سەپەرۋەر قىلدى: _ فرانسىيە بىزنى قۇل قىلىش ئۈچۈن يېڭىۋاشتىن ئادەم ئەۋەتتى! ئەركىنلىكىمىزنى تارتقۇزۇپ قويۇشقا ھەققىمىز يوق! بىز ئۆيلەرنى ئۆرتەپ، ئاشلىقلارنى كۆيدۈرۈپ، يوللارنى بۇزۇۋېتىشىمىز، قۇدۇقلارغا زەھەر تاشلىشىمىز لازىم! ئۇلار دوزاقنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرسۇن! - دېدى ھاياجان بىلەن. - فرانسىيىلىك خوجايىنلارنى يوقىتايلى! - دېيىشتى ئەسكەرلەر بىلەن ئامما تەڭ شوئار توۋلاپ، ئۇلار دەرھال ھەركەتلىنىپ، ھەممىنى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. فرانسىيە ئەسكەرلىرى قۇپ - قۇرۇق شەھەرگە كىردى، شەھەردە بۇلاپ - تالاپ يىگۈدەك نەرسىمۇ، ھەتتا پاناھ بولغۇدەك جايمۇ يوق ئىدى. قاراڭغۇ چۈشۈش بىلەنلا، پارتىزانلار تاغدىن چۈشۈپ ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. بىر يەردە«پاڭ - پۇڭ!» ئوق چىقىپ، بىر قانچە فرانسىيە ئەسكرى ئۆلسە، يەنە بىر يەردە «گۈر! گۈر!» ئوت يېنىپ، فرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ گازارمىلىرى كۆيۈپ تۇردى. تاجاۋۇزچىلار دەككە - دۈككە ئىچىدە قېلىپ، ئارام ئالالمىدى. فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى لېكلېر ناپولېئوننىڭ سىڭىل كۆيۆسى ئىدى. بۇ كىشى قارا نىيەت، زەھەرخەندە ئادەم بولۇپ، قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان ئىدى، ئۇ ئەسكى بىر ئىشنى ئويلاپ تاپتى. تۇسسېنتنىڭ فرانسىيىدە ئوقۇۋاتقان ئىككى ئوغلى بار ئىدى، لېكلېر ئۇلارنى قولغا ئېلىپ، تۇسسېنتقا خەت يېزىشقا مەجبۇر قىلدى، خەتتە، ئەگەر تۇسسېنت تەسلىم بولمىسا، ئىككى ئوغلى لېكلېر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى. تۇسسېنت خەتنى كۆرگەندىن كېيىن، ناھايىتى ئازابلىنىپ، ئۇنىڭ يۈرىكى پىچاق سانجىغاندەك ئاغرىپ كەتتى. ئەمما ئۇ، ھايتى خەلقىنىڭ قان ئاققۇزۇپ قۇربان بېرىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، قەتئى نىيەتكە كەلدى ۋە: - تەسلىم بولمايمەن! ئىككى ئوغلۇمنى ھەرگىز خەلقنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە قۇتمۇزمايمەن! - دېدى ئۇ. ئاندىن جەڭچىلەرنى باشلاپ بېرىپ، فرانسىيىنىڭ تازىلاشقا چىققان ئەسكەرلىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىپ، قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، تۇسسېنت لېكلېرنىڭ يەنە بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. خەتتە، تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، تۇسسېنتنىڭ فرانسىيە ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان گازارمىغا كېلىپ مەسلىھەتلىشىشى ئۈمىد قىلىنغان ئىدى. لېكلېر خەتنىڭ ئاخىرىدا، تۇسسېنتنىڭ بىخەتەرلىكىگە جەزمەن كاپالەت بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ھەمدە كۆرەڭلىگەن ھالدا:«سىز مەندىنمۇ سەمىمى دوستنى تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن!» دېگەن ئىدى. تۇسسېنت، فرانسىيە ئەسكەرلىرى جەڭدە مەغلۇپ بولدى، ئەمدى راستلا تىنچلىق تەلەپ قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تەكلىپكە بىنائەن سۆھبەتكە باردى. ئەمما ئۇ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىغان گازارمىغا كىرىش بىلەنلا، ئۇنى فرانسىيە ئەسكەرلىرى قولغا ئالدى ھەمدە 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ھەربىر كېمىگە چىقىرىپ، فرانسىيىگە ئەۋەتتى. فرانسىيىنىڭ قىزىل، ئاق، يېشىل رەڭلىك دۆلەت بايرىقى ھەربى كېمە ئۈستىدە لەپىلدەپ تۇراتتى. تۇسسېنت غەزەپلەنگەن ھالدا بايراقنى فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ: - سىلەرنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە مېھرىبانلىقىڭلار نەگە كەتتى؟ سىلەرنىڭ بايرىقىڭلار باسقۇنچىلارنىڭ ئەۋرەت لاتىسى ئىكەن! ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان! بىز نېگىرلارنىڭ قولىدا بىر كۈن مىلتىق بولىدىكەن، سىلەرنىڭ قانلىق قىلىچىڭلار بەرىبىر ئۇرۇپ چۈشۈرۈلىدۇ! - دېدى. - نېمە كاپشىيسەن! گېپىڭ بولسا فرانسىيىگە بېرىپ قىل، - دېدى فرانسىيىلىك تاجاۋۇزچىلار تولۇق ئاساسلار بىلەن ئەيىپلەنگەندىن كېيىن تازا رەسۋا بولۇپ ۋە توپ - توغرا جاۋاب بېرەلمەي. تۇسسېنت فرانسىيىگە بارغاندىن كېيىن، ناپولېئون ئۇنى ئالىپىس تېغىدىكى تۈرمىگە قاماپ قويدى. نېگىرلارنىڭ بۇ قەھرىمان داھىسى يېرىم يىلدىن كېيىن قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ، 1803 - يىل 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئىدى. فرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ھايتى خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. ئۇلار تېخىمۇ قەھرىمانلىق بىلەن تېخىمۇ قاتتىق جەڭ قىلدى. فرانسىيىنىڭ 40 مىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىدىن بىر قىسىمى ئۆلتۈرۈلدى، بىر قىسىمى كېسەل بولۇپ ئۆلدى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلارنىڭ 80 پىرسەنتى ئۆلۈپ تۈگىدى، ھەتتا تاجاۋۇزچىلارنىڭ باش كاتتىۋېشى بولغان لېكلېرمۇ ھايتى ئارىلىدا ئۆلدى. 1803 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ھايتى قوزغىلاڭچىلىرى كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇمغا ئۆتتى. 10 - ئايدا، فرانسىيە ئىشغالىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ پورت - پورت - ئوپىرېنس (شاھزادە پورتى) ئازاد قىلىندى. 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، قېپقالغان 8000 فرانسىيە ئەسكىرى تامامەن تەسلىم بولدى. ناپولېئوننىڭ ھايتىغا تاجاۋۇز قىلىش مۇددىئاسى پۈتۈنلەي بەربات بولدى! شۇ يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ھايتى خەلقى «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نى ماقۇللىدى ھەمدە ياندۇرقى يىلى - 1804 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نېگىرلار جۇمھۇرىيىتى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كارايىپ دېڭىزىدا ئاخىر دۇنياغا كەلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ