نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش
بەش مىڭ يىل
بىر كۈنى گېرمانىيىنىڭ جاسۇسلۇق خادىملىرى ئەنگيىنىڭ شەرقىي - جەنۇبى دېڭىز بويىىدىكى جايلاردا ئۇشتۇمتۇت نۇرغۇن كېمە - قولۋاقلار پەيدا بولۇپ قالغانلىقىدىن، دېڭىز بويىدا يەنە بىر مۇنچە قورال - ياراغ ئامبارلىرى، دوختۇرخانا، گازارما، ھەربىي قىسىم ئاشخانىلىرى ۋە ئايروپىلان - رەمبىرەكلەر بالرىقىدىن خەۋەر تاپتى، بۇ خەۋەر گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ غەربىي سەپ قوماندانلىق شتابىغا يېتىپ كېلىش بىلەنلا، مارشال روممېلنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىدى ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا: ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسى فرانسىيىنىڭ شىمالىي دېڭىز بويىدا قۇرۇقلۇققا چىقماقچى بولسا كېرەك،پا- دې - كالې دېڭىز بويى قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان جاي بولىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلدى.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، گېرمانىيىنىڭ جاسۇسلۇق خادىملىرى روممېلغا يەنە: ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسىنىڭ جاسۇسلۇق خادىملىرى بىتەرەپ دۆلەتلەردە فرانسىيىدىكى پا - دې - كالې دېڭىز قىرغىقىنىڭ يەر خارىتىسىنى سېتىۋالماقتا، دەپ دوكلات قىلدى.
_ ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسىنىڭ يا - دې - كالې دېڭىزى بويىدا قۇرۇقۇقتا چىقىدىغانلىقى مۇقىملىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ! - دېدى روممېل ۋە پا - دې - كالې دېڭىزى بويىدىكى مۇداپىئە سېپىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا دەرھال بۇيرۇق بەردى. بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا، دېڭىز ئاستى ۋە دېڭىز ساىلىغا مەخپىي مىنالار ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ دېڭىز بويىدا نۇرغۇنلىغان ئىنتايىن يوشۇرۇن پوتەيلەر ياسالدى؛ بۇنىڭ سىرتىدا، تانكىغا قارشى لەخمىلەر ۋە پۇختا ئىستىھكاملار ئورۇنلاشتۇرۇلدى. روممېل بۇلارنى كۆرەڭلىگەن ھالدا «ئاتلانتىك ئوكياندىكى پولات ئىستىھكام» دەپ ئاتىدى.
«ھا - ھا، دۈشمەن راستتىنلاقاپقانغا چۈشتى!» - دەيتتى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل روممېلنىڭ ھەدەپ ئەسكەر يۆتكەپ پا - دې - كالې مۇداپىئە سېپىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولۇپ.
ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت ئارمىيىسى ئۈزلۈكسىز ھالدا غەربكە ئىلگىرىلەپ، ئارقا _ ئارقىدىن غەلىبە قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىرى غەلىبە مېۋىسىگە چاڭگال سېلىش ئۈچۈن، ئالدىراپ - سالدىراپ ياۋروپادا ئىككىنچى فرونت ېچىشقا كىرىشتى. ئامېرىكىلىق گېنېرال ئېيزىنخاۋىر ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. 1944-يىلنىڭ بېشىدا، «زالىم» ناملىق بىر پىلان تۈزۈلۈپ، ئۈچ مىليون كىشىلىك قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنى يۆتكەش، ئەنگلىيە زېمىنىدىن يولغا چىقىپ، ئەنگلىيە بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتۈپ، فرانسىيىنىڭ شىمالىدىكى نورماندىيە دېڭىزى بويىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش ئارقىلىق فاشىزمغا قارشى ئىككىنچى فرونت ئېچىشقا تەييارلىق كۆرۈلدى.
ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسى دۈشمەننى ئازدۇرۇشئۈچۈن، چېرچىلنىڭ قول ئاستىدىكى جاسۇسلۇق ئورگىنى مۇنداق بىر قىلتاق ئورۇنلاشتۇردى: ئەنگلىيە كىنو ستۇدىيىسىنىڭ دېكراتورى قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان نۇرغنلىغان يالغان كېمە - قېيىقلار، قورال - ياراغ ئامبالرىرى، دوختۇرخانا، گازارما ۋە ئايروپىلان، زەمبىرەكلەرنى ياساپ، شەرقىي جەنۇبى دېڭىز بويىغا ئورۇنلاشتۇردى؛ يەنە خۇددى راستتەكلا، بىتەرەپ دۆلەتلەرگە نۇرغۇنئادەم ئەۋەتىپ، پا - دې - كالې دېڭىز بويىنىڭ تەپسىلىي يەر خەرىتىسىنى سېتىۋالدى، ئەنگلىيىنىڭ ئارختىكتۇرلارغا دېڭىز بويىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە ناھايىتى كاتتا يالغان ماي پاراخوتى پرستانى ياساتتى ھەمدە ئۇنىڭغا ئېلېكتر ئىستانسىيىسى ۋە ماي باكلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى ۋەھاكازا، ئۇلا يەنە پا - دې - كالېغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن، مىليون كىشىلىك گۇرۇپپا ئارمىيىنى شەرقىي جەنۇبى دېڭىز بويىغا ئورۇنلاشتۇرغاندەك بولۇۋالدى. ئۇلار گېرمانىيىنىڭ جاسۇسلۇق خادىملىرى ئاڭلىسۇن دەپ، تېرە تارقشىتىدىغان ھەر خىل تېلېگراممىلارنى تارقاتتى. بۇ ئىشلار گېرمانىيە ئارمىيىسىنى دەرۋەقە ئالدىدى. گىتلېر پا - دې - كالې مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، تازا خىلانغان 51 - گۇرۇپپا ئارمىيىسىنى بۇ يەرگە يۆتكەپ، روممېلنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
ئەمما بۇ چاغدا، ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسى يوشۇرۇن ھالدا نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىشقا تەييارلىنىپ بولغانىدى.
قۇرۇقلۇققا چىقىش بەلگىلەنگەن 6 - ئىيۇن يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى ھاۋا تۇتۇلۇپ، قاتتىق بوران ھۇۋلاپ تۇراتتى، ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىدىغان پاراخوتلىرى 4000 پارخوت ۋە كېمىسى، 7000 ئايروپىلاننىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى پۇختا نىقاپلانغان بازىسىدىن يولغا چىقىپ، نورماندىيىگە يۈرۈش قىلدى. دېڭىز سۈيى ياپيېشىل تۇرسىمۇ، ئەمما كۆكتە گىرەلىشىپ كەتكەن زەمبىرەك ئوقى بىلەن بومبىلارنىڭ ئاجايىپ - غايىپ نۇرلىرى بىپايانئاسماننى قىزارتىۋەتتى.
گېرمانىيە قوشۇنلىرى شۇ دەقىقىغىچە پۈتۈنلەي بىخۇد ھالەتتە تۇردى. 5 - ئىيۇن روممېلنىڭ خوتۇنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.روممېل ھاۋا ئارمىيسى ھاۋارايى پونكىتىنىڭ، ئەنگلىيە بوغۇزىدىكى ھاۋارايى ئىنتايىن ئوسال، ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسى دەرھال ھۇجۇمغا ئۆتمەسلىكى مۇمكىن دېگەن دوكلاتىغا ئاساسەن. باش قوماندان رونىستېردىن رۇخسەت سوراپ، ئاپتوموبىل بىلەن گېرمانىيىدىكى ئۆيىگە كەتتى؛ تېخى ئەتىسى بېرختسىگادېنغا بېرىپ گىتلېرغا تازىم بەرمەكچى بولدى.
6 - ئىيۇن كۈنى سەھەر سائەت ئىككىدە، گېرمانىيە باش قوماندانى رونستېر ئالدىنقى سەپتىن ئەۋەتىلگەن: «ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ھاۋا ئارمىيىسى يەرگە قوندى، بۇ نۆۋەت كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوللىنىدىغاندەك تۇرىدۇ ...» دېيىلگەن جىددىي دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالدى.
_ بۇ كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئەمەس، پاراشۇتچىلارنى تاشلاش ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئادەتلىنىپ قالغان ئۇ ياقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ، بۇ ياقتىن ھۇجۇم قىلىش ۋاستىسى، _ دېدى ئۇخلاۋاتقان رونىستېر پەرۋاسىزلىق بىلەن.
_ دوكلات قىلىمىز، مەلۇمات بېرىمىزكى، دېڭىز بويىدىكى راداردا نۇرغۇن قارا چېكىتلەر كۆرۈندى، ناھايىتى زور پاراخوت ئەترىتى نورماندىيىگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ ...
_ نېمە؟ نېمە؟ _ دەپ سورىدى باش قومانداننىڭ شتاب باشلىقى، - باش قوماندان ئۇخلاۋاتىدۇ. ھاۋا مۇشۇنداق تۇرسا، ئۇنچىۋالا چوڭ پاراخوت ئەترىتىنىڭ چىقىشى مۇمكىنمۇ؟ سىلەر خاتا كۆرۈپ قالغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىر توپ چايكا قۇشلار بولمىسۇن - يەنە؟
6 _ ئىيۇن ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكىنىڭ دىۋىزىيىسى كۈچلۈك زەمبىرەك ئوتىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا، نورماندىيىدىكى دېڭىز ساھىلىدا قرۇقلۇققا چىقتى. يەتتىدىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، مونگومېرى قوماندانلىقىدىكى ئەنگلىيە 2 - گۇرۇپپا ئارمىيىسىمۇ دېڭىز بويىغا چىقتى. بۇ خەۋەر گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ غەربىي فرونت باش قوماندانلىق شتابىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، رونىستېر روممېلنىڭ ئۆيىگە دەرھال تېلېفون بەردى. روممېل گىتلېرغا تازىم بېرىش پىلانىنى بىكار قىلىپ، ئاپتونوبىلغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتى ۋە قوماندانلىق شتابىغا چۈشتىن كېيىن ئاران يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا، غەربىي فرونت قوماندانلىق شتابىغا بىر قانچە گېنېرال يىغىلىپ، تېلېفون ئارقىلىق گىتلېر بىلەن ئالاقە قىلىپ باغلاپ، نورماندىيىگە دەرھال خللانغان ئىككى تانكا دىۋىزىيىسى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى. ئەمما گىتلېر بۇ ئىككى تانكا دىۋىزىيىسىنى يەڭگىللىك بىلەن يۆتكەشكە بولمايدۇ، ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا قاراپ باقايلى دەپ جاۋاپ بەردى. گىتلېر سۆزىنى تۈگىتىپلا كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلىدى. غەربىي فرونتتىكى گېنېراللار بەرگەن جىددى تېلېفون توختىماي جىرىڭلاپ تۇرسىمۇ، ئۇنى ئويغىتىشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمىدى.
گىتلېر چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ئورنىدىن تۇرغاندا ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسىنىڭ نۇرغۇن قىسىملىرى قۇرۇقلۇققا چىقىپ بولغان ھەمدە بىر نەچچە كىلومېتىر ئىچكىرىلىگەن ئىدى. گىتلېر مانا شۇ چاغدىلا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇ بىرونوۋىك دىۋىزىيىسىنىڭ نورماندىيىگە ياردەم بېرىشىنى تەستىقلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا:
«قۇرۇقلۇققا چىققان دۈشمەن ئارمىيىسى بۈگۈن قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن يوقىتىلسۇن، دېڭىز ساھىلىدىكى ئىستىھكاملار قايتۇرۇۋېلىنسۇن ...» - دەپ بۇيرۇق بەردى.
ئەمما، بۇ ئىشنىڭ ھەممىسى كېچىككەنىدى. 6 - ئىيۇن كەچتە. ئىتىتپاقچىلار ئارمىيىسى ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا پۇختا ئاساس قۇرۇۋالدى. يېرىم كېچە بولغاندا، ئون دىۋىزىيىگە يېقىن قىسىملار قىرغاققا چىقىپ، تانكا، زەمبىرەك ۋە كەينىدىكى قىسىملار توختىماي كېلىپ تۇردى. 5 - ئىيۇلغا كەلگەندە ئىتىتپاقچىلار ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىققان قىسىملىرى بىر مىليون كىشىدىن ئېشىپ كەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، گىتلېرنىڭ «ئاتلانتىك ئوكياندىكى پولات ئىستىھكام» ى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسىنىڭ شەرق - غەربتىن قىسىپ زەربە بېرىشى ئاستىدا قالدى.
ستالىن نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى، ئۇ مۇنداق دېدى:
_ بۇ قېتىمقى ئۇرۇش، كۆلىمى جەھەتتىن كاتتا، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جەھەتتىن ھەمدە پىلاننىڭ ئاجايىپ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىدىن ئالغاندا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋە بۇنىڭغا سېلىشتۇرغۇدەك ئىشلار كۆرۈلمىگەن. بۇ تۆھپە ئەڭ ئالىي مۇۋەپپەقىيەت سۈپىتىدە تارىخقا يېزىلىدۇ.