مىڭجژ يىلىدا يېڭىلىققا كۆچۈش
بەش مىڭ يىل
1867 - يىلدىكى كەچ كۈز پەسلى ياپونىيىدە ۋەقەلەر كۆپ يۈز بەرگەن پەسىل بولدى. دەرەخلەرنىڭ ئالتۇن ياپراقلىرى تۆكۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيادا يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان چوڭ ئېگىز - پەسلىك بولىدىكەن، دېگەن گەپ تارقالدى.
- ياخشى بولدى! ياخشى بولدى! جاھان ئۆزگىرىدىغان بولدى!
- پالاكەت ئامەتكە ئايلىنىدىغان بولدى! ياخشى بولدى! ياخشى بولدى!
مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ياپونىيىلىكلەر، ئەر - ئاياللار، قېرى - ياشلار چىرايلىق رەڭگا - رەڭ كىيىملەرنى كىيىپ، داقا - دۇمباق ۋە سازلارنى چېلىپ، ئۆزى تۇقۇغان ناخشىلارنى ئېيتىپ، بەس - بەستە كوچىغا چىقتى. ئۇلار باي سودىگەرلەرنىڭ گۈرۈچ دۇكانلىرىنى كۆرسىلا، باستۇرۇپ كىرىپ قۇرۇقداپ قوياتتى؛ باي سودىگەرلەرنىڭ گەزمالچىلىق دۇكانلىرىنى كۆرسىلا، باستۇرۇپ كىرىپ ئەرەختەم - پەرەختەم قىلىۋېتەتتى. كىشىلەر بېسىمدارلار، خەلقنى ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان بايلاردىن بىزار بولۇپ، ئۇلارنى راسا بابلىدى.
بۇ قوزغىلاڭ ياپونىيىنىڭ كيوتو ۋە فاگوبا، ئوساكا، يوكاخاما، ئېيددو قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىنى قاپلاپ، ياپونىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دېچۈەن بارىگاھ (مەھكىمىسى)نى تەمتىرىتىپ، ئامالسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
شۇ يىلى، ياپونىيىنىڭ قېرى مىكاردوسى (پادىشاھى) ئۆلۈپ كېتىپ، ۋەلىئەھدى مۇرېن خەتكە چىقىپ، ئۆزىنى «مىڭجژ دومىكادو» دەپ ئاتىدى. ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بەلىكلەرنىڭ سامىرويلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دېچۈەن بارىگاھىنى ئاغدۇرۇپ، مىكادو بۈشچىلىقىدا ھۆكۈمەت قۇرماقچى بولدى؛
700 يىلدىن بۇيان، ياپونىيە مىكادوسى دۆلەتنىڭ پەخرىي باشلىقى بولۇپ كەلگەن، ئەمەلىي ھوقۇق «بارىگاھ» (مەھكىمە) نىڭ قولىدا ئىدى. بارىگاھقا دېچۈەن ئائىلىسى ۋارىسلىق قىلاتتى، ئۇلار نامدا «چوڭ سانگۇن» (داجىياڭجۈن) بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۆزلىرىنى «چوڭ پادىشاھ» دەپ ئاتايتتى، سىرتقا قارىتا دۆلەتكە ۋەكىللىق قىلسا، ئىچكى جەھەتتە ھۆكۈمەتكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، چوڭ ھوقۇقنى ئوڭچە ئىگەللىگەن ئىدى. تازا گەۋدىلىك بولغىنى، بارىگاھ پايتەختتە (كيوتو) ئەمەس، بەلكى ئېيددو (ھازىرقى توكيو) دا ئىش بىجىرەتتى، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ھەمىشە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، مىكادونى كۆزگە ئىلمايتتى.
قەمەرىيە 10 - ئاينىڭ 13 -، 14 - كۈنلىرى، غەربىي جەنۇبتىكى بىر قانچە بەگلىكنىڭ ۋەكىلى بولغان داخۇباۋلىتۇڭ، مۇخۇشاۋچۇڭ، شىشياڭ لۇڭشېڭ قاتارلىق كىشىلەر كيوتودا يىغىن ئېچىپ، بارىگاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىشىنى مەسلىھەتلەشتى. ئۇلار مىڭجژ مىكادونىڭ «بارىگاھنى جازالاش پەرمانى» نى قولغا چۈشۈرۈپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا، دەرھال ئەسكەر چىقىرىپ دېچۈەنگە جازا يۈرۈشى قىلماقچى بولدى.
- قولىمىزدا مىكادونىڭ يارلىقى تۇرۇپتۇ، دېچۈەننى تەسلىم بولماسمىكىن دەپ قورقۇپ قالمايمىز! - دېدى بىر بەگلىكىنىڭ سەركەردىسى.
- توغرا، بارىگاھنى ئەمدى ئاغدۇرۇۋەتسەڭ، ئىشىمىز يوللۇق بولىدۇ! - دېدى قالغان ئىككىسى قوشۇلۇپ.
دەل شۇ چاغدا، بىر ئوردا نەۋكىرى ئىشىكتىن ئېتىلىپ كىرىپ:
- كاتتىلارغا مەلۇم بولغايكىم، دېچۈەن بارىگاھى قايىل بوپتۇ! ئۇلار «مۇلايىملىق بىلەن ھوقۇق تاپشۇرۇش» - قا كۆنۈپتۇدەك، ھوقۇقنى مىكادوغا تاپشۇرىدىكەن، - دېدى ئالدىراپ - تېنەپ.
- ئاپلا!؟ - دېيىشتى بەگلىك سەركەردىلىرى لاسسىدە بولۇپ، دېچۈەن دېگەن ئەبلەخ چەبدەسلىك قىپتۇ - دە!
دېچۈەننىڭ چوڭ ھوقۇقنى مىكادوغا «تاپشۇرۇشى» ئالدامچىلىق ئىدى. ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مىكادونىڭ نامىنى سېتىپ، ئۆزى كيوتوغا كېلىپ ھوقۇق تۇتماقچى بولغان ئىدى. دېمەك، غەربىي جەنۇبتىكى بەگلىكلەرنىڭ بارىگاھنى ئاغدۇرۇش پىلانى يوققا چىقتى.
غەربىي جەنۇبتىكى بەگلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى ئەخمەق ئەمەس ئىدى. ئۇلار دېچۈەننىڭ چەبدەسلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال لەشكەر يۆتكەپ، قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەممىسىنى كيوتوغا توپلاپ، ئىش باشلاشقا تەييارلاندى.
شۇ يىلى قەمەرىيە 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى (مىلادى 1868 - يىل 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى)، غەربىي جەنۇبتىكى بەگلىكلەرنىڭ قوشۇنلىرى پادىشاھ ئوردىسىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، دېچۈەن بارىگاھىنىڭ پادىشاھ ئوردىسىدىكى مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنى قورالسىزلاندۇردى. ئۇلار گۆدەك مىڭجژنى ھىمايە قىلىپ، مۇداپىئە يىغىنى چاقىرىپ، «پادىشاھ ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن» لىكىنى، يەنى يىراق قەدىمكى دەۋرىدىكىدەك، چوڭ ھوقۇق مىكادونىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. داجۇاۋلىتۇڭ، شىشياڭ لۇڭشېڭ، مۇخۇشاۋچۇڭلار ئوردا ئەمەلدارى بولدى. ئۇلار:بارىگاھنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرى بىكار قىلىنسۇن، دېچۈەن سۇيۇرغاللىق يەرلەر ۋە بارلىق مال - مۈلۈكلىرىنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلسۇن، دەپ جاكارلىدى.
دېچۈەن دەرھال كيوتودىن قاچتى. ئۇ ئەنگىلىيە، فرانسىيە ئەلچىلىرى بىلەن مەخپى سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، يوكاخامادا پۈتۈن ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ، ئەلپازىنى بۇزۇپ كيوتوغا يۈرۈش قىلدى.
دېچۈەننىڭ قوشۇنى تېزلا كيوتو شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبى چېتىگە كەلدى ۋە ئۇسى، فۇكان كوچىلىرىدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. ئادەم سانىدىن ئالغاندا، دېچۈەننىڭ ئەسكىرىي كۈچى ئارتۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا چەتئەللەر يۆلەنچۈك بولۇپ تۇرغانلىقى، ئۇ جاھانگىرلارنىڭ قۇلى بولغانلىقى ئۈچۈن، ياپونىيە پۇقرالىرى ئەلۋەتتە ماقۇل كۆرمەيتتى. مىڭجژنىڭ ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىغا چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ سانجىن مالىيە گۇرۇھى پۇل بىلەن مەدەت بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە «توپىلاڭنى جازالاش» يوللۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋەزىيەت ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى. ئىككى قوشۇن تۇتۇشۇش بىلەنلا، دېچۈەن قىسىملىرى مەغلۇپ بولدى. دېچۈەننىڭ ئۆزى ئېيددوغا قېچىپ كەتتى.
1868 - يىل 4 - ئايدا، ئىككى تەرەپ كېلىشىمگە كېلىپ، دېچۈەن بارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى ۋە بەگلىككە چۈشۈرۈلدى، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى مېڭجژ مىكادونىڭ قولىغا ئۆتتى. ئارقىدىنلا، مىڭجژ ياپونىيىنىڭ پايتەختىنى ئېيدوغا يۆتكەپ، نامىنى «توكيو»غا ئۆزگەرتتى.
مىڭجژ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، فېئودالىزىمنى بىكار قىلىدىغان، كاپىتالىزىمنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان «يېڭىلىققا كۆچۈش» پەرمانلىرىنى جاكارلىدى، پۈتۈن ياپونىيىدە مائارىپ بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىش، سانائەت ۋە سودا كارخانىلىرىنى ئېچىش ۋە كەڭ كۆلەمدە يېڭىچە ئەسكەر تەربىيلەش دولقۇنى مەيدانغا كەلدى. 20 يىلدىن كېيىن، ياپونىيە شەرقتىكى كۈچلۈك كاپىتالىستىك دۆلەت بولۇپ قالدى. ياپونىيىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر «مىڭجژ يىلىدا يېڭىلىققا كۆچۈش» دېگىنىمىز ئەنە شۇ.