ئەڭ دەسلەپكى قوزغىلاڭ
بەش مىڭ يىل
ياۋروپادىكى ئىككى مەشھۇر مۇزېيىدا ئايرىم _ ئايرىم ھالدا بۇنىڭدىن 3 مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى پاپىرۇس قەغەزگە يېزىلغان ئىككى كىتاپ ساقلانماقتا. بۇ كىتاپلار يىرتىلىپ قېلىمىلىق زور كۆلەملىك قۇللار قوزغلىڭى پۈتۈلگەن .
بۇ ۋەقە ئالاھەزەل مىلادىدىن ئىلگىرى 1750 - يىلىرى مىسىردا يۈز بەرگەن.
تۆۋەندىكى پۈتۈكلەرگە قاراڭلار: «... قارىمامدىغان، مەڭگۈ يۈز بېرىشى مۇمكىن بولمىغان ئىش يۈز بەردى. پادىشاھنى گادايلار تۇتۇپ كەتتى.»
«توپلاڭچىلار بىر سائەت ئىچىدىلا تەختىگاھنى ئىشغال قىلىۋالدى، بۇ چاغدا مۇنداق ئىش يۈز بەردى... پادىشاھ ئوردىسىنىڭ دەرۋازىلىرى، تۈۋرۈكلىرى، ئۆگزىلىرى كۆيۈپ كۈل بولدى، پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئەسكى تاملىرىلا قالدى.»
«دېلتىس يىغا - زار قىلماقتا، چۈنكى پادىشاھنىڭ ئاشلىق ئامبىرى ئومۇمىنىڭ مال - مۈلكى بولۇپ قالدى.»
«مەملىكەت ئىچىدىكى ئەمەلدارلار قېچىپ كەتتى، ... خان سارىيىدىكى ئەمەلدارلار قوغلىۋېتىلدى.»
«كاتتا مەھكىمە شەرئى كىشىلەر ئىختىيارى كىرىپ _ چىقىدىغان ئورۇن بولۇپ قالدى، گادايلار ھەشەمەتلىك ئوردىلارغا كىرىپ - چىقالايدىغان بولدى.»
«گۈزەل مەھكىمە شەرئىنىڭ ئەمىر _ پەرمانلىرى بىكار قىلىندى. تۆت كوچا ئېغىزىدا كىشىلەر بۇ ئەمىر - پەرمانلار يېزىلغان قەغەزلەرنى دەسسەپ ئۆتۈشتى. قازىلار ھەرقايسى جايلارغا قوغلىۋېتىلدى.»
«تۆرىلەرنىڭ مال _ مۈلكى ئوغرىلىنىپ گادايلارغا بېرىلدى. بايلار زىيان تارتتى. گادايلار راسا رازى بولۇشتى.»
«ئۇلار مىستىن ئوقيا ياساپ، قان بەدىلىگە نان يېيىشتى.»
«پۈتۈن زىمىن خۇددى چاقپلەكتەك چۆگىلىدى..»
بۇنىڭ يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان چوڭ قوزغىلاڭ توغرىسىدىكى پۈتۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.
مىلادىدىن ئىلگىرى 2400 - يىللىرى ئوپچورىسىدە، مىسىرنىڭ قەدىمقى خانلىقى يىمىرىلىپ 300 نەچچە يىل ئۆتكەندە، يەنى مىلادىدىن ئىلگىرى 2000 - يىلدىن ئىلگىرى مىسىردا ئوتتۇرا خانلىق قۇرۇلغان. ئوتتۇرا خانلىق تېبېسىنى پايتەخت قىلغان ۋە ھوقۇق مەركەزگە توپلانغان ھاكىمىيەت ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. فىرئون، ئاقسۆڭەك ۋە قۇلدارلارنىڭ مال _ مۈلكى كوپەيگەن، ئېزىلگۈچى قۇللار ۋە ئۆز يېرىنى تېرىغۇچى دېھقانلار كۈندىن _ كۈنگە نامراتلىشىپ بارغان. ئۇلارنىڭ سەۋرى _ تاقىتى پۈتۈپ، ئاخىر مەملىكەت كۆلەملىك چوڭ قوزغىلاڭ پارتىلىغان.
دېھقانلار قاتناشقان زور قۇللار قوزغىلىڭى مىسر ئاقسۆڭەكلىرى ۋە قۇلدارلىرىغا قاخشاتقۇچ زەربە بەرگەن. تارىخىي ماتىرىياللار كەم بولغاچقا، بۇ قېتىمقى چوڭ قوزغىلاڭنىڭ ئومۇمىي جەريانى تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئانچە ئېنىق بولماي كەلدى. ھەتتا بۇ قوزغىلاڭنىڭ تەشكىلاتچىلىرىنىڭ ئىسملىرىمۇ مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئاشۇ ئىككى تېڭىق پاپىرۇس قەغەزگە يېزىلغان خاتىرىدىن بۇ قوزغىلاڭنىڭ دەبدىبىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بۇ قوزغىلاڭ 40 يىل داۋاملاشقان. دەسلىۋىدە ئۇ يەر _ بۇ يەردە توپىلاڭلار بولغان. ئاندىن بۇ توپىلاڭلار قوشۇلۇپ مەملىكەت خاراكتىرلىق چوڭ قوزغىلاڭغا ئايلانغان. پاپىرۇس قەغەزگە يېزىلغان خاتىرىدىن يەنە شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، قوزغىلاڭچى قوشۇن ئەزگۈچىلەرگە سىياسى جەھەتتىنلا زەربە بەرگەن، لېكىن مەملىكەت خاراكتىرلىق ھاكىمىيەت بەرپا قىلمىغان؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېكىسپىلاتاتىسىيە قىلغۇچىلارنى مەھرۇم قىلىغان، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ۋاقتىدا ئەھمىيەت بەرمىگەن، ھەتتا ئىشلەپچىقىرىشقا خېلى زور دەرىجىدە تەسىر يەتكەن. يازما پۈتۈكتە مۇنداق دەپ خاتىرىلەنگەن:
«... دەريا، ئېرىقلار قۇرۇپ كېتىپ، كىشىلەر كېچىپ ئۆتەلەيدىغان بولۇپ قالدى. دەريا يۈزىدىكى يەر دەريا سۈيىدىن كۆپىيىپ كەتتى.»
«ھەممە يول بويلر\ىرىدىكى زىرائەتلەر قۇرۇپ كەتتى. كىشىلەرگە كەيگۈدەك ئىڭىل، ئىشلەتكۈدەك ياغ قالمىدى. سېرىقماي تېخىمۇ قالمدى...»
ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىق ئاغدۇرۇپ تاشلانغان بىلەن يېڭى تۇرمۇش بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىمىگەچكە، قوزغىلاڭنىڭ غەلىبىسى ئۇزاق داۋاملىشالمىغان. ئوتتۇرا خانلىقنىڭ فىئونلىرى، ئاخىر ئۆز داۋاملىشالمىغان. ئوتتۇرا خانلىقنىڭ فىرئونلىرى، ئاخىر ئۆز ھاكىمىيىتىنى يېڭىۋاشتىن ئۇيۇشتۇرغان، دىھقانلار ۋە قۇللار يەنىلا ئېزىلىۋەرگەن.
بۇ قېتىمقى زور قوزغىلاڭ بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاسىيادىكى ھىكسوسلار مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ئۇلار ھاۋا بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، يەڭگىل ئات ھارۋىلىرى بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ قوشۇنلىرى ئىچىگە قۇيۇندەك باستۇرۇپ كىرگەن، مىسىر قوشۇنلىرى ئۇلارنىڭ سايىسىنى كۆرۈپلا تىكىۋەتكەن. چۈنكى ئۇ چاغلاردا مىسىرلىقلار ئۇرۇش ھارۋىسىدىن پايدىلىنىشنى بىلمىگەچكە، پىيادە ئەسكەرگە تايىنىپ جەڭ قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىيادە ئەسكەرلەر، ئاتلىق ئەسكەرلەر ۋە ئۇرۇش ھارۋىلىرىغا تاقابىل تۇرالمىغان.
ھىكسوسلار مسىرغا ئالاھەزەل 150 يىلدەك ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 1580 - يىلى تېبېس شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى ئاماسس لەشكەر باشلاپ ھىكسوسلارغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇلارى مىسىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، مىسىرنىڭ يېڭى خانلىقىنى تىكلىگەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن مىسىرلىقلار ئات بېقىشنى ۋە ھارۋا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالغان.