UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭبېرلىننىڭ ئېلىنىشى

بېرلىننىڭ ئېلىنىشى

بەش مىڭ يىل 1945 - يىل 16 - ئاپرېلدا، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ بېلرىنغا ھۇجۇم قىلىش قېڭى باشلاندى. ئەتىگەن سائەت دەل بەشتە، بېرلىننىڭ شەرقىي چېتىدە قىزىل ئارمىيىنىڭ نەچچە مىڭ زەمبىرىكى، مىناميوتى، راكىتا زەمبىرىكى تەڭلا گۈمبۈرلىدى. يېرىم سائەت قاتتىق ئوققا تۇتۇلغاندىن كېيىن، دۈەشمەن ئارمىيىسىنىڭ ئىستىھكامى خۇددى ئۆلۈكتەك جىملىققا چۆمدى. بۇ چاغدا، نەچچە مىڭلىغان رەڭگارەڭ بەلگە ئوقلىرى كۆكتە پەرۋاز قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 200 مېتر ئارىلىق قالدۇرۇپ ئورنىتىلغان 140 كۆزىتىش چىرىقى تەڭلا نۇر چېچىپ دۈشمەن ئىستىھكاملىرىنى توغرىدىن توغرا يورۇتۇۋەتتى. دەل شۇ چاغدا، قىزىل ئارمىيىنىڭ 6000 ئايروپىلانى گېرمانىنيە ئارمىيىسىنىڭ ئىستىھكاملىرىنى نۆۋەت بىلەن بومباردىمان قىلدى. گېرمانىيىنىڭ نۇرغۇن ئەسكىرى ئوت دېڭىزى ئىچىگە غەرق قىلىندى. كۆز باغلانغاندا، سوۋېت ئارمىيىسى دۈشمەننىڭ بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بېلرىننىڭ شەھەر رايونىغا ئىچكىرىلەپ كىرىشكە باشلىدى. 25 - ئاپرېلدا، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بېرلىننى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئىشىنى تاماملىدى ھەمدە ئماېرىكا -= ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن ئۇچراشتى. ئارقىدىنلا، قىزىل ئارمىيە شەھەر رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى، دەھشتەلىك كوچا جېڭى باشلاندى. گۈمبۈرلىگەن زەمبىرەك سادالىرى ئىچىدە بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسى خارابىلىققا ئايلاندى. زەمبىرەك ئوقى چۈشكەن ئازگاللار مەرمەر تاش سۇنۇقلىرى، خرىستال چىراغ پارچىلىرى ۋە قالايمىقان ئۆي جاھازلىرى بىلەن تولغانىدى. بۇ قدرەتلىك ھۇجۇمدىن قورقۇپ كەتكەن گىتلېرنىڭ جان - پېنى چىقىپ كەتتى. ئۇ چوڭقۇرلۇقى 50 ئىنگلىز چىسى كېلىدىغان يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىۋېلىپ، سىمسىز تېلېفون ئارقىلىق تاقەتسىزلىك بىلەن ۋارقىراشقا باشلىدى: «تېزدىن بېرلىنغا كېلىپ مۇھاسىرە بۇزۇپ تاشلانسۇن! ھېينرىخنىڭ قوشۇنى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ۋېنك نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ 9 - كۇرپۇس ئاللىقاچان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغانلىقىنى، ھېيىنرىخ قوشۇنلىرىنىڭ غەربكە قاراپ قېچىۋاتقانلىقىنى، بېرلىن مۇھاسىرىسىنى بۇزۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى گىتلېر بىلمەيتتى. گىتلېر تۇرۇپكىنى تاشلىۋەتتى. ئۇ چارچاپ جۇلۇقى چىقىپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزىنى كرېسلوغا تاشلاپ بىر پەس ئارام ئالماقچى بولدى. ئەمما كىشىنىڭ مىجەزىنى قوداڭشىتىدىغان خىلمۇخىل خەۋەرلەر كېلىۋەردى: ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى گورىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئالىي رەھبەرنىڭ 56 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەپ كەلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن پۇل - پۈچەك، زىب - زىننەتلەرنى ئېلىپ زەمبىرەك ئوتلىرى يېنىپ تۇرغان بېرلىندىن قېچىپ كەتتى، ئارقىدىنلا سارسىبۇرگتىن تېلېفون بېرىپ «ئىمپېرىيىنىڭ پۈتۈن رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدىم» دەۋاتىدۇ. ئىسئىسچىلار كاتتىبېشى خىملېرمۇ بېرلىندىن قېچىپ كەتتى، غەربتىكى ئىتتىپاقچىلار بىلەن ئايرىم سۈلھ تۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ. گنېرال سىتىينېرمۇ ئالىي رەھبەرگە سادىق بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ قىسملىرىنى باشلاپ غەربىي سەپكە ئۆتۈپ ئامېرىكىلىقلارغا تەسلىم بولۇش ئاقىلانلىق بولىدۇ، دەپ ھېسابلىماقتا. «جۆيلۈپتۇ! _ دېدى گىتلېر دەرغەزەپكە كەلگەن ھالدا ئاغزىنى بۇزۇپ، _ ساداقەتسىزلىك! يالغان گەپ! ئاجىزلىق! ...» ئۇ ئاغزىنى بۇزۇپ تازا تىللاۋاتقاندا، مۇھاپىزەتچى ئۇشتۇمتۇت گىتلېرنىڭ ئاشنىسى ئېۋا بوروئېننىڭ سىڭلىسىنىڭ كۈيەسى فېكلايننى ئالدىغا سېلىپ يەر ئاستى ئۆيگە كىرىپ كەلدى. فېكلاين گىتلېرنىڭ ئالاقىچى ئەمەلدارى ئىدى. فېكلاين 100 مىڭ مارك بىلەن بىر ئاز ئالتۇننى قولغا چۈشۈرۈپ، ساندۇق - چامادانلىرىنى تەييارلاپ، ھېچكىمگە تۇيدۇرماي بېرلىندىن قاچماقچى بولغانىدى. گىتلېر ئۇنى كۆرۈپلا ئاچچىقلانغانلىقىدىن غال - غال تىتىرەپ كەتتى، ئۇ روھىي چۈشكەن ھالدا مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى كېلىنغا: _ قارا! ھەممە يېرىگە ئالىي ئوردېن تاقىۋالغان بۇ ئىسئىسچىلار گېنېرالىنىڭ ماڭا مۇشۇنداق رەھىمسىزلىك بىلەن ئاسىيلىق قىلىشىنى خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىكەنمەن! _ دېدى ۋە فېكلايننى دەرھال قاماق قويۇپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى كۈتۈپ تۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى. بۇ چاغدا، سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ زەمبىرېەك ئوقلىرى گۈلدۈرلەپ، بومبىلار تۈركۈم - تۈركۈملەپ پارتلىدى. گىتلېرنىڭ ھالاكەتلىك كۈنلىرى يېتىپ كەلدى، مۇسسولىننىڭ مىلان كوچىسىغا ئېسىلغان جەسىتى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە بىر قېتىم نامايان بولدى، گويا ئۆزىنىڭ جەسىتىنىمۇ غەزەپلەنگەن ئامما كوچىلاردا سازايى قىلىپ يۈرگەندەك، ئاندىن بېشىنى تۆۋەن قىلىپ مەيدانغا ئېسىپ قويغاندەك، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئامما ئۇنىڭ جەسىتىگە تۈكۈرۈپ،ك بولۇشىغا تىللاۋاتقاندەك .... بولۇپ كۆرۈندى. گىتلېر بۇقلارنى ئويلىنغاندا، ئۇنىڭ يۈرىكى سىقىلىپ بىر پەس ئاغرىپ كەتتى. ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ: _ سەن ئىككى پارچە يۇڭ ئەدىيال ۋە ئىككى جەسەتنى ئۆرتەشكە يەتكۈدەك بېنزىن ئەكىرىپ قوي، ئېۋا بىلەن ئىككىمىز بۇ يەردە تۈگىشىمىز. سەن جەسىتىمىزنى ئەدىيالغا ئوراپ، ئۈستىمىزدىكى گۈللۈككە ئاچىقىپ كۆيدۈرۈۋەتكىن ... _ دېدى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقى گېلىنغا. _ خوپ، بەجا كەلتۈرىمەن، ئالىي رەھبىرىم! - دېدى گېلىن كىكەچلەپ، ئندىن ئۇ چىقىپ كەتتى. 29 - ئاپېرىل كۈنى گىتلېر ئىككى ۋەسىيەت قالدۇردى، ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋەسىيىتىدە دېڭىز ئارمىيە مارشالى دېننىسنى ئۆزىنىڭ «ۋارىسى» قىلىپ تەيىنلىدى؛ تۇرمۇش ۋەسىيىتىدە ئۆزىنىڭ ئاشنىسى ئېۋا بوروئېن بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. شۇ كۈنى كەچتە، توي مۇراسىمى يەر ئاستى ئۆيدىكى خەرىتە - ئاتلاس ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلدى. توي مۇراسىمىغا بىر نەچچىلا كىشى قاتناشتى. بېرلىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋاگىنېر چۈشۈۋاتقان بومبىلارغا قارىماي يەر ئاستى ئۆيگە كېلىپ، توي مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ قولىدا ماشىنكىدا بېسىلغان ئىككى ۋاراق جەدۋەلنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا تولدۇرۇلىدىغان ھەرخىل مەزمۇنلارنى بىر - بىرلەپ سوراشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا، ئاجايىپ قاتتىق پارتىلىغان بىر زەمبىرەك ئوقى چۈشۈپ يەر ئاستى ئۆيىنىڭ ئۈستىدىكى سېمونت - بېتونلارنى چۈل - چۈل قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ پارچىلىرى گىتلېر بىلەن ئېۋانىڭ ئۈستىگە چۈشتى. _ تېز بولۇڭلار! _ دېدى ئېۋا ئالدىراپ - تېنەپ نالە قىلىپ. ۋاگنېرمۇ ناھايىتى بەك ئالدىراپ - قالدى، جەدۋەلگە گىتلېرنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىسمىنى، نىكاھلانغۇچىلارنى تىزىملاش جەدۋىلىنىڭ چېسلاسىنىمۇ سوراپ يېزىشقا ئۈلگۈرەلمەي، گىتلېرنىڭ سالاھىيىتى يېزىلىدىغان كاتەكچىگە «ماڭا ئېنىق» دېگەن خەتنىلا يېزىپ قويدى. ئارقىدىنلا، ۋاگنېر تىترىگەن ئاۋاز بىلەن گىتلېر ۋە بوروئېندىن ئەر - خقوتۇن بولۇشنى ئىختىيار قىلغان- قىلمىغانلىقىنى سورىد - دە، گۇۋاھنامىگە ئىمزا قويۇپ، مۇراسىمنىڭ تۈگىگەنلىكىنى جاكالىدى. بۇ چاغدا، مۇھاپىزەتچىلەردىن بىرى ئېۋاغا سىڭىل كۈيەسى فېكلايننىڭ گىتلېردىن ئۆزىنى ۋاقتىنچە ئۆلتۈرمەي تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ يازغان بىر پارچە خېتىنى بەردى. ئېۋا شۇئان گىتلېرغا ئىلتىماس قىلدى. _ فېكلايىن، - دېدى گىتلېر ۋارقىراپ - جارقىراپ، _ مۇسسولىننىڭ كۈيئوغلىغا ئوخشاشلا خائىن، ۋەتەن ساتقۇچ! مېڭىڭچە، مۇسسولىننىڭ كۈيئوغلىنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلسىڭىز كېرەك! ئېۋا بۇ گگپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پالەچ بولۇپ قالغان ئادەمدەك، ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ ھۆكىرەپ يىغلىۋەتتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر پاي ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى، فېكلايىن گۈللۈكتە ئېتىپ تاشلاندى. 30 - ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى زۇڭلى مەھكىمىسىگە بىرلا كوچ قالغان يەرگە يېتىپ كەلدى. گۆر ئاغزىغا كېلىپ قالغان گىتلېر دېڭىز ئارمىيە مارشالى دېننىسنىڭ پەرمان بويىچە ۋارىس بولغان - بولمىغانلىقىنى يەنە بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىقتى؛ ئۇ خېملېرنى قولغا ئېلىش، گورېننى نەزەربەند قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى؛ ئۇ يەنە قوشۇنلانىڭ سوۋېت ئارمىيىسىگە ئەڭ ئاخىرغىچە قارشلىق كۆرسىتىش ھەققىدە ئالاھىدە بۇيرۇق بەردى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، گىتلېر ئىشخانىسىدىكى كرېسلودا ئولتۇرۇپ، 7.65 دىئامېترلىق تاپانچىنى قولىغا ئېلىپ، ئوڭ چېكىسىگە قارىتىپ ئوق چىقاردى. ئۇنىڭ قولىدىكى تاپانچا بىلەن يەنە بىر زاپاس تاپانچا سېرىلىپ پۇتىغا چۈشتى، گىتلېرنىڭ دوقا ماڭلاي كاللىسى تام تەرەپكە سەل - پەل قىيسىيىپ قالدى، بېشىدىن ئاققان قان يۈزىنى بويلاپ كرېسلو ۋە گىلەمگە چۈشتى. ئېۋا بوروئېن كرېسلونىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۈگۈلۈپ ياتاتتى؛ ئۇنىڭ مۇسكۇللىرى تارتىشىپ كەتكەن، چىرايى كالىي سئانىد ئىچىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى، بۇ ئۆتكۈر زەھەر قاچىلانغان قۇتا ئۈستەل ئۈستىدە تۇراتتى. تارىخ گىتلېر دېگەن بۇ فاشىست يالماۋۇزنىڭ نومۇسىز ئاقىۋىتىنى مانا مۇشۇنداق رەھىمسىزلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇردى. مۇھاپىزەچىلەرنىڭ باشلىقى گېلىن بىلەن يەنە بىر نەچچە ئوفىتسېر گىتلېرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەلدى، ئۆينى بىر خىل كۈچلۈك دورا پۇرىقى قاپلىغانىدى. گېلىن گىتلېر بىلەن ئېۋا بوروئېننىڭ جەسىتىنى ئەدىيالغا ئوراپ يەر ئاستى ئۆيىدىن ئاچىقىپ، زۇڭلى مەھكىمىسىدىكى گۈللۈكتىكى بىر گۆرگە قويۇپ، ئۈستىگە بېنزىن چاچقاندىن كېيىن، گېزىت قەغىزىگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ جەسەت ئۈستىگە تاشلىدى، ئوت لاۋۇلداپ يېنىپ كەتتى. سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ زەمبىرەك ئوقلىرى جەسەت ئەتراپىدا كەينى - كەينىدىن پارتىلاپ تۇردى، گېلىن ۋە باشقا گېنېراللار يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىدىغان ئىشىك تۈۋىدە ۋە ئۇ يەردىن چىقىدىغان كارىدوردا تۇرۇپ جەسەتنىڭ كۆيۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. زۇڭلى مەھكىمىسىنى ساقلاۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قالغان ھامان قورال - ياراغلىرىنى تاشلاپ، كەشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىغا قارىماي قېچىشىدىن قورقۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى تېز ۋە مەخپىي ئېلىپ بېرىلدى. فاشىستلارنىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق كاتتىبېشى گوبېلمۇ دەسمايە غالتەككە چىققانلىقىنى ككرۈپ گىتلېرنى دوراپ ئاۋۋال ئالتە بالىسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، قول ئاستىدىكىلەرنى ئۆزى بىلەن خوتۇنىنى ئېتىپ تاشلاشقا بۇيرۇدى. قالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەينى - كەينىدىن قېچىپ كەتتى. 2 - مايدا، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى پۈتۈن بېرلىننى ئىشغال قىلدى. فاشىستلارنىڭ 300 مىڭ كوماندىر ۋە ئەسكەرلىرى پۈتۈنلەي ئەسىرگە چۈشتى. 5 -ئاينىڭ 7 - كۈنى، غەربتىكى ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى جايلاشقان پارىژ شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى رېيمىستا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى بىلەن شەرتىسز تەسلىمنامە ئىمزالىدى. ئەمما، ستالىن تەسلىم بولۇش مۇراسىمىنىڭ رېيمىستا ئۆتكۈزۈلۈشىدىن نارازى بولدى. سوۋېت ئارمىيىسى فاشىستلارنى يېڭىشتىكى ئاساسىي كۈچ بولغان، بېرلىننى سوۋېت ئارمىيىسى ئالغان تۇرسا، رېيمىستىكى تەسلىم بولۇش مۇراسىمى ئورۇندىن تارتىپ شەكىلگىچە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ شۆھرىتىگە نۇقسان يەتكۈزۈلگەن تەسلىم بولۇش مۇراسىمىنى پەقەت بىر رېپىتىس دەپ قاراپ، رەسمىي مۇراسىمنى بېرلىندا ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى. 5- ئاينىڭ 8 - كۈنى، گېرمانىيىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇش مۇراسىمى بېرلىندا رەسمىي ئۆتكۈزۈلدى. مارشال ژۇكوۋ بىلەن ۋىشسىنىسكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ۋەكىلى بولدى. مۇراسىمغا ژۇكوۋ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىتتىپاقچىلار ئارمىيىسىنىڭ ئالىي باش قوماندانلىق شتابىغا ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيە گېنېرال پولكوۋنىكى تايدى، ئامېرىكىنىڭ ستراتېگىيىلىك ھاۋا ئارمىيىسى قوماندانى گېنېرالسىبازىل ۋە فانسيە باش قوماندانى تاشنىرلار ۋەكىللىك قىلدى. گېرمانىيە ئالىي باش قوماندانلىق شتابىنىڭ ۋەكىلى تەسلىمنامىگە ئىمزا قويدى. تەسلىمنامىنىڭ 1 - ماددىسىدا مۇنداق دەپ جاكالاندى: «بىز گېرمانىيە ئالىي قوماندانلىق شتابىغا ۋاكالىتەن ئىمزا قويغۇچىلار گېرمانىيىنىڭ بارلىق قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسى ھەمدە تېخىچە گېرمانىيەكونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان بارلىق قوشۇنلار بىلەن بىرلىكتە قىزىل ئارمىيە ئالىي باش قوماندانلىق شتابىغا، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىتتىپاقچىلرنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغان ئارمىيىسى ئارلىي باش قوماندانلىق شتابىغا شەرتسىز تەسلىم بولىمىز.» گېرمانىينىڭ تەسلىمنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ ۋە دۇنيا ئەللىرىدىكى خەلقلەرنىڭ جاپالىق ۋە ئۆچمەس، مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان جەڭگىۋار مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا گىتلېر فاشىرمىنى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يەنە ياۋروپا غەلىبە قىلغان كۈن. ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىدا ئۇرۇش تاماملاندى. دەپ جاكالاندى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ