UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭباتۇرنىڭ كاللىسى

باتۇرنىڭ كاللىسى

بەش مىڭ يىل ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي - جەنۇبىدا تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى دېگەن گۈزەل بىر دۆلەت بار. بۇ دۆلەتنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىلئىنكا دېگەن بىر كىچىك شەھەر بار. بۇ يەرگە كەلگەنلىكى كىشىلەر شەھەر يېنىدىكى بىر خاتىرە سارىيىغا ئېكىسكۇرسىيىگە بارماي قالمايدۇ. كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى، بۇ خاتىرە سارايغا پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ كاللىسى قويۇلغان. ئۇ، گەرچە ئادەم كاللىسىنىڭ سۆڭىكىدىنلا ئىبارەت بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر ئىنتايىن ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن بېرىپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىدۇ. بۇ، ئادەتتىكى بىر ئادەمنىڭ كاللىسى ئەمەس، بەلكى بىر مىللىي قەھرىماننىڭ كاللىسى، بۇ مىللىي قەھرىماننىڭ ئىسمى موكىۋاۋا بولۇپ، خاتىرە سارىيى شۇنىڭ نامىغا ئاتالغان. موكىۋاۋا نېمىشقا كىشىلەرنىڭ شۇنچە ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولغان؟ بۇ كاللا قانداق بولۇپ بۇ يەرگە قويۇلغان؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن، گەپنى تانزانىيىنىڭ تارىخىدىن باشلاش كېرەك: تانزانىيە - تانگانىكا بىلەن زانزىبارنىڭ بىرلەشمە نامى، تانگانىكا، شەرقىي ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا جايلاشقان. زانزىبار ھىندى ئوكياندىكى بىر ئارال بولۇپ، تانگانىكا بىلەن دېڭىز ئارقىلىق ئاجرىلىپ تۇرىدۇ. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن باشلاپ تانگانىكا زانزىبار سۇلتانلىقىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. ⅩⅨ - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا، ھەر قايسى جاھانگىر دۆلەتلەر ئافرىقىغا تاجاۋۇزچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىقنى جىددىيلەشتۈردى. گېرمانىيە جاھانگىرلىكى تانگانىكانى ئۆزىنىڭ تالىشىدىغان نىشانىدىن بىرى قىلدى. 1884 - يىلى، گېرمانىيە مۇستەملىكچىسى كارل پېتېرىس ئۇزۇن سەپەر ئەترىتىنى باشلاپ تانگانىكىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. بۇ ئۇزۇن سەپەر ئەترىتى يول بويى ئوت قويۇپ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ ھەممە ئەسكىلىكلەرنى قىلدى. تانگانىكا خەلقى پېتېرىسقا ئىچ - ئىچىدىن ئۆچمەنلىشىپ، ئۇنى >ئىككى قولى بويالغان ئادەم<، - دەپ ئاتاشتى، پېتېرىس يولدا كېتىۋېتىپ بىر قەبىلە باشلىقىغا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق >مەڭگۈلۈك دوستلۇق< نامىدا 12 تۈرلۈك شەرتنامە ئىمزالاپ، 150 مىڭ كۋادرات مېتىر زېمىنىنى ئالدامچىلىق بىلەن ئىگىلىۋالدى. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، گېرمانىيە مۇستەملىكچىلىرى تەپ تارتماستىن تانگانىكىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى بەزى شەھەرلىرىدە زانزىبار سۇلتانلىقىنىڭ بايرىقىنى ئاشكارا چۈشۈرۈۋېتىپ، >گېرمانىيە شەرقىي ئافرىقا شېركىتى< دېگەن بايراقنى چىقاردى. ئارقىدىنلا يەنە بىر پورتقا ھەربىي پاراخوت ئەۋەتتى. پورتتىكى خەلق بۇنىڭغا چىداپ تۇرالماي، ھەربىي پاراخوتنىڭ پورتقا ئۈسۈپ كىرىشىگە قوماندانلىق قىلغان گېرمانىيە ۋالىيسىنى قورشىۋالدى. ئەپسۇسكى، زانزىبار سۇلتانى ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ، قوشۇن ئەۋەتىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋالدى. سۇلتاننىڭ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى سېتىش ھەرىكىتى خەلقنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. كۆپچىلىك ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقنى قارار قىلىپ، ئابھىل دېگەن كىشىنى رەھبەرلىككە سايلىدى. ئابھىل ۋەتەن ۋە خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەمدە ناھايىتى تەشكىللەش قابىلىيىتى بار ئادەم ئىدى. ئۇ تانگانىكىلىقلارغا باش بولۇپ ئىپتىدائىي ئاتار نەيزە، ساداق، كالتەك قاتارلىق قوراللار بىلەن ئىلغار قوراللارغا ئىگە گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىغا جەسسۇرلۇق بىلەن قارشى تۇردى. ئەپسۇسكى، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ گېرمانىيە مۇستەملىكچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. گېرمانىيە مۇستەملىكچىلىرى ئابھىلنىڭ جەسۇرلۇق بىلەن تاقابىللىشىشىدىن تانگانىكا خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا زادىلا رازى بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار دېڭىز ياقىسىدىكى مۇھىم بازار بېرگامىنى بازا قىلىپ، ئالدى بىلەن دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلاردا ھۆكۈمرانلىقنى كۈچەيتىپ، ئاندىن تەدرىجىي ھالدا ئىچكى جايلارغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. ئىچكى جايلارغا قانداق ئىلگىرىلىدى؟ گېرمانىيە مۇستەملىكچىلىرى ئالدى بىلەن تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئاتالمىش >سودا كارۋانلىرى< نى ناچار تاۋارلارنى ئېلىپ، ئىچكى جايلاردىكى يايلاقلارغا قەدەممۇ قەدەم ئىچكىرىلەشكە تەشكىللىدى. ئۇلار >تىجارەتچى< قىياپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، ئۆتمەس ماللىرىغا تانگانىكىلىقلاردىن كالا، قوي ۋە پىل چىشى قاتارلىقلارنى تېگىشتى، ئەپلەشتۈرەلمىگەندە بولسا ئالدامچىلىق ئۇسۇلى بىلەن قولغا چۈشۈردى، بەزى چاغلاردا قورال ئىشلىتىپ بۇلاڭچىلىق قىلدى. بىران تانگانىكا خەلقى قايتا ئالدانمىدى. ئابھىل ھەقىقەت ئۈچۈن باتۇرلارچە قۇربان بولغاندىن كېيىن، ھېكايىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان باتۇر موكىۋاۋانىڭ رەھبەرلىكىدە مۇستەقىللىق بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، گېرمانىيە مۇستەملىكچىلىرى بىلەن ئېگىلمەي - سۇنماي كۈرەش قىلدى. كوكىۋاۋا ئىلئىكالىق بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ئوغلى ئىدى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇنىڭ ئاتىسى بىر مۇنچە كىچىك قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خوخو مىللىتى دەپ ئاتاپ، ئۆزى قەبىلە باشلىقى بولغان. 1879 - يىلى، ئۇ ئاتىسىنىڭ ئورنىغا قەبىلە باشلىقى بولغان ۋە ئىلئىنكانىڭ يېنىدىكى كارولىنكنى مەركەز قىلغان ھالدا قۇدرەتلىك پادىشاھلىق قۇرغان. موكىۋاۋا گېرمانىيە مۇستەملىكچىلىرى ئىچكى جايلارغا چوڭقۇرلاپ كىرمىگەن چاغلاردىلا باشقا قەبىلىلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش ھەققىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەنگەن. ئەينى چاغدا ھەر قايسى قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا جىدەل - ماجرالار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، بۇ پىلان ئىشقا ئاشمىغان، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا گېرمانىيە مۇستەملىكچىلىرىگە زەربە بېرىپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان. ئەمدى ئۇ: سەن گېرمانلىقلار >سودا كارۋانلىرى< ئارقىلىق مال - بايلىقنى ئالداپ ئەكەتمەكچى بولغان بولۇشساڭ، مەن دەلمۇ دەل تاقابىل ئىش قىلىپ، سەنلەرگە پايدا يەتكۈزمەيمەن، دەپ ئويلىدى - دە، ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەممە جايلارغا چازا قۇرۇشقا، چېگرىدىن ئۆتكەن ۋە پادىشاھلىق تەۋەلىكىدە سودا قىلغان >ئەجنەبىي سودىگەرلەر< نى قاتتىق تەكشۈرۈشكە ھەمدە ئۇلاردىن تاموژنا بېجى ئېلىشقا بۇيرۇق قىلدى. موكىۋاۋانىڭ پادىشاھلىقى تانگانىكىنىڭ مەركىزىدە بولغاچقا، شەرقتىن غەربكە بارىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردىن ئۆتەتتى. بۇ بۇيرۇق بىلەن گېرمانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ مەنپەئەتى چوڭ زىيانغا ئۇچرىدى. گېرمانىيە ۋالىيسى نائىلاج قالدى - دە، موكىۋاۋاغا بىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەلچى ئەۋەتسۇن دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ئادەم ئەۋەتتى. ئەمما موكىۋاۋا رەسمىي ئەلچى ئەۋەتكەندە بولسا ۋالىي ئۇلارنى قوبۇل قىلمىدى. بۇ ئىش موكىۋاۋانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. بۇ گېرمانىيە ۋالىيسىنىڭ مۇنداق قىلىشىنى ئۆزى ۋە پۈتكۈل پادىشاھلىقىغا نىسبەتەن ھاقارەت، دەپ قارىدى - دە، شۇ پەيلىچە سودا يوللىرىنى قامال قىلىپ، >ئەجنەبىي سودىگەرلەر< نى پادىشاھلىقى تەۋەلىكىدىن ئۆتكىلى قويمىدى. گېرمانىيە ۋالىيسى كەمسىتىش ۋە ھاقارەتلەشلەرنىڭ موكىۋاۋانى قورقىتالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، 1891 - يىلى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، موكىۋاۋانى بېرگامىغا بېرىپ ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى، ئۇلتىماتۇمدا: موكىۋاۋا ئۆزى يالغۇز كېلىش ھەمدە بىر چاڭگال توپا ئەكىلىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەنىدى، ناھايىتى روشەنكى، بۇ، موكىۋاۋا تەسلىم بول، دېگەنلىك ئىدى. >كاللامنى ئالسىمۇ، ھەرگىز تەسلىم بولمايمەن!< موكىۋاۋا زوراۋانلاردىن قورقماي، گېرمانىيىلىك ۋالىيغا بىر دانە ئوقيا ئوقى ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغان قەيسەر ئىرادىسىنى بىلدۈردى. گېرمانىيە ۋالىيسى موكىۋاۋانىڭ تەسلىم بولۇشقا ئۇنىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، قوشۇن چىقىرىپ، خوخو مىللىتىنىڭ پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلدى. موكىۋاۋا قوشۇنىغا باش بولۇپ، دۈشمەن بىلەن جەسۇرانە جەڭ قىلدى. ئەمما دۈشمەننىڭ قورالى خىل بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ قىسىملىرىدا تالاپەت ئېغىر بولدى. موكىۋاۋا دۈشمەن بىلەن زورىغا ئېلىشسا بولمايدىغانلىقىنى، پىلان - پاراسەت ئارقىلىقلا دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ بىر قېتىملىق پىستىرما جەڭ قىلىشقا بەل باغلىدى. ئۇزاق ئۆتمەيلا گېرمانىيىلىك ۋالىي شەخسەن ئۆزى مىڭلىغان ئەسكەرلەرنى باشلاپ >جازا يۈرۈشى< قىلىشقا كەلدى. موكىۋاۋا 3000 كىشىلىك قوشۇن باشلاپ چىقىپ زەربە بېرىشكە ئاتلاندى. جەڭ مەيدانى تۈزلەڭلىك بىلەن تاغلىقنىڭ تۇتىشىدىغان يېرىدە بولۇپ، پىستىرما جەڭ قىلىشقا تازا ئەپلىك ئىدى. موكىۋاۋا جەڭچىلەرنى تاغلىقتىكى ئورمانلار ئارىسىغا كىرىپ يوشۇرۇنۇپ، بۇيرۇق كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. دۈشمەن پىستىرما جەڭ چەمبرىكىگە كىرگەندىن كېيىنلا، موكىۋاۋا تۇيۇقسىز زەربە بېرىشكە بۇيرۇق بەردى. جەڭچىلەر يەر - جاھاننى لەرزىگە سالىدىغان چۇقان كۆتۈرۈپ تاغدىن ئېتىلىپ چۈشتى - دە، ئۇزۇن نەيزە ۋە ئوقيالار بىلەن دۈشمەنلەرنى قىردى. بىردەمدىلا تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىنىڭ 200 نەچچە ئەسكىرىنى يوقاتتى. گېرمانىيىلىك ۋالىينىڭ بېشى قايدى - دە، ئامان قالغان قىسىملىرىنى باشلاپ چېكىندى. بۇ قېتىمقى پىستىرما جەڭدە، موكىۋاۋالار دۈشمەندىن 300 دانە مىلتىق، 31 دانە ئېغىر توپ ۋە نۇرغۇنلىغان ئوق - دورىلارنى ئولجا ئېلىپ كۈچىنى ئۇلغايتتى. بۇنىڭدىن كېيىن توپتوغرا ئۈچ يىلغىچە گېرمانىيە مۇستەملىكچىلىرى قايتا ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمىدى. موكىۋاۋا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەسكىرىي مەشق ئېلىپ بېرىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى، خەندەكلەرنى مۇستەھكەملىدى، پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى بولغان كارولىنكىنىڭ ئەتراپىغا ئېگىزلىكى تۆت - بەش مېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئون نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان سېپىل سالدى. 1894 - يىل 4 - ئايدا، گېرمانىيە مۇستەملىكچىلىرى زور تۈركۈملەپ قوشۇن يۆتكەپ كارولىنكىغا ھۇجۇم قىلدى. موكىۋاۋا قوشۇنىغا باش بولۇپ، مۇستەھكەم ئېگىز سېپىلنى دالدا قىلغان ھالدا، تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى بىلەن تاقابىللاشتى، ئىككى كۈنلۈك شىددەتلىك جەڭ ئارقىسىدا ئاقىۋەت بەرداشلىق بېرەلمىدى - دە، سېپىلنى تاشلاپ بۆسۈپ چىقىپ ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى. تاجاۋۇزچىلار قوشۇنى سېپىلنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بولۇشىغا ئوت قويدى، قىرغىنچىلىق قىلدى، سېپىلنى ئۆرۈۋەتتى. ئالاھازەل كارولنىكنى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى. موكىۋاۋا ئامان قالغان قىسىملىرىنى باشلاپ ئورمانلىققا كىرىۋالغاندىن كېيىن، كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، دۈشمەنگە ئۈزلۈكسىز تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. گېرمانىيە ۋالىيسى موكىۋاۋادىن ئۆلگۈدەك قورقۇپ، 5000 رۇبلى ئىنئام بېرىش يولى بىلەن موكىۋاۋانىڭ كاللىسىنى قولىغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇندى. بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، دۈشمەن موكىۋاۋانىڭ كاللىسىنى قولغا چۈشۈرەلمىدى، موكىۋاۋا دۈشمەنگە يەنىلا توختىماستىن تۇيۇقسىز زەربە بېرىپ تۇردى. 1898 - يىل 6 - ئايدا، خائىننىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن، گېرمانىيە تاجاۋۇزچىلار قوشۇنىنىڭ رازۋېتكا ئەسكەرلىرى موكىۋاۋا يوشۇرۇنغان جاينى تۇيۇقسىز قورشىۋالدى. بۇ چاغدا موكىۋاۋا كېسەل بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا پەقەت ئاز ساندىكى مۇھاپىزەتچىلىرىلا، بار ئىدى. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، ئۇ ئۆلۈشكە رازى بولدىكى، دۈشمەنگە ئەسىر بولۇشقا رازى بولمىدى - دە، مىلتىق بىلەن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىكى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىنى ئاقتۇردى! شەپقەتسىز دۈشمەن باتۇرنىڭ كاللىسىنى كېسىپ، گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىنگە ئاپىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ >ئۇرۇش نەتىجىسى< نى كۆز - كۆز قىلدى. موكىۋاۋانىڭ قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرى تانگانىكىغا تېزلىكتە تارقالدى. خوخو خەلقى موكىۋاۋاغا داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت خەلقى تېز پۈكمەس بۇ باتۇرنى چوڭقۇر ئەسلىدى. 1918 - يىلنىڭ ئاخىرىدا، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ، گېرمانىيە ئۇرۇشتا يېڭىلگۈچى دۆلەت بولۇشى بىلەن تەڭلا، ئۇنىڭ >گېرمانىيە ھامىيلىقىدىكى شەرقىي ئافرىقا قىتئەسى< مۇ غۇلاپ چۈشتى. گېرمانىيە مۇستەملىكچىلىرى چېكىنىپ چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى تانىگانىكا خەلقى ئۇلاردىن موكىۋاۋانىڭ كاللىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى قەتئىي تەلەپ قىلدى، ئەمما ئۇلار ئۇزاققىچە كەينىگە سۆرەپ قايتۇرۇپ بەرمىدى. 1954 - يىل 6 - ئايدا، غەربىي گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ باتۇرنىڭ كاللىسىنى تانگانىكا خەلقىغە قايتۇرۇپ بەردى. تانگانىكا خەلقى داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، باتۇرنىڭ كاللىسىنى كۈتۈۋالدى. ئۇلار ئەسلىدىكى كارولىنكا شاھ شەھىرىنىڭ يېنىغا بىر خاتىرە سارىيى سېلىپ، باتۇرنىڭ كاللىسىنى بۇ يەرگە قويدى. مانا بۇلار بۇ كاللىنىڭ كىشىلەرنىڭ شۇنچە ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولۇشىدىكى سەۋەبلەردۇر.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ