UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭئالتۇن پادىشاھلىقى

ئالتۇن پادىشاھلىقى

بەش مىڭ يىل بىپايان ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا بۇنىڭدىن ئىككى مىليون يىل ئىلگىرى ئىنسانىيەت قەدەم باسقان. ھازىر ئۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقان قارا تەنلىكلەر خۇددى ئاق تەنلىكلەر ۋە سېرىق تەنلىكلەرگە ئوخشاش ئۇزاق مۇددەتلىك مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە. بۇ يەردە بىز، غەربىي ئافرىقىدىكى مەشھۇر ئالتۇن پادىشاھلىقى - گانا ھەققىدە ھېكايە سۆزلەپ بېرىمىز. X X X سەھرايى كەبىر - ئادىمىزات ئاياغ باسمىغان چەكسىز چوڭ قۇملۇق. ئۇنىڭغا نەزەر سالسىڭىز، غۇۋا قۇم دۆۋىلىرىدىن باشقا ھېچيەر كۆرۈنمەيدۇ. دۆۋەت - دۆۋە قۇملار گويا ئېگىز - پەس >چوققىلار<دەك چوخچىيىپ تۇرىدۇ، شامال گۈكىرەپ چىققان ھامان شاقىراپ كۆچكەن قۇملار گويا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان >دەريا< نى ئەسلىتىدۇ. بۇ يەردە پىژ - پىژ ئىسسىق ۋە قۇرغاقچىلىقتىن باشقا يا سۇ، يا گىيا دىدارى كۆرۈنمەيدۇ. بىر تۆگە كارۋىنى ئەنە شۇ قۇملۇقتا مۈشكۈل قەدەملەر بىلەن ئالغا كېتىۋاتاتتى. بۇلار ئارىسىدىكى ئەرەبچە ئاق تون كىيىۋالغان 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەم، تۆگىگە مىنىپ كېتىۋېتىپ ئاللىقانداق بىر نېمىگە تەلمۈرگەندەك قۇملۇقنىڭ يىراق - يىراق جايلىرىغا دىققەت بىلەن كۆز تىكەتتى. ئۇ - ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ قىرغىقىدىكى ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى بېكىر ئىدى. قەدىمكى دۆلەت گانانىڭ سىرىنى ئېچىش ئۈچۈن، بۇ ئالىم، سودىگەرلەرنىڭ كارۋىنىغا ئەگىشىپ قۇملۇقتا ماڭغىلى تۇرغىلى توپ - توغرا ئىككى ئاي بولغان ئىدى. - پاھ، ئەنە ئۇ تاكىبىت شەھىرى! - ئالدىدا كېتىۋاتقان سودىگەر، قولى بىلەن يىراقتىكى ئۇپۇق سىزىقى تەرەپنى كۆرسىتىپ، يېرىلىپ كەتكەن كالپۇكىنى قۇرۇپ كەتكەن تىلى بىلەن يالىغان ھالدا كۈلدى. بېكىر، سودىگەر كۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپ، راست دېگەندەك ئۇپۇق سىزىقىدا پەيدا بولۇۋاتقان بىر قارا كۆلەڭگىنى كۆردى. ئۇ: - ئالتۇن پادىشاھلىققا يېقىن كەپتۇق! - دېدى - دە، ئىختىيارسىز ھالدا گانا ھەققىدىكى بىر قەدىمكى رىۋايەتنى ئېسىگە ئالدى... قەدىمىي دۆلەت گانا، مىلادى 3 - ئەسىردىلا قۇرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدا 20 سۇلالە ھۆكۈم سۈردى، شىسەي سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەڭ ئۇزاق داۋام قىلدى. بۇ سۇلالىنى بىر يىلان ئىلاھى قوغداپ تۇراتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، يىلان ئىلاھى بىر ئۆڭكۈردە ياتىدىكەن. بۇ ئۆڭكۈر >مۇقەددەس ئورمان< ئاتىلىدىغان بىر ئورمانزارلىقتا ئىكەن. بۇ ئورمانزارلىقنى قاراۋۇللار قوغدايدىكەن، ئورمانزارلىققا كاھىندىن باشقا كىشى كىرەلمەيدىكەن، ھەر كۈنى كاھىن نۇرغۇنلىغان يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ ئورمانزارلىققا كىرىپ كېتىدىكەن. ھەر يىلى يەنە، يىلان ئىلاھىغا بىر گۈزەل قىز ھەدىيە قىلىنىدىكەن. نۇرغۇن يىللار داۋامىدا قانچىلىغان قىزلار يىلان ئىلاھىغا قۇربان بولۇپتۇ. بۇ ئىشقا پۇقرالارنىڭ غەزىپى تېشىپتۇ. بىر كۈنى شاھ ئوردىسى، پايتەختتىكى گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى سىئانى، يىلان ئىلاھىغا ھەدىيە قىپتۇ. بۇنىڭدا مۇنداق سەۋەب بار ئىكەن:سىئانىڭ تويلاشقان يىگىتى ئامارتو قۇدرىتى تەڭداشسىز يىگىت ئىكەن، پادىشاھ ئۇنى ئوردا قاراۋۇللۇقىغا تەيىنلىگەندە، ئامارتو، ئالى مەنسەپ، يۇقىرى تەمىناتنى كېرەك قىلماي، قاراۋۇل بولۇشنى رەت قىلىپ، پادىشاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن ئىكەن. شاھ ئوردىسى ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، سىئانى يىلان ئىلاھىغا ھەدىيە قىلغان ئىكەن. - باتۇر خورلۇققا چىدىغان نەدە بار! - ئامارتو بۇ جادىگەر يىلاننى يوقىتىشقا بەل باغلاپتۇ. سىئانى يۈگۈرۈك ئات بىلەن مۇقەددەس ئورمانزارلىق يېنىدا ساقلاپ تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى ئارمانزارلىققا قاراپ مېڭىپتۇ. ئامارتو بۇ يەرنى ساقلايدىغان قاراۋۇللارنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاپ، مۇقەددەس ئورمانزارلىققا كىرىپتۇ. ئورمانزارلىققا كىرسە، غايەت يوغان، غەلىتە دەرەخلەر ئۆسۈپ كەتكەن ئىكەن، دەرەخلەر ئارىلىقلىرىدا دەرەخلەرگە يامىشىپ ئۆسكەن چىڭگىل - چاتقاللار كۈننى توساپ تۇرغۇدەك. ئورمانزارلىق كىشىنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرگۈدەك قاراڭغۇ سۈرلۈك ئىكەن.>نېمىدىن قورقىمەن!< ئامارتو باتۇرلۇق بىلەن ئورمانزارلىقنىڭ ئىچىگە قاراپ مېڭىپتۇ، ئىزلەپتۇ. توساتتىن >گۈر - <قىلغان سادا بىلەن ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان قۇيۇن بىلەن تەڭ، ئالدىدا بىر قارا كۆلەڭگە پەيدا بوپتۇ. سىنچىلاپ قارىغان ئىكەن، كۆزىگە ئادەم بېلىدەك يوغان، بىر نەچچە گەز كېلىدىغان بىر يىلان كۆرۈنۈپتۇ. بۇ ئەبلەخ تېخى بېشىغا بىر ئالتۇن تاج كىيىۋالغانمىش. >جادىگەر يىلان جەزمەن ئاشۇ!< ئامارتو چەبدەسلىك بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئىلاھى يىلاننىڭ بىر بېشىنى قىلىچ بىلەن ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. - مۇقەددەس ئورمانزارلىققا بىرسى كىرىۋالدى!تېز كېلىڭلار! - ئىلاھى يىلاننىڭ كېسىلگەن بېشى ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ گۈلدۈرمامىدەك ۋاقىراپتۇ. ئىلاھى يىلان شۇئان بىر تولغانغان ئىكەن، ئۇنىڭدىن يەنە بىر باش ئۆسۈپ چىقىپتۇ ۋە ھەزەرلىك بىلەن ئامارتوغا ئېتىلىپتۇ. ئامارتو شۇنداق چاققان كەپتۇكى، يەنە بىر قىلىچ ئۇرۇپ ئىلاھى يىلاننىڭ ئىككىنچى بېشىنىمۇ ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. ئىلاھى يىلان شۇ ھامانلا تولغىنىپتۇ، ئۇنىڭدىن ئۈچىنچى باش ئۆسۈپ چىقىپتۇ. ئامارتو ئۇنىڭ ئۈچىنچى بېشىنىمۇ ئۈزۈپ تاشلاپتۇ. شۇ تەرىقىدە ئارقا - ئارقىدىن ئۇنىڭ يەتتە بېشىنى چېپىپ تاشلاپتۇ، ئىلاھى يىلان يەنە كۈچىنىپ تولغىنىپتۇ، ئەمما 8 - نۆۋەت يېڭى باش ئۆسۈپ چىقماپتۇ - دە، ئەڭ ئاخىرى جېنىدىن جۇدا بوپتۇ. ئامارتو، سىئا بىلەن بىرلىكتە ئورمانزارلىقتىن چىقىپتۇ - يۇ، ئېتىغا مىنگىنىچە يىراققا قېچىپتۇ. پادىشاھ ئەسكەرلىرى ئىزلەپ كەلگىچە، ئىككىيلەن كايىپ بوپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، گانانىڭ شاھ ئوردىسى پۇقرالارنىڭ ئارىسىدىن گۈزەل قىزلارنى تاللاپ يىلانغا يەم قىلىپ بەرمەيدىغان بوپتۇ... - ئاتاگىستكە يېتىپ كەلدۇق! - كارۋاننى باشلاپ كېتىۋاتقان سودىگەر، ئالىمنىڭ خىيالىنى ئۈزۈۋەتتى. بېكىر زەڭ قويۇپ قارىۋىدى، كۆز ئالدىدا ھەيۋەتلىك بىر كاتتا شەھەر ئايان بولدى. ئاتاگىست، قەدىمىي دۆلەت گانانىڭ دەرۋازىسى بولۇپ، ھازىرقى ماۋرىتانىيە تەۋەلىكىدە ئىدى. بۇ يەردە پۇختا سېلىنغان كەپىلەر، ئاسمان - پەلەك ئۆسكەن خۇرما دەرەخلەر ھەمدە قىپ - قىزىل پۇرەكلەپ ئېچىلغان خېنە گۈل دەرەخلىرى بار ئىدى. بۇ يەردە يەرلىك قارا جىنىسلىق كىشىلەردىن باشقا، ئاق تەنلىك بار بارلارمۇ بار ئىدى. ئاتاگىستتىن ئۆتكەن ھامان گانا تەۋەلىكىگە كىرىپ كېتەتتى. بېكىر، گانا چېگىرىسىدىن كىرىدىغان رەسمىيەتلەرنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ چىقتى. چازىدا چېگىرىدىن كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان سودا كارۋانلىرى ئۆچىرەت بىلەن تۇراتتى. گانا مەنسەپدارلىرى يۈك - تاق، ماللارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، چېگرا بېجى ئېلىۋاتاتتى. چېگرىدىن بىر تۆگە، ئاش تۇزى ئېلىپ كىرسە بىر دىنا ئالتۇن )بىر دىنا ئالتۇن 72 تال بۇغداينىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ( باج ئالاتتى، بىر تۆگە ئاش تۇزى ئېلىپ چىقىپ كەتسە ئىككى دىنا ئالتۇن باج ئالاتتى. بىر تۆگە مىس رودىسىغا، بەش مىسقال ئالتۇن باج ئالاتتى. بىر تۆگە مىلىچ مالغا ئون مىسقال ئالتۇن باج ئالاتتى. چېگرا ئىشلىرى شۇنداق رەتلىك باشقۇرۇلۇۋاتاتتى. قەدىمكى دۆلەت گاناغا كىرىش بىلەنلا، ئۇلار ئېتىزلاردا زىرائەتلەر كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك بۇلۇق ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردى؛ گاۋلياڭلارنىڭ قىزىلو باشلىرى شامالدا لەرزان ئىغاڭلايتتى. چۈجگۈن قوناقلارنىڭ دانلىرى ھال رەڭدە پاقىراپ تۇراتتى. ئېچىلغان كېۋەزلەر پىژ - پىژ ئاپتاپتا كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى. بۇ ئېتىزلاردا يۈرگەن دېھقانلارنىڭ ئەرلىرى ساقالسىز، خوتۇنلىرى چاچسىز بولۇپ، ھەممىسى قارا تەنلىك ئىدى. ئۇلار بېلىگە بىر پارچىدىن پەرتۇق تارتىۋالغان ھالدا تۆمۈر سايمانلار بىلەن كۆڭلەكسىز ئىشلەۋاتاتتى. يىراقتىكى كەنىتلەردىن دېھقانلارنىڭ گۈمبەزسىمان ئۆيلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. دەريا بويىدا نىگېرلار ئىككى، ئۈچتىن بولۇپ كېپەك ئالتۇن سۈزۈۋاتاتتى. بېكىر يەرلىك كىشىلەردىن سوراش ئارقىلىق سۈزۈلۈۋاتقان كىپەك ئالتۇنلارنىڭ پۇقرالارغا، تاغدىن تېپىلغان ئالتۇن كانلىرىنىڭ پادىشاھىغا مەنسۇپ، ئىكەنلىكىنى، پادىشاھ مىڭلىغان قۇللارنى ئالتۇن قازغىلى سالغاچقا، ھەددى - ھېسابسىز ئالتۇن زاپىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، پادىشاھنىڭ ئامبىرىدىكى ئەڭ چوڭ بىر پارچە ئالتۇن چوڭ قورام تاشتەك چوڭلۇقتا بولۇپ، كۈچلۈك بىر ئاتمۇ سۆرەپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالدى. بېكىر، گانانىڭ پايتەختى كونبىسار )ھازىرقى مالى جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى باماكو( غا يېتىپ كەلدى. بۇ ئافرىقا خەلقى بىلەن ئەرەپ خەلقىنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن چوڭ شەھەر بولۇپ، كوچىلىرى ئازادە ئىدى، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە غايەت يوغان تاشلاردىن قوپۇرۇلغان ئىمارەتلەر، تاملىرىغا قۇرئانى - كېرىمنىڭ ئايەتلىرى ئويۇلغان بىنالار، ھەتتا ھەيۋەتلىك مەسچىتلەر قەد كۆتىرىپ تۇراتتى. گانانىڭ پادىشاھى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمىسىمۇ، ئەمما، شىمالىي ئافرىقىدىن كەلگەن سودىگەرلەر، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كەلگەن باربارلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولغاچقا، شەھەردە 12 چوڭ مەسچىت بار ئىدى. - ئۆز يۇرتىمىزغا خويمۇ ئوخشايدىكەنغۇ! - مۇسۇلمان بېكىر ئىختىيارسىز ھالدا خوشال بولۇپ توۋلىۋەتتى. >دۈمتاق - دۈم، دۈمتاق - دۈم!< داپ ئاۋازى جاراڭلىدى. شەھەر خەلقى ھاياجان ئىلكىدە يىغلىدى، بېكىر، جامائەت بىلەن ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. گانانىڭ ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ شەھەرنىڭ غەربىگە قاراپ يول ئېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قوللىرىغا قالقان ۋە نەيزە، بەزىلىرى كامان ۋە ئوق - يا ئېلىۋالغان بولۇپ، قەھرىمانلىق جاسارىتى ئۇرغۇغان ھالدا كېتىۋاتاتتى. بېكىر يەرلىك كىشىلەردىن سوراش ئارقىلىق گانا پادىشاھىنىڭ 200 مىڭ كىشلىك ھەربى قوشۇنى بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوقياچىلار 40 ئىكەنلىكىنى بىلۋالدى. بۈگۈن پادىشاھنىڭ قوبۇل قىلىش كۈنى بولۇپ، كاتتا بىر سورۇن تۈزۈلەتتى. بېكىرمۇ يەرلىك پۇقرالار بىلەن بىرلىكتە شەھەرنىڭ غەربىدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا قاراپ ماڭدى. قوبۇل قىلىش مۇراسىمى مۇنداق ئىدى: پادىشاھ ناھايىتى ئېگىز بىر پادىشاھلىق تاجىنى كىيگەن، بوينىغا ئالتۇن مارجان ئاسقان، قولىغا ئالتۇن ئۈزۈك سالغان ھالدا بىر چوڭ چېدىردا ئولتۇراتتى. چېدىرنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئىگەر ۋە يوپۇقلار ئالتۇندىن جاندۇنغان ئاتلار تۇراتتى. پادىشاھنىڭ ئارقىسىدا قولىغا قالقان ۋە دەستىسى ئالتۇن بىلەن نەقىشلەنگەن شەمشەر ئالغان ئون نەۋكەر تۇراتتى. ئوڭ ياندا بىر بۆلەك چىنۋاڭلارنىڭ ئوغۇللىرى ئېسىل كىيىملەر بىلەن ياسانغان، چاچلىرى ئارىسىغا زەر چاچقان ھالدا تۇراتتى. پايتەختنىڭ باش ۋالىسى پادىشاھنىڭ ئالدىدىكى يەردە ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا تەنلىرى قارا، چاچلىرى بۈدۈر، ئۇچىسىغا ئازادە دۇردۇن تون يېپىنىۋالغان ۋەزىرلەر ئولتۇراتتى. >دۈمتاق - دۈم، دۈمتاق - دۈم<، ئۇلار >دىبا< دەپ ئاتايدىغان داپ داراڭلىدى. قوبۇل قىلىش مۇراسىمى باشلاندى. پۇقرالار بىردەك تىزلىنىپ باشلىرىغا چىمدىم توپا سېلىش ئارقىلىق پادىشاھقا بولغان ھۆرمەت - ئېھتىرامىنى بىلدۈرۈشتى؛ ياقا يەرلەردىن كەلگەن ئەرەپلەر بولسا، بىر تەرەپتە تۇرۇپ چاۋاك چېلىشتى، بېكىرمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ چاۋاك چالدى. بېكىر قوبۇل قىلىش مۇراسىمىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، شەھەر بازىرىغا كەلدى. كىشىلەر بۇ يەردە قىزىقارلىق سودا - سېتىقلارنى قىلاتتى. بازار شەھەردىكى بىر كەڭ مەيداندا ئىدى. سودىگەرلەر ماللىرىنى تۈرلىرى بويىچە يەرگە دۆۋىلەپ تىزىپ قويۇپ، قولىغا داپنى ئالاتتى - دە، مەيداندىن چىقىپ داراڭلىتاتتى. نېگىرلارنىڭ داپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ مال سېتىۋالغىلى چىقاتتى. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئېھتىياجلىق ماللارنىڭ يېنىغا بەلگىلىك ساندا ئالتۇن قويۇپ قويۇپلا، ھېچنېمە ئالماي مەيداندىن چىقىپ كەتتى. ئاندىن سودىگەرلەر قايتىپ كېلىپ، سودىدا پۈتۈشكىلى بولىدىغان ماللارنىڭ يېنىدىكى ئالتۇننى يېغىۋالاتتى - دە، پۈتۈشكىلى بولمايدىغان ماللارنىڭ يېنىدىكى ئالتۇننى مىدىرلاتمايتتى. سودىگەرلەر ئالتۇننى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، نېگىرلار مەيدانغا كىرىپ ئالتۇنلىرىنى يىغىۋالغان ماللارنى ئېلىپ كېتەتتى - دە، ئالتۇنلىرى يىغىۋېلىنغان ماللارنىڭ قوشۇلغان ئالتۇنلارنى كۆرۈپ يىغىۋالغاندىن كېيىن، نېگىرلار ئۇ ماللارنى ئېلىپ كېتەتتى. پۈتۈن بازاردا بىرمۇ ئادەم سۆز قىلمايتتى. ھەتتا سودىگەر بىلەن خېرىدار بىر - بىرسى بىلەن كۆرۈشمەيتتى، ياقا يۇرتلۇقلار گانالىقلارنىڭ مۇنداق ئېلىم - سېتىم ئۇسۇلىنى >ئۈنسىز سودا< دەيتتى، دېمەك، ماللارنى گاناغا ئېلىپ كەلگەندىلا ئالتۇنغا ئالماشتۇرۇشقا بولغاچقا، نۇرغۇن ئەرەپ سودىگەرلىرى بىر نەچچە ئايلاپ يول يۈرۈپ، خەتەرلىك قۇم - قورقۇنچلۇق سەھرايى كەبىر چۆلىنى بېسىپ ئۆتۈپ، مۇشۇ ئالتۇن پادىشاھلىقىغا كېلىپ، گانالىقلار بىلەن سودا - سېتىق قىلاتتى. قەدىمكى دۆلەت گانا - نېگىرلار ئافرىقىسىدا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان پادىشاھلىقلاردىن بىرى بولۇپ، 3 - ئەسىردىن 10 - ئەسىرگىچە يەتتە ئەسىر مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان. ئۇ ئالتۇننىڭ موللۇقى بىلەن دۇنياغا داڭ چىقارغان. 6710 - يىلى بېكىر ئۆزىنىڭ گانادا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى >ئافرىقىدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم< دېگەن سەرلەۋھىدە بىر كىتاپ قىلىپ يېزىپ چىققان.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ