UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭتولستوي

تولستوي

بەش مىڭ يىل كېچە سائەت 11، ياشىنىپ قالغان لېۋ - تولستوي تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن كىيىمىنى كىيىپ، شامنى ياندۇرۇپ، ئايالىغا ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە خېتىنى يازدى. >مەن ئەمدى مۇنداق ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان بولدۇم. مەن ئۆزەم بىلەن تەڭتۇش بوۋايلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە، پانىي دۇنيا تۇرمۇشىدىن ئۆۈمنى تارتىپ، ئاخىرقى ئۆمرۈمنى غېرىبانە ۋە مىسكىن ھالدا ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم. ئەتىسى تاڭ يورۇماستىنلا تولستوي بىر خادىككە ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قورۇسىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ پويىز ئىستانسىسىغا كېلىپ، 3 - دەرىجىلىك ۋاگونغا چۈشۈپ، پويىزدىكى ئىشچى، دېھقانلار بىلەن مۇڭدىشىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە دەرد - ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلدى. بىر كۈن يول يۈرۈپ، بىر مۇناستىرغا يېتىپ باردى، بۇ يەردە سىڭلىسى بىلەن ئىككى كۈن بىللە تۇرۇپ، سىڭلىسى بىلەن خوشلاشمايلا كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. كۈزنىڭ تۇتۇق ھاۋاسى ۋە ھەددىدىن ئارتۇق ھېسسىياتلىنىپ كېتىش 82 ياشلىق بۇ بوۋاينىڭ ئاجىز تېنىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاشتاپوف پويىز ئىستانسىسى )ھازىرقى لېۋ. تولستوي پويىز ئىستانسىسى( غا كەلگەندە ئاخىر يېقىلىپ قالدى. پويىز ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى دەرھال ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇردى. دوختۇرلار ئۇنىڭغا ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويدى. تولستوي روسىيىنىڭ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ئۇلۇغ يازغۇچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئۇشتۇمتۇت چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە سەپەر ئۈستىدە كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ھەش - پەش دېگۈچە پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتتى. بۇ كىچىككىنە پويىز ئىستانسىسى شۇ ھامانلا روسىيە ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. 1910 - يىل 11 - ئاينىڭ 71 - كۈنى، يەنى ئۇ ئائىلىسىدىن چىقىپ كەتكىنىنىڭ 11 - كۈنى، دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بۇ ئەدىب ئاخىر ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى. ئۇنىڭ جەسىتى مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىلەرنىڭ ھامىيلىقى بىلەن ئۇ چىقىپ كېتىشىدىن بۇرۇن ياشىغان جاي - تۇرا شەھىرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان ياسىنايا پولياناغا ئاپىرىلدى ۋە تار بىر جىلغىنىڭ قىرغىقىغا دەپنە قىلىندى. ئۇ بالىلىق دەۋرىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزگەنىدى. تولستوي ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە كېلىپ چىققان. ئىككى يېشىدا ئانىسىدىن، توققۇز يېشىدا دادىسىدىن يېتىم قالغان. 16 يېشىدا قازان ئۇنىۋېرستېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرستېتىغا ئالماشقان. ئۇزاق ئۆتمەي ئوقۇشتىن چېكىنىپ، پولياناغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغلاردا، روسىيىدە چىرىك قۇللۇق تۈزۈمى يەنىلا ھەدەپ ئەۋج ئېلىۋاتاتتى. تولستوي پوليانادا 300 نەچچە قۇلنىڭ خوجايىنى ئىدى. ئۇ قۇللارنىڭ پاجىئەلىك تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ھېس قىلدى ۋە قۇللارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ياردەمدە بولماقچى بولدى. ئەمما قۇللار ئىزچىل تۈردە ئۇنى خوجايىن ھېسابلاپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەملىشىشىگە ئىشەنمىدى. بۇ ئىشەنمەسلىك تولستوينى پەرىشان قىلدى. تولستوينىڭ ئاكىسى چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇنىدا توپچىلار ئوفىتسېرى ئىدى. ئۇ تولستوينىڭ دىلخەست بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەربىي بولۇشقا ئۈندىدى. 1851 - يىل 4 - ئايدا ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن بىللە كاۋكازغا كەتتى. جىددىي ھەربىي تۇرمۇشتىن بوش قالغان ۋاقىتلىرىدا، تولستوي ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى. ئىككىنچى يىلى 7 - ئايدا، تولستوي تۇنجى ئەسىرى >بالىلىق دەۋر< دېگەن پوۋېستىنى >زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى< ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى نېكراسوۋغا ئەۋەتتى. ئۇ ئەسەر بىلەن بىرگە بىر پارچە خەت يېزىپ، بۇ ئەسەرنىڭ ئۆزىنىڭ تۇنجى رومانىنىڭ 1 - قىسمى ئىكەنلىكىنى، باشقا قىسىملىرىنى يېزىش - يازماسلىقنى 1 - قىسمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش - بولماسلىقىغا قاراپ بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى. دېمەك، ئىشەنچ تولۇق بولمىغانلىقتىن، ئەسەرنىڭ قول يازمىسىغا ۋە بۇ خەتكە ئىسىم - فامىلىسىنىڭ >ل. ن< دېگەن قىسقارتىلمىسىنى يېزىپ قويدى. >بالىلىق دەۋر< نېكراسوۋد ياخشى تەسىر قالدۇردى، ئۇ دەرھال تولستويغا جاۋاب خەت يازىدۇ: >ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم، ئۇ كىشىنى ناھايىتى جەلپ قىلىدىغان ئەسەر ئىەن. مەن ئۇنى ئېلان قىلىش قارارىغا كەلدىم. ئەمما ئاخىرقى قىسىملىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئېنىق ھۆكۈم چىقىرالمايمەن. بىراق، مېنىڭچە، ئاپتوردا ھەقىقەتەن تالانت بار ئىكەن...< شۇ يىلى 11 - ئايدا >بالىلىق دەۋر<، >زامانىمىزنىڭ كىشىلىرى< دا ئېلان قىلىندى. تولستوينىڭ بالىلىق ھاياتىدىكى تەسىراتلار بىلەن سۇغىرىلغان بۇ پوۋېست كونا ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدىكى بالىلارنىڭ ھاياتىنى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن. پوۋېست دۇنياغا كېلىشى بىلەن كىتابخانلار، جۈملىدىن ئاتاقلىق يازغۇچىلارنىڭمۇ ئېغىزدىن چۈشۈرمەي ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ، تولستوينى بىر يولىلا روسىيىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرى قاتارىغا كىرگۈزدى. كاۋكازدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تولستوي يەنە قىرىمغا يۆتكەلدى. بۇ يەردە ئۇ سېۋاستيولنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، توپچى ليەنجاڭ بولۇپ، بەش توپقا قوماندانلىق قىلىپ، ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قايتۇرما زەربە بەردى. شىددەتلىك جەڭ ئارىلىقىدىكى بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۈچ پارچە >سېۋاستيول ھەققىدە ھېكايە< ۋە باشقا ھېكايىلەرنى يېزىپ چىقتى. بۇ ئەسەرلەرمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. 1863 - يىلىدىن 1869 - يىلىغىچە، تولستوي >ئۇرۇش ۋە تىنچلىق< ناملىق رومانىنى پۈتتۈردى. بۇ رومان 1812 - يىلى ناپولېئوننىڭ روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنى سيۇژىت قىلىپ، روسىيە خەلقىنىڭ فرانسىيە قوشۇنلىرىغا قارشى كۈرەشلىرىنى تەسۋىرلەپ، شۇ چاغدىكى روسىيە جەمئىيىتىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. كىتابتا بىر تۈركۈم ئاقسۆڭەك ياشلىرىنىڭ ئۇرۇش يىللىرىدىكى تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى ۋە ئىدىيىۋى ھېسسىياتلىرى جانلىق سۈرەتلەنگەن. ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ تەقدىرىگە پەرۋاسىزلىق قىلىدىغان ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلغان ھەمدە ئالېكساندىر Ⅰ ۋە ناپولېئون قاتارلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن. بۇ 550 تىن ئارتۇق پېرسۇناژ چىقىدىغان ناھايتى چوڭ ھەجىملىك كىتاب بولۇپ، ⅩⅨ ئەسىردىكى ياۋروپا ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. تولستوي بۇ روماننى يېزىش ئۈچۈن ناھايىتى زور جاپالىق ئەمگەك سىڭدۈرگەن. موسكۋادىكى كاتتا كۈتۈپخانىلارنى قېزىپ، نۇرغۇن تارىخىي ئەسەرلەر، ئەسلىمىلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك گېزىت - ژۇرناللارنى ئوقۇپ چىقتى. كىتابتا تەسۋىرلەنگەن ئۇرۇشلارغا قاتناشقان كىشىلەردىن شۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى سۆزلىشىپ ئاڭلىدى. ئۇ نەگىلا بارسا ئەتراپىدىكى ھەممىنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن كۆزىتىپ، ئۈزلۈكسىز خاتىرە يېزىپ ماڭدى. ئۆزىنى چىن تەسىراتلارغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئەينى يىللاردىكى ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىغا ئالاھىدە بېرىپ كۆردى ۋە شۇ يەرلەرنىڭ ئۆزىدە تۇرۇپ خاتىرە يازدى، ئۇرۇش خەرىتىلىرىنى سىزدى، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. يېزىشقا كىرىشكەندىن باشلاپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە كىتابخانىسىغا كىرىپ كېتىپ، ھېچقانداق كىشىنىڭ دەخلى قىلىشىغا رۇخسەت قىلماي ئىشلىدى. كېچىلىرى، ئۇنىڭ ئايالى يېزىقچىلىق شىرەسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىرماش - چىرماش يېزىلغان ھەمدە تەكرار تۈزىتىلگەن خەتلىرىنى تاڭ ئاتقۇچە كۆچۈرۈپ چىقتى. >ئۇرۇش ۋە تىنچلىق< نى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، تولستوي خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل دەم ئالدى. 1870 - يىلى يازدا، ئۇ كۈن بويى دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە تېرىقچىلىق، ئورتاقچىلىققا قاتناشتى. كېيىنچە، ئۇ يەنە گرېكچە ئۆگىنىشكە كىرىشتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇستازىغا ئۆزىدىن ئىمتىھان ئالغۇزدى. نەتىجىدە ئۇ لۇغەتكە قارىماي گرېكچىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇستازىنى ھەيران قالدۇردى. بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى، ئۇ دېھقانلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن بىر مەكتەپ ئېچىپ بەرگەنىدى. ئۇ يەنە بالىلار ئۈچۈن >ئوقۇش كىتابى< تۈزۈپ بەردى. ئۇ ئوقۇش كىتابىنى تۈزۈش ئۈچۈن ئۇ يەنە فىزىكا، تارىخ، ئىنسانشۇناسلىق، جۇغراپىيە قاتارلىقلارنى ئۆگىنىپ، ئەرەب ۋە ھىندى ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆز قولى بىلەن 700 پارچىگە يېقىن ھېكايە تەرجىمە قىلدى ۋە ئۆزگەرتىپ تۈزدى. كېيىن ئۇ بۇ دەرسلىكنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، كەڭ دائىرىدە تارقاتتى، كېيىنكى كۈنلەردە نەچچە ئەۋلاد رۇس بالىلىرى مۇشۇ ئوقۇش كىتابى ئارقىلىق ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى ئۆگەندى. بىر كۈنى، تولستوي يەنە بىر قېتىم >پۇشكىن ئەسەرلىرى< نى ئېلىپ ئوقۇدى. ئۇ دېكلاماتسىيە قىلىپ بىر يەرگە كەلگەندە، ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا: >پاھ، نېمىدېگەن ئېسىل! نېمىدېگەن سەمىمىي! مۇقەددىمە يېزىپمۇ يۈرمەي، ئوچۇقلا باشلاپتۇ!< - دەۋەتتى - دە، دەرھال قولىغا قەلەم ئېلىپ، يېڭى بىر رومان يېزىشقا كىرىشىپ كەتتى. مانا بۇ 1877 - يىلى پۈتۈپ چىققان مەشھۇر ئەسەر >ئاننا كارىنا< ئىدى. بۇ روماندا، قۇللۇق تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىنكى روسىيە جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاقسۆڭەك بۇرژۇئا جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي، قانۇن ۋە ئەخلاقلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر پاش قىلىش ۋە تەنقىد ئېلىپ بېرىلغان. >ئاننا كارىنا< نى يېزىۋاتقان ئاخىرقى باسقۇچتا، تولستويدا ئۆز تۇرمۇشىغا بولغان نارازىلىق بارغانسېرى ئېشىپ باردى. ئۇ پومېشچىكلار بىلەن دېھقانلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ ماڭالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۈمىدسىزلەنگەن، ھەتتا ئۆلۈۋالماقچى بولغان. كېيىن ئۇ دىققەت - ئېتىبارىنى دىنغا قارىتىپ، بىر مۇنچە دىنىي كىتابلارنى ئوقۇغان ھەمدە ئون كۈن پىيادە يول يۈرۈپ بىر مۇناستىرغا سەجىدە قىلغىلى بارغان. ئۇ نامراتلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇلارغا سەدىقە بەرگەن، ھەتتا ماقالە يېزىپ، يەرنى ئومۇمنىڭ قىلىۋېتىشنى مۇراجىئەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، ئۆزىنىڭ باياشاد ماددىي تۇرمۇش كەچۈرگىنىگە ۋىجدان ئازابى تارتىپ، ھەمىشە ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، ھەتتا دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە قارا بولكا يېگەن. 1887 - يىلى تولستوي ئىدىيە جەھەتتە بارغانسېرى زىددىيەتلىشىپ كېتىۋاتقاندا، تەپتىش ئەمەلدارى بولغان بىر دوستى ئۇنىڭغا: ئاددىي بىر قىزنىڭ بىر ئاقسۆڭەكنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، ئاخىر سوتقا تارتىلغانلىقى ھەققىدىكى بىر دېلونى سۆزلەپ بېرىدۇ. تولستوي بۇ دېلوغا ناھايىتى ھەۋەس قىلىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، بۇ دېلونى تەقلىد قىلىپ، مەشھۇر >تىرىلىش< رومانىنى يېزىپ چىقتى. >تىرىلىش< تە مۇنداق بىر ۋەقە تەسۋىرلەنگەن: ئاقسۆڭەك نېخليودوۋ سوت مەيدانىدا مەسلىھەتچىلىك قىلىۋېتىپ، قاتىل دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان پاھىشە ئايال كاچۇشا ماسلۇۋا بىلەن ئۇچرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەسلىدە ئۆزى دەپسەندە قىلغان بىر قۇلنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ. نېخليودوۋ ۋىجدان ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن بىر ئامال قىلىپ، كاچۇشانى بۇ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولۇپ، ئۇنى سۈرگۈن قىلىۋەتكەن يەرگىچە بارىدۇ. ئاخىر توۋا قىلىش ئارقىلىق روھىي جەھەتتىن >تىرىلىدۇ<. بۇ رومان روسىيىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى، دىنىي تۈزۈمى، جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈملىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان، ئەمما يەنە زوراۋانلىق ئارقىلىق قاباھەتچىلىككە قارشى تۇرماي، ئەخلاق جەھەتتىكى ئۆز - ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە دىن ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇشنى تەشۋىق قىلغان. تولستوي >تىرىلىش< نى ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ 11 يىلدا پۈتتۈرگەن. 1899 - يىل 3 - ئايدىن باشلاپ >يەر< ژۇرنىلىدا ئۇدا بىر يىل ئېلان قىلىنغان. كىتابتا دىنىي جەمئىيەت تەنقىد قىلىنغانلىقتىن، تولستوي خرىستىئان دىنىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، تولستوينىڭ ئىدىيىسىدە تولىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئۇ ئاقسۆڭەكلەر ئۆتكۈزگەن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدىغان بولدى. ھەتتا ئائىلىسىدە ئېسىل مېھمانلارنى كۈتۈشنىمۇ خالىمايدىغان بولۇپ قالدى. پۈتۈنلەي ئاددىي دېھقانچە كىيىنىپ ھەمدە ئۆزىنى >مىليونلىغان دېھقاننىڭ ئادۋوكاتى< دەيدىغان بولدى. ئۇ يەرگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى يوقىتىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى، ئەمما يەنە زوراۋانلىق ئۇسۇلى بىلەن يەرنى پومېشچىكلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشقىمۇ قارشى تۇردى. ئۇ كىشىلەر پومېشچىكلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشقىمۇ قارشى تۇردى. ئۇ كىشىلەر پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىگە بېرىپ ئىشلەشنى رەت قىلسا، پومېشچىكلار ئۆز يەرلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئالىدىغان پايدا قالمايدۇ، دەپ قارىدى. ئەمما ئۇنىڭ تەشەببۇسى ھېچكىمنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشمىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئازابلىنىشى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتتى. تولستوي بىلەن خوتۇنى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتمۇ بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. خوتۇنى ئېرىنىڭ نۇقتىئنەزەرلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ 1881 - يىلىدىن كېيىن يازغان بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ نەشىر قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشىگە قوشۇلمىدى. شۇنداقلا ئۇنىڭ دېھقانلار بىلەن بىرگە ياشىشىغىمۇ قارشى تۇردى. بۇلار تولستوينىڭ پوليانا قورۇقىدا داۋاملىق ياشاش ئىشەنچىسىنى يوقاتتى. شۇنىڭ بىلەن ھېكايىمىزنىڭ بېشىدا بايان قىلىنغاندەك، ئائىلىسىدىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ