UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭقانلىق پەرمان

قانلىق پەرمان

بەش مىڭ يىل تاڭ سەھەر، سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، بىر توپ ئىسپانىيە ئەسكەرلىرى بىر ئات ھارۋىسىنى ياللىغان ھالدا شەھەر مەركىزىدىكى جازا مەيدانىغا قاراپ ھەيدەپ ماڭماقتا ئىدى. ھارۋىنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى ۋە ئاتلارنىڭ تاراقلىغان ئاياق تىۋىشى بىردىنلا توختىدى. ئىجراچى، ئەسكەرلەرگە جىنايەتچىنى ھارۋىدىن چۈشۈرۈشكە بۇيرۇدى. 20 ياشلار چامىسىدىكى چوكان جازا مەيدانىغا يالاپ كېلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىۋاشلىرى جۇل - جۇل بولۇپ، ئوچۇق تۇرغان دولىسى سۇۋرى جاراھەتلەنگەن. ئىجراچى ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئالدىرىماي - تېنىمەي سۆز ئالدى: _ ئايال جىنايەتچى مارىننا، دىنىي جەمئىيەتكە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان غەيرىي ئەقىدىلەرنى ئاشكارا تارقىتىپ، ئەۋلىيالار ھەيكىلىگە ھاقارەت كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە دۆلەت تەرتىپىنى بۇزۇشتەك جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزدى. پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ پەرمانى ۋە مەھكىمە شەرئىنىڭ ھۆكۈمى بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئىجراچى ئىككى قېتىم قۇرۇق يۆتىلىپ قويدى - دە، سۆزىنى داۋام قىلدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ پەرمانى ئىنتايىن رەھىمدىل بولدى، شۇنچە چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن بۇ ئايالغا، ئەگەر ئۆز خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇۋالمىسا، تىرىك كۆمۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسى؛ ئەگەر چىڭ تۇرۇۋالسا، كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىشنى بەلگىلىدى. مارىننا، ئەڭ ئاخىرىدا سەندىن شۇنى سورايمەنكى: ئۆز خاتالىقىڭدا چىڭ تۇرامسەن - يانامسەن؟ چوكان سوئالغا جاۋاب بەرمىدى. ئۇ بېشىنى ئېگىز كۆتىرىپ، ئېغىر كويزا - كىشەنلەر بىلەن كۆيدۈرۈپ جازالاش تۈۋرۈكىگە قاراپ ئاستا - ئاستا قەدەم تاشلىدى. ئىجراچى دەرغەزەپكە كەلدى - دە، ھۆكىرەشكە باشلىدى: _ كۆيدۈرۈلسۇن! كۆيدۈرۈلسۇن! بۇ كاپىر دەرھال كۆيدۈرۈلسۇن! قۇرۇق ئوتۇنلاردىن «پاراس - پاراس» ئاۋاز چىقىش بىلەن، دەھشەتلىك ئوت يالقۇنى بۇ ياش چوكاننى جېنىدىن جۇدا قىلدى. بۇ 16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياۋروپادىكى شىمالىي دېڭىزنىڭ بويىغا جايلاشقان نېدىرلاندىيىدە يۈز بەرگەن بىر پاجىئە ئىدى. ئۇ زاماندا مۇنداق پاجىئەلەر ھەمىشە يۈز بېرىپ تۇراتتى. ئىسپانىيە پادىشاھى كاتولىك دىنىنىڭ ئەسەبىي مۇرىدى ئىدى. شۇڭا ئۇ نىدېرلاندىيىلىك پىروتېستانت مۇرىتلىرىغا شەپقەتسىزلىك بىلەن زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى «كۇپۇرلار» دەپ ئاتىدى ھەمدە ئەڭ قاتتىق جازالىدى. 1550 - يىلى 9 - ئايدا، ئىسپانىيە پادىشاھى ئالاھىدە بىر پەرمان جاكارلاپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ كالۋىن قاتارلىقلارنىڭ كۇپۇرلۇق تەلىماتلىرىنى تارقىتىشنى مەنئىي قىلىشنى بەلگىلىدى. كىمكى بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئەر بولسا كاللىسى ئېلىندى، ئايال بولسا تىرىك كۆمۈلدى ياكى كۆيدۈرۈلدى، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى بىردەك مۇسادىرە قىلىندى؛ بەلكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ جازاغا ئۇچرىغۇچى غەيرىي دىندىكىلەرنىڭ گۇناھىنى تىلىۋېلىشى مەنئىي قىلىنىپ، بويسۇنمىغۇچىلار گۇناھكار بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلدى. بۇ پەرمان راستتىنلا بەك رەھىمسىز بولۇپ، پەرمان تۈپەيلى قانچىلىغان نىدېرلاندىيىلىكلەرنىڭ مارىننادەك زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ بولمايتتى. شۇڭا كىشىلەر نەپرەتلىنىپ، ئۇنى «قانلىق پەرمان» دەپ ئاتىدى. 1566 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئىسپانىيىنىڭ نىدېرلاندىيىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسىنىڭ سارىيى ئالدىغا بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى كېلىپ، باش ۋالىي جانابتىن ئۆزلىرىنىڭ تەلەپنامىسىنى قوبۇل قىلىشىنى ئۆتۈندى. باش ۋالىي بىر ئايال كىنەز ئىدى، ئۇ پەيلىنى بۇزۇپ تاتاردى - دە، سورىدى: - پادىشاھ ئالىيلىرى نىدېرلاندىيە پۇقرالىرىغا ئەزەلدىن رەھىمدىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن تۇرسا، سىلەر يەنە نىمىلەرنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كاتتىبېشى، بۇرژۇئازىيە بىلەن يېقىندارچىلىقى بار ئاقسۆڭەك شاھزادە ئورانچىل ۋېليام ئىدى. - پادىشاھ ئالىيلىرىغا مەلۇم قىلسىلىكى، - دېدى ئۇ ئىززەت - ئىكرام ھەم جىددىيەتلىك بىلەن، - بىزنىڭ تەلەپنامە سۇنۇشىمىز نائىلاجلىقتىن بولدى. بىز پادىشاھ ئالىيلىرىدىن سودىگەرلەرنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىشىنى ھەمدە پىروتېستانت مۇرىتلىرىغا قارىتىلغان جازالارنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. _ ئېنىقراق گەپ قىلىڭ! - دېدى باش ۋالىي سوغۇق كۈلۈپ. - ئېنىق گەپ قىلىدىغان بولساق، - دەپ چىڭراق سۆزلىدى شاھزادە، - پادىشاھ ئالىيلىرىدىن پىروتېستانت مۇرىتلىرىنى جازالاش ھەققىدىكى پەرمانىنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ چېركاۋلىرىدا ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەربىي قوشۇنلارنى چېكىندۈرۈپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز يەنىلا پادىشاھ ئالىيلىرىغا ساداقەت بولىمىز، ئەلۋەتتە. بۇنداق بولمىغاندا _ - بۇنداق بولمىغاندا قانداق قىلماقچى؟ - باش ۋالىي ۋارقىراپ سورىدى. - بۇنداق قىلمىغاندا - ئومۇميۈزلۈك غوۋغا ۋە قوزغىلاڭ كۆتىرىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ! باش ۋالىينىڭ بىر ۋەزىرى كەمسىتىش نەزىرى بىلەن سۆز ئالدى: - چۆرگىلەي سەنلەردىن، ئۈستىۋاشلىرىنىڭ خۇددى قەلەندەرلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ! قەلەندەرمۇ غوۋغا ۋە قوزغىلاڭ كۆتىرەلەمدىكەن؟ - شۇنداق، تەقسىر، قەلەندەرلەرمۇ قوزغىلىپ ئىسيان كۆتىرىشنى بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتەن كۈنىنى ئالالمىسا! - پادىشاھ ئالىيلىرى سەنلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى ھەرگىز راۋا كۆرمەيدۇ! - دېدى باش ۋالىي مەسخىرە قىلىپ، - ماڭە كېتىشە! سەندەك قەلەندەرلەر تېخى! «بىزنى قەلەندەرلەر دەپ تىللىغان ئىكەن، ئۇنداقتا قەلەندەرلەر ئىسياندىن بىرنى كۆتەرمەيلىمۇ!» - دېدى باش ۋالىي سارىيىدىن يىراقلىشىۋاتقان جامائەت. «توغرا، قەلەندەرلەر ئىسيان كۆتىرەيلى!» «ياشىسۇن قەلەندەرلەر!» شۇ يىلى 8 - ئايدا، ئاقسۆڭەك ۋە پىروتېستانت دىنىي جامائەسىنىڭ كاتتىباشلىرى تاقابىل تۇرۇش ھىيلىسىنى كېڭىشىۋاتقاندا، خەلق ئاممىسى قوزغىلاڭنى باشلىۋەتتى، ئۇلار ئېنىق شۇئارلارنى توۋلىدى: «قانلىق پەرماننى بىكار قىلايلى!» «پوپلارنى تۈگەل ئۆلتۈرەيلى! چېركاۋلارنى چاقايلى! ئەۋلىيالار ھەيكىلىنى چېقىپ تاشلايلى!» قوزغىلاڭنىڭ تىغ ئۇچى ئۇدۇل ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىگە قارىتىلدى. غەزەپكە كەلگەن ئىشچىلار، قول - سانائەتچىلەر ۋە دېھقانلارنىڭ قوراللىق قوشۇنلىرى چېركاۋلار ۋە دەرۋىشخانىلارغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەرلەردىكى ئەۋلىيالار ھەيكەللىرىنى بۇزۇپ، پۇل - چەكلىرى ۋە يەر خەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلدى. بىرنەچچە كۈن ئىچىدە، پۈتكۈل نىدېرلاندىيىدىكى 17 ئۆلكىنىڭ 12 سىدە «قانلىق پەرمان» غا قارشى قوغىلاڭ كۆتىرىپ 500 لۇ چېركاۋ ۋە دەرۋىشخانا چېقىپ تاشلاندى. مانا بۇ تارىختا مەشھۇر بولغان «ئەۋلىيالار ھەيكىلىنى چېقىش ھەرىكىتى». ئىسپانىيىنىڭ نىدېرلاندىيىدە تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى قورقۇنچلۇقتا ھۇدۇقۇپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى - دە، دەرھال ئاقسۆڭەكلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەكلىپ قىلىپ كېلىپ، يېڭىباشتىن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئەڭ ئاخىرىدا: مەھكىمە شەرئىنىڭ ھەرىكىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، پىروتېستانت مۇرىتلىرىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى بەلگىلەنگەن جايدا ئىبادەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، دەپ يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى. قوزغىلاڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئەمما، «قانلىق پەرمان» غا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئەۋلىيالار ھەيكىلىنى چېقىش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى ۋە قۇدرىتى، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىلىرىنى قورقۇتۇپلا قالماي، بۇرژۇئازىيە ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىمۇ قورقۇتۇۋەتتى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەشكىللىرىنى تارقىتىۋېتىپ ھەممە يەرلىك كىشىلەرنى ئىسياننى توختىتىشقا، يەرلىك دائىرىلەرگە بويسۇنۇشقا چاقىردى. نەتىجىدە، نىدېرلاندىيە يەنىلا ئىستىبداتلىق ۋە مەھكىمە شەرئى ھوقۇقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالدى. «قانلىق پەرمان» يەنە يېڭىۋاشتىن يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىسلى كۆرۈلمىگەن كەڭ كۆلەملىك «قەلەندەرلەر قوزغىلىڭى» پۈتكۈل نىدېرلاندىيىدە پارتلىدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ