UyghurWiki
UyghurWikiبەشمىڭقەمەرىيە ۋە ھەپتىنىڭ باشلىنىشى

قەمەرىيە ۋە ھەپتىنىڭ باشلىنىشى

بەش مىڭ يىل ئەڭ بۇرۇنقى شەمسىيىنى مىسىرلىقلار كەشىپ قىلغان، ئەڭ بۇرۇنقى قەمەرىيىنى بولسا قەدىمقى بابىلۇنلۇقلار كەشىپ قىلغان. بابىل قەمەرىيىسى ئۈستىدە گەپ ئاچقىنىمىزدا مۇنداق بىر ھېكايىنى ئېيتىپ ئۆتمەك كېرەك: بابىل خالىقنىڭ چوچتا يوللرىدا، تۆت چاقلق خفدىك ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى. ئىككى ئارغىماق چىپ _ چىپ تەرگە چۆمگەن، بۇ ئارغىماقلارنىڭ ئاغزىدىن ئىسسىق ھور پۇرقىراپ چىقىپ تۇرغان، ب «ئالەم پادىشاھى» نىڭ مۇقەددەس يارلىق تارقىتىدىغان خادىكى بولۇپ، يول بويى ئۇنى كۆرگەن كىشىلەر ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ يول بوشاتقان. بابىل خانلىقىنىڭ پايتەختى بابىلۇن شەھىرى ئۆز زامانىسىدا دۇنيا خاراكتىرلىق ئاۋات شەھەر بولۇپ، پوچتا يوللىرى بۇشەھەردىن تەرەپ _ تەرەپلەرگە سوزۇلغان ئىكەن. پايتەختتىن چىققان بۇ خادىك دالسا شەھىرىگە كىرىپ باش ۋالى مەھكىمىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ توختىغان خەت توشۇغۇچى ياپىلاق مونەك لاينى ئىككى قوللاپ كۆتەرگەن پېتى چوڭ قەدەم تاشلاپ باش ۋالى مەھكىمىسىگە كىرگەن. _ بابىل خان ئالىلىرىنىڭ يارلىقى كەلدى! _ دەپ ۋاقىرىغان مونەك لاينى كۆرگەن نەۋكەرلەر ھەمدە دەرھال باش ئېگىپ تازىق بىلەن تۇرغان. باش ۋالى ئۆيدىن شاپاشلاپ چىقىپ، مونەك لاينى ئىككى قوللاپ ئېلىپ، ئۇنى ئاستا _ ئاستا چېكىپ سۇندۇرغان. مونەكنىڭ ئۈستىدىكى قۇرۇق لاي تورۇكلاپ يەرگە چۈشۈپ، ئاخىر بىر سېغىز تاختا چىققان. بۇ سېغىز تاختا تۆت چاسا بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر بۇرجىكى يۇمۇلاق ئىكەن. ئۇنىڭ يۈزى سول. ئوتتۇرا ۋە ئوڭ تەرەپكە ئايرىلغان، ئۇنىڭغغا قاتار - قاتار مىخ يېزىق ئويۇلغان ئىكەن. سېغىز تاختىغا ئويۇلغان بۇ مىخ يېزىق پادىشاھنىڭ باش ۋالىغا چۈشۈرگەن يارلىقى _ پەرمانى بولۇپ، ئۈستىدىكى لاي كونۋېرت ئىكەن. باش ۋالى يارلىقنى سىنچىلاپ ئوقۇپ كەتكەن، ئەمما بىر ھازاغىچە ئوقۇپمۇ يەنىلا بېشىنى چايقىغان. ئۇ بېشىدىكى ئۆرىمەن چېچىنى سىلىغان، ئاندىن كېيىن زاڭىغىدىكى ئۆرۈمە چېچىنى سىلىغان، ئاخىرىدا ئۆرمە ساقلىنى سىلىغان. سىلغانۇ يەنىلا بېشىنى چايقىغان _ قەدىمقى بابىل ئاقسوڭەكلىرى ھەمىشە چاچ، زاڭاق چېچى ۋە ساقاللىرىنى ئورۇۋالىدىكەن. ئۆرۈمە چاچىغا كۈنجۈت مېيى سۈرتۈۋالغاچقا پۇراپ تۇرىدىكەن. _ خان ئالىلىرىنىڭ مەقسىدى... _ دەپ سورىغان خەت توشۇغۇچىدىن يارلىقنى چۈشەنمىگەن باش ۋالى. _ باش ۋالى جاناپلىرى، _ دەپ جاۋاب بەرگەن خەت توشۇغۇچى ئىخلاس بىلەن، _ خان ئالىلىرىنىڭ يارلىقىنى كۆرۈش ماڭا ۋاجىپ ئەمەستۇر. باش ۋالى ئاخىرى بولماي مىرزا ۋە مەسلىھەتچىلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارغا يارلىقنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈشنى تاپشۇرغان. يەتتە - سەككىز ئادەم خېلى ۋاقىت ھەپلىشىپ، يارلىقنىڭ مەزمۇنىنى ئېنىقلاپ، باش ۋالىغا مەلۇم قىلغان. يارلىقنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق ئىكەن: «خامۇراپى ئالىلىرىنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، يارلىق چۈشۈرۈمەنكى، بۇ يىل كەمتۈك يىل بولغاچقا، مۇشۇ ئاي ئىككىنچى ئېلۇر ئېلۇر ئېيى دەپ ئاتالسۇن. شۇنىڭدەك ئەسلىدە جىشىل ئېيىنىڭ 25 - كۈنى بابىلغا تاپشۇرۇلىدىغان باج _ سېلىق ئىككىنچى ئېلۇر ئېيىنىڭ 25 - كۈنى تاپشۇرۇلسۇن.» «يىل» قانداقسىگە «كەمتۇك» بولۇپ قالغان؟ «ئېلۇر ئېيى» بابىلىنىڭ 6 - ئېيى، «جىشىل ئېيى» بولسا «ئىككىنچى ئېلۇر ئېيى» قوشۇلىدۇ؟ بابىلۇنلۇقلار ئاينىڭ تولۇق ۋە ھىلال شەكلىگە كىرش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن كۈزىتىش نەتىجىسىدە، قەمەرىيىنى تۇزۇپ چىققان. بىر يىلنى 12 ئايغا ئايرىپ، ھەر ئاينىڭ ھىلال ئاي چىققان كۈنىنى ئاينىڭ ئوتتۇرىسى، يەنە ھىلال ئاي چىققان كۈننى ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى قىلىپ بەلگىلىگەن. شۇنداق بولغاندا 6 ئاي 30 كۈندىن، 6 ئاي 29 كۈندىن بولغان. لېكىن بىزگە مەلۇمكى، بىر يىلدا ئالاھەزەل 365 كۈن بولىدۇ. قەمەرىيىنىڭ 12 ئېيىنى قوشقاندا پەقەت 354 كۈن بولۇپ ئۈچ - ئىككى يىلدا بىر ئاي پەرق قىلىدۇ. «كەمتۈك يىل» دېگىنى ئەنە شۇ. بۇ زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ئۇلار بۇ زىددىيەتنى ھەر ئىككى يىل ياكى ھەر ئۈچ يىل ئۆتكەندە، بىر قاتلاڭ ئاي قۇشۇپ ھەل قىلغان، يەنى بىر يىلنى 13 ئاي ھېسابلىغان. مۇشۇنداق يىللاردا 6 - ئاي بىلەن 7 - ئاي ئارىلىقىغا بىر ئاي قىستۇرۇپ، ئۇنى «ئىككىنچى ئېلۇر ئېيى» دەپ ئاتىغان. ئەمدى بۇ يارلىقنىڭ مەزمۇنى ئېنقلاندىكى، ئۇنىڭدا، بىرىنچىدىن بۇ يىل قاتلاڭ ئاي قىستۇرۇڭلار دېگەن يىلنامە توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، يۇقۇرىغا تاپشۇرىدىغان باج _ سېلىقنى بىر ئاي قوشۇپ تاپشۇرۇش، يەنى 6 _ ئايدا بابىلۇن شەھىرىگە باج )_ سېلىق تاپشۇرغادىن كېيىن، 7 - ئايغا قاراپ تۇرماي «ئىككىنچى» 6 - ئايدا يەنە بىر قېتىم باج _ سېلىق تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش ئىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇكى، «ئالەمنىڭ پادىشاھى» نىڭ ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يەنىلا پۇل ئىكەن. قەدىمقى بابىلدا يىلنامىنى دۆلەت بەلگىلەپلا قالماستىن، بەلكى بىر ھەپتىنىڭ 7 كۈنىنى يەنە قۇياش، ئاي، مارس، مېكۇرى، يۇپىتېر، ۋېنېرا ۋە ساتورىن قاتارلىق يەتتە پىلانىتىنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. ھەپتە دېگەن پىلانىتا كۈنى دېگەن گەپ. قۇياش كۈنى چارشەنبە، يۇپېتېر كۈنى پەيشەنبە، ۋېنېرا كۈنى ئازنا، ساتۇرىن كۈنى شەنبە دەپ ئاتالغان. ھازىر دۇنيادا ئېقىۋاتقان يەتتە كۈننى بىر ھەپتە ھېساپلايدىغان ئۇسۇلنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى باشلانمىسى ئەنە شۇ. بۇنىڭدىن باشقا بابىلۇنلۇقلار پۈتۈن ئاسمان گۇمبىزى 24 سائەتتە بىر ئايلىنىدۇ. ھەر بىر سائەت 60 مىنۇت بولىدۇ دەپ ھېساپلىغان. كۈن بىلەن تۈننى ۋە ۋاقىتنى مۇشۇنداق ئايرىشمۇ تا بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلدى.
← بارلىق تېمىلار بەشمىڭ